ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەملىكى توغرىسىدا

قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 22/12/1432ھـ 2011-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىسلام دىنىنىڭ تەۋرەنمەس پرىنسىپ ۋە ئىلاھى ھىمايىگە ئىگە دىن ئىكەنلىكى، ئىسلامىي پرىنسىپنى تۇتمىغانلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئىچىدىنمۇ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن يىراقلاشقان كىشىلەر ئۆز قىلمىش ۋە ئېتىقادلىرى ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ تەككۇزىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەملىكى توغرىسىدا

    ئۇيغۇرچە- الأويغورية] - uyghur]

    پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب

    تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2011 - 1432

    ﴿ثبات الإسلام واستقراره﴾

    «باللغة الأويغورية»

    فضيلة الشيخ صالح بن محمد آل طالب

    ترجمة: سراج الدين عزيزي

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2011 - 1432

    ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەملىكى توغرىسىدا

    2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

    ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان نەچچە يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا "دۇنيادىكى بارلىق تۈزۈم،ئىدىيەلەر يىمىرىلىپ، ئىسلام پىرىنسىپىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

    ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا ۋە مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

    دۇنيادىكى سان-ساناقسىز قانۇن-تۈزۈملەر، بىر-بىرىگە زىت تەپەككۇر ئەندىزىلىرى، خۇددى كۆز بويامچىلىق بىلەن ياسالغان، سۈنئىي پەردازلانغان، كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان ھەشەمەتلىكقۇرۇلۇشلار، قاتتىق چىققان بوران-چاپقۇن، تەبىئىي ئاپەتلەر ئالدىدا ۋەيران بولماي ياكى ئەيىبى ئېچىلىپ، نۇقسانلىرى ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرالمىغىنىدەك، بۈگۈن ھەرساھەدىكى ۋەيرانچىلىق مالىيە ۋە ئىقتىسادىي كرىزىس، ھاكىمىيەتنىڭ چۆكۈشى، سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئىدىلوگىيىلەرنىڭ ئارىدىن غايىب بولۇشىدەك، ئىنسانىيەتنى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتقان ھادىسىلەرگە گۇۋاھچى بولۇۋاتقان تەۋرەنمەس ئىقتىسادى گەۋدىلەر، سىياسىي كۈچلەرمۇ ئىسلام قۇرۇلۇشىنىڭ تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ تۇرۇشلىرىدىن ھەيران قېلىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايۋاتىدۇ.

    سىز ئىسلام پرىنسىپىنىڭ مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاد ۋە ئىدىلوگىيە ئىچىدە ئېرىپ كەتمەستىن مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز. يەنە كېلىپ ئىسلام شەرىئىتى مىڭ تۆت يۈزيىلدىن بىرى ھەر زامان ۋە ماكانغا ماس ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە كېپىللىك قىلىپ تۇرۇشى بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

    بىلىڭكى، ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلەر ئىچىدە، ئىسلام دىنى ئەڭ بۈيۈك ۋە مۇكەممەل نېمەتتۇر.

    قېرىندىشىم، ئىسلامىڭىزدىن خوشاللىنىڭ، ئىمان نېمىتىدىن بەھرىمەن بولۇڭ، باشقىلار ئېزىپ كەتكەندە ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلدى، باشقىلار يول تاپالمىغاندا سىزگە ساغلام يولنى كۆرسىتىپ بەردى. باشقىلار شېرىك گۇمراھلىقىغا پاتقاندا سىزنى تەۋھىد ئەقىدىسىگە مۇشەررەپ قىلدى. خوش بىشارەتكى، تەۋھىد كەلىمىسى سىزنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى، چىن قەلبىدىن ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئىمان ئېيتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەھەننەمنىڭ ئوتىنى ھارام قىلىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. دېمەك؛ يۇقىرىدىكى ھەدىس شۇ تەۋھىدنىڭ بەلگىلىرى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بەرگەن، مۇسۇلمان شۇ خەرىتە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك يولىنى تېپىۋېلىشى ۋە مەزكۇر تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ھايات كەچۈرۈشى كېرەك.

    مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان بولۇپ، ماڭا: «سەن ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قەۋمگە بارىسەن، ئۇلارنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىباەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەقنىڭ يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن. ئۇلار ئۇ چاقىرىققا ئىتائەت قىلسا، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن. ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ بويسۇنغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئىلىپ كەمبەغەللىرىگە بېرىدىغان زاكاتتىن ئىبارەت ئىقتىسادى ئىبادەتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن. ئەگەر ئۇلار بۇ پەرزنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارنىڭ ئېسىل ماللىرىنى ئېلىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن، شۈبھىسىزكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا (يەنى دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىدا ) پەردە يوقتۇر» دېدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى سۆزىدە ئىماننىڭ ئاساسىنى تەۋھىد، ئۇندىن كېيىن ناماز، ئۇندىن كېيىن زاكات، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئادالەت بەرپا قىلىش دەپ كۆرسەتكەن. ئاللاھ ئىنساننى ئولۇغ ياراتتى، ئۇنى ھەرتۈرلۈك خۇراپات ۋە ئازغۇنلۇقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھتىن باشقىدىن پايدا-زىيان كۈتمەسلىككە ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىشقا چاقىردى. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا شېرىك ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدۡعُونِيٓ أَسۡتَجِبۡ لَكُمۡۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِي سَيَدۡخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِن تَدۡعُوهُمۡ لَا يَسۡمَعُواْ دُعَآءَكُمۡ وَلَوۡ سَمِعُواْ مَا ٱسۡتَجَابُواْ لَكُمۡۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُونَ بِشِرۡكِكُمۡۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثۡلُ خَبِيرٖ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە- كۈندۈزنىڭ ئوزۇن- قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بۇيىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەستۇر.» [سۈرە فاتىر13-ئايەت].

    دىننى خۇنۇكلاشتۇرغان، توغرا دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەن نەرسە دىندا ئاشۇرۋېتىشتۇر. دىندا ئاشۇرۇۋېتىش بولسا، دىندارلىقتا مۇبالىغە قىلىش بولۇپ، ئۆزىنى تەقۋادارلىقتا ھېچكىشىگە تەڭ قىلماستىن، باشقىلارنىڭ ئىمانى ۋە ئەقىدىسى، ئىبادەتلىرىگە شۈبھىلىك قاراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىندىن چىقىپ كېتىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « سىلەر دىندا ئاشۇرۇۋەتمەڭلار!سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر دىندا ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ھالاك بولغان .» [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

    ئەۋلىيالار، ئۆلىمالارنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاشتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرغان. ھەتتا ئەۋلىيالار ئۇياقتا تۇرسۇن، رەسۇلۇللاھ، ساھابىلەرگە: «سىلەر مىنى ناسارالار مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسانى ئولۇغلىغاندەك ئولۇغلىماڭلار، مەن ئاللاھنىڭ بىر بەندىسىدۇرمەن، مىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەڭلار » دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

    ئىسلام دىنىدىكى بارلىق پرىنسىپلار ياخشىدۇر. ئاللاھ چەكلىگەن ھەرقانداق نەرسە شەخس ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا چەكلەنگەندۇر. ھەقىقىي مۆمىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمىدىن چەكلىسە شۇنىڭدىن قول ئۈزىدۇ، نېمىگە بۇيرىسا شۇنى بىجانىدىل ئىجراقىلىدۇ.

    ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنىدۇر، شەرىئەت ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدۇر، كىمگە ئاللاھنىڭ كالامى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى يەتسە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋاجىپتۇر. ئىتىقادتا تەۋھىد مۇھىم بولغاندەك، ئەمەلدىمۇ تەۋھىد مۇھىمدۇر. مۇسۇلمان پەرۋەردىگارىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىدۇ. تىلەكلىرىنى ئاللاھتىن غەيرىدىن سورىمايدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقىغا ئىتائەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھالال دەپ بىلىدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھارام دەپ بىلىدۇ. مۇسۇلمان ھەرقانداق مەخلۇق ئالدىدا قەددىنى رۇس، بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشىشى ۋە ئاللاھتىن باشقىغا باش ئەگمەستىن، ئىمانى ۋە ئەقىدىسى بىلەن پەخىرلىنىپ، شەرەپلىك ياشاش ئارقىلىق دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى قازىنىشقا تىرىشىدۇ.

    ھەقىقى مۆمىن بارلىق ئەمەل ۋە ئالاقىلارنى ئاللاھ رازىلىقىغا باغلاپ ئىشلەيدۇ ۋە ئىبادەتلىرىنى ئىخلاس بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.

    ئاللاھ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن. دىللىرىمىزنى رىياكارلىق ۋە نىپاقلىقتىن پاكلىسۇن. ئامىن!!.