قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات

 

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

سۆزىمىز ئىنتېرنېت ھەققىدە بولغانىكەن ئۇنىڭ قاچان، كىملەر تەرىپىدىن، قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس دەپ قارايمەن.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنتېرنېت بۈگۈنكى دەۋر ئىنسانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بارلىق ئىلمىي ئالاقىلەرنىڭ ئەڭ تىز ۋە ئەڭ جانلىق ۋاستىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭسىز ئالاقە- ئۈچۇرنىڭ سۈرئىتى كۆڭۈلدىكىدەك راۋان ۋە قولاي ئەمەس. ئىنتېرنېت سان- ساناقسىز كومپىيوتىرلارنىڭ تورلاشتۇرىلىشىدىن تەركىب تاپقان بىر خىل سىستېما بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۈچۈر- ئالاقىلەرنى قولايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىنتېرنېت ھەققىدىكى تۈنجى پىكىرنىڭ مەيدانغا كېلىشى 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر تورلاشقان ئۈچۈرلىشىش ۋاستىسىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلغان. 1967- يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىلىق بىر دوكتۇر مەركەزسىز ئۇلىنىش كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ چاغقىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىكى بارلىق كومپىيوتىرلار سىم ئارقىلىق تورلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەجمى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. بۇ پەقەت ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىسترلىكىگىلا خىزمەت قىلاتتى. ئۇلار بۇنى ARPANET دەپ ئاتىشاتتى. 1969-يىلى ئىنتېرنېت ھەقىقىي ئىشلىتىلىش باسقۇچىغا كىردى. 1973- يىلى (يەنى بۇنىڭدىن پەقەت 33- يىل ئىلگىرى) 23 كومپيوتېر بولۇپ، ھەممىسى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ خىل تورلىشىشنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئاكادېمىك ئورگانلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقا- ئارقىدىن بۇ خىل سىستېمىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سودا شىركەتلىرى ۋە باشقا ئورگانلار قوللىنىشقا باشلىغان بۇ سىستېما ئاستا- ئاستا پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى. ئېلىكترونلۇق خەت يوللاش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىنسانىيەت پوچتىخانا ئىزدەپ سائەتلەپ يول يۈرۈشلەردىن دېگۈدەك ئامان بولدى.

دۇنيادىكى ھەرقانداق توسالغۇغا پەرۋا قىلمايدىغان بۇ خىل ئالاقىلىشىش ۋاستىسىدىن ھەر خىل غەرەزدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەقسەت- مۇددىئالىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. غەربتىكى ئەھلى سەلىپ ئىدىيىسىنى ياقىلايدىغان جەمئىيەت ۋە ئورگانلار شەرق ئەھلىنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام ئالىمىنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللاندى. نەتىجىدە سېرىق تېمىلارنى مەركەز قىلغان تور بەتلىرى مەيدانغا كەلدى. بۈگۈنكى دەۋردىكى مۇستەملىكە روھى ئەڭ كۈچلۈك بولغان غەرب مەدەنىيىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا مەيدانغا كەلگەن globalization   "يەرشارىلىشىش" نەزىرىيىسى (ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىشىش ياكى غەربلىشىش نەزىرىيىسى) غەربكە تەۋە بولمىغان ھەر قانداق دىن، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن بۇ ۋاستىدىن پايدىلاندى. ئاخىرقى ھېسابتا شەرقنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىدى. بۇ ۋاستە ئارقىلىق ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئورگان ۋە شەخىسلەرنىڭ شەخسىيىتى يەتكۈچە گەۋدىلەندۈرۈلدى ياكى يەر بىلەن يەكسان قىلىندى.... بۇلار قىسقىچە قىلغاندا ئىنتىرنتنىڭ سەلبى تەرەپلىرى ئىدى. ئەمما بۇنىڭ بۇ خىل سەلبىلىكلىرى ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى بېسىپ كېتەلمىدى. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاش مۇمكىن.

ئۆزىنىڭ دېنىدا مۇستەھكەم تۇرغان ئادەم گويا چوغنى تۇتۇپ تۇرغاندەك قېيىن ئەھۋالدا ياشايدىغان، ھەقنى سۆزلەش جىنايەت، ئادالەتنى ياقلاش خىيانەت ھېسابلىنىدىغان، دىن ھەققىدە سۆزلەش تىرورچىلىق، ئەخلاق، ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەت ھەققىدە ئېغىز ئېچىش يا خۇراپىيلىق، ياكى بېكىنمىچىلىك يا بولمىسا بۆلگۈنچىلىك بىلەن تەسۋىرلىنىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئاللاھنىڭ دىنىنى سۆزلەش، بۇ ھەقتىكى ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشنى ياكى دىن ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىزدەش، پەتىۋا سوراشلارنى ئىنتىرنتتا ئېلىپ بارمىسا قانداق روياپقا چىقىرىش مۇمكىن. ئاللاھقا مىڭلاپ شۈكرىلەر بولسۇنكى، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئىسلامنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانچە تور بەتلىرى مەيدانغا كەلدى. قولىدىن كېلىشىچە باشقا تىلدىكى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. ئەمدى گەپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى بەت يۈزىدىكى دىنى ماتېرىياللاردىن قانداق پايدىلىنىش ۋە پايدىلانماسلىقىدا قالدى. ئاللاھ شۇ خىل خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن!.

شۇ نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، قېرىنداشلىرىمىز تور بەتلىرىگە كىرگەندە، ھەر خىل دەبدەبىلىك تېمىلار ئاستىدىكى ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەنبەسىز، ھاياسىز نەرسىلەرنى ئوقۇپ ۋاقىت زايا قىلغاننىڭ ئورنىغا دىن ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەردىن بىرنى يېرىمنى ئوقۇپ قويۇشىنى، باشقا دوستلىرىغا پالانى تور بېتىنىڭ پوكۇنى يېرىدە ئىسلامغا دائىر ئۇنداق ياكى مۇنداق ماقالىلەر بار ئىكەن ئوقۇپ قويۇڭلار، دەپ بولسىمۇ تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇشلىرىنى ۋە قوللىرىدىن كەلسە ئىسلامىي تور بەتلەرنى ياساپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشلىرىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش دېگەن مانا مۇشۇ. ۋەز- نەسىھەت، تەبلىغ دېگەن داۋاملىق مەسچىتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدىلا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان مۇنداق مەسىلىلەرمۇ بار: دىندىن دېگەندەك ياخشى خەۋىرى يوق بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك بۇرادەرلىرىمىز ھەر خىل پەتىۋالارنى بېرىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا پىتنە- پاسات تارقىتىشىمۇ ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن. گەرچە نىيەتلىرى ساغلام بولسىمۇ، ساغلام بولمىغان نەتىجىلەرنىڭ دىنىمىز نامىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەرگەن پەتىۋا، دەلىل قىلغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسىگە دىققەت قىلىشى، بۇلارنى شۇ خىل پەتىۋا ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلغان تور بەتلىرىدىكى ماقالە، پەتىۋا ۋە كىتابلارنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. ئەگەر ئەقلىمىز قۇبۇل قىلالمىغان، بىز ئاڭلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن قارىمۇ قارشىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا ئۆزىمىز ئەقىدىسى ساغلام، دېنى ئېتىقادى ياخشى، مۇستەقىل پىكىرلىك دىنى ئالىملار ياكى ئاخۇنۇملاردىن سوراپ، ئاندىن ئۇنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ مۇھىم. بۇنداق قىلىش ئىسلام روھىغا تولىمۇ ئۇيغۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ "ئامانەت ئۆز ئىگىسىگە يەتمىگەندە قىيامەتنى كۈت" دېمەك، بىزنىڭ ئەقىدە- ئېتىقادىمىزغا يات كىشىلەرگە ئۆز ئامانىتىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، پىتنە- پاساتتىن ئىبارەت كىچىك قىيامەتنى مەيدانغا كەلتۈرمەيلى!.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا، ساغلام ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن!

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز