قىسقىچە چۈشەنچە

پەزىلەتلىك جەمئىيەت قەدىمدە كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ياشاپ كەلگەن شىرىن خىيال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغۋار نىشان سانىلىپ كەلدى. ھەركىم پەزىلەتلىك بۇ جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدا ياشاشنى تىلەيدىغان بولغان ئىدى. كۆڭۈل راھەتلىنىدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەتنى كىممۇ ئارمان قىلمىسۇن؟!

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

پەيلاسوپلار ئارمان قىلغان پەزىلەتلىك جەمئىيەت

 


 

پەزىلەتلىك جەمئىيەت قەدىمدە كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ياشاپ كەلگەن شىرىن خىيال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغۋار نىشان سانىلىپ كەلدى. ھەركىم پەزىلەتلىك بۇ جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدا ياشاشنى تىلەيدىغان بولغان ئىدى. كۆڭۈل راھەتلىنىدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەتنى كىممۇ ئارمان قىلمىسۇن؟! لېكىن رېئاللىق شۇكى، پەيلاسوپلار ئارمان قىلغان پەزىلەتلىك جەمئىيەت خىيالدىن ئىبارەت بىر نەرسىدۇ. ئۇ خۇددى شېرىن چۈشكە ئوخشايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ پەيلاسوپلار بۇ جەمئىيەتنى ئۈمىد قىلغان.

ئەمما ئىنسان پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى نەدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇبدان ئويلاپ كۆرىدىغان بولسا، پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى تېپىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىنسانلار پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقالايدۇ ۋە ئۇنىڭدا ياشىيالايدۇ. ئەمما ئۇ پەيلاسوپلار سۈپەتلىگەندەك ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان بىر جەمئىيەتتۇر. بۇ جەمئىيەتتىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئىسلامىي ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرىدۇ. ئارىلىرىدا ئىسلام پرىنسىپلىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئۇ راستىنلا پەزىلەتلىك جەمئىيەتتۇر. چۈنكى ئۇنىڭدىكى كىشىلەر ھاياتقا توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى بىر مىنۇتمۇ ئەسلىرىدىن چىقارمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە توغرىلىقى ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئىش - ھەرىكەتلىرىدە، مۇئامىلاتلىرىدا، يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. باشقىلارنى سۆيۈش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، كىشىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىش، موھتاجلارغا ياردەم قىلىش، كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، چوڭلار كىچىكلەرنى ئاسراش، خاتالاشقانلارغا سىلىق نەسىھەت قىلىپ يولغا كىرگۈزۈش، ئۆزى ئۈچۈن ياقتۇرغاننى باشقىلارغىمۇ تىلەش، ئالدامچىلىقتىن، يالغانچىلىقتىن يېراق تۇرۇش، ھېچكىمگە ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ساقلىماسلىق،پاكىز ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئېسىل پرىنسىپلارنى ھەممىسى ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان جەمئىيەتتە بار.

سىز مۇشۇنداق ئېسىل يىر جەمئىيەتنى تاپسىڭىز ئۇنى پەزىلەتلىك جەمئىيەت دېمەمسىز؟ ئىسلام دىنى كىشىلەرنى شۇنداق بىر جەمئىيەتتە ياشىتىشنى خالايدۇ. بۇ جەمئىيەت پەيلاسوپلارنىڭ خىيالى جەننىتى ئەمەس. ئەمەس بەلكى ھەقىقەتتۇر. بۇنى تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرۇپ چىققان، ساھابىلىرى بىلەن بىللە بۇ جەمئىيەتتە ياشىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ شۇنداق پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاپ:« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»دېگەن.

چۈنكى نەپسنى گۈزەل ئەخلاقلارغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. پەزىلەتلىك ئىسلامىي جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار ۋەتىنىنى، دىنىنى ۋە خەلقىنى قوغدايدۇ. بىر- بىرىنى سۆيىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى باشقىلاردىن ئايىمايدۇ. ئۆزىنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ غېمىنى يەيدۇ. ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىدا ۋە باشقا بارلىق مۇئامىلىلاردا راستچىل بولىدۇ. ھەممىگە رەھىم - شەپقەتلىك بولىدۇ.

پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چېقىشتا ئىبادەتلەرنىڭ ئۇلى:

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىدۇ. ئىبادەتلەر شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:  ھەقىقىي ناماز كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. كىشىلەر ناماز سايىسىدا يامان، رەزىل ئىشلار يېراق بولۇپ، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئېسىل ئەخلاقلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

زاكات نەپسنى بېخىللىقنىڭ كىرلىرىدىن تازىلاپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشى ئالاقە باغلاشنى، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ لەززەتلىرىدىن ۋاز كېچىشنى، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىشنى ئۆگىتىدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەي دېگەن ئادەم قولىدا بېرىدىغان ھېچ نەرسىسى بولمىسىمۇ تەبەسسۇمدىن ئىبارەت بۇ سەدىقىنى كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىگە ئىزھار قىلىشى ئارقىلىقمۇ ماددىي سەدىقە ۋە ياردەم بەرگەننىڭ ساۋابىنى تاپالايدۇ. دېمەك، ئىش نەپسنى بېخىللىقتىن پاكلاشقا باغلىق. نەپسى پاك بولغانلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ۋە تولىمۇ ئاساندۇر.

روزا مۇسۇلمان ئادەمنى سەبىرچانلىققا ۋە ئېسىل پەزىلەتكە كۆندۈرىدىغان ئىبادەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «روزا دېگەن يېمەك - ئىچمەكتىن توسۇلۇش ئەمەس، بەلكى يامان سۆز ۋە يامان ئىشتىن توسۇلۇشتۇر. سېنى بىرى تىللىسا” مەن روزىدارمەن“دېگىن». مانابۇ روزىنىڭ ئىنساننىڭ ئەخلاقىدا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇنى تەربىيىلىگەنلىكىدۇر. بۇ مەنىنى ھەجدىمۇ ئۇچرىتىمىز. «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد - راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد - راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 197- ئايەت).

ئەخلاق نەپلى ئىبادەتلەردىن مۇھىمدۇر:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنى ئەخلاقسىزلىق بىلەن تۇرۇپ قىلغان كۆپ ئىبادەتلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تۇرىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن. ھەدىس كىتابلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ روزا تۇتىدىغان، كۆپ ناماز ئوقۇيدىغان ۋە كۆپ سەدىقە - ئېھسان قىلىدىغان، ئەمما كىشىلەرگىمۇ كۆپ ئازار بېرىدىغان بىر ئايال توغرۇلۇق سورالغىنىدا، «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ»دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇپ، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يامان خۇلقلۇق بولۇشنى چوڭ بىر كەمچىلىك دەپ قارايدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن گۈزەل ئەخلاقتا بولغان كىشى چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى بىلەنمۇ گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى لازىم. ئەگەر شۇنداق بولمىسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى ۋە ياخشىلىقلىرى پايدىسىز ھەرىكەتلەردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەسقاتمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ئەكسىچە، نەپلى ئىبادەتلەرنى ئاز قىلىدىغان، سەدىقىنىمۇ ئىنتايىن ئاز قىلىدىغان، ئەمما خوشنىلىرى بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان بىر ئايال توغرۇلۇق سورالغىنىدا، «ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە يامان مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئەڭ مۇھتاجلىقتا قالىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىغا يېڭى بىر مەنىنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، « مۇھتاج دېگەن كىم؟ ئۇنى بىلەمسىلەر؟»دەپ سورايدۇ. ساھابىلار:« بىزدە پۇلى ياكى نەرسە كېرەكلىرى بولمىغان پېقىر ئادەم ”مۇھتاج“دېيىلىدۇ»دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە تۈزىتىش بېرىپ، قىيامەت كۈنىدىكى مۇھتاجلىقنىڭ قولى قىسقىلىق ياكى پېقىرلىق ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي تەرەپتىن پېقىرلىق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ: « ھەقىقىي مۇھتاج قىيامەت كۈنىدە ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقا پەرزلەرنى ئادا قىلغان ھالدا كەلگەن، ئەمما ئۇنى تىللىغان، بۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان، ئۇنىڭ مېلىنى يىگەن، بۇنىڭ قېنىنى تۆككەن، يەنە بىرىنى ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ ئۇنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلارغا بېرىۋەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭدا ياخشىلىقتىن، ساۋابلىقتىن ھېچ نەرسە قالمىغان، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ زىممىسىغا ئۇ زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئارتىپ شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا تاشلىغان ئادەمدۇر»دەيدۇ.

ئىسلام دىنىدىكى پەزىلەتلىك جەمئىيەتتە ئىسلام پەرزلىرى ئىبادەتلەردىكى ھەرىكەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىستىقامەت بىلەن، گۈزەل ئەخلاق بىلەن، ئۆز ئارا ياخشى مۇئامىلە ۋە توغرا ئىشلار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. شۇڭا « دىن - مۇئامىلىدۇر»دەپ توغرا ئېيتىلغان.

ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن  بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە گۈزەل ئەخلاق ئومۇملىشىپ، ياخشى ئەمەل - ئىبادەتلەر بىلەن بىرلىشىدىغان بولسا، پەزىلەتلىك جەمئىيەتتە ياشىغانلىق شۇدۇر. بۇ جەمئىيەتنىڭ پۇقرالىرى نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئېسىل جەننەتلىرى ۋە كاتتا ئىنئاملىرى كۈتىدۇ.

ئىنسانلار خىيال قىلغان پەزىلەتلىك جەننەت ئەنە شۇنداق ئەخلاق جەمئىيىتىدۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز