قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈپ ۋە پىكىر يۇرگۇزۇپ ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە قۇرئان كەرىم ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى، قۇرئان كەرىمنى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان ھاياتى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى جانلىق مىساللار بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

قۇرئان كەرىمنى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟

 

قۇرئان كەرىمنى نەچچە قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغانىدىم، بىراق بۇنىڭدىن بۇرۇن «قۇرئاننى ھەقىقىي مەنىدە قانداق ئوقۇيمىز؟» دېگەن سوئال ھەققىدە پەقەتلا ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم.

بۇ سوئال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈم، نەتىجىدە كاللامدا پەيدا بولغان بەزى چۈشەنچىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۇشبۇ ماقالىنى يازدىم.

ھەممىدىن ئاۋال شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەككى، قۇرئانى كەرىمدىكى ئايەتلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. قۇرئاندا بايان قىلىنىش ئۇسۇلىدىن ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنغان ھەر قانداق بىر ئايەت بىزگە تولۇق مەنىسى بىلەن ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر قىسمىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى ئەگەر قۇرئان بىر پۈتۈن ھالدا ئىزاھلانسا، ئاندىن تولۇق بىر ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يالغۇز بەزى ئايەتلەرنىڭ ئىزاھلىنىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئايەت بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىر موزايكىغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ. بىر موزايكا تەگلىكىدە قىزىل ياكى قارا رەڭلەر پەقەت باشقا رەڭلەر بىلەن بىرلىكتە بولغاندا مەنە ئىپادىلەيدۇ. تەگلىككە تەۋە رەڭدىن ياكى بىر پارچىسىنى ئالغىنىمىزدا بۇ رەڭ ياكى پارچە تەگلىكنى تەشكىل قىلغان باشقا رەڭ ياكى پارچىلار بولماستىن تەگلىكنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ چىقايلى: «ئەي! ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى» [سۈرە بەقەرە 178-ئايەتنىڭ بىرقىسمى] دېگەن قۇرئان ئايىتى قىساسنى يوللۇق كۆرىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە بولسا ئەپۇ قىلىشقا چاقىرىدۇ. يەنى «بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ﷲ بېرىدۇ.» [سۈرە شۇرا 40-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «ئى مۆمىنلەر! اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، اﷲ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» [سۈرە مائىدە 87-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر» [سۈرە تاھا 131-ئايەت] بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى تېخىمۇ كۆپ بېرەلەيمىز. قۇرئاننى تۇبجى ئوقىغان بىرەرسىگە نىسبەتەن بىر قىسىم ئايەتلەردە زىتلىق باردەك بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىنچە بولىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولسا قۇرئان ۋە ئىسلامنىڭ يەككە يىگانە بولۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. ماھىيەتتە قۇرئان ئايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تولۇق ماسلىشىشچانلىق بار بولۇپ، دەسلەپتە زىتلىق باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى قۇرئان بىزنى يالغۇز بىرلا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئىككى ئىشنىڭ تەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇرئان بىزدىن يالغۇزلا قىساس ئېلىشىمىزنىلا تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كەچۈرۈم قىلىشىمىزنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئويلىساقمۇ بولىدۇ. قۇرئان بىزدىن يالغۇز ئاخىرەت ئۈچۈنلا ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى يۇقىرىقىغا ئوخشايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولماي تۇرۇپ يەنە بىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا گەرچە ھەق ئۈستىدە بولسىمۇ جازادىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى ئويلىمايدىغان(يەنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدىغان) بىر مۇسۇلمان، مۇكەممەل بىر ئىمانى سەۋىيىسىگە يېتەلمىگىنىگە ئوخشاش، ئەكسىچە يالغۇز كەچۈرۈم قىلىشنىلا ئويلايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىمۇ مۇكەممەل بىر ئىمان ھېسابلانمايدۇ. ئۇنداقتا كامالەتكە يەتكەن مۇسۇلمان ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئىككى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەن ھالدا مۆتىدىل مىقداردا مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر. بىر ئاز بۇرۇن يىغىنچاقلاپ ئۆتۈلگەن يەكۈنلەرنى قۇرئانى كەرىم بىر پۈتۈن ھالدا ئانالىز قىلىنغاندا ئاندىن تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. بىر قىسمىلا چىقىش قىلىنسا يۈزەكى چۈشىنىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىسلام ۋە ئىسلام رىسالىسىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە بۇ مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاستىلاردىن مۇشۇ ئۇسۇلنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، قۇرئاننى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى، قۇرئان نۇرىنىڭ پارلاقلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك يول، دەپ قارايمەن. چۈنكى قۇرئاننى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا يېڭى - يېڭى نەرسىلەرنى چۈشۈنۋېلىشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ. قۇرئانى كەرىمگە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەسىتىن شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلگەن. بىراق ئۆزگەرگەن بىرلا نەرسە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەر، شەرت - شارائىتلار ئۆزگەردى، قىسقىسى دۇنيا ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بولسا بىزنى يېڭى ئەمما مۇرەككەپ ۋە چېگىش مەسىلىلەر بىلەنلا بەنت قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇغان قۇرئانى كەرىمدىن پۈتۈنلەي غەپلەتتە قېلىشىمىزنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىردىنلا قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئايەتلەرنىڭ سادالىرىنى ھېس قىلغىنىمىزدا قۇرئاننىڭ ھەققىي مەنىسىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ھەر كىمنىڭ بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇ ماقالەمدە بەزى شەخسىي تەجرىبىلىرىمدىن مىسال بېرىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن، يەنى ياش چاغلىرىمدا قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇش ئەسناسىدا جىھاد، ئادالەت ۋە ئەمەل ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىناتتىم. بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدىكى خاتىرە دەپتىرىم ئىسپات بولالايدۇ. ئاللاھ باشقا نۇرغۇنلىغان دەپتەرلىرىم ئىچىدىن پەقەت مۇشۇ كىچىك دەپتەرچىنى ماڭا ھېچقانداق زىيان-زەخمەتسىز يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ دەپتەر قۇرئانى - كەرىمدىن ئېلىنغان بۇ ئايەتلەر ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى ئايەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ۋە ئىستىبداتنىڭ رەت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. «زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲ نىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر» [سۈرە شۇرا 39-ئايەت]. مەن نۆۋىتى كەلسىلا بۇ ماقالەمدە تەكىتلىگەن ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىنىۋاتقاندا، بىر ئاللاھ ھەققىدە توختالغان ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. ئاللاھ تالادىن باشقا ھەر نەرسىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مېنىڭ شەخسىيىتىمنى تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋە تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە مەندە بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقەتتە زىتلىق تاپقىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى. «زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ. ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ» [سۈرە رەھمان 26-27-ئايەتلەر]. ئاللاھ تالا ئۆز ئالدىغا پۈتۈن شەيئىلەردىن بۇرۇن ۋە ئۇلاردىن كېيىنمۇ مەڭگۈلۈك ئىدى. بۇ دەل ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرمەس بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى.

ئانام، قازا قىلغاندا ئىنتايىن قايغۇرغان ئىدىم. فەجر سۈرىسىدىكى «ئەي ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ «ياخشى بەندىلىرىم» قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن». [سۈرە فەجر27-28-29-30-ئايەتلەر]. دېگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھېس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ ئايەتلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ۋە ئۆز ئۆزۈمدىن مۇنۇ سوئاللارنى سورىغان ئىدىم: «كىممۇ بىرەرسىنىڭ ئانىسى قازا قىلغاندا بىر بالىغا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن تېخىمۇ گۈزەل بىر سۆز ئېيتالىسۇن؟». ئۇنداقتا قۇرئان بىر تەرەپتىن شەرىئەت، يەنە بىر تەرەپتىن جىھادنى ئۇلۇغلايدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا زاماننىڭ دائىرىسىدىن چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارغا تەسەللىي مەنبەسى ئىدى. بۇنىڭغا بىنائەن شەخسىي ھاللىرىمىزغا كۆرە دىققىتىمىزنى بىر نەرسە تارتقان بولسا يەنە بىرخىل ئەھۋالدا دىققىتىمىزنى باشقا بىر نەرسە تارتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالنىڭ قۇرئاندىكى ئىپادىلىرى ئىنساننىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي شارائىتلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا جەمئىيەت ياكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، ئېتنىك ئوخشىماسلىقلارنىڭ جەمئىيەتنى پارچىلىشى، كۆز قارىشىمىزنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالغان ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇشىمىزغا بۇرايدۇ. مەسىلەن: دىنى قانۇن دەپسەندە قىلىنغان ياكى قايسى خىل شەكىلدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپلار ۋە ئوخشىماسلىقلار ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە ئۈچ سۆزدىن تەشكىل تاپقان مۇنۇ ئايەت كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ، «دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) مەجبۇرلاش يوق.» [سۈرە بەقەرە 256-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    بىز مۇسۇلمانلار ئايەتلەرگە ئوخشاش قارايمىز. بىراق غەيرى مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى قىسقا قۇرئان ئايىتىنىڭ، دىنى كەڭچىلىك نۇقتىسىدىن ئەڭ چوڭقۇر مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلانساق بولىدۇ. بىراق مەزكۇر مەسىلە قىسقىغىنە بولغان ماقالەمنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.

شۈبھىسىزكى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ئاڭلىنىشى ھەققىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىم ئۈستىدە توختىلىشىمىز لازىم. بەزى ئىنسانلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇرئاننى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنى پايدىسى ئىنتايىن ئاز ئىشتەك ئويلىۋالىدۇ. مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن ۋە ھاياتىمدا پەقەتلا ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ۋەقەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر خەلقئارالىق ئىسلام يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئىدىم. يىغىن ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرىدە چاقىرىلغان ئىدى. يىغىنغا كۆپ ساندىكى ئۆلىما ۋە ئالىملار ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ يېڭىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قاتناشقان ئىدى. ھەر كۈنى يىغىننىڭ باشلىنىشىدا ۋە ئاخىرىدا دۇنيادا تونۇلغان قارىلار تەرىپىدىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىناتتى. ئۆلىما ۋە ئالىملار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا بەزى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتۇق. بىراق قۇرئانى كەرىمدىن ئايەتلەر ئوقۇلۇشقا باشلانغاندا زالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايتتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلايتتى. قارىنىڭ ئېغىزىدىن قۇرئان ئايەتلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغاندىكى ئەھۋال بىر دەريانىڭ جىمجىت ۋە ئاستا ئېقىشىغا ئوخشايتتى. ئارقىدىن ئىنساننى تېخىمۇ ئۇزاقلارغا باشلىغان بىر شارقىراتمىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كېتەتتى. قارى تىلاۋەت قىلىۋاتقان راھمان سۈرىسىدىكى «(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟» ئايىتى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى گويا بىپايان ئوكيانلارغا باشلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن بۇ گۈزەل مىنۇتلاردا شۇنى ھېس قىلدىمكى، تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئايەتلەرنى تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم. ئۆزەمنى كونفېرانس جەرياندا يىغىن ئىشىتىراكچىلىرىغا شۇنچىلىك يېقىن ھېس قىلدىم. باشقىلارنىڭ يۈزىدىمۇ شۇ ئىپادىنى كۆرگىلى بولاتتى. شۇنداقلا «قارىمامسىز! ھەممىمىز ئىسلامدا قېرىنداشقۇ؟» دېگەندەك قىلاتتى.

بۇ ئىشتىن كېيىن قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدىم. پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرى قۇرئاننى مۇشۇ شەكىلدە ياكى باشقا بىر شەكىلدە چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇشمۇ ۋاجىپتۇر.

 
بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز