قىسقىچە چۈشەنچە

«تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات ئاللاھ دەپ بىلىش قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ بىخلىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە قىسىملىرى

 

     تەۋھىدنىڭ سۆز مەنىسى " شەيئىلەرنى بىر دەپ تونۇش ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلىش" دېگەن بولىدۇ.

     ئەمما، ئىستىلاھ مەنىسى : ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر، سۆز ياكى  ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات دەپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئاساسىي  پرىنسىپلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى بىخلىنىپ چىقىدۇ.

     تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى:

    1ـ تەۋھىد جەننەتكە كىرىش ۋە دۇزاختىن قوتۇلىشنىڭ بىردىن بىر سەۋەپچىسى؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىسا: " ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە  سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھ غا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھ غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھ دىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملار غا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى)بولمايدۇ " دېدى" سەھى مۇسلىمدىكى بىر ھەدسىتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: " كىمىكى ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى كەلتۈرمەي، ئۇنىڭ بىلەن مۇلاقات بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ.كىمىكى ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۇرسە دۇزاخقا كىرىدۇ"   يەنە ئەتباندىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە " ئاللاھنىڭ دىدارىنى ئارزۇ قىلىپ، (لا ئىلاھە ئىللەللاھ ) دېسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دۇزاخنى ھارام قىلدى" دېيىلىدۇ

    2ـ تەۋھىد ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىدىكى ئاساسلىق شەرت؛ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر)لەرگە: "ئەگەر سەن ئاللاھ غا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھ غا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن" دەپ ۋەھى قىلىندى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  (ئى مۇھەممەد‍! ) ئېيتقىنكى،" مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھيى قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (يەنى ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ تەستەرى مۇنداق دەيدۇ: (ئىمان دېمەك، سۆز ، ئەمەل، نىيەت ۋە سۈننەت دېمەكتۇر. ئەگەر ئەمەلسىز سۆزلا بولسا ، ئۇ كۇپرىدۇر، ئەگەر سۆزمۇ، ئەمەلمۇ بولۇپ، نىيەت بولمىسا، ئۇ نىفاقتۇر، ئەگەر سۆزمۇ، نىيەتمۇ، ئەمەلمۇ بولۇپ، سۈننەت بولمىسا، ئۇ بىدئەتتۇر)

      3 ـ تەۋھىد خاتالىقلار ۋە يامانلىقلارنى ئۈچۈرۈپ تاشلايدۇ؛ ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئىي ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن زېمىن ھەجمىدە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ماڭا شېرىك كەلتۈرمەي دەرگاھىمغا كەلسەڭ، سېنىڭ قېشىڭغا زېمىن ھەجمىدەك مەغپىرەت بىلەن كىلىمەن"

تەۋھىدنىڭ قىسىملىرى: تەۋھىد تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ:

      1ـ تەۋھىد روبۇبييە بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانى بەندىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى، رىزقلاندۇرغۇچىسى، تىرىلدۈرگۈچىسى ۋە جېنىنى ئالغۇچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ياكى ئۇ ئاللاھ تائالانى بارلىق ئىشلىرىدا يىگانە دەپ بىلىش. مەسىلەن: ئاللاھ ياراتقۇچى، رىزقلاندۇرغۇچى.. دەپ ئېتىقاد قىلىش.

     تەۋھىدنىڭ بۇ تەرىپىنى ئىلگىرىكى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار (خىرىستىيانلار)ۋە مەجۇسى قاتارلىق ئازغۇن پىرقىلەرمۇ ئېتىراپ قىلغان. دېمەك تەۋھىد رۇبۇبىييەنى قەدىمكى دەھرى كاپىرلاردىن باشقىلار ئىنكار قىلغان ئەمەس.

         شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، دۇنيادا ھېچقاندا بىر نەرسە ياكى بىر ھەركەت ئۇنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگۈچىسىدۇر ھەرگىزمۇ مەۋجۇد بولمايدۇ. بۇ مەنتىقىگە ئاساسەن، ئىنساننىڭ يارىتىلىشدىن تارتىپ تاكى كائىناتتىكى ئەڭ كىچىك زەررىچىلەرگە قەدەر، ھېچقانداق بىر شەيئىي ئۆزلىگىدىن مەيدانغا كىلىپ قالمايدۇ. دەرۋەقە، بارلىق شەيئىلەرنى ئاللاھ ياراتقاندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ خالق ( ياراتقۇچى ) زات ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەر ساماندەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟" ،ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ]ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)

         مۇشرىكلارنىڭ تەۋھىد رۇبۇبىييەنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا دائېر دەلىللەر:

        ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]ئەگەر سەن ئۇلاردىن: "ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم خەلق ئەتتى؟" دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم "ئاللاھ " دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى، "جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ غا خاستۇر!" بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: (ئى مۇھەممەد!مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، "سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىيا ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى، تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟" ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): "ئاللاھ" دەيدۇ. ئېيتقىنكى، "(ئاللاھ دىن غەيرىيگە  چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟* (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھ دۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرى نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ [يەنە مۇنداق دەيدۇ: ]ئەگەر سەن ئۇلاردىن: "ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى" دەپ سورىساڭ، ئۇلار: "ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (اللە) ياراتتى" دەيدۇ[

        ئەسكەرتىش:  تەۋھىدۇل ئۇلۇھييەگە ئىمان كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئىنسان تەۋھىد رۇبۇبىييە بىلەنلا ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدۇ.

       2ـ تەۋھىدۇل ئۇلۇھييە ( ئىبادەت تەۋھىدى دەپمۇ ئاتىلىدۇ): تەۋھىدنىڭ بۇ قىسمى ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە شېرىكسىز ۋە ئىبادەت قىلىشقا بىردىن بىر لايىق زات دەپ تونۇش ۋە ئېتىقاد قىلىش.  بارلىق پەيغەمبەرلەر بۇ خىل تەۋھىد بىلەن ئەۋەتىلگەن. قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلغاندەكلا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بورۇنقى قەۋملەر تەستىقلاپ كەلگەن تەۋھىد رۇبۇبىييەنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەۋھىد ئۇلۇھىييەگە چاقىرىش ئۈچۈن ئىبەرتىلگەن. ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالام ھەققىدە خەۋەر بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: ] شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: "مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن*بىر ئاللاھ دىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن" دېدى [ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: پىرئەۋن ئېيتتى: "ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟"*مۇسا ئېيتتى: "ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار" قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق كىلىدۇ:"ئىي ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلارئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.

      ئىبادەت دېگەن نېمە؟

      ئىبادەتنىڭ سۆز مەنىسى " بوي سۇنۇش، ئىتائەت قىلىش" دېگەن بولىدۇ. ئىبادەتنىڭ شەرئىي مەنىسىنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق ئىزاھلايدۇ: "ئىبادەت ـ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئاشكارا ـ يۇشۇرۇن بارلىق ئەمەل، سۆز، ھەرىكەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ." ئىبادەت تۈۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:ناماز،تاۋاپ، ھەج، رۇزا، نەزىر، ئېتىكاف، قۇربانلىق قىلىش، سەجدە قىلىش، رۇكۇ قىلىش، قورقۇش، تەۋەككۇل قىلىش، ئۈمىد قىلىش...

    3ـتەۋھىدى ئەسمائ ۋە سىفات: تەۋھىدنىڭ بۇ قىسمى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى ئاللاھ تائالا ئۆز كىتابىدا سابىت قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدا بايان قىلىنغان ئاساس بويىچە ئۆزگەرتمەي،بىر نەرسىگە ئوخشاتماي، مۇئەييەن ھالەتتە تەسۋىرلىمەي..ئۆزىگە خاس ئىسم ـ سۈپەتلەرگە يىگانە زات دەپ ئېتىقاد قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ:

   1ـ قائىدە: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىمـ سۈپەتلىرىنى مۇكەممەل دەپ تونۇش؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اللە بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، اللە غالىبتۇر.

  2ـ قائىدە:ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرى توراقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەت؛ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، "پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھ نىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھ غا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى.

  3 ـ قائىدە: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ياكى سۈپەتلىرىنى بىر نەرسىگە ئوخشىتىش بىلەن ئىسپاتلاش جائىز ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ھېچ شەيئى ئاللاھ غا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ  ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان ياكى ھەدىستە كەلگەن ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىشمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىك ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى بورمىلاش ۋە ئاللاھ تائالانى ئۆزىنىڭ مەخلۇقلىرىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەڭداشسىز زات ئىكەنلىكىنى يالغانغا چىقىرىش دېگەنلىك بولىدۇ.

 4 ـ قائىدە: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنىڭ مەنالىرى ئېنىق، كەيپىياتى مەجھۇل بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

 5  ـ قائىدە: ئىككى ئىسىمنىڭ بىر خىل ئاتىلىشى ئۇنىڭ ئاتالغۇچىلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بەزى ئىسىملىرى بەندىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىسىملىرىغا ئوخشايدۇ، بەزى سۈپەتلىرى بىلەن بەندىلىرىمۇ سۈپەتلىنىدۇ، مەسىلەن ، كۆرۈش، ئاڭلاش دېگەنگە ئوخشاش. ئەمكۆرىشىگە مۇتلەق ئوخشىمايدۇ ما، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرۈشى، ئاڭلىشى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىلىك جالالىتىگە خاس بولۇپ، بەندىلەرنىڭ ئاڭلاش، .

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز