قىسقىچە چۈشەنچە

«ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى» بۇ ماقالىدا ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىملىقى. بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدىغانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقى جانلىق مىساللار بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىلگەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى

 

 

ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا تۇتقان پۇزىتسىيىدە مەيلى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ياكى كېيىنكى بولسۇن بارلىق تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرىپى شۇكى، ئوقۇم ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئاياللارغا ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپ ئاساسىدا مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە ئايالغا ئايالچە، ئەرگە ئەرچە كۆز بىلەن قارىغانلىقىدا بولسا كىرەك.

ئىسلام ئەرلەرگە ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن تەرتىپ، مۇئەييەن كۆرسەتمىلەرنى بەرگەندە، ئايالغىمۇ ئوخشاشلا ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئەرلەر بىلەن ئوخشاش دەپ قارىدى. ئىنسانلارنىڭ ھەق ۋە ھۆرمىتى، ئېھتىياجىنىڭ مۇئەييەن ئورتاقلىققا ئىگە بولغانلىق سەۋەبىدىن،ئىنسانپەرلىك بابىنىڭ بارلىق تۈزۈم ۋە كۆرسەتمىلىرىدە ئەرلەر بىلەن باراۋەر دەپ قارىدى.

ئەمما، ئىسلام ئاياللارغا ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ئېتىبارغا ئېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ ئاياللىقىغا ماس ھالدا تەرتىپ، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىگەن چاغدا، ئەرلەرگىمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى بەلگىلىدى.

جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش تەقسىم قىلىش پىرىنسىپلىرى ۋە تەبىئىتىگە ئويغۇن ھالدا، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئىنسان تىپىغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلەپ بەردى. بۇ خىل پەرقلىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئىستىخىك تەلىۋى ئەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق ھۆكۈملەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. دەرۋەقە، ئىسلام دىنى ئاياللارغا خاس ھۆكۈملەر ۋە ئەرلەرگە خاس ھۆكۈملەرنى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەرلىك ۋە ئاياللىك خۇسۇسىيەتلەرنى توغرا مۆلچەرلەش ئارقىلىق، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى ماس ھالدا، ئېنىق بەلگىلەپ بەردى.

ئەمما، ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلىقىنى بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان تۈزۈملەردە، ئىسلام تەلىماتلىرىغا كۆرە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، چۈنكى، ئۇلار ئوخشاش ئىنسانلاردۇر.

پەقەت ئىسلام دىنىلا ئاياللارغا ئىنسانچە كۆز بىلەن قاراپ، ئۇنى ئەرلەر بىلەن يوقىرىدا ئېيتقاندەك، ئىنسانلارنىڭ ئىنسانى ئالاقىلىرىنى بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەردە ئوخشاش ھۆقۇققا ئىگە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، دەپ قارىدى. لېكىن، باشقا ھازارەت ۋە مەدەنىيەتلەر ھەتتاكى كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ يۈكسەك ئۇرۇنغا قويۇلدى دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ياۋرۇپا ئەللىرىمۇ ئاياللارغا پەقەت ھۇزۇر ۋە ھالاۋەت تەبىرى ماھىيىتىدىكى ئاياللىق سۈپىتى بىلەن قاراشتىن خالىي بولالمىدى.

ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا تۇتقان مەدەنىيەت پۇزىتسىيىسى، شۇ جەمئىيەتنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا تۇتىدىغان مەيدانى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ئاياللارنىڭ قانچىلىك رول ئوينىيالىغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.

ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە چىن ئىشەنگەن بىر جەمئىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە ئەرلەر يانداش ھالدا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ ماڭىدۇ ۋە نادىر ئۆلگىلەرنى يارىتىدۇ.

ئەكسىچە، ئاياللارغا ئىنسان سۈپىتى بىلەن ئەمەس، ئاياللىق خۇسۇسىيىتى بىلەنلا قارايدىغان جەمئىيەتتە, ئاياللار تۆۋەن تەبىقە سانىلىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق رولىدىن مەھرۇم قىلىنىپلا قالماستىن، ئۇلار ھەرخىل رەڭلەر بىلەن بويىلىپ، ئەرلەرنىڭ ھۇزۇر ۋە ھالاۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قەدىرسىز قونچاققا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇنىڭغا  ئىسلام ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرما قىلغان ھالدا ئەڭ جانلىق ئوبراز ئىزدىسەك، ئەلۋەتتە، ئاياللارنىڭ رولى ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ياراتقان ئىش- ئىزلىرى شۇ خىل جەمئىيەت تايانغان مەدەنىيەت ئوقۇمى ۋە پرىنسىپلىرىنىڭ تەبىئىتى بىلەن تولىمۇ ماس  شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز؛ ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيتى ئەڭ جانلىق تەرۇزدە ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىش- ئىزلىرى بو پرىنسىپقا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان بولسا، غەيرى ئىسلامىي جەمئىيەتلەردە پەقەت ئايال دەپ ئىپادە قىلىنىپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇلارنى ھۇزۇر- ھالاۋەتنىڭ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان ماددى مەپكۇرىسىگە ئايلاندۇرىۋالدى.

قەھرىمان مۇسۇلمان ئاياللار

گەرچە، فىزىلوگىيىلىك ۋە پىسخىلوگىيلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان مەسئۇلىيەتلەر پەرقلىق بولسىمۇ، مۇسۇلمان ئاياللار قەھرىمانلارچە ئىش- ئىزلارنى يارىتىشتا، ئىسلام بەرگەن يۈكسەك ئورۇندىن قالسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق روھىغا بەكرەك ئىشەندى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ئىنسان دېگەن تۇنىشىغا بەكرەك تاياندى.

ئىسلام كىلىشتىن ئىلگىرى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئاياللار ، ئىسلام بىلەن ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتى بار، ئەقىدىگە، ساماۋىي رىسالىگە ئىگە يېڭى بىر توپلۇمغا ئايلاندى. تارىخقا نۇرغۇن شىرىن ئەسلىمىلەرنى ھەدىيە قىلدى. غەرب ئەللىرىدە ئىسلامغا يۈزلىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسنىىڭ ئايال كىشى بولىشىمۇ، ئىسلامنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئىلتىپاتىنىڭ زورلىغىنىڭ سەمىمىي ئىسپاتى بولۇشقا يېتەرلىك.

ئىسلام تارىخىدا ئەرلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرى دەۋەت ۋە جىھاد ساھەسىدە خاتىرلەنگەن بولسا، ئاياللارنىڭمۇ ئىش- ئىزلىرى ئوخشاش ساھە بويىچە داۋاملاشتى. بۇ خۇسۇستىمۇ ئاياللار ئۆزلىرىنى پەقەت ئايال دەپلا ئەمەس، بەلكى، مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئىنسان دېگەن تونۇشتا ياشىغان بولدى.

ئىلمىي ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا ئوينىغان روللىرىنى خاتىرلەپ چىقىش تېخىمۇ قېيىن. ھەۋۋا ئانىمىزدىن باشلانغان بۇ مۇساپە ئاسىيە، ھاجەر ۋە بۇۋى مەريەملەردىن ئۆتۈپ، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئەسما بىنت ئەبۇ بەكىر مىسالى ساناقسىز ئانىلار تارىخ بەتلىرىدە نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. خۇسۇسەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاياللار

دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاياللار يوقىرىدا زىكىرى كەچكەن، ئاتىلىرى، ئەرلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ پىداكارلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن قەھرىمان ئانىلىرىمىزنىڭ قىزلىرى. شۇلارنىڭ قىزلىرى بولغان بۈگۈنكى خۇتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۆتكەن شۇ تارىختىكى قايتىلىيالمايدىغانغا قانداق تۇسالغۇلار بار؟!

ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىدىن يىراقلىشىپ، ھەرخىل ئازغۇن ئېقىم ۋە قاراشلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەپ يوق.

ھازىرقى ئاياللىرىمىز يوقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئازغۇن پىرقىلەرگە ئەگىشىپ، ئاياللىق ئوبرازىغا داغ تەككۈزدى ۋە ھاياتتىكى ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈردى. ئەگەشكەن ئېقىملىرى، تايانغان ئىدىلوگىيىسى ساغلام بولمىغاچ ھەرقانچە تىرىشسىمۇ مۇستەقىل ئىنسانلىق سالاھىيىتى شەكىللەندۈرەلمىدى. بۇ بۈگۈنكى دۇنيا چىركىنلىكىنىڭ نىگىزلىك سەۋەپلىرىدىن بىرى.

بۈگۈنكى مۇسۇلمان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىسلام كۆرسەتكەن بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق بوي سۇنۇپ، ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ساھەلەر بويىچە ھاياتتا ئۆزىنىڭ يوللىرىنى يېرىپ مېڭىشىغا نىمە توسقۇنلۇق بار؟! ئاياللارنى تانسىخانا چىراقلىرى ئاستىدا لەرزان ئۇسۇلغا سېلىپ ئۈگىنىپ كەلگەن ئەرلەرنىڭ غەزىۋىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق.

يالىڭاچلىق ئىلىم- پەن ئۈگىنىشنىڭ شەرتىمۇ؟ دىننىڭ كۆرسەتمىسى، مىللەتنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن تېنىش مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچىمىمۇ؟ ياق، مىڭ قېتىملاپ ياق دەيمىزكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىلىم بىلەن، مەدەنىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىم.

بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدۇ. بۇنى بىلىپ قېلىش يېڭى باشلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغۇسى.

                             

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز