قىسقىچە چۈشەنچە

«نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت» ناملىق بۇ ماقالىدا، نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت

 

 

( ناھايىتى  شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )

 

ئادەتتىكى ئەھۋالدا شەرئى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىش شەرت قىلىنمايدۇ، مۇھىمى مۇتلەق ئىتائەتمەنلىك بىلەن ۋاقتىدا، تولۇق بەجا كەلتۈرۈشتۇر. ئەگەر مۇسۇلمان كىشى مەلۇم ئىبادەتنىڭ ھېكمىتىنى بىلىپ يەتسە، بۇ نۇر ئۈستىگە بۇر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئىززەتلىك  قىلغان ئارىفلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ناماز ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان، مۇنتىزىم ھەركەتلەر ۋە مۇئەييەن ئايەت- دۇئالار بىلەن تەرتپلىك رەۋىشتە، خاس شەكىلدە، كۈندە بەش قېتىم ئادا قىلىدىغان كۈندىلىك ئىبادەت.

ناماز تولىمۇ قەدىم تارىخقا ئىگە ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى نامازنى ئادا قىلىشقا ۋە ئەھلىنى نامازغا بۇيرۇشقا ئەمر قىلىدۇ.ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ناماز ۋە زاكاتنى بۇيرۇغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. لوقمان ھەكىم ئوغلىغا نامازنى ئادا قىلىش ۋە باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالام ئىسرا كېچىسى بەيتۇلمۇقەددەستە پەيغەمبەرلەرگە نامازدا ئىمام بولغان. دېمەك، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردە ناماز ھەر-خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولغان.رەسۇلۇللاھ بەش ۋاقىت ناماز پەرز بولۇشتىن ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى رەكئەتتىن ناماز ئوقۇيتتى. مىئراج كېچىسى نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، تولۇق ۋە ئىسلامى شەكلى پەرز قىلىندى.

ناماز ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى يۈكسەك روھانىي ئالاقە. ئۇ بەندىنى ئاللاھنىڭ رىزاسىغا يېتەكلەپ، ئىنايىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ.

نامازنى ئۆرە بولۇشقا قادىر بولالمىغانلار ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا يېتىپ ئىشارەت بىلەن ئادا قىلسا، پەقەت بولالمىغاندا نامازنىڭ ئەركانلىرىنى دىلىدا جارى ئەتسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ھەم نامازنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ساقىت بولمايدىغانلىقى ئايان بولىدۇ.دەرھەقىقەت، نامازنىڭ جىھاد مەيدانلىرىدىمۇ ساقىت بولمايدىغانلىقى ئۇنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى- ئەمەلىيىتىدىكى مىسلىسىز ئورنىنى تىكلىگەن. قۇرئان كەرىم سۈرە نىسانىڭ 102-ئايىتىدە جەڭ مەيدانىدا نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۇسۇلى تەپسىلى بايان قىلىنغان بولسا، مۆتەبەر پىقھى كىتاپلىرىدا جەڭ مەزگىلىدىكى ئالاھىدە شارائىتتا نامازنى قانداق ئادا قىلىش ئۇسۇلى«قوغلاش ياكى قېچىش ھالىتىدىكى كىشىنىڭ نامىزى» دېگەن ئايرىم سەرلەۋھە ئاستىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:'' ئەگەر جەڭچى دۇشمەننى قوغلاۋاتقان بولسا ياكى دۇشمەننىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلسا ۋەياكى دۇشمەنلەر جەڭچىنىڭ پېيىگە چۈشكەن بولسا، قىبلىگە يۈز كەلتۇرەلمەسلىكتىن قەتئى نەزەر، دۇشمەن قاچقان تەرەپكە ياكى بىخەتەر جايغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئىشارە بىلەن نامازنى قولاي رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ.بۇ شەرىئەتتە ئەيىپلەنمەيدىغان بارلىق قېچىش ھالەتلىرىدىكى كىشىگە، شۇنداقلا رۇكۇ، سەجدە قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، مال-مۇلكىگە دۈشمەن ياكى يىرىتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن زىيان يېتىش خەۋپىدىكى كىشىگىمۇ تەدبىقلىنىدۇ"(سەييىد سابىقنىڭ پىقھى سۈننە دىگەن كىتابىنىڭ 1-جىلد 336-بەتتىن ئىلىندى).

ناماز باشقا ھەر قانداق ئىبادەتتىن كۆپ يۇقىرى تۇرىدۇ.رەسۇلۇللاھتىن: " قايسى ئەمەل ئەۋزەل؟" دەپ سورالغاندا، پەيغەمبىرىمىز:"ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىنغان ناماز" دەپ جاۋاپ بەرگەن.ناماز ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۇنجىسى.ئاخىرەتتە بەندىنىڭ ئەمەللىرى ئىچىدىن تۇنجى رەت ھېساپ ئېلىنىدىغىنىمۇ ناماز.

نامازنىڭ يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن پەزىلەتلىرى ۋە يۇقىرى ئورنى بولغاچقا، ئۇ باشقا ئىبادەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئالاھىدە شەكىلدە، رەسۇلۇللاھنىڭ جىسمانى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پۈتكۇل كائىناتتىن ھالقىغان، يەتتىنچى ئاسماندىكى سىدرەتۇلمۇنتەھا*دا ئاللاھقا يېقىن تۇرغان مۇبارەك سائەتلىرىدە پەرز قىلىندى.

نامازنىڭ قۇرئان كەرىمدە ئالاھىدە قەيت قىلىنغان ھېكمەتلىرىدىن: ناشايان ئىشلاردىن چەكلىشى،نەپسىنى پاكلاشتۇر. بىر ۋاقىت نامىزى قازا بولسا پەرىشان بولىدىغان، بىر ۋاقىت تاماقتىن قالغاندەك ئېچىرقاش ھېس قىلىدىغان نامازخانلار نامازدىكى ھېكمەتكە يېقىنلاشقانلاردۇر.بەش نامازنىڭ كۈندىلىك بۇيرۇلغان ۋاقىتلىرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا نۇرغۇن ھېكمەتلەر زاھىر بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار شۇ كۈندىكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە خاسىيەتلىك دەقىقىلەردەك تۇيۇلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ شەكسىزدۇر. سىز بامدات نامىزىنى ئادا قىلماقچى بولۇپ تۇرغىنىڭىزدىلا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ياخشى ئىشنى قىلىپ بولغان بولىسىز. بىر كۈنلۈك مەشغۇلىيىتىڭىزگە كىرىشىشتىن بۇرۇن ئادا قىلغان روھى ۋە جىسمانى ئىبادەت قەلبىڭىزنى پاك-پاكىزە يۇيۇپ قويىدۇ. پېشىن، دىگەر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىمۇ ئۆزگىچە قىممەتتە. دېمەك بىر كۈنلۈك پائالىيىتىڭىز ئىبادەتنى مۇقەددىمە ۋە خاتىمە قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن (بىھۇدە) گەپ قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزدە بولۇشى كېرەك.

ئىسلام خەلىپىلىكلىرىنىڭ تېرتورىيىسى كېڭەيگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇسۇلمانلار ئاسترونومىيىنىڭ كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشگە، نامازنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا قىبلىنى توغرا بېكىتىشگە ۋە يىلنىڭ ئوخشىمىغان پەسىل - كۈنلىرىدە بەش نامازنىڭ ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاشقا مۇھتاج بولغان.

نامازنىڭ نامازخانغا بېغىشلايدىغان ئاتالىرى ھېسابسىز...كىشىلىك ھايات ئىنساننى چېنىقتۇرىدىغان، تاۋلايدىغان ئوچاق.ھاياتتا كىشى بەزىدە ئاجايىپ خوشال مىنۇتلار ئىلكىدە ئەللەيلەنسە، بەزىدە دەھشەتلىك، ئازاپلىق دەقىقىلەر قوينىدا تولغىنىدۇ.ناماز ئىنسانغا ھەر قانداق روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاتا قىلىدۇ. نامازخان نامازدا قەلبىدىكى ئەڭ ئالى قۇدرەت ساھىبىغا ساداقىتىنى بېغىشلاش بىلەن، ئۆز ۋۇجۇدىدىن تاشقىرى بارلىق مەۋجۇداتتىن مۇستەقىل بولالايدۇ. شۇڭا نامازخاننىڭ قەلبى غايەت خۇشاللىقنىمۇ، چەكسىز قايغۇنىمۇ ئوخشاشلا سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ.

ناماز ئىنسان بېشىدىن كېچىۋاتقان ھەر بىر زەپەر، تەنتەنە ۋە پېشكەل، مۇسىبەت ئۈچۈن بىردەك ئەسلەتمىدۇر. نامازخانلار ئالدىنقى ئەھۋالدا شۇكرانە نامىزى ئوقۇپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىسە، كېيىنكى ئەھۋالدا ھاجەت نامىزى ئوقۇپ، ئاللاھتىن ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى، مۇسىبىتىنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىسىنى بېرىشنى تىلەيدۇ.قىسقىسى، ئىنسان ناماز ئارقىلىق ئۆز روھىيىتىنىڭ قارشى قۇتۇپلىرى ئارىسىدا بىمالال قاتنىيالايدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلالنى ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇپ: «بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۇرگىنە، بىلال» دەيتتى.

ئاللاھ ئۇلۇغلۇق ئەۋجىدە مەۋجۇت، ئاللاھنىڭ بۇ مەقامىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنسان ناقىسلىق پاتقىقىدا تۇرىدۇ.شۇنداقتىمۇ ئىنسان ناماز ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ۋە چىن، تىلى ۋە دىلى بىلەن باغلىنالايدۇ، مەجۇدىيەتنىڭ مەركىزىگە يۈزلىنىپ خىتابەن سىردىشالايدۇ.

ئاللاھ چەكسىز گۈزەلدۇر، ئىنسان ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ تەلپۈنىدۇ،ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، ئىنسان ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ ۋە قورقىدۇ.بىراق بۇ قورقۇش زەئىپ كىشىنىڭ قۇدرەتلىك زوراۋان ئالدىدىكى تىترىشى ئەمەس، بەلكى ناقىس ئىزدەنگۈچنىڭ كامالەت ئالدىدىكى ھودۇقىشىدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دىگەنىدى:« ناماز مېنىڭ خۇشاللىقىم، ئاللاھنىڭ زىكرى قەلبىمنىڭ مېۋىسى»

"مۇئەييەن روھى پائالىيەت نېرۋا تالالىرى ۋە ھەر قايسى ئورگانىزىملاردا ئاناتومىيىلىك ۋە پونكىسىيىلىك ئۆزگىرىش ياسىشى مۇمكىن.بۇ خىل پىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ئوخشىمىغان شارائىتلاردا، جۈملىدىن ئىبادەتتە روياپقا چىقىدۇ. ناماز مۇئەييەن ھەرىكەلەرنى مېخانىكىلىق رەۋىشتە تەكرارلاش دەپ چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئەقىل ئىدراك قىلالمايدىغان يۈكسەكلىكتە بولۇپ، بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىن ھالقىغان بۈيۈك بىر ئەقىدىگە چۈكۈشتۇر. بۇ خىل پىسخولوگىيىلىك ھالەتكە ئەقىل تەبىر بېرەلمەيدۇ. پەيلاسوپلار، ئالىملار نامازنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق مال-دۇنياغا بېرىلمەيدىغان ئادەتتىكى ئادەم ئاللاھنى گويا قۇياشنىڭ ھارارىتىنى ياكى يېقىن دوستلىرىنىڭ مېھرىبانلىقىنى سەزگەندەكلا تەبىئى، ئوڭايلا ھېس قىلالايدۇ"(ئالىكس كارلنىڭ ناتونۇش ئىنسانىيەت دىگەن ئەسىرىدىن 118-بەت) .

نامازخاننىڭ ھەر بىر ھەركىتى كائىناتتىكى جىمى شەيئىلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەرىكەتلىرى نامازخاننىڭ نامازدىكى ھەرىكەتلىرىدە ئۆز ۋارىيانتىنى تاپىدۇ.

نامازخان قىيامدا تۇرغاندا گويا تاغلاردەك، قارىغايلاردەك مەزمۇت ئۆرە بولىدۇ. يۇلتۇزلار يوشۇرۇنغىنىدەك رۇكۇ قىلىدۇ-دە، يۇلتۇزلار قايتا زاھىر بولغاندەك رۇكۇدىن قىيامغا قايتىپ قەددىنى رۇسلايدۇ. ئاندىن ئۆمۇر بويى سەجدە ھالىتىدىلا ياشايدىغان ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردەك سەجدە قىلىدۇ. سەجدىدىكى ھېكمەت تېخىمۇ چوڭقۇر. ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان كىشى باشقىلارغا ھەر خىل شەكىلدە تازىم قىلىش بىلەن ئۆز تەبىئىتىدىكى ئىلاھقا سېغىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. كىشىدىكى ئىلاھقا سېغىنىش تۇيغۇسى ھامان تۈرلۈك شەكىلدە ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقىنىمىزدا، دۇنيادا سەجدە قىلمايدىغان كىشى بولمايدۇ- يا ياراتقۇچىغا يا يارالغۇچىغا سەجدە قىلىدۇ.كۆرۇۋاتىمىز، ياراتقۇچىغا تازىم قىلىشتىن مەھرۇملار، ئەقەللىيسى تۇرمۇش ھاجەتلىرى كويىدا يارالغۇچىغا تازىم قىلىشقا مەھكۇملاردۇر. ئېنىقكى، ياراتقۇچىغا تازىم قىلىش كىشىگە جاسارەت بېغىشلىسا، يارالغۇچىغا تازىم قىلىش كىشىنى مەھكۇملۇققا يېتەكلەيدۇ.

ئىنسان تەبىئىتىدىكى مۇقەررەر تەلەپ- ئېھتىياجلار مۇناسىپ شەكىل تەمىنلىنمىگەندە، ئۇ تەبىئى ھالدا ناتوغرا شەكىللەردىن چىقىش يولى ئىزدەيدۇ. شۇڭا توغرا يول بىرلا بولسا، خاتا يول مىڭ تۈرلۈك بولىدۇ. ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئازاپ-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىدىغان تۈرلۈك گۇناھ- مەئسىيەتلەر ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئىتىدىكى مۇقەررەرلىككە مۇناسىپ چىقىش يولى بەرمىگەنلىكىدە.

ناماز - ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەر ۋە شەيتانلارنىڭ تېگىشلىك سۈپەتلىرىگە ئىگە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان روھ تەڭشىكى. ئەقىل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىلى بولغىنىدەك، ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان روھىي مۇلاقاتىدىكى بىردەك مۇناجات تىلى. ئاق خالات دوختۇرلارنىڭ ماددى پورمىسى بولسا، ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى پورمىسى. لوگىكا تەپەككۇر گىرامماتىكىسى بولسا، ناماز روھ تەنتەربىيىسىدۇر... ناماز ئىنسان روھىنىڭ تاۋلىنىش جەريانى. نامازخاننىڭ دىل چاستوتىسى كامالەت دولقۇنلىرىغا توغرىلانغان پەيتتە، ئايھاي! ئۇنى بۇ ھەرپلەر ئىپادىلىيەلمەيدۇ. نامازخاننىڭ تىنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئوزۇقلانسا، روھى كەم دىگەندە بەش قىتىم ئوزۇقلىنىدۇ.بەلكىم بۇ ئىنسانغا نىسبەتەن روھىنىڭ ئېھتىياجى تەننىڭ ئېھتىياجىدىن سان-ساپا جەھەتتە يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشارىدۇر.

مەشھۇر پىسخولوگ ۋە پەيلاسوپ ۋىليام جېمىس مۇنداق دىگەن: " ئىنسانلار تا قىيامەتكە قەدەر نامازنى تەرك ئەتمەيدۇ.كەلگۇسىدىكى ئىلىم -پەننىڭ باشقىچە نەتىجە ئىلىپ كېلىش مۇمكىنلىكى بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. ناۋادا ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ھازىر بىزگە نامالۇم بولغان پەۋقۇلاددە شارائىتتا بۇنىڭ ئەكسىچە پەرەز قىلىنسا بۇ باشقا گەپ" ( مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئىسلامدىكى تەپەككۇر ئىنقىلابى ناملىق ئەسىرى 108-بەت).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەش نامازنى مەسچىتتە ئادا قىلىشقا بۇيرۇشى نامازغا تېخىمۇ چوڭ خاسىيەت بېغىشلايدۇ. نامازنىڭ شاراپىتى بىلەن مەسچىتتە ئىجتىمائىي پەرقلەر تامام يوقالغان"جەننەتسىمان جەمئىيەت" يارىتىلغان. تۇرمۇش ئىستەكلىرى كىشىلەرنى تەرەپ-تەرەپكە تاراتسا، مەسچىت ئۇلارنى جەم قىلىپ، ئۆز-ئارا ئارىلاشتۇرىدۇ.دېمەك، ئىسلام دىنى جامائەت شەكلى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى روھىي جەھەتتە يېتەكلەشتە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.جامائەت نامىزى بۇنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. نامازنىڭ بىر قىبلىگە يۈز كەلتۇرۇش شەرتى بىلەن يولغا قويۇلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك روھىنى ئۇرغۇتىدىغان قوزغاتما بولغان.

قۇياش نۇرىنىڭ ھەر بىر گىرادۇس مېرىدىئان سىزىقىغا يوتكىلىشى بىلەن نورمال ئېيتىلغان ئەزاننىڭمۇ بىردەك تۆت مىنۇتتا تاماملىنىشى يار شارىدا ئۇزۇلمەي ئەزان ئاۋازى ياڭراپ، ئىنسانىيەت ئىلكىدىكى ھەر قانداق ۋاقىتنىڭ ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەتتىن خالىي بولمايدىغانلىقىغا ئىشارە قىلسا، ئاتوم يادروسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ئېلېكترونلاردىن تارتىپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانىتا-سەييارىلەرگىچە، ھەتتا سامان يولى سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈملىرىدىكى بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىش يۆلۈنۈشىنىڭ  ھاجىلارنىڭ كەئبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىش يۆلىنىشى بىلەن بىردەك بولىشى ئالەم شارىدىكى ئەقىلنى لال قىلىدىغان مۇنتىزىم سەلتەنەتنىڭ تەسبىھىدىن ھاسىل بولغان سادالار ئۇمۇمىيلىقتىن دېرەكلەيدۇ.  

قۇرئان كەرىمدە ناماز كۆپ قېتم، ئىسلام دىنىنىڭ نامراتلىققا خاتىمە بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولغان زاكات بىلەن بىللە زىكرى قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ماددىيەت بىلەن مەنىۋىيەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان قوش قۇتۇپلۇق خاراكتېرى ئەكس ئېتىدۇ. چوڭ جەھەتتىن ، ناماز روھىي ئىبادەت ۋە شەخسى كامالەت بولسا، زاكات ماددى ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتتۇر. ناماز ئىنسانغا يۈزلەنگەن بولسا، زاكات ئىنسانىيەتكە يۈزلەنگەندۇر.

نامازدا تاھارەت ئېلىش ۋە باشقا ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت مۇئەييەن تۈزۈم، ساقلىق ئېڭى ۋە ئەمىلىيىتى سىڭگەن ئەقلى بۆلەكنىڭ مەۋجۇت بولىشى نامازنى نوقۇل ھالدىكى روھىي پائالىيەت قىلىپ قويمىغان. تاھارەتسىز ئادا قىلىنغان نامازنىڭ مەقبۇل بولمايدىغانلىقىدىن ماس ھالدىكى ماددى(جىسمانى) رىيازەت يانداشمىغان روھىي پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمسىز بولىدىغانلىقىنى كۆرۇۋېلىش مۇمكىن. ناماز خۇشاللىققا مەست بولغۇچىلارنىڭ مۇناجاتگاھى، ئىزتىراپ چەككۇچىلەرنىڭ تەسەللىيگاھى، شەيتانى تۇيغۇ تۇتقۇنلىرىنىڭ نىجاتكارى، تەقۋادارلارنىڭ ۋىسالگاھىدۇر. ۋىسالگاھ (جايناماز) ئۈستىدىكى ئىستىقامىتىڭىزدە زامان-ماكاندىن ھالقىيالايسىز. دۇئاغا قول كۆتۇرگەن دەملەردە يۈرىكىڭىز قولىڭىزغا چىقىپ قالىدۇ. سىزدە سىر قالمايدۇ، چۈنكى سىز ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇردىڭىز...

نىھايەت، بىز بۇ يازمىمىز ئارقىلىق "نامازدىكى ھېكمەتلەر دەل مۇشۇلار شۇ، بىز شۇڭا ناماز ئوقۇيمىز" دېمەكچى ئەمەس. يۇقىرىقىلار بىر ئادەتتىكى نامازخاننىڭ تۇيۇملىرى، خالاس. ئارىمىزدا تېخىمۇ ئىزگۇ ھېس- تۇيغۇلىرىنى قەلىب قەپىزىگە سىغدۇرالمايۋاتقان نامازخانلىرىمىز ئاز بولمىسا كېرەك.

 

-------------------------------------------------------------

*سىدرەتۇلمۇنتەھا: رەسۇلۇللاھ بۇ دەرەخ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: « بۇ دەرەخنىڭ ياپراقلىرىنىڭ چوڭلىقى پىلنىڭ قۇلاقلىرىدەك، مېۋىلىرىنىڭ چوڭلىقى قاپاقلاردەك ئىدى. رەببىمنىڭ بۇيرۇقى چۈشكەندە بۇ دەرەختە ئۆزگىرىش پەيدا بولاتتى. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدىن ھېچبىر ئادەم بۇ دەرەخنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلىيەلمەيدۇ»  مۇھەەممەد سالىھ داموللام تەرجىمىسىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ناملىق ئەسەر 107-بەت.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز