قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا، "خۇشۇئ " نىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى، "خۇشۇئ " نىڭ پەزىلىتى، نامازخان ھاياتىدا "خۇشۇئ " نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان، سۈننەت ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ خۇشۇئ چۈشەنچىسىدىن دەلىللەپ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

خۇشۇئ  نامازنىڭ جېنىدۇر

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

 

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! نېمە سەۋەبتىن بىز ئىبادەتتىن ئىبارەت بولغان بەندە بىلەن پەرۋەردىگار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باغلاپ تۇرغۇچى بۇ مۇھىم ئەمەلدىن لەززەت ئالالمايۋاتىمىز؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەر بىلەن تۆۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ناماز نېمە ئۈچۈن بىزگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغان؟.

ناماز نېمە ئۈچۈن كۆڭۈل ئىشتىياقىمىز بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەت بولماستىن، ئۆزىمىزنى زورلاپ قىلىدىغان ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالغان؟

ناماز نېمە ئۈچۈن دۇنيالىق خام - چوتلىرىمىزنى ھېسابلايدىغان ھېسابات ۋاقتى بولۇپ قالدى؟

نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار ئىمامنىڭ قايسى سۈرىنى ئوقۇغانلىقىنىمۇ بىلمەستىن، نامازغا كىرگەن پېتى چىقىدىغان بولۇپ قالغان؟

نېمە ئۈچۈن ناماز بىزنى يامان ئىشلاردىن ۋە گۇناھ - مەسىيەتلەردىن توسىيالمايدۇ؟

يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى پەقەت بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ، نامازدا «خۇشۇئ»نىڭ يوقالغانلىقىدۇر.

«خۇشۇئ»دېگەن نېمە؟

«خۇشۇئ» ― نامازدا تۇرغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ھەيبىتىدىن ئەيمەنگەن، كۆڭۈلنى ناماز بىلەنلا مەشغۇل قىلغان ۋە پۈتۈن پىكىر - خىيالىنى ئاللاھ تائالاغىلا بېغىشلىغان ھالدا، كەمتەرلىك ۋە ھوشيارلىق بىلەن تۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

«خۇشۇئ»نىڭ ئورنى قەلب، ئۇنىڭ مېۋىسى ئىنسان ئورگانلىرىدا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ بارچە ئورگانلىرى قەلبكە ئەگىشىدۇ. نامازدا بىراۋنىڭ كۆڭلى غەپلەتتە قېلىش، دۇنيالىق پىكىر - خىياللارغا چۆكۈش ۋە شەيتان ۋەسۋەسىلىرى تۈپەيلى ئۇنىڭ «خۇشۇئ»سى بۇزۇلغان ۋاقتىدا، پۈتۈن ئورگانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا قىلىۋاتقان قۇلچىلىقىمۇ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى قەلب قوماندان، باشقا ئورگانلار ئەسكەرلەردۇر. قوماندانى سالاھىيەتلىك بولمىغان ئەسكەرلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغىنىدەك، قەلب سالاھىيەتتىن قالغاندا، باشقا ئورگانلارنىڭ سالاھىيىتىمۇ يوقىلىدۇ.

ئىبنى كەسىر «»خۇشۇئ»غا مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ: «نامازدىكى «خۇشۇئ» پەقەت ناماز ئۈچۈن كۆڭلىنى پۈتۈنلەي بېغىشلىغان كىشىگىلا ھاسىل بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا كۆڭۈل ناماز بىلەن ئارام تاپقان بولىدۇ ۋە نامازدىكى ھەقىقىي ھۇزۇر - ھالاۋەتنى تېتىغىلى بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ناماز مېنىڭ خوشاللىقىم ۋە كۆڭۈل ئارامىم قىلىندى» دېگەن. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 5 - توم 456 - بەت].

«خۇشۇئ» شەنى ئۇلۇغ، يوقىلىشى تېز، ھازىرقى زاماندا تېپىلىشى ئىنتايىن ئاز بولغان نەرسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇشۇ ئۈممەتتىن ئەڭ ئاۋۋال يوقىلىدىغان نەرسە «خۇشۇئ» دۇر. ھەتتا نامازلىرىنى «خۇشۇئ» بىلەن ئوقۇيدىغان كىشىنى كۆرەلمەيسەن» دېگەن. [تەبەرانىي رىۋايىتى«سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس].

«خۇشۇئ»نىڭ ھۆكمى

شۈبھىسىزكى نامازنى «خۇشۇئ» بىلەن ئوقۇش پەرزدۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ھەيبىتىدىن ئەيمىنىپ (يەنى«خۇشۇئ»بىلەن) تۇرغۇچىلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ۋە ئېغىر ئىشتۇر.» [بەقەرە سۈرىسى 45 - ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمەنگەن ھالدا، «خۇشۇئ»بىلەن تۇرمىغۇچىلارنى سۆكۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. مەلۇمكى، سۆكۈش پەرزنى تەرك ئەتكەن ياكى مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلغانلارغىلا خاستۇر. نامازدا «خۇشۇئ» نى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ سۆكۈلگەنلىكى «خۇشۇئ» نىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۆئمىنۇن سۈرىسىنىڭ بېشىدىن «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار شۇنداق مۆمىنلەركى، نامازلىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر» دېگەن ئايىتىدىن «ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇ نېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر. ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەن ئايەتلىرىگىچە بولغان ئايەتلەرمۇ، نامازدا «خۇشۇئ» نىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى بولغان فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. فىردەۋس ناملىق جەننەتكە كېرىش يۇقىرىدا سۈپەتلەنگەنلەر ئۈچۈنلا خاس بولغانلىقى، ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. نامازدا پەرز بولغان «خۇشۇئ» ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ھەيبىتىدىن ئەيمەنگەن ھالدا تۇرۇشتىن باشقا، نامازدىكى ھەر بىر پائالىيەتنى ئالدىرىماستىن تەمكىنلىك بىلەن قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەجدىنى توخۇ دان چوقۇغاندەك ئالدىراپ قىلغان ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە رۇسلانماستىنلا ئالدىراپ سەجدىگە كەتكەن ئادەم «خۇشۇئ»نى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. چۈنكى نامازنى تەمكىنلىك بىلەن ئالدىرىماستىن ئوقۇش دېگەنلىك نامازدىكى ھەر بىر يۆتكىلىشتە ئورگانلار ئۆز ئورنىغا تولۇق كېلىپ بولغىچىلىك ئارام ئېلىشتۇر. تەمكىنلىكنى تەرك ئەتكەن ئادەم ئارام ئېلىشنى ھاسىل قىلالمايدۇ، ئارام ئېلىشنى ھاسىل قىلالمىغان ئادەم رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە «خۇشۇئ»نى ھاسىل قىلالمايدۇ، «خۇشۇئ»نى ھاسىل قىلالمىغان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدا ئاسمانغا قارىغان ئادەمگە كايىغانلىقىمۇ، نامازدا «خۇشۇئ» نىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى نامازدا تۇرۇپ كىچىك ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۇياق - بۇياققا قاراش «خۇشۇئ»نىڭ ئەكسىدۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «پەتىۋالار توپلىمى» ناملىق ئەسىرى 22 - توم 553 - 558 - بەتلەردىن ئېلىندى.

ساۋاب «خۇشۇئ» دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ

«خۇشۇئ»نامازنىڭ جېنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان ناماز ئۆلۈك نامازدۇر. چۈنكى ھەركىمنىڭ نامازدىن ئالىدىغان نېسىۋىسى پەقەت ئۇنىڭدا ئەقلى ئويغاق تۇرغان قىسمى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شۇڭا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نامىزىڭدىن پەقەت نېمە دېگەن ۋە نېمە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىپ، ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلا ساڭا ئائىتتۇر»دېگەن. [ ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 22 - توم 612 - بەت].

ناماز ئوقۇغانغا بېرىلىدىغان ساۋاب «خۇشۇئ» غا قاراپ بولىدۇ. ناماز ئوقۇغانلارنىڭ بەزىسى تولۇق ساۋابقا ئېرىشسە، بەزىسى يېرىم ساۋابقا ۋە بەزىسى يېرىمدىنمۇ ئاز ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئەمما نامازدا نېمە ئوقۇلغان ۋە نېمە ئىش قىلىنغانلىقىنىمۇ بىلمەستىن ئۇنىڭغا كىرگەن پېتى چىققان كىشى ھېچقانداق ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ، «خۇشۇئ»نى پۈتۈنلەي تەرك ئەتكەن كىشىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بەندە ناماز ئوقۇغان بىلەن ئۇنىڭغا يېزىلىدىغان ساۋاب يا ئوندىن بىرى، يا توققۇزدىن بىرى، يا سەككىزدىن بىرى، يا يەتتىدىن بىرى، يا ئالتىدىن بىرى، يا بەشتىن بىرى، يا تۆتتىن بىرى، يا ئۈچتىن بىرى، يا يېرىمىدۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، «سەھىھ» دەپ باھالانغان ھەدىس].

شۇ سەۋەبتىن بۇرۇنقى ئۈلگىلىك زاتلار نامازنى « خۇشۇئ» بىلەن ئادا قىلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇلار نامازغا تۇرغانلىرىدا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتىگە بېغىشلىغانلىقتىن، نامازنىڭ سىرتىدىكىلەرنى ئىشتمىگەن، تۇيمىغان، بىلمىگەن ھالدا «خۇشۇئ» غا غەرق بولۇپ تۇراتتى.

«ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ناماز ئەسناسىدا توپ ئېتىلغاندا، كىيىمىنىڭ يېرىمى كۆيۈپ بولغان بولسىمۇ، نامازدىن بېشىنى كۆتۈرمىگەن. مەسلەمە ئىبنى بەششار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا مەسجىدنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ كېتىپ كىشىلەر نالە - پەرياد چاقىرىۋاتقان چاغدا، ئۇ ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەرسىز ھالدا نامازغا داۋام قىلىۋەرگەن. بەزى سالىھلار تاھارەت ئالغىنىدا چىرايى سارغىيىپ كەتكەنلىكتىن، كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا: "مەن ھازىر ھۇزۇرىغا بارىدىغان زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ئەمەسمۇ؟" دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەزرىتى ئەلى - كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ-نىڭ ناماز ۋاقتى كىرىشى بىلەن تىترەشكە باشلايتتى ۋە چىرايى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ: "ئاللاھ تائالا ئاسمان، زېمىن ۋە تاغلارغا تەڭلىگەندە، ئۇلار ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدىن قورقۇپ قوبۇل قىلمىغان ئامانەتنى(شەرىئەت تەكلىپىنى) ئادا قىلىش پەيتى كەلدى ئەمەسمۇ؟!" دەيدىكەن. ئەللامە سەئىد تەنۇخىي ھەر قېتىم ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ كۆز - ياشلىرى ساقىلىنى ھۆلدىۋېتەتتى. [مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىدنىڭ «نامازدىكى 33خۇشۇئ » ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى].

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە نامازغا تۇرغىنىدا ۋۇجۇدىنى تىترەك باسقانلىقتىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئوڭ - سولغا تەۋرىنىپ كېتەتتى. [شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ كەۋاكىب دۇررىييە فى مەناقىب ئەلمۇجتەھىد ناملىق ئەسىرىنىڭ 83-بېتىگە قارالسۇن].

يۇقىرىقىلار بىلەن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بىزنىڭ نامازنى قانچىلىك بىپەرۋالىق بىلەن ئادا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بەزىسى نامازدا سائىتىگە قارىسا، بەزىسى كىيىمىنى قېقىۋاتقان، بەزىسى باش - كۆزىنى قاشلىسا، بەزىسى بۇرنىنى كولاۋاتقان، بەزىسى ئالغان ۋە ساتقانلىرىنىڭ ھېسابىنى چىقارسا، بەزىسى يېنىدا تۇرغان كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزەتكەن. ئىشقىلىپ بىزنىڭ نامازلىرىمىز «خۇشۇئ» دىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالالمايۋاتقانلىقى مەلۇم. نەتىجىدە ياراتقۇچىمىز بولغان جانابى ئاللاھ بىلەن ئارىمىزدا ساغلام ساداقەتنى بەرپا قىلالماسلىقىمىز سەۋەبلىك، دۇئا ۋە تىلەكلىرىمىزدە نورمالسىزلىق داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەگەردە بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەنمىز، چوقۇم بىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن بولغان ئالاقىنى يۈزەكىلىكتىن چىنلىققا يۈزلەندۇرۇشىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن.


 
 
بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز