قىسقىچە چۈشەنچە

«مۆجىزە ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدە،ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنى يېتەرلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئوتتۇرغا چىقارغانلىقى، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئۇنىڭ ۋە بۇرۇنقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان بىردىنبىر جانلىق مۆجىزە ــ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

                                 مۆجىزە ھەققىدە چۈشەنچە  

 

       مۆجىزە سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن ــ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرىنى ئىجاد قىلىشتىن ئاجىز قالدۇرغۇچى بىردىنبىر خارىقى ئادەت ئىش دېمەكتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، مىسىردىكى پرامىدا، جۇڭگودىكى سەددىچىن سېپىلى، ھىندىستاندىكى تاج مەھەل ۋە بۇلاردىن باشقا بۇرۇنقىلار ياسىغان بولسىمۇ، كېيىنكىلەرنىڭ نەزىرىدە پەۋقۇلئاددە سانىلىدىغان سىرلىق ئىشلار زامانىمىز ئىنسانلىرى ئۈچۈن مۆجىزە بولۇپ قالغان.

       ئەمما مۆجىزىنىڭ ئىستېمالدىكى مەنىسى ــ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا ئىسپاتلاپ بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن دەلىل، ئىسپات ۋە پاكىت دېمەكتۇر.

      ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنى يېتەرلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتكەن. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوتتا كۆيمەس مۆجىزىسىنى بەرگەنلىكى، بابىل پادىشاھى نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چوڭ بىر ئوت دۆۋىسىگە ئاتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەھشەتلىك ئوت ئىچىگە تاشلانغان بولسىمۇ، نە ئۇنىڭ بەدىنى، نە تېرىسى ئوتتا كۆيمىگەنلىكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قولى چىراقتەك يانىدىغان، ھاسىسى ئەجدىرھاغا ئايلىنىدىغان مۆجىزىلەرنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، ئاق كېسەلنى ساقايتىدىغان، تۇغما كورنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان مۆجىزىلەرنى بەرگەنلىكى قۇرئان ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ  كۆپلىگەن  مۆجىزىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋە بۇرۇنقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان  بىردىنبىر جانلىق مۆجىزە ــ قۇرئاندۇر.

    پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئوخشىمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، مۆجىزىلەر ئەزەلدىن ھەر بىر دەۋرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ شارائىتىغا قاراپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان نەرسىنىڭ جىنسىدىن بولۇپ، ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالاھىدە پەرقلىق ئۈستۈنلىكى بىلەن كەلگەن. مانا بۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزە ئاتا قىلىشتىكى پرېنسىپىدۇر. مەسىلەن: پىرئەۋننىڭ زامانىدا  سېھىرگەرلىك ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقتىن، ئاللاھ شۇ زاماننىڭ تەقەززاسىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن سېھىرلەرنى بەربات قىلىپ، سېھىرگەرلەرنى مات قىلىدىغان مۆجىزە ئاتا قىلغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى تىببىي جەھەتتە زور ئاشقان بىر دەۋر بولغانلىقتىن، ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇستا دوختۇرلىرىمۇ ساقايتالمىغان ئاق كېسەلنى، تۇغما كورنى ساقايتىدىغان  ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدىغان مۆجىزىنى ئاتا قىلغان.

    ئەمما ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئەرەبلەردە ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانىدى. ئەرەبلەر چوڭ ـ كىچىك ھەممىسى بىردەك شېئىر خۇمار خەلق ئېدى. ئۇلار ھەر يىلى مەلۇم بىر كۈننى بەلگىلەپ ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررىمە شەھىرىدىكى  «ئوكاز» بازىرى پۈتۈن ئەدىبلەر ۋە شائىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئاستىدا شېئىر ماھارىتى كۆرسىتەتتى. «ئوكاز» ئەينى زاماندا شائىرلارنىڭ شېئىر سورۇنىغا ئايلانغانىدى. ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەتكە بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى: بىر تەرەپتىن، ئۇلار قۇملۇق سەھرالار ۋە يايلاقلاردا ھايات كەچۈرىدىغان خەلق بولغاچقا، تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مەنزىرىلىرى ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا ۋە غەزەللەرنى ئېيتىشقا ئۈندەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەبلەردە ئومۇمىي بىرلىك بولماستىن، ئۇلار قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ھەر بىر قەبىلە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى شېئىر ۋە غەزەللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ پەخىرلىنىش ۋە شېئىر بىلەن رەقىبلىرىنى سۆكۈش، ھەتتا بۇ سەۋەبتىن بىر ـ بىرىگە قارشى چوڭ ئۇرۇشلارنى باشلىتىش قاتارلىق مۇددىئالار بىلەن ئۆمۈر سۈرەتتى. شۇڭا ئۇلار بالاغەتلىك، بەدىئىي شېئىرلارغا ۋە تالانتلىق شائىرلارغا زور ئېھتىياجلىق ئېدى. قىسقىسى، ئۇلار شېئىر بىلەن كۆتۈرىلەتتى ، يەنە شېئىر بىلەن چۈشەتتى. بەزى بەدىئىي شېئىرلىرىنى كەبىكە ئېسىش بىلەن پەخىرلىنەتتى. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن پۈتۈن ئىقلىملارنى يورۇتقان، بالاغەت، پاساھەت جەھەتتىكى بەدىئىيلىكتە ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھالدا، ئاللاھ تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى «ئەرەب ــ تىلى راۋان» باشقا مىللەتلەرنى «ئەجەم ــ تىلسىز» دەپ مەغرۇرلانغان ئاتاغلىق ئەدىبلىرى بىلەن تالانتلىق شائىرلىرىنى سەھنىدىن چۈشۈردى. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئالدىدا خۇددى چۈش ۋاقتىدا قۇياشقا تىكىلىپ قارىغان كىشىنىڭ كۆزى خىرەلىشىپ قالغىنىدەك، ئەقىللىرى خىرەلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ بارچە ماھارەتلىرىنى يوقاتقان ھالدا گاڭگىراپ قالدى.   

    قۇرئان كەرىمنىڭ   مۆجىزىلىرىدىن

    قۇرئان كەرىمنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىشتىكى سېھرى كۈچىگە قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ھېچكىم ئىنكار قىلالىغان ئەمەس. بۇلۇپمۇ قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋاقىتتىكى ئەرەبلەر ئەرەب تىلىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبلىرىغا پەۋقۇلئاددە ماھىر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىئىيلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىمنى بىرەر قېتىم ئاڭلىغان ئادەم ئۇنىڭ ئاللاھ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى سېزەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئەرەب كۇففارلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ئۆز تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاشتىن توساتتى. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ( يەنى، كاپىرلار) «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرىۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ. [فۇسسىلەت سۈرىسى 26ـ ئايەت]. كۇففار ئەرەبلەر قۇرئان كەرىمنىڭ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بىرەر ئۇسلۇب بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا خاس ئىلاھىي ئۇسلۇب بىلەن كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۆزلىرىنىڭ ئاتاغلىق ئەدىب ۋە تالانتلىق شائىرلىرىنى ئىشقا سېلىپمۇ قۇرئان سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىرەر سۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قۇرئانغا تاقابىل تۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار تەۋەلىرىگە چوڭ يىغىن چاقىرىپ، يىغىندا ھەممە بىردەك قۇرئان كەرىمنى  سېھىر دېيىشكە ئىتتىپاقلىشىدۇ. قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ مۇشاۋىرى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئاندىن ئىماندىن يۈز ئۆرىدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتتى، بۇ ئاللاھ سۆزى ئەمەس، پەقەت ئۈگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر دېدى». [مۇددەسىر سۈرىسى 23 ـ 25 ـ ئايەتلەر].

   دېمەك، ئۆز ۋاقتىدىكى پۈتۈن ئەرەبلەر قۇرئان كەرىمنىڭ سېھرى كۈچىگە قايىل بولغان. نۇرغۇنلىرى ئۇنى بىر ياكى ئىككى قېتىم ئاڭلاش بىلەن مۇسۇلمان بولغان. ھەتتا مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلىك كۆرسەتكەن ۋە تاش يۈرەك دەپ ئاتالغان ئۆمەر ئىبنى خەتتابمۇ سىڭلىسىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ قالغاندىن كېيىن، كۆڭلى بىردىنلا يۇمشاپ كەتكەن ۋە ھامان ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان. ئەمما ھەقىقەت خۇددى كۈندۈزدىكى قۇياشتەك روشەن كۆرىنىپ تۇرسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلىقى سەۋەبلىك ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ ئاز بولمىغان. ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:  «ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى» [نەمل سۈرىسى 14ـ ئايەت].

     قۇرئاننىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن خەۋەر بېرىشتىكى مۆجىزىسى  

    قۇرئان كەرىم نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بەزىسى زامانىمىزدىكى ئىلىم ـ پەن سايىسىدا تەبىئىي پەن مۇتىخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. تۆۋەندە بۇنىڭغا بىرقانچە مىسال بېرىلىدۇ.

1   ـ شامال ۋە بۇلۇتلارنىڭ قوزغىلىشى

    بۇلۇتلارنىڭ يۆنىلىشى بۇلۇتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان شاماللارنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. تەتقىقاتچى ئالىملار شاماللارنىڭ دېڭىز يۈزىگە كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىنى يوقىرىغا كۆتۈرۈپ بۇلۇت ھاسىل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا شامالنىڭ چاڭ ـ توزانلارنى ۋە بىر قىسىم تۇپراق دانچىلىرىنىمۇ يوقىرىغا كۆتىرىدىغانلىقىنى بايقىدى.  ئۇلار يەنە شاماللار كۆتىرىپ يوقىرىغا ئېلىپ چىققان چاڭ ـ توزان، تۇپراق دانچىلىرى، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقچىلىرى ۋە تۇمان قاتارلىقلارنى دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىغا ئارىلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دانچىلارنىڭ ئەتراپىنى سۇ پارلىرى ئوراپ ئاستا ـ ئاستا چوڭىيىشى نەتىجىسىدە ئېغىر بۇلۇت پارچىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. قۇرئان كەرىم بۇلۇتنىڭ شاماللار ئارقىلىق قوزغىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ شاماللانى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنىچە تارقىتىدۇ». [رۇم سۈرىسى 47 ـ ئايەت]. قۇرئان يەنە، شاماللارنىڭ سۇپارلىرىنى ھەيدەيدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئېغىر بۇلۇت ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن يامغۇر تامچىلىرى چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ:  «بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق. بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر» [ھىجر سۈرىسى 22 ـ ئايەت]. يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە شاماللارنىڭ بۇلۇتنى قوزغاش بىلەن بىرگە ئۇنى كۆتىرىپ ماڭىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.

2  ـ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكى

  كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. تەتقىقاتچىلار زامانىمىزدىكى ئىلم ـ پەننىڭ سايىسىدا ئاسمان جىسىملىرىدىكى قالدۇق تۈتۈن ماددىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن يېڭى پلانېتلارنىڭ تەركىب بولىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەمما قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن قەيت قىلغان.« ئاللاھ ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى». [فۇسسىلەت سۈرىسى 11 ـ ئايەت].

3  ـ ئاي نۇرىنىڭ ئۈچۈرۈلگەنلىكى

   تەتقىقاتچىلار ئاينىڭ ئەسلىدە قۇياشقا ئوخشاش يانىدىغان نۇرلۇق ماددا بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە كېچىدىكى ئاي نۇرىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپتىكى قۇياشنىڭ نۇرىدىن ئەكس ئەتكەن يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلغان:  «كېچە بىلەن كۈندۈزنى(كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان)ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى(يەنى نۇرىنى) كۆتىرىۋەتتۇق». [ئىسرا سۈرىسى 12 ـ ئايەت]. قۇرئان يەنە قۇياشنى يانغۇچى چىراق، ئاينى يورۇقلۇق بەرگۈچى دەپ تەرىپلىگەن:  « ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراق(قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر». [فۇرقان سۈرىسى 61ـ ئايەت]. ئەگەر ئايمۇ قۇياشقا ئوخشاش يانىدىغان جىسىم بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە يېنىپ تۇرىدىغان ئىككى چىراقنى .. دېگەن بولاتتى.

4    ـ ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكى

  كىشىلەر ھازىرقى ئىلىم ـ پەن بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ئوكسېگىننى ھاۋانىڭ يوقىرى قاتلاملىرىدىمۇ بار، دەپ گۇمان قىلىشاتتى. ئايروپىلان ئىجاد قىلىنىپ كىشىلەر ئاسمانغا ئۆرلىگەندىن كېيىن، ھاۋانىڭ يوقىرى قاتلاملىرىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇ جايلاردا نەپەسنىڭ سىقىلىدىغانلىقىنى بىلدى. ئەمما قۇرئان بۇ ھەقىەتنى مۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان: «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ». [ئەنئام سۈرىسى 125ـ ئايەت]. بۇ ئايەتتە، ئىمان ئېيتىش قىيىن كەلگەنلىكتىن كۆكسى تارايغان كىشى ھاۋا بوشلۇقىغا چىققاندا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپىسى سىقىلغان كىشىگە ئوخشىتىلغان. خۇلاسە قىلغاندا بۇ ئايەتتە، ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپەس ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

5    ـ ھەر شەيئىنىڭ جۈپ ئىكەنلىكى

     تەتقىقاتچىلار ناباتاتلارنىڭمۇ جانلىقلارغا ئوخشاش جۈپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: « پۈتۈن شەيئىلەرنى جۇپ ياراتقان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۈپ  ياراتقان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر». [ياسىن سۈرىسى 36 ـ ئايەت].

6    ـ  سېزىمنىڭ تېرىدە ئىكەنلىكى

   تىببىي مۇتىخەسسىسلەر ئاغرىقنى ھېس قىلىش پەقەت تېرىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.  بەدەنگە ئوكۇل سېلىنغاندىمۇ ئوكۇل تېرىدىن گۆشكە ئۆتۈپ بولغىچە ئاغرىق ھېس قىلىنىدۇ. ئەمما ئوكۇل گۆشكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاغرىق ھېس قىلىنمايدۇ. كۆيۈكمۇ شۇنداق. قۇرئان بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۆز ۋاقتىدىلا ئېلان قىلغان: «شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازاپنى تېتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز» [نىسا سۈرىسى 56ـ ئايەت].

7   ـ دېڭىزنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرى

   كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ سۇ ئۈستى دولقۇنلىرىدىن باشقا ئىچكى دولقۇنلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا سۇ ئۈستى دولقونلىرىنىڭ يوقىرىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقنى توسىۋېلىپ، سۇ تېگىدە قاراڭغۇلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ھازىرقى پەن ـ تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بۇنى ئىسپاتلىدى. ئەمما قۇرئان ئەڭ ئاۋۋال بۇنى ئىسپاتلىغان ئىدى: « ياكى ئۇلارنىڭ ياخشى دەپ گۇمان قىلغان ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى(يەنى دېڭىزنى) قاتمۇ قات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ». [نۇر سۈرىسى 40 ـ ئايەت].

 مۇندىن باشقا قۇرئان كەرىم ئالدىن خەۋەر بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر زامانىمىزدا، ئىلىم ـ پەن سايىسىدا ئىسپاتلاندى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ يېقىن كېلىچەكتە ئىسپاتلىنىشىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى ئىلىم ـ پەن تەرەققى قىلغانسېرى قۇرئاننىڭ ۋە ئۇنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي دەلىللەر كۆپەيمەكتە.

 يوقىرىقى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنقى زامانلارنىڭ شارائىتىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئىلمىي كەشپىياتلارنى ئاچىدىغان ئىلىم ـ پەنگە ياكى ھازىرقىدەك زامانىۋىي ئاپپاراتلار ئىگە بولمىغان  بىرسىنىڭ بىلەلىشى مۇمكىنمۇ؟ قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولىشى مۇمكىنمۇ؟! غەيرىي دىندىكى ھازىرقى زامان ھەرساھە ئالىملىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر راستچىل مەيداندا تۇرۇپ قۇرئان كەرىم ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار قۇرئان كەرىم توغرىلىق چۈشەنگەنلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان.

  قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى توغرۇلۇق غەيرىي دىندىكى ئالىملارنىڭ ئېيتقانلىرى  

  قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى توغرۇلۇق غەيرىي دىندىكى ئالىملارنىڭ مەدھىيىلىرىگە ھېچبىر ھاجەت بولمىسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندە غەربلىك بەزى شەرقشۇناسلارنىڭ قۇرئان كەرىم توغرىلىق ئېيتقانلىرىدىن بىر قانچىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتۈشنى خالايمىز.

 1  ـ شەرقشۇناس سېل مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبى تولىمۇ ئېسىل ۋە ئۈستۈندۇركى، ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئۇسلۇبى ۋە تىلاۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان  ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتماي قارشى سەپتە تۇرغان  خىرىستىئانلارنىڭ زېھنىلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالماقتا.

2  ـ فرانسىيىلىك شەرقشۇناس مۇرىس مۇنداق دەيدۇ: قۇرئان ــ ئىلاھىي ھېكمەت ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنداق دۇنياغا كەلتۈرگەن ئەڭ ئەۋزەل كىتابتۇر. ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

3  ـ شەرقشۇناس لېيون مۇنداق دەيدۇ: قۇرئان دۇنياغا كەلگىنىگە 14 ئەسىر ئۆتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئۈستۈنلىكى خۇددى ئۇ دەسلەپ دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتتىكىدەك داۋام قىلماقتا، ئۇنىڭدىكى ھېچ نەرسە ئۆزگەرگىنى يوق.

4   ـ مۇرىس بۇكاي مۇنداق دەپ يازىدۇ:.... يوقىرىقى بايانلار مۇھەممەد قۇرئاننىڭ ئاپتورى دېگۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان خىلمۇ خىل پەرەزلەرنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. خەت تونۇمايدىغان بىر ئادەم قانداقلارچە  ئەدەبىيات ساھەسىدە، پۈتكۈل ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان يازغۇچى بولۇپ قالسۇن؟ ئۇنىڭ پەننى ھەقىقەتلەرنى قىلچىمۇ خاتالاشماستىن شۇنداق توغرا شەرھلەپ بېرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇ دەۋردىكى باشقا ھەرقانداق كىشى مۇشۇنداق قىلالىغانمۇ؟ قۇرئاننى زامانىۋى بىلىملەرگە ئاساسلىنىپ ساپ ئوبىكتىپ قانۇنىيەت بويىچە تەھلىل قىلغىنىمىزدىمۇ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار بىلەن ھازىرقى زامان پەننى بىلىملەرنىڭ شۇنچە بىردەك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ بىزنى شۇنداق تونۇشقا ئىگە قىلىدۇكى، مۇھەممەد ياشىغان دەۋردىكى بىلىم ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يېزىپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر مەسىلىگە مۇشۇنداق قارالسا، قۇرئانغا ئىنتايىن ئالاھىدە بىر باھا بەرگىلى بولىدۇ. بەلكى ئادىل پۇزىتسىيە تۇتىدىغان ئىلىم ـ پەن خادىملىرىمۇ پەقەت ماتېرىيالىستىك ئانالىزغىلا تايىنىپ بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىقرار بولماي تۇرالمايدۇ . مۇرىس بۇكاي «ئىنجىل، قۇرئان ۋە پەن» دېگەن كىتابىنىڭ 125 ـ بېتىدىن

5   ـ پ.ت. خۇئىس مۇنداق دەيدۇ: »قۇرئاننى ئادەم قانچە كۆپ ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭدىن زىرىكمەيدۇ. ھەر بىر قېتىم ئۇنى ئوقۇغاندا، دەسلەپ تەمسىزدەك بىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئادەمنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە جەلب قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىب مەزمۇنلار بولۇپ، ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭغا قارىتا ھۈرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەدەبىي مەزمۇنلار، مەقسەتلەر بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدۇ. كەسكىن، ھەيۋەتلىك جايلىرىمۇ ۋە سۈرلۈك جايلىرىمۇ بار. قىسقىسى ئۇنىڭ تەنتەنىلىكىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس ..... شۇڭا دەيمىزكى، بۇ دەستۇر كەلگۈسى دۇنياغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكۈسى. پ.ت. خۇئىسنىڭ «ئىسلامۇللۇغەت» ناملىق ئەسىرى 526ـ بەت .

6  ـ ئاجىس. ج. ئاپېللى مۇنداق دەيدۇ: مەن بارچە ئەقىل ـ پاراسىتىم بىلەن قۇرئاندىكى مول بىلىملەر ۋە خىلمۇ خىل ۋەزىنلەر ئۈستىدە ئىزدەندىم. ئۇنىڭدىكى ۋەھىيلەرنىڭ ئۆز مەزمۇنىدىن باشقا قاپىداش ھەم ۋەزىنلىك ئىبارىلەر جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، قۇرئان ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي بايلىقىدىكى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق ئەدەبىي ئەسەر بولۇشقا تېگىشلىك. خۇددى ئىسلام ئېتىقادچىسى پىكىتخوئېل ئېيتقاندەك، قۇرئان بىر تەڭداشسىز سىمفونىيە، ئۇ كىشىلەرنى يىغلىتىدىغان ھەم پۈتۈنلەي ئۆزىگە تارتىدىغان كۈي ناۋاسىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكىگە بۇرۇنقى تەرجىمىشۇناسلىرىمىز ئاساسەن سەل قارىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئەسلىسىگە سېلىشتۇرغاندا، تەرجىمىنىڭ ئۆلۈك ھەم ئادەتتىكىدەك بولۇپ قالغانلىغا ئانچە ھەيران بولۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.  ئاجىس. ج. ئاپېللى «قۇرئاننىڭ رولى» ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۈزىدىن .

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز