قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتا ئىسلام دىنىنىڭ ئەھمىيىتى، دىنى زىيالى ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ مىللەت مەدىنىيىتىگە قوشقان شانلىق تۆھپىلىرى، نۆۋەتتە دىنى زىيالىلىرىمىزنىڭ ساغلام ئەقىدىنى چىقىش، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىش پرىنسىپىغا زىت بەزى قىلمىشلىرىغا، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھى بىلەن قېرىنداشلارچە نەسىھەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھقا تۆۋە قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

دىنى زىيالىلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىدە ئۈمىد بارمۇ؟

 

«ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، ۋەز-نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق.» [سۈرە زارىيات 55-ئايەت].

ئۇيغۇر مىللىتى ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا، ئىسلام ۋە ئىسلام دىيارىغا بۈيۈك تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالانىڭ «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىخلاسمەنلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شانلىق تارىخقا ئىگە بۈيۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىققان ئەجدادلىرىمىز، بۈيۈك تۆھپىلەرنى يارىتىش جەريانىدا ئىتائەتنى ئاساسى پرىنسىپ قىلىپ، ئۆز ئىچىدىن چىققان يېتۈك ئەھلى-ئىلىم يىتەكچىلەرگە چۇڭقۇر ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەرۋاقىت ئۇلارنىڭ يوليورۇقى ۋە كۆرسەتمىسى ئاستىدا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. مەزكۇر دەۋردىكى دىنى ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم قۇۋۋىتى، ئەقىل پاراسەت ۋە روھى جاسارىتىگە، شۇنداقلا ئىلاھى قانۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە ھەقىقى تۈردە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە دائىم ئۆزلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشقان ئىدى.

ئاللاھنىڭ پەزلى ئاندىن ئەجدادلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە مىللەت ئۆزگىچە ھاياتقا ئېرىشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھقا، ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان ساغلام ساداقىتى سەۋەبلىك  سەلتەنەتلىك ھاياتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىز ئەۋلادلارغا قەدەر يىتىپ كەلدى.

ئارىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتكەن بولسىمۇ، بىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئىنساندەك ياشاش پۇرسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەقىقى ئىلىم ئىگىلىرى بولغان يولباشچى، تەقۋادار، مەنىۋىي يېتەكچىلەرنى تاپالمىدۇق ۋە ياكى ئاللاھ بىزگە نېسىپ قىلمىدى. نېسىپ بولغانلىرىنىڭ قەدىر قىممىتىگە يەتمەستىن ئۇلارنى تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋا، تۆھمەتلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، يۇرەك باغرىنى قان-زەرداب قىلىپ ئۇ دۇنياغا يولغا سالغان بولساق، يەنە بەزىلىرىنى قوغداپ-قۇۋۋەتلەپ ھىمايە قىلالماي، دەۋرىنىڭ مۇناپىقلىرى بولغان قاتىللارنىڭ زەھەرلىك قولى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق.

شۇنچە ئېغىر خاتالىقلىرىمىز تۈپەيلى ياراتقان ئاللاھ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بىرەر بالايۇ-ئاپەت بەرمەستىن تاكى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئارىمىزدا ھېلىمۇ ھەقىقەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ بارلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يارىغان بىرەر ئىبادەتلىرى تۈپەيلى ياكى ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىز ئەۋلادلىرىغا قىلغان ئاق-يوللۇق تىلەكلىرىدىن بولسا كېرەك.

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يەنىلا ئۆز ئېتىقادىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىزنى ئىسلام كۆرسەتمىلىرى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشىمىز، بىزنىڭ ھازىرىمىز ۋە كېلىچەكىمىز، شۇنداقلا ھەر ئىككىلى دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن بىردىن-بىر چىقىش يولىدۇر.

مېھرىبان ئاللاھ  ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن  پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كىيىن ئۈممەتكە يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ھەربىر مىللەت ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم-ئۆلىمالار ئۇستىگە يۈكلەندى.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەھلى-ئىلىملارنىڭ ئۆز قەۋمى ئارىسىدىكى دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش يولىدا بوشاشماستىن ھەرىكەت قىلىشىغا ئىشارە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى.» [تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مۇرادى پەقەت ئالىملارغىلا ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇتۇش بولماستىن بەلكى بارچە مۇسۇلمانلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇپ، مەزكۇر ئىز باسار ئۆلىمالارغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يول باشچى قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى دەپ تۇنۇش ۋە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

مەزكۇر چاقىرىق ئەينى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىردىن-بىر يول خەرىتىسى بولدى. ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىسەڭلار بىلىدىغانلاردىن سوراڭلار» دېگەن بۇيرۇقىنى ئەسلىشىپ، دەرھال ئالىملاردىن يول-يۇرۇق سورۇشۇپ ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولىنى تېپىشتى.

ئەنە شۇ مۇسۇلمانلار جۈملىسىدىن بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ دەل يۇقىرىقى كۆرسەتمىگە ئالاھىدە ئەمەل قىلدى ۋە بۇنىڭ ئەمىلى نەتىجىلىرىنى ئەسىرلەر بويى كۆردى. دەۋرىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆز-ئارا ئىتائەت قىلىش تۇيغۇسى ئاجىزلاپ، ئىسلامنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان ئىلىم ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت سوراش، ئۇلارنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ئىش كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا بىردەك ئاۋاز قۇشۇش پائالىيەتلىرى تامامەن يوقۇلۇشقا يۈزلەندى. بۇ خىل ئەنئەنىۋى پەزىلەتلىرىمىزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىغان تەشۋىقات ۋە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقىمىز ئارىسىدا مەزكۇر تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى ۋە نەتىجىسى يوق دىيەرلىك بولدى.

بۇنىڭ سەۋەبلىرى؛ ئىخلاسمەن مۇسۇلمان خەلقىمىز بىلەن ئىلىم ئىگىلىرى بولغان بەزى ئاتالمىش "دىنى زاتلار" ئارىسىدا، ئىسلاھ قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان تەتۈر تاناسىپلىق بەزى ھادىسىلەر ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

بۇنىڭ ئەمىلى ئۆرنەكلىرىدىن يېقىنقى بىر ئىككى ئىشنىلا مىسال كەلتۈرسەك، بارچە ئوقۇرمەنلەر زېھنىگە كۇپايە قىلار دەپ ئويلايمەن.

بىرىنچى: 1990-يىلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يۇرتىمىزدا ئەمىلى يۇرگۇزىلىشىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسى كېڭەش رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى بولمىش "ھارۇنخان مەخسۇم"نىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈش توغرىسىدا مۇسۇلمان مىللەت نامىدىن رەسمى ئىمزا قويىشى.

ئىككىنچى: 1990-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش "قانۇنلۇق دىنى زاتلار دىپلومى" تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر دىپلومغا ۋە ئايلىق 15 يۈەن مائاشقا ئېرىشكەن كۆپلىگەن "ئاتالمىش دىنى زاتلار" ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى تەشۋىقاتلىرىنى ھەر جۈمە كۈنى مەسجىد مۇنبەرلەردە توختىماي تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشى.

(سۇبھانەللاھ...!!! بۇ موللىلاردىكى قاپ يۇرەكلىكنى قاراڭ!!!؟؟؟، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان مۇبارەك مۇنبەردە باتىل ۋە ئازغۇنلىقنى تەشۋىق قىلىشقا قانداقمۇ پىتىنىغاندۇ؟! بۇلاردىكى ئىمانى ۋە مىللى ۋىجدان قېنى؟! ئىنساندا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ھايا قىلىش تۇيغۇسى يوقالغاندا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان مەخلۇققا ئۆزگىرىشىدە شەك يوقلىقى خۇددى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل.» [بۇخارى رىۋايىتى] دېگىنى رېئاللىقتا مۆجىزە بولۇپ كۆرۈلمەكتە. مانا بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەت بىلەن ئالىملىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق كۈنسايىن كېڭىيىپ بارماقتا ۋە ئۇلارغا بولغان ئىشەنچ يوقالماقتا. بۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىلىش بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ئازابتىن ئىبارەتتۇر. ئىلىم-ئەھلىگە ھەقىقەت ئۈچۈن ھەق سۆزنى قىلالمىغاندىنمۇ ئېغىر ئازابلىنىش بولمىسا كېرەك.-مۇھەررىر-)

جەمئىيىتىمىزدە مەزلۇم بىچارە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەبەدىي ئاسلىماتسىيە قىلىنىشىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقان مۇناپىق مەلئۇنلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىخلاسمەن، ئىمانلىق، سەۋرچان مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۆز يۇرتلىرىدىكى دىنى زاتلارغا بولغان ئىشەنچ تامامەن يوقالدى ۋە يوقالماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟؟؟!!!.

ئۇزۇن يىللىق ئازاپ-ئوقۇبەتلەر ئىچىدە قىينىلىپ ھەسرەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت يوللىرىنى تېپىشتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى يېتەكچى بولىدىغان دىنى زاتلارنىڭ ئەينى زاماندىكى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇلئەزىز چىڭگىز داموللام، سابىت داموللام، ئەلى خان تۆرەم، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، رازىئېۋ داموللام، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋە يېقىن دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر مۇجاھىد ھەسەن مەخسۇملاردەك (ئىسىملىرى ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن تىلغا ئېلىنمىغان) مەرىپەتپەرۋەر ئالىملىرىمىز ماڭغان يولدا ماڭالايدىغان بولىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا دىنى تەلىم ئىلىۋاتقان، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېتەكچى-ئىماملىرى بولۇشنى ئويلاۋاتقان بىر تۈركۈم دىنى زىيالىيلارنىڭ يۇقىرىقى ئۇستازلاردەك دىنغا ساغلام مېتود بىلەن ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەقىقى ۋىجدانلىق ئالىملاردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرى دەپ تونۇشلىرى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىدى.

ئەپسۇسكى ۋەتەن سىرتىدا ئىلىم ئېلىۋاتقان بەزى بىرتۈركۈم دىنى زىيالىلار، ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋەقەلەردىن تامامەن خەۋەرسىز ياكى بولمىسا ئىلىم ئۇقۇشتىن مەقسەتلىرى پەقەتلا نام-ئابرۇي ۋە شۆھرەت قازىنىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك، ئوتيۇرەك ئالىم-ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن بۇ دىنغا ۋە مىللىتىگە بىركىشىلىك خىزمەت قىلىپ، مىللەتكە باشلامچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئىبرەتلىك تارىخلارنى ئۇنتۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەسىرلەر بويى باش ئەگمىگەن ۋە باش ئەگمەيدىغان دۇشمەننىڭ ھىلە نەيرەڭلىرىگە ئۇسۇل ئوينىماقتا ۋە ئۇلارنىڭ ئازغىنە ھارام پۇلىغا ئالدانماقتا.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان مۇبارەك زېمىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە شارائىتلىرى دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىلىم يۇرتلىرىدىندۇر. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتدا بىلىم ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنى زىيالىلار، يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى غۇرۇرىنى يوقۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسەتلىك ۋە غەرەزلىك ھالدا  "مەدىنىدە ئوقۇۋاتقان دىنى زىيالىلارغا ياردەم پۇلى" دەپ بېكىتكەن ھارام پۇلنى ئېلىشقا 85% پىرسەنت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئىقتىسادى ياردەمنى قوبۇل قىلىشقا قارار ئىلىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ۋە شۇنداقلا دىنى يېتەكچىلەرگە بولغان بۈيۈك ئىشەنچ ۋە ئۈمۈدىمىزگە چوڭ گۇمانى شەك پەيدا قىلماقتا، ئۇلارغا بولغان ئالى ھۆرمەت-ئېھتىراملىرىمىزنى تامامەن يوقاتماقتا.

ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر سىلەر يەھۇدى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار، كىمكى سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلار بىلەن دوس بولىدىكەن ئۇمۇ شۇلاردىن بولىدۇ.» [سۈرە مائىدە 51-ئايەت].

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ كاپىر، تاجاۋۇزچى-زالىم بىر ھاكىمىيەت بىلەن دوست بۇلاپ ئۇلارنىڭ ھارام ياردىمىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئىسلامىي بىلىم ئېلىشىڭلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟!. بۇنى قايسى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ چۈشەنچە بېرىسىلەر؟!. سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كىمگە خىزمەت قىلماقچى؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام تەشۋىقاتىنى مەككىدە باشلىغان دەۋرىدە، مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نېمە دېدى ۋە نېمىلەرنى ۋەدە قىلدى؟. رەسۇلۇللاھ شۇ ۋاقىتتىكى سىياسى بىسىم ۋە مۇشرىكلارنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىگە قانداق جاۋاب بەردى؟، بۇنى ھەممىڭلار ياخشى بىلىسىلەر.

ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەم ئاجرىتىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ سىلەرگە ئۇلار نېمە ۋەدە قىلىۋاتىدۇ؟؟؟. مەزكۇر ھارام پۇلنى قوبۇل قىلىشىڭلار سەۋەبلىك نەقەدەر ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاتا قىلغان تۈرلۈك نېمەتلەردىن قىيامەت كۈنى سورىلىدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ يەتتىڭلارمۇ؟.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى كېچىدە تاشقىرىغا چىقىۋىدى سىرتتا ئايلىنىپ يۈرگەن ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى كۆردى ۋە سورىدى: يا ئەبۇ بەكرى سىلەرنى بۇ كېچىدە ئۇخلاتمىغان نەرسە نېمە؟، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرمۇ جاۋابەن: بىزنى بۇ كېچىدە ئۇخلاتمىغان نەرسە ئاچلىق دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھمۇ ئوخشاشلا: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! سىلەرنى ئۇخلاتمىغان نەرسە مىنىمۇ ئۇخلاتمىدى دېدى ۋە ئۇلارنى باشلاپ ئەنسارىلاردىن بولغان بىر ساھابىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بۇلۇش ئۈچۈن كەلدى، رەسۇلۇللاھنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ چۇڭقۇر سۆيۈنگەن ساھىبخان، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۈگۈن مەندەك ئەزىز مېھمىنى بار ھېچكىم يوق دېگىنىچە ئۇلارغا چوڭ بىر شاخ خورما ۋە سۈت كەلتۈردى ۋە ئۇلارنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىنلا پىچاقنى كۆتۈرگىنىچە تالاغا ماڭدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئېتىرازىغا قارىماي، ئۆيىدە بېقىۋاتقان بىر سېغىن قويىنى بوغۇزلاپ ئۇلارنى مېھمان قىلدى. مېھماندىن قايتىپ كېتىۋېتىپ رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى دوستىغا مۇنداق دېدى: مىنىڭ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! سىلەر بۈگۈنكى بۇ نېمەتتىن قىيامەت كۈنى سوراق قىلىنىسىلەر» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

رەسۇلۇللاھ ۋە بۇ ئىككى خەلىپە شۇ زىياپەتتىن سوراق قىلىنىدىكەنۇ _ سىلەر ئۇيغۇر دىنى زىيالىيلىرى مەدىنىدەك تۇرمۇش شارائىتى ئەڭ يۇقىرى، ئايلىق تەمىنات پۇلىمۇ يۇقىرى، ھېچقانداق قىيىنچىلىقىڭلار يوق تۇرۇقلۇق، مەلۇم دۇنيالىق مەنپەئەتنى دەپ كاپىرلارنىڭ ھارام پۇلىنى يېسەڭلار قىيامەت كۈنى نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر؟، ئۇلار سىلەرگە ئايلىق مائاش بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالارمۇ؟، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىشنىڭ باشلىنىلىشى، بۇنى ھەممىڭلار ياخشى بىلىسىلەر.

قېرىنداشلار! ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. دۇنيالىق مەنپەئەتنى باھانە قىلىپ ئىمانىڭلار، مىللى غۇرۇرىڭلار ۋە ۋىجدانىڭلارنى دەپسەندە قىلماڭلار.

1986-يىللىرى ئىدى، پەقىر تەۋھىد بىلىمىنى ئۆگىنىش (يەنى تەۋھىد تەشۋىقاتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن) كۇچارغا بارغان ئىدىم. شۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەشھۇر تەۋھىد ئۇستازى، تەقۋادار مۇبەللىغ، ئوت يۈرەك ئالىم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز كەرىم ئابدۇلۋەلىنىڭ مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە، جامائەت سورۇنىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھۆرمەتلىك قارىم سىلىنىڭ تەۋھىد توغرىسىدا ئالەم بوشلۇقلىرى ۋە يەر شارى جىسىملىرىنى قۇرئانى كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەنلىكلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ۋە چوڭ بىلىمگە ئىگە بولدۇم. مېنىڭ بىلمەكچى بولغان بىر مەسىلەم بار، بۇرۇنقى ئالىملار قۇرئاننى تەپسىر قىلسا، شىكى- شۇندىن ئۆزگە ئەمەسكى، مەگەر... دېگەندەك چۈشىنىكسىز تىللار بىلەن جامائەتكە ئاڭلىتاتتى، شۇنداقتىمۇ مەسچىتتىكى بارچە جامائەت يىغا-زارىغا چۆمۈلەتتى. ھازىرقى دىنى زىيالىلار يېڭى زامان تىل-ئەدەبىياتى بىلەن شۇنداق جانلىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك سۆزلىسىمۇ جامائەت بۇرۇنقىدەك يىغا-زارە قىلىشمايدۇ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇستاز: بۇرۇنقى كونا تىل بىلەن قۇرئان تەپسىر قىلغۇچىلارنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر، ئىمان-ئېتىقادى مۇستەھكەم، كېچىلىرى ئۇخلىماي تەھەججۈد نامىزى ئوقۇيدىغان، كۈندۈزلىرى نەفلى روزا تۇتىدىغان، نەپسىنى ھارام رىزىقتىن يىراق تۇتىدىغان تەقۋادار ئالىملار ئىدى. ھازىر ئۇنداق تەقۋادار ئالىملار بەكمۇ ئاز، شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئەدەبىي سۆزلىرىمۇ باشقىلارغا ئانچە تەسىر قىلمىغاچ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ئاخىرەتتىن قورقۇش ياشلىرى تۆكۈلمەيدۇ  دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.

ھارام رىزقتىن ئۆزىنى توسمىغان ئالىملارنىڭ، ھەقنى سۆزلىسىمۇ ئاڭلىغۇچىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت !!!.

ھەق-ناھەق، ھالال-ھارام، توغرا-خاتا ئارلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتە بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى زىيالىلىرى بولمىش "مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئۇقۇغۇچىلىرى" ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى يىغماستىن، ئۆز دۈشمىنىنىڭ ياردەم پۇلىنى يەپتۇرۇپ ئالغان بىلىملىرى كىمگە تەسىر قىلار؟!.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىنى زىيالىيلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىد بارمۇ؟.

بىز ئۇلاردىن نېمە كۈتىمىز ۋە نېمە كۈتمەكچى؟. ئۇلار نېمە قىلماقچى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىسلامىي تەلىم ئالماقچى؟.بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى مەزكۇر قېرىنداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇردۇم.

بۇ قېرىنداشلىرىمىز مەلۇم قىيىن تاللاش باسقۇچىغا دۈچ كەلگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما يەنىلا پۇرسەت ئالدىدا ئاللاھقا تۆۋە قىلىپ، ئاللاھ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بارلىق ئىشلىرىمىزدا ساغلام ئەقىدىنى ئاساس، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن...

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز