قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا ئىسلام ئاتالغۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مايىللىقى، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغا بىردەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلام ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

ناھايىتى شەپقەتلىك دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

"ئىسلام" ئاتالغۇسى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسىدە: تەسلىم بولماق، ئىتائەت قىلماق، بويسۇنماق دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. (يەنى ئاللاھغا شەرتسىز بويسۇنماق، بۇيرۇق-پەرمانلىرىغا خوشاللىق بىلەن رىئايە قىلماق، چەكلىمىلىرىنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلماق دېگەنلىكتۇر.) ئاللاھقا سەمىمىيەت بىلەن ئىتائەت قىلىپ، ھاياتىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىسلام سۆزى شەرىئەت ئاتالغۇسىدا: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدىن ئېلىپ كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان، ئىنسانىيەت ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن ۋە ئومۇمىي تۈزۈمدىن ئىبارەتتۇر.

ئىنسانىيەت 14 ئەسىردىن بىرى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان "ئىسلام" دېگەن بۇ  ئىبارە، ئادەم ئاتىمىزنىڭ  يەرشارىدىكى ھاياتى بىلەن تەڭ  باشلانغان، ئىنسانلار بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن، كىشلەر بىلەن بۈيۈك ئاللاھ  ئارىسىدا سادىقلىق بىلەن ئەلچىلىك رولىنى سەمىمىي نامايەن قىلغان بارچە پەيغەمبەرلەر بىلەن زەنجىرسىمان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەزەلى بىر ھەقىقەتنىڭ سىمۋولىدۇر.

ئىسلام، بارچە پەيغەمبەرلەر تەكىتلىگەن، ساماۋى دىنلار گەۋدىلەندۈرگەن، ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يادروسىدۇر.

بىز ئىسمىنى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بارلىق پەيغەمبەرلەر چاقىرىق قىلغان دىننىڭ پرىنسىپ، غايىلىرى بىر ۋە ماھىيىتى ئوخشاشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: : «وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ».  تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە، "مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار" دەپ ۋەھيى قىلدۇق.» [سۈرە ئەنبىيا 25-ئايەت].

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بىرلىكى كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بارلىق پەيغەمبەرلەر كوللېكتىپ خىزمەتتىكى ئوخشاش غايىلىك قېرىنداشلاردىن ئىكەنلىكى، ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا ھەرگىز  بولمايدىغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلا تَتَفَرَّقُوا». تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلغان، نۇھقا بەلگىلىگەن دىننى بەلگىلىدى، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسالارغا تەپرىقچىلىق قىلماستىن دىننىڭ بىرلىكىنى، سىجىل داۋاملىششىنى ساقلاپ قېلىڭلار دەپ تەۋسىيە قىلدى.» [سۈرە شۇرا 13-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

يەنە بىر ئايەتتە: «قُلْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَى وَعِيسَى وَالنَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ». تەرجىمىسى: «ئې پەيغەمبەر! بىز ئاللاھغا، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيلەرگە، مۇساغا، ئىيسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق- دېگىن.» [سۈرە ئال-ئىمران 84-ئايەت].

پەرقلىق زامان ۋە ماكاندىكى بىز دەۋاتقان ئومۇمى دىنى بىرلىك بولسا، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى تەبئىي خاراكتېردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىغان تۇغما خاراكتېر- ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر بوۋاق فىترەت ئۇستىگە (يەنى تەبىئى خاراكتېردە ئاللاھقا مايىل) تۇغۇلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇ يەردىكى  ساغلام خاراكتېردىن، پەقەت ساغلام قەلب، ساغلام ئىدىيە  مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ساغلاملىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتىن ئىبارەت ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتلىق سالاھىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا، سېمالىرى مۇسۇلماندەك، ئىسلام مۇراسىملىرىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان قەلب ۋە ئىدىيىلىرىنى ئىللەت-نۇقسانلار چىرماپ كەتكەن كىشلەرنى خېلى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد كۆز قارىشىدىكى ھەربىر ئىللەت-نۇقساننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېغىر- يىنىكلىكى  ماھىيەتتە ئۇلار بىلەن ئىسلام ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقنى بەلگىلەيدۇ.

ئىچى كاتتا بىزەلگەن تېمى خاراب ئۆينى، ساق ئۆي دېگىلى بولمىغاندەك، تەبىئىي خاراكتېر، ساغلام قەلب توغرا يۆلىنىشنى، ئتېىقادتىكى ئاجىزلىق ۋە ئىرادىسىزلىك چىرىتىۋەتكەن ئادەمنى ئۆلچەملىك مۇسۇلمان دېگىلى بولمايدۇ.

دىندارلىقنىڭ نېگىزلىك شەرتى ماددى ۋە مەنىۋى ئورگانلارنىڭ (يەنى بۇ يەردە ئىنسان ھاياتىغا ئالاقىدار بارلىق ئىشلارنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ-م) ساغلام بولىشى، ئۆلچەملىك ئېتىقادنى ھاياتتا چىقىش قىلىپ ياشاشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لا يَعْلَمُونَ». تەرجىمىسى: «باتىل ئېتىقاد كۆزقارىشىدىن بۇرۇلۇپ، ساغلام تەبىئەتكە ئۇيغۇن ئىسلامغا ئىزچىل يۈزلەنگىن!، ئاللاھ ئىنسان تەبىئىيىتىنى ئىسلامغا ئۇيغۇن ھالدا ياراتتى، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھەرگىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ، مانا بۇ ھەقىقى توغرا دىندۇر، بىراق ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ.» [سۈرە رۇم 30-ئايەت].

ئىسلام كۆرسەتمىلىرى ئىنساننىڭ ساغلام مەنىۋىي تەبىئىتىگە،  سىجىل ھۇجۇم قىلىۋاتقان يات جىسىملاردىن مۇداپىئە قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ.

ئەقىلنىڭ تاۋلىنىشى ئۈچۈن ئىلىم-مەرىپەت مۇھىم بولغاندەك، تەبىئىي خاراكتېرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىسلامىي تەلىماتلار ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئىنساننىڭ پىكىر قىلىش دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىلىم - پەن ئارقىلىق نەتىجىلەنگەندەك، تەبىئىي خاراكتېرھەم ئىسلام كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئۈزۈل- كېسىل ساپلىشىپ، يۇلتۇزدەك چاقناپ نەتىجىدە توغرا يولنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.

مۇشۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، ساغلام ئادەم بۇلۇش ئۈچۈن ئىسلام بېكىتكەن قائىدە-نىزاملارغا ئەستايىدىل رېئايە قېلىش كېرەكلىكىنى ئاسانلا چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَى وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الأُمُورِ».  تەرجىمىسى: «بارلىقىنى ئاللاھ غا ئاتاپ، بارچە ياخشى ئىشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان ھەرقانداق ئادەم،  ئىسلامدىن ئىبارەت مەھكەم  تۇتقىغا ھەقىقى ئېسىلغان بولىدۇ، بارچە ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.»  [سۈرە لوقمان 22-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «‏‏وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِّمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لله وَهُوَ مُحْسِنٌ واتَّبَعَ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَاتَّخَذَ الله إِبْرَاهِيمَ خَلِيلاً».  تەرجىمىسى: «بارلىقىنى ئاللاھغا ئاتاپ، بارچە ياخشى ئىشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، باتىل ئېتىقادتىن يۈز ئۆرۈپ ئىنساننىڭ ساغلام تەبىئىتىگە ماس بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشىراق دىندار كىشى بارمۇ؟.» [سۈرە نىسا 125-ئايەت].

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىسلام دىنى ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنىلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەت تەبىئىتىگە ئەڭ ماس دىن ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەت ئىسلامىي پرىنسىپنى ھاياتلىق يادروسى قىلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن بەخت-سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى دىنىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز