قىسقىچە چۈشەنچە

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ناملىق بۇ ماقالىنى دىنى زىيالى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، ئاپتۇر ماقالىنىڭ ئومۈمى مەزمۇنىنى ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە يېغىنچاقلايدۇ. "تەۋبە ئىرادە ۋە قەستنى كۈچلاندۇرىدىغان پۇشايماندۇر. پۇشايماننىڭ ئالامىتى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق كىلىچەكنى ئىسلاھ قىلىش دىمەكتۇر".

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

 

تەۋبە مۇسۇلمان ھاياتىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، مۇسۇلمان داۋاملىق تەۋبىگە ئالدىرىشى لازىم. تەۋبە بەندە بىلەن ياراتقۇچىسى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بۈيۈك ئىبادەتتۇر. بىز ئاللاھتىن تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى سورايمىز.

* تەۋبىنىڭ لۇغەت مەنىسى: «قايتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

 * تەۋبە شەرىئەت ئاتالغۇسىدا: قەستەن ۋە سەۋەنلىك بىلەن سادىر بولغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىش، تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە شۇ گۇناھلارنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئىرادە باغلاشتىن ئىبارەت.

ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى مۇنداق دەيدۇ: "تەۋبە ئىرادە ۋە قەستنى كۈچلاندۇرىدىغان پۇشايمان. پۇشايماننىڭ ئالامىتى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىش، كىلىچىكىنى ئىسلاھ قىلىش دېمەكتۇر".

ساھابىلاردىن ئەمرۇ ۋە ئەبۇ مۇئاز(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) لار مۇنداق دېگەن: "ھەقىقىي تەۋبە، سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن يېنىشتۇر، بۇنىڭ مىسالى خۇددى سېغىلغان سۈت ئەمچەككە قايتمىغاندەك گۇناھغا قايتماسلىقتىن ئىبارەت.

 ئالىملاردىن بىرى تەۋبىنى چۈشەندۈرۈپ: تەۋبە تىلدا ئىستىغپار ئېيتىش، دىلدا پۇشايمان قىلىش، جىسىمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت، دەيدۇ. تەۋبە ھەققىدە كۆپلەپ ئايەت، ھەدىسلار كەلگەن. ئىنسان گۇناھدىن خالى بولالمايدۇ، بىراق ئىنسان گۇناھ قىلىپ سالغاندا بىپەرۋالىق قىلماستىن تەۋبە قىلىشى، قىلپ سالغان گۇناھلىرىنى قايتا سادىر قىلماسلىقى لازىم.

قۇرئان كەرىمدە تەۋبە ھەققىدە كەلگەن بەزى ئايەتلەر:

 « اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.(ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن)پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» (بەقەرە سۈرىسى 222- ئايەت.)

ئى مۆمىنلەر اﷲ غا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) اﷲ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.» (تەھرىم سۈرىسى66-ئايەت)

«پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، اﷲ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر». (فۇرقان سۈرىسى 70-ئايەت)

ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ غا تەۋبە قىلىڭلار» (نۇر سۈرىسى 31-ئايەت).

تەۋبە ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىزگە كەلگەن ھەدىسلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تۆۋەندە بەزىلىرىنى كەلتۈرىمىز:

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئاللاھتىن بىر كۈندە 70 قېتىمدىن كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار تىلەيمەن" يەنە بىر رىۋايەتتە "بىركۈندە يۈز قېتىمدىن كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار تىلەيمەن دېگەن».

يەنەبىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇياش غەربتىن چىقىشتىن بورۇن كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». ئىبنى مەسئۇد(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ھەدىسدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن، سۇ-گىياھسىز چۆل باياۋاندا توختاپ ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسا تۆگىسى يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن يوقاپكەتكەندىن كېيىن تۆگىسىنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالماي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆلۈمگە تەن بېرىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرسا تۇساتتىن تۆگىسى يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغاندىن كېيىن سۇ ئىچىپ، قورسىقىنى تويغۇزغان ئادەم قايسى دەرىجىدە خۇشال بولسا ئاللاھمۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ»(بۇخارى،مۇسلىم)

 

*قېرىندىشىم بىلىڭكى، ئاللا پۇشايمان ۋە ئىستىغپار بىلەن قىلىنغان ھەقىقىي تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى ھەرقانداق گۇناھكارغا ئوچۇقتۇر. گۇناھ- مەئسىيەت ھەرقانچە كۆپ، ئېغىر بولسىمۇ تەۋبە قىلغۇچىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرىدۇر. سىز ھەرگىز ئۈمىدسىز بولماڭ، ئۈمىدسىزلىككە يولمۇ قويماڭ. ئىنساننىڭ گۇناھلىرى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتى كەڭرىدۇر.گۇناھدىن قايتىپ، تامامەن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلغان كىشى گۇناھسىز كىشىگە ئوخشاش پاكلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر:

ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن (ئاللاھ رازى بولسۇن) رىۋايىتىدە جۇھەينە ئايمىقىغا مەنسۇپ بىر ئايال رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنادىن ھامىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىگە ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئايالنىڭ كىيىمىنى جىسمىغا تېڭىپ ئاندىن رەجىم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) قىلىشقا بۇيرىغان. رەجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۇ ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئايال زىنا قىلغان تۇرسا نامىزىنى چۈشۈرەملا؟! دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئايال شۇنداق تەۋبە قىلغانكى، مەدىنە ئەھلىدىن 70 كىشىگە تارقىتىلسا يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ، ئۆز جېنىنى ئاللا يولىدا سېخىلارچە قۇربان قىلغان كىشىدىن ياخشىراق كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟!» دەيدۇ .(بۇخارى، مۇسلىم).

تۆۋەندە تەۋبىنىڭ شەرتىنى بايان قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇم:

1- ئىخلاسنى ئاللاھغا قىلىش، تەۋبىنى ئاللاھقا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساۋاپ ئۈمىت قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنى تىلەش.

2- سادىر قىلغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىش بىلەن قاتتىق ئېچىنىش.

3- گۇناھدىن تېزلىكتە قول ئۈزۈش. ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ھەققىدە بولسا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن قول ئۈزۈش. بەندە ھەققىدە بولسا قول ئۈزۈش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىدىن كەچۈرۈم سوراش ۋە ھەققىنى ئادا قىلىش.

4- چوڭ-كىچىك ھەرقانداق گۇناھ قىلماسلىققا ئىرادە باغلاش.

5- تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش.

قېرىندىشىم! ئەجەل توشۇپ قالغان تەقدىردە، كۈن مەغرىپتىن چىقىپ قالسا تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ ئاللاھنىڭ ئەلەملىك ئازابلىرىغا دۇچار بولۇپ قالىدۇ،

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلسۇن.

ئاللاھ تائالادىن گۇناھ -مەئسىيەت قىلىۋاتقان ھالىتىمىزدە ئەمەس، بەلكى تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىمىزدە قەبزى روھ قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىدىكەنمىز، ھەرۋاقىت تەۋبە قىلىشتىن غاپىل بولماسلىقىمىز كېرەك.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز