قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 6/7/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالانىڭ «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» دېگەن ئايىتىدە تەپسىلى توختىلىپ، ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان ياخشى تەسىرى، زۇلۇم ۋە رەزىللىكتە ھەمكارلىشىشنىڭ ئىنسانىيلىقتىن يىراق ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تەقۋادارلىق ۋە ياخشىلىق

 

2010-يىلى 06- ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "ئىنسانلار ياخشى ئىشلاردا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش چەكلەنگەن ئىشلاردا ھەمكارلاشماسلىق ئىسلامنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھاياتلىق دۇنياسىدا ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشمەستىن دىنى پرىنسىپتا مۇستەھكەم تۇرىدىكەن ياخشىلىق ئۈستىدە بولغان بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىرلا ئايەت بەندىلەرنىڭ دۇنيالىق تۇرمۇشى ۋ ە ئاخىرىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەنپەئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەلكى ئىنسان بىلەن پەرۋەردىگارى ۋە ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ مىزانىنى بەلگىلىگەن. بۇ ئايەتنىڭ مەنالىرىنى ياخشى چۈشىنىش، روھىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر». [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

 سۈرە مائىدەدىكى بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردە ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش، يامانلىق، زوراۋانلىققا ھەمكارلاشماسلىق، ئاللاھتىن قورقۇش، ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئازابى قاقشاتقۇچ بولىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن.

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق بىر ئىنسان تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 1- ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىدىكى مەسئۇلىيەت. 2- ئۆزى بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىدىكى مەسئۇلىيەت".

ئىنسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە پۈتۈن ئالاقىلار ھەمكارلىق، دوستلۇق ئۈستىگە قورۇلغان بولىشى، مەزكۇر ھەمكارلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقى، ئىتائىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولىشى لازىم. بۇ بولسا بەندىنىڭ سائادىتى ۋە نىجاتلىقىنىڭ غايىسىدۇر. ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق دىننىڭ ئۇمۇمىي شەكلىدۇر. ياخشىلىقنىڭ ماھىيىتى ئىنسانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كىلىدىغان ئىش بولۇپ، ياخشىلىق كەلىمىسى پۈتۈن ياخشىلىق ۋە پەزىلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدۇر. يامانلىق، ياكى گۇناھ كەلىمىسى بولسا، ئىنسانلاردا تېپىلىدىغان ئەخلاقسىزلىق ۋە رەزىللىكنى، ئەيىب-نۇقسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزدۇر.

ياخشىلىق سۆزىنىڭ كاتېگورىيىسىگە ئىمان ۋە ئۇنىڭ بارلىق تۈرلىرى كىرىدۇ. تەقۋادارلىق بولسا، ئەنە شۇ ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر. ياخشىلىقنى ئىپادىلەيدىغان، ئۇنى ھېس قىلىدىغان ئورۇن ئاساسەن يۈرەك بولۇپ، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى ئىنساننىڭ قەلبى ھېس قىلىدۇ. قەلبنىڭ راھىتى ۋە خۇشاللىقى ئىماندا تېپىلىدۇ. كىمىكى ياخشى ئىشلاردىن روھىي لەززەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلمايدىكەن ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ئىبارىسىگە مۇجەسسەملەشكەن بارلىق خىسلەتلەرنى تۆۋەندىكى ئايەتكە يىغىنچاقلىغاندۇر:

« سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل- مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر ». [ سۈرە بەقەرە 177-ئايەت ].

 ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن ياخشىلىقنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ. ئىماننىڭ ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىبادەتلەر: ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئاللاھ يولىدا پۇل-مىلىنى سەرپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىماننىڭ قەلبكە ئالاقىلىق تەرەپلىرى، سەۋرچانلىق، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق دېگەندەك ئىشلاردۇر.

تەقۋادارلىقنىڭ ھەقىقىتى بولسا، ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بىلەن ئاللاھقا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن سەمىمىيەت بىلەن قول ئۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەرقانداق بىر ئەمەلنىڭ پرىنسىپ ۋە غايىسى بولىدۇ. مەنبىيى ئىمان بولمىغان ئەمەل ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ. ئۆرپ-ئادەت، ھاۋايى - ھەۋەس، مەنسەپ - ئابرۇي، بىدئەت ۋە خۇراپاتلىقلارنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەمەللەر ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ. ھەرقانداق ئەمەلنىڭ غايىسى قۇرئان-سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولىدىكەن، ئۇ ئىبادەتتۇر ۋە ئەجىر-ساۋابقا لايىقتۇر.

يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش پىرىنسىپى بويىچە بولىدىكەن، ھەربىر مۇسۇلمان مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياردەم قولىنى سۇنالايدىكەن ھەقىقىي مۇسۇلمانچىلىقنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئىنسان ئۆزى يالغۇز ھەممە ئىشنى بىلىپ، قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئاللاھ ھىكمەت بىلەن بارلىق ئىنسانىيەتنى بىر-بىرىگە مۇھتاج قىلىپ قويغان. ئەمما شۇ مۇھتاجلىقتا ھەمكارلىق پىرىنسىپى ئورناتقان، ئۇ پرىنسىپ بولسا، ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش، رەزىللىككە ھەمكارلاشماسلىق پرىنسىپىدۇر.

ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش، رەزىللىككە ھەمكارلاشماسلىق پرىنسىپىنى ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيىسىدە ئەۋلادلارغا كىچىكىدىن تارتىپ سىڭدۈرۈش ۋە پۇختا ئۆگىتىشى كېرەك. پەرزەنتلەر قايسى ئۇسۇلدا تەربىيىلەنسە شۇ بويىچە چوڭ بولىدۇ. ئۇنداق ئىكەن ئەۋلادلىرىمىز، ياخشىلىق نېمە؟، يامانلىق نېمە؟ دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يامانلىقتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان روھ بىلەن تەربىيىلىنىشى كېرەك.

(دېمەك؛ ئەۋلادلارنى ساغلام ئەقىدە بىلەن تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ كېلىچەك ھاياتىغا مۇستەھكەم ئۇل ھازىرلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ روھانىيىتىنى غىزالاندۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ جىسمىنى غىزالاندۇرۇشتىن بەكراق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا مىللەتنىڭ كېلىچەك ئىستىقبالىدىن ئېغىز ئىچىش، جەڭگىۋار ئوت يۇرەك ئوغلانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، نەتىجىدە جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلىپ ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى رېئاللىققا ئەڭ يېقىندۇر-مۇھەررىر-).

ئاللاھ تائالا بارچىمىزنى ياخشىلىققا ھەمكارلىشىدىغان، يامانلىق، تاجاۋۇزغا قارشى تۇرىدىغان تەقۋادار مۆمىنلەردىن قىلسۇن. ئامىن ...

 


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز