يازغۇچى : ئا.قاراقاش

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە:

www.uighurislam.com

قىسقىچە چۈشەنچە

«بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتقانلىقى، ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە كەشىپىياتلارنى ئېچىش كېرەك ئكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

                     

بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە

 

 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

      «بىدئەت» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ئىجاد»، «ئىختىرا» ۋە «پەيدا قىلىش» دېمەكتۇر. لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىدئەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

       1. ھاياتلىق ئىشلىرىدا يېڭىلىقلارنى ئىختىرا قىلىش بولۇپ، بۇ، ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا كەشىپىياتلاردۇر. بۇ خىل بىدئەت يەنى ئىختىرا دىنىمىزدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردۇر.

        2. دىنى مەسىلىلەردە يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇ خىل بىدئەت قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى دىنىمىزنىڭ ئىبادەت، ئېتىقاد ۋە باشقىلارنىڭ  پۈتۈن نىزام ـ سىستېمىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا تاكامۇللىشىپ بولغان. مۇسۇلمانلار شۇ نىزام ۋە سىستېمىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بېرەر شەيئىنى زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش، ياكى باشقىسىنى ئىختىرا قىلىش چەكلەنگەندۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ مۇشۇ دىنىمىزغا بېرەر يېڭىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى).

       مەنئى قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ تۈرلىرى:

       1. ئىتىقاد جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، بۇ ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان جەھمىييە، رافىزە، خاۋارىج ۋە بەزى شىئەلەرنىڭ ئېتىقادلىرىدۇر.

      2. ئەمەل ـ ئىبادەت جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلماسلىق ياكى يېڭى ئىبادەت شەكىللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش. بۇلار تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:

      (1) مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ ئەسلى بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن شەرىئەتتىن دەلىلسىز ھالدا ئىبادەت شەكىللىرىنى بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن:  پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش نامىزى ۋە باشقىلار قاتارلىق شەرىئەتتىن دەلىلى بولمىغان نامازلار.

       (2) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە بىر نەرسە زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش. مەسىلەن: رامىزان رۇزىسىغا شەك كۈنىنى قوشۇۋالغانغا ئوخشاش.

      (3) ئىبادەتلەرنى بۇيرۇلغان قائىدە ـ سىستېما بويىچە ئادا قىلماستىن، يېڭى قائىدە تەرتىپلەرنى پەيدا قىلىۋېلىش. مەسىلەن: ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەركىدۇنيا بولىۋېلىش، تەسبىھ بىلەن ساناشنى زىكىرنىڭ قائېدىسى ياكى شەرتى قىلىۋېلىش.

      (4) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزلىگىدىن ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: بارات كېچىسىنىلا كېچە نامىزىغا مەخسۇسس قىلىۋېلىش. چۈنكى كېچە نامىزى مەخسۇس بىر كېچە ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن ئىبادەت بولماستىن، بەلكى يىلنىڭ قايسى كېچىلىرىدە بولمىسۇن ئوقۇسا بولىدىغان نەفلە ئىبادەتلەردىندۇر. شۇڭا ئۇنى بارات كېچىسىگىلا مەخسۇس قىلىۋېلىش بىدئەت سانىلىدۇ. يۈقىرىقى بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. ئۇنىڭدىن بېرەرنى سادىر قىلغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىندا پەيدا قىلىۋېلىنغان ھەرقانداق يېڭى ئىش بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

 (5) ئىسلام دىنىدا خاس مۇئەييەنلەشتۇرۇلمىگەن، ھېيت-بايرام ۋە يېغىلىشلار. مەسىلەن: يىڭى يىلنى تەبرىكلەش، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، رەبىيئەل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن توپلنىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشگە ئۆخشىغان ئىشلارنىڭ دىندا ھېچقانداق ئاساسى يوق بىدئەت ئىشلاردىن.

      مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان  دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتتى. ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە كەشىپىياتلارنى ئېچىش كېرەك ئېدى. ئىسلام دىنى ھېچقاچان تەرەققىياتنىڭ قارشىسىدا ئەمەس، بەلكى تەرەققى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە رىغبەتلەندۇرىدۇ. دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى مانا بۇ.

ئاللاھتەئالا ھەممىمىزنى تۈغرا يولغا يىتەكلىسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز