قىسقىچە چۈشەنچە

«قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

قۇربانلىقنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ ياش چەكلىمە شەرتلىرى:

قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھۆكۈملىرى بار بولۇپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، فىقھى سېلىشتۇرما دەرسلىك ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلفەتتاھ ئىدرىس ئۇنى سىزگە تۆۋەندە يىغىنچاقلاپ بايان قىلىپ بېرىدۇ:

قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر:

قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار. اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېمىز، ئاختا قىلىۋېتىلگەن، مۈڭگۈزلۈك، يۇڭلىرى ئاقىرىپ كەتكەن چوڭ ئىككى قوشقانى قۇربانلىق قىلدى؛ بىرىنى ياتقۇزۇپ: "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىمەن" دېدى. ئاندىن يەنە بىرىنى ياتقۇزۇپ: "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىدىن سېنىڭ بار ۋە بىرلىكىڭگە، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزگەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىمەن" دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئىنساننىڭ قۇربان ھېيت كۈنىدە قىلغان ئەمەللىرىدىن قان تۆككەن ئەمەلىنى (قىلغان قۇربانلىقىنى) اﷲ ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان مال قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلىرى، يۇڭلىرى، ۋە تۇۋاقلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭ قېنى يەرگەن چۈشۈشتىن بۇرۇن اﷲ بەلگىلىگەن بىر ئورۇنغا چۈشىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرايدۇ."

قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى:

كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار قۇربانلىق قىلىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ماڭا پەرز قىلىنغان، سىلەرگە نەپلە ئىبادەت قىلىنغان ئۈچ ئىش بار. بىرى ۋىتىر نامىزى، يەنە بىرى قۇربانلىق قىلىش، ئۈچىنچىسى، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشتۇر."

ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئونى كىرسە، قۇربانلىق قىلىشنى ئىرادە قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چېچىنى ئالدۇرمىسۇن، تىرنىقىنى ئالمىسۇن" دەپ، قۇربانلىق قىلىشنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق قىلىپ قويغان. پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئەمەس.

قۇربانلىق قىلغۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر:

مالىكى ۋە شافىئى مەزھىبىدىكىلەردىن، شۇنداقلا ھەنبەلى مەزھىبىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چاچ ئالدۇرۇشى ۋە تىرناق ئېلىشىنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۇ ھەدىستىكى چەكلىمىنى مەكرۇھ دەرىجىسىدە دەپ قارىغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان يىپنى ئېشىپ بېرەتتىم، ئاندىن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن شۇ مالغا ئېسىپ قوياتتى، ئاندىن ئۇنى ھەرەمگە ئەۋەتەتتى. ئۇ قۇربانلىق بۇغۇزلانغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا اﷲ ھالال قىلغان ئىشلاردىن ھېچبىرى ھارام بولمايتتى.

مانا بۇ رىۋايەت چاچ ۋە تىرناق ئېلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ اﷲ ھالال قىلغان ئىشلاردىندۇر. (شۇڭا ئۆلىمالار ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ مەكرۇھ دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان).

بىر قۇربانلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ:

قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ نامىدا بىر قوي قۇربانلىق قىلسا كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قوينى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلغان.  قۇربانلىق قىلغۇچى تۆگە ۋە كالىغا ئوخشاش قويدىن چوڭ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

كۆپچىلىك فىقھىشۇناسلارنىڭ قارىشىدا تۆگە ياكى كالىغا مەيلى بىر ئۆي ئەزالىرىدىن بولسۇن ياكى باشقا ـ باشقا ئۆيدىن بولسۇن، يەتتە ئادەم شېرىك بولۇپ قۇربانلىق قىلسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ھۇدەيبىيەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە بىر تۆگىنى يەتتە ئادەمنىڭ نامىدا، يەنە بىر كالىنى يەنە  يەتتە ئادەمنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلغان ئىدۇق".

قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ شەرتلىرى:

ئالتە ئايلىق بولۇپ يەتتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغان قوي، ئىككى يىللىق بولۇپ، ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان كالا، بەش يىللىق بولۇپ، ئالتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان تۆگە قۇربانلىق قىلىشقا يارايدۇ. قۇربانلىقنىڭ سېمىز، چوڭ ۋە چىرايلىق بولۇشى مۇستەھەبتۇر. گۆشىنىڭ تولۇق ۋە ياخشى بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىبلەردىن خالىي بولۇشى ۋاجىپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قارىغۇ ياكى ئاقساق، ياكى ساقىيىش ئۈمىدى بولمىغان كېسەل ياكى ناھايىتى ئورۇق ۋەياكى قۇلىقىنىڭ يا مۈڭگۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چولاق ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "كورلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان قارىغۇ، كېسەللىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئاغرىق، ئاقساقلىقى چىقىپ  تۇرىدىغان توكۇر، قوۋۇرغىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئورۇق ھايۋاندىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ."

ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان كالىنىڭ گۆشى كۆپ بولسا ياكى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەندە گۆشى سىڭىشلىك بولمايدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى يىللىقتىن كىچىك بولسىمۇ، شەرىئەتنىڭ قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلەشتىكى ھېكمىتىگە ئاساسەن دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى قۇربانلىقتىن مەقسەت كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ۋە كەمبەغەلنى گۆش بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.

قۇربانلىقنى بوغۇزلاش ۋاقتى:

قۇربانلىق ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدۇ. چۈنكى بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "كىمكى قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇسا ۋە قۇربانلىق قىلسا، قۇربانلىقى توغرا ئادا بولىدۇ. كىمكى قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بوغۇزلىسا، قۇربانلىقنى قايتا قىلسۇن." يەنە بىر رىۋايەتتە: "بۇ كۈندە قىلىدىغان دەسلەپكى ئىبادىتىمىز نامازدۇر، ئاندىن قۇربانلىق قىلىشتۇر. كىمكى قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىسا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە سويۇپ بەرگەن قوينىڭ گۆشىگە ئوخشايدۇ. قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ" دېيىلگەن. شۇڭا قۇربانلىقىنى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى ئادا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر مالنى قۇربانلىق قىلىشى لازىم.

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقنى بوغۇزلىغان يەرگە ھازىر بولۇشى:

قۇربانلىق قىلغۇچى گەرچە قۇربانلىقنى ئۆزى بوغۇزلىمىسىمۇ، ئۇنى بوغۇزلىغان يەرگە ھازىر بولۇشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقنى بوغۇزلىساڭلار، شۇ جايغا ھازىر بولۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا سىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ." پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقىڭنىڭ قېشىغا ھازىر بولغىن، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا ساڭا مەغپىرەت قىلىنىدۇ."

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ مالنى بوغۇزلىغان چاغدا: "بىسمىللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېيىشى مۇستەھەبتۇر. بۇنىڭغا يەنە مۇنۇلارنى قوشۇپ ئېيتىشى ياخشى دەپ قارىلىدۇ: "ئى اﷲ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈندۇر. ئى اﷲ! بۇنى مەندىن (ياكى پالانىدىن) قوبۇل قىلغىن!" چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قوچقىرىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىپ، ئاندىن ئۇنى ياتقۇزۇپ: "ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەدنىڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ نامىدا قوبۇل قىلغىن!" دېگەنلىكى، ئاندىن بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئى اﷲ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىنىڭ نامىدىندۇر، بىسمىللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېگەنلىكى، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇربانلىق گۆشنى قانداق تارقىتىش:

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىق گۆشتىن ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزۈشى، ئۈچتىن بىرىنى خوشنىلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلىشى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى قۇربانلىق گۆشنى تىلىگۈچىلەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىقىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ئۇ ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزەتتى، ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەل خوشنىلىرىغا يېگۈزەتتى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى سائىللارغا بېرەتتى." ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقنىڭ ئۈچتىن بىرى ساڭا، ئۈچتىن بىرى ئائىلەڭدىكىلەرگە، قالغان ئۈچتىن بىرى مىسكىنلەرگە تېگىشلىكتۇر."

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا ئىش ھەققى ئۈچۈن قۇربانلىق گۆشتىن بېرىشى توغرا ئەمەس. لېكىن ئۇ كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ھەدىيە ئورنىدا بىرئاز گۆش بەرسە ھېچ ۋەقەسى يوق. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ قېشىدا تۇرۇشقا، ئۇنىڭ تېرىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە گۆشلىرىنى پارچىلاشقا، قاسساپقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى ۋە: "قاسساپنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزىمىزنىڭ يېنىدىن بېرىمىز" دېدى.

شۇنداقلا، قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ياكى تېرىسىنى ۋەياكى باشقا نەرسىلىرىنى سېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تېرىسىدىن ۋە باشقا نەرسىلىرىدىن ئۆزى پايدىلانسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

مانا بۇلار، قۇربانلىقنىڭ قىسقىچە ئەھكاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالغا ياش چەكلىمىسى قويۇلۇشىدىكى ھېكمەت كەمبەغەللەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش جىق چىقىدىغان ھايۋان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ يېشى ياش چەكلىمىسىگە يەتمىسىمۇ، گۆشى جىق بولسا، ئۇنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاللاھ يولىدا قىلغان قۇربانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.قۇربان ھېيتىمىزنى خوشال-خورال ئۆتكۈزگىلى نەسىپ ئەيلىسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز