قىسقىچە چۈشەنچە

تەقۋادارلىق بولسا مۆمىنلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ ئالى مەقاملاردىندۇر. تەقۋادارلىق ئىنساننى پۇتۇن ئىش-ھەركەتلىرىدە ئاللاھ زىرالىقىنى ھاسىل قىلىشقا ئۇندەيدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

ئىسلامدا تەقۋادارلىق توغرىسىدا

 

 

"تەقۋا" ئەرەپچە سۆز بولۇپ، خاس مەنىسىدە " خۇداگۈيلۇق" مەنىسىنى، كەڭ دائىرىدە " ئۆزىنى پاك ساقلاش، ئاللاھتىن قورقۇش، ھەزەر ئەيلەش، زىيانلىق ۋە قاباھەتلىك دىنىمىزدا چەكلەنلەنگەن نەرسىلەرنى يىراق تۇرۇش" دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شەرىئەتتىكى ئىستېمال مەنىسىدە " ئاللاھقا تائەت-ئىبادەتتە بولۇش، ئاللاھنىڭ ئەمرى-پەرمانىغا بويسۇنۇش، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ۋە ھېسابىدىن قورقۇش" دىگەنلىكتىن ئىبارەت.

تەقۋا سۆزى قۇرئان كەرىمدە جەمئىي 258قېتىم زىكىر قىلىنغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ 70 ئايەتنى بەندىلەرگە ئەمرى-پەرمان شەكلىدە نازىل قىلغان. خۇددى قۇرئان كەرىمدە دېيىلگەندەك: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» تەۋبە سۈرىسى 119-ئايەت.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇتتەقىيلەر(يەنى تەقۋادارلار) نىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشىغا رىغبەتلەندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار (تەقۋادارلار) غەيىبكە ئىشىنىدۇ،نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىر بەرگەن مال-مۈلۈكتىن(ئاللاھ يولىغا) سەرىپ قىلىدۇ، ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاپقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ» بەقەرە سۈرىسى 3-4-ئايەتلەر.

يەقۋادار مۇسۇلمان ھەمىشە ھۇزۇر قەلب بىلەن ئاللاھنىڭ ئەزەمىتى ۋە پەزلى- كەرىمىگە كۆپ ھەمدىلەرنى ئېيتىدۇ، ئۆزلىرىنى چوڭ-كىچىك گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

تەقۋادارلىق، يەنى ئىسلامى پەزىلەت، ئىجابىي ئەمەللەر ۋە تائەت- ئىبادەتلەر بىلەن ئۆز مەنىسىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلىق توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: « سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ، بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا(يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاپلارغا) ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە، ( يەنى پۇل-مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش،زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار ( يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) ئىماندا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر» بەقەرە سۈرىسى 177-ئايەت.

تەقۋادارلار ئىسلامدا زور مەرتىبىگە ئىگە بولغاچقا، جانابى ئاللاھنىڭ ئادەم ئەۋلاتلىرىغا قىلغان تۇنجى نەسىھىتى تەقۋادار بولۇش ئۇستىدە بولغان: « ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۇردۇق،تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر» ئەئراپ سۈرىسى 26-ئايەت.

جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىلگىرى ساماۋى كىتاپ بېرىلگەن ئۈممەتلارگە تەقۋادارلىقنى ئەمرى قىلغان:« سىلەردىن ئىلگىرى كىتاپ بېرىلگەنلەرگە(يەنى يەھۇدىيلار ۋە نەسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق» نىسا سۈرىسى 131-ئايەت.

يەنە بىر ئەيەتتە:« راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا( ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش،(دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر،ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر» يۇنۇس سۈرىسى 62-63-ئايەتلەر. قۇرئان كەرىمدە بەندىلەر ئىچىدىكى ئەڭ تەقۋادار بولغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغانلار دېگەن ئېتىبار بىلەن يۈكسەلدۈرۈلگەن: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر( يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)» ھۇجۇرات سۈرىسى 13-ئايەت.

قۇرئاندا جەننەت تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن: « ياخشى ئىش قىلغۈچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر، تەقۋدارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل!» نەھل سۈرىسى 30-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: « بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ» مەريەم سۈرىسى 63-ئايەت.

قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلىق يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىپ كەلگەن:

1.خۇسۇمەتچىلەرگە ئادىل بولۇش جەھەتتە: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەپ بولمىسۇن، (دۇشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ ( يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولىشىڭلا) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» مائىدە سۈرىسى 8-ئايەت.

2. كىشىلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە: « ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇ-قات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھدىن قورقۇڭلار» ئال ئىمران سۈرىسى 130-ئايەت.

3. ھالال بىلەن ھارام توغرىسىدا: « ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلىكى(ئى تىڭشىغۈچى) سېنى ئەجەپلەندۇرسىمۇ ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھدىن قورقۇڭلار» مائىدە سۈرىسى 100-ئايەت.

ئاللاھقا تەقۋادار بولغان مۆمىن مۇسۇلمان ناھايىتى كۆپ مۇكاپاتلارغا ۋە ساۋاپلارغا مۇشەررەپ بولالايدۇ.

مەسىلەن:

1- ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش شاراپىتىگە مۇشەررەپ بولالايدۇ:« ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش  قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» نەھل سۈرىسى 128-ئايەت.

2- ئاللاھ دوست تۇتقان بەندىلەر قاتارىدىن بولالايدۇ: « ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» ئال ئىمران سۈرىسى 76-ئايەت.

3- ئاللاھنىڭ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ: « مۇسا ئۆز قەۋمىگە : ئاللاھدىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ( ئاللاھ ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ دېدى» ئەئراپ سۈرىسى 128-ئايەت.

4- ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھېدايىتىگە ئېرىشەلەيدۇ: « ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر (ئاخىرەتتە پىلسىراتتا) ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» ھەدىد سۈرىسى 28-ئايەت.

ئومۇمەن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە تەقۋادارلىق ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسى ئۈستىدە نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر زىكىر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت دۇنياۋىي مۇئامىلىلەردە ھەر ۋاقىت تەقۋادارلىقنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشلىرىنى چاقىرىق قىلىدۇ؛« ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەن ۋاپات بولۇڭلار» ئال ئىمران سۈرىسى 102-ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرامىي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسى بىلەن يۇقىرىدىكى بايان قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن. « سەن نەدىلا بولمىغىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن» . ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمەت بىلەن يورۇتسۇن ۋە توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز