قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت، گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى، ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت، گۈزەللىكنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزلەشتۇرىشىمىز كېرەكلىكى، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتتە باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولىشىمىز لازىملىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلام دىنى ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە گۈزەللىككە چاقىرىدۇ

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە گۈزەللىك ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئىنتىلىشىدۇر. قەدىمدىن تارتىپ دىن، پەلسەپە ۋە مەدەنىيەتنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇپەسسەل بايانى ۋە ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل غايىسى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

ئىنسانلار ئىچىدە ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە گۈزەللىككە تولۇق ئىگە بولغانلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك پەزىلەت ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ غايىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىدا تولۇق مۇجەسسەملەشكەن.

ئىسلام پرىنسىپىغا ئەگىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلار، بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەدەنىيەت جەۋھىرى ۋە روھى ئوزۇقىغا ئېرىشپ، ھەقىقى بەختنى ھېس قىلالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىشتىكى ئۇلۇغ ئېتىقاد روھى، "ئاللاھنى يەككە-يىگانە، ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق زات دەپ تونۇش بولۇپ"، بۇ ئېتىقادتا ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە گۈزەللىكنىڭ يارقىن نۇقتىسى مۇجەسسەملەشكەندۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى ۋە سىمۋولىدۇر. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن.» [سۈرە قەلەم 4-ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سورالغىنىدا: «ئۇ قۇرئان ئەخلاقنىڭ نامايەندىسى ئىدى،» دەپ جاۋاپ بەرگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، ئىچ ئاغرىتاتتى ۋە رەھىم-شەپقەت قىلاتتى. ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى قاملاشقان، سۆزى گۈزەل مۇڭلۇق، مۇلايىم ۋە ئالىجاناپ بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى پەزىلەت روھى مۇجەسسەملەشكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ قايىل بولۇشىغا ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ھەرىكىتىدىكى ھەقىقەت ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ئىلاھىي ۋەھيىدۇر. قۇرئان كەرىم بولسا ساماۋى كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ پاڭ، ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇكەممەل، قوغدىلىنىشى ئاللاھ تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارغا مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بەرگەن كىتابتۇر.

تۆۋەندە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب، ئىنسانىيەتكە ھىدايەت ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان دەلىللەرنى كەلتۈرىمىز:

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز.» [سۈرە ھىجر 9-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى پەقەت خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.» [سۈرە ئىسرائ 105-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھىچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 2-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر.» [سۈرە فۇسسىلەت 42-43-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.» [سۈرە ئىسرائ 9-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر.» [سۈرە ئەنئام 115-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز- نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسىلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.» [سۈرە زۇمەر 23-ئايەت].

«ساماۋى كىتاب» دەپ ئاتالغان كۆپلىگەن كىتابلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، ئېنىق بولغانلىرىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۇزۇلۇش ۋە كۆچۈرۈلۈش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلگەن. يەنە نۇرغۇنلىرىنى قەدىمكىلەر ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋېلىپ يېزىپ قالدۇرغان كىتابلار.

«قۇرئان كەرىم» باشقا كىتابقا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى شاھىد بولغان، ھەقىقەت مۇجەسسەملەنگەن سۈرىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن. بولۇپمۇ مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋرەنمەس ئېتىقادى ۋە ئىجرا قىلىشى ئۈنۈملۈك شاھىتتۇر. ئاللاھ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ روھىنى بىۋاستە پەيغەمبىرىگە چۈشۈرۈپ ئەمەلىي گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئىپادىلەپ، ئىنسانلارغا نەمۇنە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك ئەمەلىيىتى بولسا، كىشىلەر ئۆگىنىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي يولغا قويۇش ئارقىلىق، گۈزەل مەدەنىي دۇنيا يارىتىش مۇمكىنلىقى بولغان ھەقىقەت ئۆلچىمىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا-ئانىغا، خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىلەردىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يىنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدىڭلاردىن)يېنىۋالىسىلەر.» [سۈرە بەقەرە 83-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز- نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.» [سۈرە نەھل 125-ئايەت].

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھەرگىزمۇ سىرلىق، مىستىك، خىيالىي، تېگىگە چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولمايدىغان كىتاب بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي نەسىھەت، رېئاللىققا ماس تۇرمۇش يېتەكچىسى، ھىدايەت يولنىڭ شوئارى بولغان ئىلاھى ۋەھيىدۇر. بۇ ۋەھيى ئىنسانىيەتنى سەۋرچانلىق، چىرايلىق سۆزلۈك، رەھىمدىللىك، سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىشقا ئوخشىغان ئالىيجاناپ پەزىلەت بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتكە يېتەكلەش ئارقىلىق جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ئاللاھ كائىناتتىكى بارچە مەۋجۇداتلارنى ئىنسانلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشنى بىلىشنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى)نى يەيسىلەر. ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ (خۇشاللىق بېغىشلايدۇ) . ئۇلار يۇك- تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا- مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر . ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ.» [سۈرە نەھل 5-6-7-8- ئايەتلەر].

ئىلاھى ۋەھيى ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ مېھرى-شەپقىتى ۋە رەھمىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى لازىم.

گۈزەل زېمىن، تاغ-دەريالار، ئورمان ئوتلاقلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئېتىزلىرى، مېۋىلىك باغلار، مۇنبەت يەرلەر ۋە يېتەرلىك يامغۇر مىقدارىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە بېغىشلىغان مېھرى شەپقىتىدۇر. ئاللاھ زېمىننى چەكسىز گۈزەل يارىتىپ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنى ئارامبەخش ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتۈردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر.» [سۈرە نەمل 60-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۇكلەرنى ئۈندۈردى، ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردى، (بۇغداي ۋە ئارپا باشقلىرىغا ئوخشاش) بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چىچەكلىرىدىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن)ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن)شەكلىدە، ھەجىمىدە، تەمدە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۇردى، (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان)ئوچۇق دەلىللەر بار.» [سۈرە ئەنئام 99-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھ بېدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانىلىرى(رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى)بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى ياراتتى، مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» [سۈرە ئەنئام 141-ئايەت].

ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان زېمىن ئىنتايىن گۈزەل، تۈمەن مىڭلىغان جانلىقلار ئۆسۈپ-يېتىلىپ، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ياراتقان بارلىق مەۋجۇدات ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ھەقىقەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىدۇ. كىشىلەر تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، يېتەرلىك يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ، ساپ ھاۋا، قۇياش نۇرى، يامغۇر شەبنەمدىن ھۇزۇرلىنىپ، تېنى ساغلام روھىي كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ياراتقان ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە گۈزەللىكنى نامايەن قىلىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە بۇنى ھېس قىلالايدۇ.

ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت، گۈزەللىك بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولۇپ،

ئۇلارنىڭ بىرىكىشى بىر مۇكەممەل مەنىۋى دۇنيانى بەرپا قىلىدۇ. گۈزەللىك، ھەقىقەت بىلەن ئەخلاقتىن ئايرىلسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەخلاق ھەقىقەتتىن ئايرىلسا ئۆز ماھىيىتىنى يوقىتىدۇ. ئەخلاق ۋە گۈزەللىك، ھەقىقەتنى ئاساس قىلغاندىلا ئاندىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلىگە ئايلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە، ئىنسانلارنىڭ ئىبرەت ئىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشى، چۈشىنىشى، ئەستە ساقلىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان قىسسىلەر بايان قىلىندى. ئۇنىڭدا ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە گۈزەللىك كونكرېت تەسۋىرلەنگەن. بۇ قىسسىلەر ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۆز قەۋملىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، سالىھ بەندىلەر ۋە ئالىملارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، ئىدىيە، ھېسسىياتى ۋە پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن: «قۇرئان كەرىم» دىكى «يۈسۈف سۈرىسى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

قۇرئاندىكى قىسسىلەردە، ئاللاھدىن قورقىدىغان گۈزەل ئادىمىي خۇسۇسىيەتنى بولسا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئەقىل- پاراسەت ۋە ياخشى سۆزلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغانلىقى ۋە ئەڭ گۈزەل پوزىتسىيە ئارقىلىق ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشىپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ھەقىقەت، ئەخلاق ۋە پەزىلەتنى نىشان قىلىپ، مەدەنىيەت ئاساسىنى يارىتىشقا يېتەكلىدى ۋە تەربىيىلىدى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بىر-بىرىگە قوپال تېگىش، ئاجىزنى بوزەك قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش ۋە زۇلۇم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقتىن ئەمەستۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار، ھامان بىركۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقى ۋە يىرگىنىشىگە ئۇچراپ، ھەقنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.

بەندىلەر قايسى ئىرقى، جەمىئىيەت ۋە زامانغا تەۋە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇلار ئارىسىدا ئادالەت تارازىسى باردۇر. ئۇ بولسىمۇ قەدىر-قىممەت، ئادىللىق، مېھىر-شەپقەت ۋە مۇھەببەتكە تولغان، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئەۋج ئالغان، ھەممەيلەن كۆرۈشنى ئۈمىد ۋە بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلغان نۇرلۇق ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىن ئىبارەتتۇر.

كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تەبئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي تۈزۈم، شەخسىي ئەخلاق قاتارلىقلار كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ياخشى مەنزىرىنى نامايەن قىلىدۇ. پۇلغا چوقۇنىدىغان جەمئىيەتتە، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ئاتالمىش مۆتىۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئىنتايىن مەغرۇر، بىراق ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكىرگە تولغان قىلمىشىدا ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئىنسانىيلىق بولمىغاچقا، پەقەتلا كىيىم كىيگەن چارپايغا ئوخشايدۇ. پاسكىنا قەلبىنىڭ سېسىق پۇرىقى، ئۇلارنىڭ ساختا سىرتقى كۆرۈنۈشى بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. (بىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش سېسىق روھ، جەمئىيىتىمىزگە يۈك، پاك زېمىنىمىزنى نىجىس قەدەملىرى بىلەن بۇلغاۋاتقان، ئىنسانىي قېلىپىدىن چىققان، دىن ۋە مىللەت دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولماستىن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ھېچ بولمىغاندا قەلب نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز ئىمانىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىدۇر.-مۇھەررىر-).

ئاللاھغا شۈكرى، بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ مۇبارەك كالامى بولغان «قۇرئان كەرىم» گە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك سۆزلىرىگە رىئايە قىلىپ، ھەقىقەت ئارقىلىق ئىسلامنىڭ ئەخلاق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل ئادىمىيلىكنى نامايەن قىلىشىمىز مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ جىددى تەقەززاسى.

دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار بار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق، چىرايلىق كىيىملىرى، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ياكى بولۇشقا تىگىشلىك قاتناش قوراللىرىمۇ يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقەت نۇرى چاقنىغان بولۇپ، دۇنيادا سۈپەتلىك ياشاپ كەلمەكتە، ئەنە شۇلار ھەقىقىي گۈزەل كىشىلەردۇر. (ئۇلار بولسا ھەقىقەت بىلەن ھەقكە يېتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، ساغلام ئەقىدە پرىنسىپىنى خۇددى چوغنى ئالغاندا تۇتۇپ تۇرغاندەك قوغداۋاتقان، كېلىچەك ھاياتقا چەكسىز ئۈمىد بىلەن قارىسا، ئاخىرەتلىك ھاياتىدا ئاللاھنىڭ جەننىتىنى كۈتۈۋاتقان، كۆرۈلۈشكە مەزلۇم ئەمەلىيەتتە زالىمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىۋاتقان، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچىسى بولمىغان، بارچە ئىشلىرىنى ياراتقۇچىسىغا تاپشۇرغان بىر مىللەتتۇر.-مۇھەررىر-).

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز