قىسقىچە چۈشەنچە

ئۈممەتنىڭ ئامانەتدارى ناملىق بۇ ماقالە ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى شەمىس نەۋىد ئوسمانىنىڭ يازمىلىرىدىن بولۇپ، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىدىكى ياش تەرجىمان كامىلجان ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىدى.بۇ ماقالە جەننەت بىلەن بېشارەت بىرىلگەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ دىگەن ساھابىنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان ئىنساننى ھاياجانغا سالىدىغان بۈيۈك توھپىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بىرىدۇ...

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

ئەمىنۇل ئۈمممە (ئۈممەتنىڭ ئامانەتدارى)

 

(پاكىستاننىڭ ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى شەمىس نەۋىد ئوسمانىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)

 

ھەزرەتى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك دىنى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان كاتتا ساھابىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئىسلامنى باغرىغا باسقان چاغلاردا ئەسەبىي خېيىم ـ خەتەرلەرنىڭ شىددەتلىك بورانلىرى ئىسلام تەرەپكە قەدەم ئالماقچى بولىۋاتقان ئىنسانلارنى ئارقىغا ئىتتىرۋېتىش ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقان، ئىسلامغا يېقىنلىشىشنىڭ مەنىسى، پۈتۈن دۇنيادىن ئاجراپ كېتىش بولۇپ ھېساپلىنىدىغان بىر پەيت ئىدى. ئاخىرەتلىك ھاياتتا بەختىيار ماكان بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئەزىمەتلەر بولسا، دۇنيا ھاياتىغا پەرۋا قىلماستىن ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ دەل ئەشۇ كارۋانلار سىپىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ھەر ئىككى قولى بىلەن دۇنيانى يېراققا ئىتتىرىپ، ئاللاھ تەرەپكە ئۆزلۈكسىز سەپەرنى داۋام قىلىۋاتاتتى.

*ئاسىيلىقنىڭ قان ـ يىرىڭ دولقۇنلىرى ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۆرەشتە ئىمان ـ ئىسلامنىڭ كېمىلىرىنى توسىۋالماقچى بولۈپ، بەدىر مەيدانىدا تۇنجى قانلىق جەڭ ئۈچۈن سىگنال چالغاندا، كىپەنگە ئورىنىپ جىھاد ۋە ئۇلۇغلۇق مەيدانىغا كۆكرەك كېرىپ سەكرەپ چۈشكەن ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە قارشى قىلىچ ئۇرىۋاتقان كىشىنىڭ باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى دەل ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى كۆردى. گەرچە كاپىر دادىنىڭ قېنى ئاللى بۇرۇن مۆئمىن ئوغۇل ئۈچۈن ھالال بولۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئۇ ”دادا“ ئىدى. دادا ئوغلىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئېگىلگەن بېشىنى كېسىپ تاشلىماقچى بولىۋاتاتتى. لېكىن مۆمىن ئوغۇلنىڭ پۈتۈن ئوي ـ خىيالى «كاشكى مېنىڭ قىلىچىم دادامنىڭ ھاياتىنى كۈپىرلىق ھالىتىدە تامام قىلىۋېتىشكە سەۋەپچى بولۇپ قالمىسا ئىدى» دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى. شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ ئۇرغان زەربىلىرىنى توسۇپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بولسىمۇ دادىغا قەتئىي قىلىچ ئۇرمايۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىزدىنلا «دادامنىڭ ئۇرىۋاتقان قىلىچى ماڭا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئۇرىلىۋاتقان قىلىچ ئەمەسمۇ؟» دېگەننى ھېس قىلدى ـ دە، چاقماق تىزلىكى بىلەن بىرلا زەربىدە ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن كاپىر دادىنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

ئوھۇد مەيدانىدا بولسا كۇپىر ھەم شېرىكچىلىكنىڭ ياۋۇز كۈچلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى زەخمىلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمى تۇپەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك چېھرىگە تۆمۈر ھالقا پىتىپ كەتكەن ئەھۋالنى كۆرگەن ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە قەتئىي چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ ئاجايىپ قاتتىق ئازاپلىق ئۆرتىنىش بىلەن ئىلگىرلىگەنچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھالقىنى چىشىدا تارتىپ چىقارماقچى بولدى. ھالقا ئاستا ـ ئاستا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چىشىمۇ سۇنۇپ ئېغىزىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى، ئەمما ئۇ ھالقىنى چىشلەپ چىقارىلىغانلىقىنىڭ خۇشاللىقىدا چىشىنىڭ ئاغرىقىنىمۇ سەزمەيلا قالغان ئىدى. قىسقىسى، ھەققانىيەتنىڭ ئۆچمەس نۇرىنى زۇلمەت بىلەن ساختىلىقنىڭ قاراڭغۇلىقى باسماقچى بولغان ھەرقانداق چاغدا ۋە ھەرقانداق يەردە ئۇ دائىم ئەڭ دەسلەپ كۆكرەك كېرىپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلاردىن ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەقىفە بەنى سائىدە قەبىلىسىدە تۈنجى خەلىپىنى دەرھال تەيىنلەش مەسلىسى مەيدانغا چىققان چاغدا، بۇ مەسىلە ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرىگە نىسبەتەن ئۆز نەپسى بىلەن قانلىق جىھاد قىلمىسا بولمايدىغان ئىنتايىن نازۇك ھەل قىلغۇچ سېناققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مۇناپىقلار ئىغۋاگەرچىلىككە تايىنىپ ئىسلام دىنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قوشۇپ مەڭگۈگە دەپنە قىلىۋەتمەكچى بولىۋاتاتتى. شەيتان باركۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پىداكار بەندىلىرىنى ھوقوق تالىشىش ئىختىلاپىغا سورەپ كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىل بويى ئۆز يۈرەك قېنى بىلەن سۇغۇرۇپ يېتىشتۇرگەن خازاڭ بولماس ئىسلامىي قىرىنداشلىق بوستانىغا ئوت قويماقچى بولىۋاتاتتى. ھەردائىم ئىسلامغا يارىدىمىنى ئايىماي كەلگەن ئەنسارلار بۈگۈن ئۆزلىرى ئۈچۈن خەلىپىلىك ھوقوقىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. مۇھاجىرلار بولسا، «خەلىپىلىككە ئىسلام ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنى تاشلاپ چىقالىغان مۇھاجىرلار ھەقلىق» دەپ توۋلىماقتا ئىدى. گەرچە ھوقوق تالىشىش مەسىلىسى قايتا يەنە بىر قېتىم ئىسلام ئۈچۈن پىداكارلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساداسى ھېسسىياتلىق غۇلغۇلىلار چىرماپ تۇرغان قۇلاقلارغا كىرمەيۋاتاتتى. ھوقوق تالىشىشنىڭ بۇ ئاپەتلىك كەلكۈن يۆنىلىشىنى قانداق قىلغاندا قايتىدىن پىداركارلىق ۋە قۇربان بېرىش ئىشتىياقى تەرەپكە بۇرىغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى. دەل ئەنە شۇنداق جىددى ۋەزىيەتتە ئاخىرەتكە بولغان خەۋپ بىلەن ئۈمۈتتىن لەرزىگە كەلگەن ئاجايىپ جاراڭلىق بىر سادا ياڭراشقا باشلىدى. ئۇ پىداكارلىق ۋۇلقانىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى، دەرتمەن يۈرەكنىڭ ھەسرەتتىن نالە قىلىشى، ئاللاھ ئۈچۈن ھەممە نەرسىنىنى قوربان قىلىش ئىشتىياقىنىڭ پىغان چېكىشى ئىدى.

«ئى ئەنسارلار! سىلەر ھەممىدىن ئىلگىرى ئىسلامغا تايانچ بولغان، ئۇنىڭغا مىننەتسىز يارىدەم قۇلۇڭلارنى سۇنغان جامائەتسىلەر. ئەمدىلىكتە ئىسلام جامائىتىنى ھەممىدىن ئىلگىرى پارچىلايدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالساڭلار قانداق بولغىنى؟»

بۇ دەل ئەبۇ ئۇبەيدە رەەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاۋازى بولۇپ، چىن قەلبتىن چىققان بۇ ئەلەملىك سادا ئۆز قەلبىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالمايۋاتقان قۇلاقلاردىن كىرگەنچە ئۇدۇل بېرىپ، ئىمان، ۋىجداننى لەرزىگە سېلىشقا باشلىدى. ئىختىلاپنىڭ قانلىق بۇلۇتلىرى خۇددى بىردەملىك توپا چاڭدەكلا توزۇپ تۈگىدى. تېخى بايىلا ھوقوق تەلەپ قىلىۋاتقان ئەنسارلارنىڭ قەلبلىرىدە بىردىنلا پىداكارلىق ئىشتىياقى چاقماقتەك جۇش ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇھاجىر ئىدى، شۇڭا بىز ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئەنسارلىرى بولغان بولساق، ھازىرمۇ يەنە شۇنداق ئۇنىڭ خەلىپىسىنىڭ ئەنسارلىرى بولىشىمىز لازىم» دېگەن ئىككى ئېغىز سۆز بىلەنلا قورقۇنۇشلۇق ئىختىلاپ ئاپىتىنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۇ ئىمانىي پىداكارلىقنىڭ ھاياجانلىق كەيپىياتىدا ئورنىدىن تۇرغان ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ «قاراڭلار! مانا بۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ”ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن ئىسلام ھەسسىلەپ تەرەققى قىلغان“ دەيتتى. مانا بۇ ئەبۇ ئۇبەيدەگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ”ئەمىنۇل ئۈممە“ (يەنى ئۈممەتنىڭ ئامانەتدارى) دېگەن نامنى بەرگەن ئىدى. كېلىڭلار بىز ھەممىمىز مۇشۇ ئىككەيلەننىڭ بىرىگە بەيئەت قىلايلى!» دەپ خىتاب قىلدى.

بۇ خىتاب ھەققانىيەتنى ئەڭ دەسلەپ قوبۇل قىلىپ، ئىسلام ئۈچۈن ئاجايىپ كاتتا تۆھپىلەرنى قوشقان زاتنىڭ ئەمدىلىكتە يەنىلا ھەممىدىن ئىلگىرى ئەڭ كاتتا قۇربانلىقنى بېرىپ، ئۆز تۆھپىسىنىڭ ھەققىدىن ۋاز كەچمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ خىتاب ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر ئىككەيلەندىن بىرىنىڭ ئۆز جان پىدالىقلىرى بەدىلىگە خەلىپىلىك شەرىپىنى قولىغا ئېلىشى ئۈچۈن ئەڭ شانلىق پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلىپىلىك ئۈچۈن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش بىلەنلا دەرھال ئورنىدىن تۇرغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلىپ «ئىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولدىشى! سىلى تۇرغان يەردە بۇنىڭغا باشقا كىممۇ ھەقدار بولالىسۇن؟» دېيىشى بىلەن تەڭ ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۇپ ئارىسىدىن يۈگۈركەنچە ئېتىلىپ چىقىپ، «توختىسىلا! مەن ئالدى بىلەن بەيئەت قىلىۋالاي، مەن ئالدى بىلەن بەيئەت قىلىۋالاي!» دەپ ئالدىراش توۋلاپ كېتىشلىرى پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى...لازىقىيەنى فەتھى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىسلام قوشۇنىنىڭ باش قۇماندانى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىم ئىمپىراتۇرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك قوشۇن بىلەن مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. مۇسۇلمانلار قوشىنىمۇ ئۇلارغا قارشى ھەركەتكە ئۆتۈش ئالدىدا تۇراتتى. ئەمما ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خېلى كۆپ ساندا ئايال، بالا ـ چاقىلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى قايسى بېخەتەر ئورۇنغا جايلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭغا مەلۇم بىرەيلەن: «لازىقىيەدە قالدۇرۇپ كېتەيلى!» دېگەن پىكىرنى بەردى. ئەمما ئىككىنچى بىرەيلەن بۇ پىكىرگە قارشى چىقىپ: «ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، بۇ خىرىستىيانلارنىڭ شەھىرىگە ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، قانداقمۇ خاتىرجەم ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولسۇن؟» دېدى. ھەممەيلەن چۇڭقۇر ئويغا پېتىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بېخەتەر ساقلىنىشى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى خىرىستىيانلاردىن بېكارلىتىشتىن ئىبارەت ئۈچۈنچى يوللا قالغان ئىدى. ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايىتى تۈز، ئاددىلىلا قىلىپ بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ـ قانداقمۇ بۇنداق قىلغىلى بولسۇن؟ قوشۇن ئىچىدىن بىر ئەسكەر ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ھالدا ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پىكرىگە قارشىلىق بىلدۇرۇشكە باشلىدى. ئۇ: «بىز خىرىستىئانلارغا ئامانلىق ئۈچۈن ۋەدە قىلغان. ئەمدىلىكتە مۇشۇ ئامالسىزلىق تۇپەيلى ئۆز ۋەدىمىزدىن يېنىشىمىز قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟» دېدى. ماھىيەتتە ئاياللارنىڭ خاتىرجەم ساقلىنىش مەسىلىسى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قاتتىق ئامالسىز بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ئامالسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويولغان يوللۇق چارىگە نىسبەتەن ئاددىغىنە بىر ئەسكەر قارشى چىقماقتا ئىدى. ئەمما ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا، بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا نە ئامالسىزلىقنى ئويلاپ ئولتۇرمىدى، نە قارشى چىققۇچىنىڭ ئاددى بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ئولتۇرمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ھېس قىلغىنى «ئۇنىڭ دېگىنى ھەق» دېگەندىنلا ئىبارەت بولدى. شۇڭا بىر مىنۇتنىمۇ تەۋىل قىلىپ يۈرۈشكە زايا قىلماستىن، ئۆزىنىڭ خاتا پىكىر بەرگەنلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە ئەسكەرگە رەھمەت ئېيتتى.

ـ شەكسىزكى، مەن خاتالىشىپتىمەن، بىز بۇ خىرىستىئانلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ۋەدە قىلغان تۇرساق، ئەمدى قانداقمۇ ۋەدىمىزدىن يېنىۋالغۇدەكمىز؟ ھەقىقەتەن مەن خاتالىشىپتىمەن، ھەقىقەتەن خاتالىشىپتىمەن، دېيىشكە باشلىدى...

يەرمۇك ئۇرىشىدا ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوشۇننىڭ باش قۇماندانى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقى قىلماقتا ئىدى. دەل شۇ پەيتتە خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، «ئەگەر سىلى قوشۇننىڭ قۇماندانلىقىنى ماڭا تاپشۇرسىلا ۋە پۈتۈن ئەسكەرلەرگە يارلىق چۈشۈرۇپ، ماڭا قەتئىي ئىتائەت قىلىشىنى جاكارلىسىلا مەن بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىمىزغا ئۈمۈت باغلىيالايمەن» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماھىيەتتە خالىد رەزىيەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەقەتلا ئىسلامنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئۇمۇتۋارلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. ئەمما بۇ ئۈمۈتنىڭ قىممىتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇماندانلىق شەرىپىدىن ۋاز كېچىشىدىن ئىبارەت بولماقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «غەلىبىنىڭ چىرتىيۇژىنى سېزىشتا مەنمۇ ھېچ كىشىدىن قىلىشمايمەنغۇ؟!» دېگەننى قەتئىي ئويلاپ ئولتۇرمىدى. بەلكى سۆزسىزلا ئىسلامنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئۈمۈتنى باغرىغا بېسىپ، قۇماندانلىق شەرىپىنى شۇ ھامان خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىككى قوللاپ سۇنۇپ بەردى. خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قانچىلىك ئىخلاس بىلەن بۇ شەرەپنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق چۇڭقۇر ئىخلاس بىلەن بۇ شەرەپنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئىدى. ئىسلامنىڭ غەلىبىسىگە بولغان بۇ ئىككى قەلبتىكى غەرەزسىز ئىخلاس ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن كۈچتۈڭگۈر رىم قۇشۇنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. ئىككى ئىخلاسمەن قەلبنىڭ بىرلىكتە ئوركەشلىگەن دۇلقۇنلىرى ئالدىدا پولات ساۋۇتلار بىلەن مۇكەممەل قۇراللانغان رىم قوشۇنلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. رىملىقلار جەڭ مەيدانىدا قالدۇرغان يۈز مىڭلارچە جەسەتلىرىنى دەسسەشكىنىچە ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي بەدەر تېكىۋېتىشتى. ئاللاھنىڭ بۇ ئىككى ساداقەتمەن بەندىلىرى چۇڭقۇر سۆيۈنۈش ئىچىدە تەبەسسۇم قىلماقتا ئىدى.

_ خۇزائە قەبىلىسىگە جازا يۈرىشى قىلىش ئۈچۈن ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشقۇرىشىدا ئۈچ يۈز كىشىلىك مۇجاھىدلار ئەترىتى ئەۋىتىلگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئارقىدىن يارىدەمگە ئەۋەتىلگەن قۇشۇنغا ئەبۇ ئۇبەيدە روەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇماندانلىق قىلماقتا ئىدى. يەنە كېلىپ، بۇ قېتىمقى يارىدەمچى قۇشۇن ئىچىدە ”شەيخەين“ يەنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارغا ئوخشاش كاتتا ساھابىلەرنىڭمۇ مەۋجۇت بولغانلىقى ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇماندانلىقىغا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى ئاجايىپ كاتتا شەرەپ ئىدى. ئەمما يارىدەمچى قوشۇن مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ئاللاھ تائالا ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سىناشقا باشلىدى. ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سىلەر ماڭا يارىدەمگە كەلگەن قوشۇن، شۇڭا پۈتۈن قوشۇننىڭ قۇماندانلىقى مېنىڭ قولۇمدا بولىشى لازىم» دەپ تەكىتلىدى. ”ئەمىنۇل ئۈممە“ ھەزرەتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئەلبەتتە سىلى قايسى قوشۇنغا قۇماندان قىلىپ تەيىنلەنگەن بولسىلىرى شۇ قوشۇنغا قۇماندانلىق قىلىۋېرىلا، ئەمما بۇ يارىدەمچى قوشۇن مېنىڭ قۇماندانلىقىمغا تاپشۇرۇلغان، شۇڭا مەنمۇ ئۆز قوشۇنۇمغا قۇماندانلىق قىلىۋېرىمەن» دەپ تەمكىن جاۋاپ بەردى. لېكىن ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي دېگىنىدە چىڭ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرەر كۈتۈلمىگەن ئىختىلاپ چىقىپ قىلىشتىن ئىلگىرىلا ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال خۇشاللىق بىلەن ئۆز مەرتىۋېسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتۈشكە ماقۇل بولدى. ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامنى فەتھى قىلغاندىن كىيىنكى مەزگىللەردە كۈنسىرى قولغا كېلىۋاتقان ئۇرۇش غەلىبىلىرى نەتىجىسىدە مال ـ دۆلەت مۇسۇلمانلار تەرەپكە سەلدەك ئاقماقتا ئىدى. شۇڭا كېيىم ـ  كېچەك ۋە يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى تەبىئىي ھالدا ئۆزلۈكسىز يۈكسىلىپ كېتىشكە باشلىدى. ئەمما شامنىڭ فاتىھى بولغان ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنىلا ئىلگىركىدەك قاتتىق ناننى سۇغا توگۈرۈپ يېيىشنى تاشلىمىغان ئىدى. بەيتۇل مۇقەددەسكە قىلىنغان سەپەردە ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايىتى خۇشپىئىللىك بىلەن ئۇنىڭغا تەكەللۇپسىزلا «بۇرادەر، ئەمدى مېنى مىھمان قىلىدىغانسەن؟» دەپ تەلەپ قويدى. ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇ بىر ھازا جىم تۇرۇپلا قالدى. چۈنكى ئۇ خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قاتتىق ـ قۇرۇق نانلىرىنى بىلەن مېھمان قىلىشتىن بىر ئاز بېئاراملىق ھېس قىلماقتا ئىدى. ئاخىرى گەپ سۆزسىز ئىچكىرىگە كېرىپ كېتىپ قاتتىق ناننى ئېلىپ چىقتى ۋە كەچۈرۈم سورىغان ھالدا، «قىرىندىشىم، مېنىڭ يەيدىغان ئوزۇقۇم مۇشۇ، نان بەك قاتتىق، ئەمما سۇغا چىلىسا يۇمشايدۇ، ھەر كۈنى ئىككى ۋاخ مۇشۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىۋالىمەن» دەپ يەرگە قارىدى. ئۇنىڭ بۇ پەقىرانە ھاياتىغا قارىتا چۈكسىز ئەقىدە، ئىھتىرامى قوزغالغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاجايىپ زۇقلۇنۇش ئىلكىدە ئۇنىڭغا باقماقتا ئىدى.

ـ ئى ئەبۇ ئۇبەيدە! ئۇ چۇڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋالغاندىن كىيىن سۆزنى داۋاملاشتۇردى. «شامغا كېلىپ، ھەممەيلەن ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، لېكىن پەقەت سەنلا ئۆزگەرمەي ئۆز پەدەڭنى ساقلاپ كەپسەن» .پەلەستىننىڭ ئاتاقلىق شەھىرى ئەمۋاسدا ۋابا كېسىلى تارقاپ، ئازغىنە مۇددەت ئىچىدە شام، مىسىر ۋە ئىراقنىمۇ ئۆز قوينىغا ئېلىپ بولغان ئىدى. مىڭلىغان ئىنسانلار كېسەللىك سەۋەبىدىن جان بېرىشكە باشلىدى. دەل ئەنە  شۇنداق قورقۇنچلۇق رايۇننىڭ بىرسىدە ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ پەرۋاسىز ھاياتىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ تەقدىرگە بولغان ئىمانى شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدىكى، خېيىم ـ خەتەرلەرگە ئەمەس، بەلكى خەتەردىن ساقلىنىشقا قارىتا «تەقدىرگە بولغان ئىمانىمغا دەخلى يېتىپ قالارمىكىن» دەپ ئەندىشە قىلاتتى. ئۆمەر فارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن دەرھال تەكشۇرۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى ۋە ناھايىتى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلغان ھالدا ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بۇ جايدىن يىراققىراق كېتىش تەلىپىنى بەردى.

--نېمە؟ سەن تەقدىردىن قاچماقچىمۇ؟ مەردى مۆئمىن ئىمانىي ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي قىيىدىغاندەك جاۋاپ قايتۇردى.

_ نېمە دېگەن يۈكسەك، نېمە دېگەن ئېسىل، پەزىلەتلىك ئىنسان ھە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؟! ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ ھەققىدە دائىم «ئەگەر مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان چاغدا ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاياتلا بولۇپ قالسا، ئۇنى خەلىپىلىككە تەيىنلەيمەن، ھەمدە ئاللاھنىڭ ئالدىغا  ”ئى پەرۋەردىگارىم! پەيغەمبىرىڭ ئۆزى ”ئۈمممەتنىڭ ئامەتدارى“ دەپ نام بەرگەن كىشىگە خەلىپىلىك ئامانىتىڭنى تاپشۇرۇپ كەلدىم“ دەپ خاتىرجەم ئېيتالايمەن» دەيتتى.

_ شۇنداق، بۇ سۆز ھەرقانداق ئىككىنچى بىر كىشىنى خەلىپىلىككە نامزات كۆرسىتىشنى ئويلىغان چاغدىمۇ «ئۇنىڭ جاۋاپكارلىقى مېنىڭ ئۈستۈمدە بولۇپ قالىدۇ» دېگەن قورقۇنۇشتىن پۈتۈن ئەزايى لەرزىگە كېلىپ كېتىدىغان، ھەتتا ئۆز پەرزەنتىنىڭمۇ خەلىپىلىكنىڭ ھەققىنى تۇلۇق ئادا قىلالىشىغا ئىشىنەلمەي، ئۆز ۋەسىيىتىدە «مەندىن كىيىن ئۆزۈڭلار كىمنى خالىساڭلار شۇ كىشىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەڭلار، ئەمما بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۆمەرنىڭ ئائىلىسىدىن ھېچ كىشى خەلىپىلىككە ھەقلىق ئەمەس، مانا مەن بۇ ھەقنى مەڭگۈگە يوقۇتۇپ تاشلىدىم» دەپ خىتاب قىلغان شۇنچە ئىھتىياتچان زاتنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئىدى. ئۇ دائىم «كاشكى ئۆزۈمدىن كىيىن خەلىپىلىككە ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تەيىنلىيەلىگەن بولسام ئىدىم» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. نېمە دېگەن ئامەتلىك، نېمە دېگەن بەختلىك، نېمە دېگەن يۈكسەك ئىنسان ھە، ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؟! ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھنىڭ دىنىنى يۇقىرى كۆتىرىش يولىدىلا سەرپ قىلدى. ئۆزى ئىسلام قوشۇنىنىڭ باش قۇماندانى بولسىمۇ ھەر قېتىم يەرگە دەسسىگەندە ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەنمەنلىكتىن قورقۇپ شۇنچە ئىھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ دەسسەيتتى. شامنى فەتىھ قىلغان ئۇلۇغ تۆھپىكار زات ئىدى، يۇ! غەلىبە ـ ئۇتۇقلارنىڭ مەھلىيالىق ئىززەت ـ ئىكرام، تۆر، زەرلىرىدىن قېچىپ، قاتتىق ناننى سۇغا تۆگۈرۈپ يەپ، ئاللاھنىڭ جەننەتتىن ئىبارەت ۋەدىسى بىلەنلا ھوزۇرلىناتتى. ئۇنىڭ شۇنچە ئاددى، ئەمما ئاجايىپ چۇڭقۇر مەنىلىك ئەشۇ شاتلىقى مەڭگۈلۈك بەختىيارلىقنىڭ ئىزتىراپلىق ئىنتىزارلىقلىرى ئۈچۈن دۇنيانىڭ جېدىغۇسىز ئازاپلىرىغا دائىم كۆكرىكىنى يالىڭاچ تۇتاتتى. ئۇنىڭ ئىغىر سىناق باسقۇچلىرىنى غەلىبىلىك تاماملىغان پۈتۈن دەرت ـ ئەلەم، ئارزۇ ـ ئارمانلىرى تارىخ سەھىپىسىدە قېلىپ قالدى. ئەمما قىلغان كۆرەشلىرىنىڭ سەمەرىلىرى ئىنشائاللاھ، ئەبىدى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغۇسى، ئەبەدىي بىرگە بولغۇسى!

ئەمما بىزچۇ؟ بىز، ياپراق چىقىرىپ مېۋە بەرمەيدىغان، ئېتى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق، شۇنداقتىمۇ «مەنلا ئالىم باشقىلار مەڭگۈ تالىبىم بولسا، مەنلا ھاكىم باشقىسى مەھكۇمۇم بولسا» دەپ شېرىن چۈش كۆرۈشتىن باشقا غايىمىز بولمايدىغان، ساختا نۇپۇز، ساختا ئىمتىيازلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئاخىرەت قوياشىمىزنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىغا پەرۋا قىلماستىن تۆت كۈنلۈك دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئاي شولىسىغا مەھلىيا بولۇپ يۈرىيدىغان، بىر كۈنى تۇيۇخسىز قەبىر قاراڭغۇلىقىدا كۆز ئاچىدىغانلىقىمىزنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەي، پەقەتلا دۇنيانىڭ راھەت ـ پاراغىتى تۆر، مەنسەپلىرىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان. ئىشنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆزدە تۇتماستىن، پەقەت نام، ئاتىقىنى، چاۋاك ئالقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەلەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئىززەت مەرتىۋىلەرنىڭ پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە، كىمنى خالىسا، خار قىلىپ كىمنى خالىسا، ئەزىز قىلىدىغانلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغان، ئىسسىيادىمىز ئاللاھنىڭ ئىززەت ـ مەرھىمىتىگە ئىرىشىشنى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئىززەت مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش، جەمىيەتتە كىمنىڭ بەكرەك ھۆرمەت تىپىپ، كىمنىڭ يۈكسىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىش، ئۇنى پۇتلاپ، بۇنى يېقىتىپ، تېخى ۋۇجۇدقا چىقمىغان ھەتتا ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا لايىق ھەركەتمۇ قىلمىغان ئىشلارنىڭ تۆھپىسىنى تالىشىپ، ئاتاقتا ئۇلۇغ تۆھپىكار بولىۋىلىشنىڭلا غېمىنى قىلىپ يۈرىيدىغان مۇشرىك ئەبكارلار ئاخىرەتتە زادى قانداق ھالغا قالارمىز؟! ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ھەمراھ بولارمىزمۇ ياكى قەلبىمىزدىكى ساختا شۆھرەتتىن ئىبارەت شەيتانىي مەبۇدىمىز بىلەن بىرگە قوپارمىزمۇ؟  قېنى ۋىجدانىمىزدىن سوراپ باقايلى، بىز شۇنداقتىمۇ يەنىلا تەۋھىدكار مۇسۇلمانمۇ؟

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز