دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار

قىسقىچە چۈشەنچە

«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار

أحكام مهمة في الدين بطريقة السؤال والجواب

المؤلف: محمد يوسف

 كېرىش سۆز

        بارچە مەدھىيە ۋە گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

ئىنسان روھى دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش – ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز – ئىپادىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ. ئىپپەت – ھايالىق، گۈزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام – غەيرەتلىك، سەۋرى – تاقەتلىك، تىرىشچان، سەمىمىي – ساداقەتلىك، كەمتەر، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر – بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە، ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالسا گۈزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئايلىنىپ ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مۇنداقلار ئىش – ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، جېدەلخور .... قاتارلىق يامان يوللارغا كىرىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. مۇسۇلمانلاردا بولسا، گۈزەل ئەخلاق ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھىي مەشئەلدۇر.

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: «يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن. قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.»

دېمەك، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىلدى. ئەستە قالدۇرۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن سوئال ۋە جاۋابلىق قىلىپ، چوڭ – كىچىك، دىنىي مەلۇماتى بار ياكى يوق ھەممە كىشى ئۈچۈن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام، قىسقا قىلىپ تەييارلاندى.

كىتابنى يېزىشتا ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىسلىرىگە، ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلاندىم.

كىتابتا بايان قىلىنغانلار يېمەك - ئىچمەكلەردىكى ھالال - ھاراملارنى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشى چەكلەنگەن گۇناھ – مەسىيەتلەرنى ۋە ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ناچار قىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتابنى «ئىسلام دىنىدىكى ھالال- ھارام، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلار» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردۈم.

بۇ ئىشىمنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولۇپ، قوبۇل قىلىنىشىنى رەببىمدىن تىلەيمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ پېقىرنىمۇ دۇئالىرىدا ياد ئېتىپ قويۇشىنى سورايمەن.

ئاخىرىدا، بۇ كىتابنى كۆرۈپ چىقىپ، قىممەتلىك پىكرىنى بەرگەن ۋە بەزى ماۋزۇلارنى كىرگۈزۈشىمنى تەۋسىيە قىلغان ساۋاقدىشىم – ئەزھەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھقا، بۇ كىتابنىڭ يورۇق كۆرۈشى ئۈچۈن ماددىي ياردەمدە بولغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

مۇھەممەد يۈسۈپ

2008- يىلى 23- نويابىر


 ھالال – ھارام ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

1. سوئال: ھالال دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ھالال — ئۆزى پاك، تەن ساقلىققا زىيىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى رۇخسەت قىلغان نەرسە دېمەكتۇر. مەسىلەن: پاك ۋە تەن ساقلىققا زىيىنى يوق يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانغا، ھالال كەسىپ بىلەن يوللۇق ھالدا تىرىكچىلىك قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، يوللۇق ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىش، ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش چەكلەنمەيدۇ، شۇنداق قىلغان ئادەم ساۋاب تاپىدۇ.

2. سوئال: ھارام دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ھارام — پاك ئەمەسلىكى ۋە تەن ساقلىققا زىيانلىقلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى چەكلىگەن نەرسە دېمەكتۇر. مەسىلەن: چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشاش پاسكىنا ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغانغا، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، ھارامنى ئىستېمال قىلىش، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا تۇتقانلىق ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.

3. سوئال: ھالال بىلەن ھارامنى بىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

جاۋاب: ھالال بىلەن ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىش، نېمىلەرنىڭ ھالال ۋە نېمىلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقى تولۇقلانمايدۇ. چۈنكى ھالال – ھارام بەندىنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىبادەت ۋە دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. سوئال: ھالال - ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىماسلىقنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھارامنى ھالال ئورنىدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەدىنىنى ھارام بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان ھەر قانداق ئادەم دوزاخقا ئەڭ ھەقلىقتۇر». ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (بەقەرە سۈرىسى 172 - ئايەت).

بۇ ھارامنى ھالال ئورنىدا قوللىنىشنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىدۇر. بۇ دۇنيادىكى جازاسىمۇ ئېغىر بولۇپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەر، ئاچارچىلىقلار، يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى، بەرىكەتنىڭ يوقىلىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.

5. سوئال: قانداق قىلغاندا ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىدە ھارام دېيىلگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلاردىن چەكلىنىش، شۇنداقلا ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بىلىنمىگەن - شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ھالالمۇ، ھاراممۇ ئېنىق ئايرىلدى. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بولمىغان) نەرسىلەر بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا، ھارامدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

6. سوئال: يېمەك - ئىچمەكلەردە ھالال – ھارامنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام دىنىدا يېمەك – ئىچمەكلەر ھالال ۋە ھارام دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۆزى پاكىز، تەبىئىتى پاك، تەمى، پۇرىقى نورمال، ئىنسان تەبىئىتىگە ياقىدىغان، ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن پايدىلىق، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى بار، تەن ساقلىقىغا زىيىنى بولمايدىغان، ئىسلامدا چەكلەنمىگەن ھەر قانداق يېمەك – ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش ھالال، ئەكسىچە، ئۆزى پاسكىنا، تەبىئىتى پاك ئەمەس، ئادەمگە بىئاراملىق ئېلىپ كېلىدىغان، تەن ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، مەست قىلىدىغان، ئەقىلنى بۇلغايدىغان، ئىسلامدا چەكلەنگەن ھەر قانداق يېمەك – ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر.

7. سوئال: ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟

جاۋاب: ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىنتايىن كۆپ پايدىلىرى بار.

(1) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى يورۇق، تېنى ساق، ئەقلى ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك ۋە ھوشيار بولىدۇ.

(2) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كۈچ – قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ قالمايدۇ.

(3) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولىدۇ ۋە دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ ۋە دۇئالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ھارام يېيىشتۇر.

(4) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ.

8. سوئال: مال بوغۇزلاشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئەدەپلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: مال بوغۇزلىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:

(1) مال بوغۇزلىغۇچىنىڭ ئەقىل – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن، مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي ياكى خرىستىئان) بولۇشى شەرت. ئەركىشى بولمىغاندا، ئايال كىشى بوغۇزلىسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمان بولمىغاندا، يەھۇدىي ياكى خرىستىئان دىنىدىكى بىرى بوغۇزلىسىمۇ بولىدۇ. بىراق ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان دىنسىزنىڭ ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكنىڭ بوغۇزلىغان مېلى يېيىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بوغۇزلىغان مال مۇسۇلمانغا ھارام بولىدۇ.

(2) بوغۇزلايدىغان مالنى سىيلاپ، سىيپاپ، ئاستىراق يىقىتىپ، پۇتلىرىنى مەھكەم باغلاش، مالنى باغلىغاندا ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى پۇتى ئارىسىغا ئارقا سول پۇتىنى كىرىشتۈرۈپ باغلاپ، ئارقا ئوڭ پۇتىنى بوش قويۇش كېرەك. چۈنكى ھايۋان جان تالاشقاندا، ئۇ بوش قالغان پۇتى بىلەن قاتتىق تېپىدۇ. قاتتىق سىلكىنىشتىن تومۇرلىرىدىكى قان پاكىز ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ.

(3) مالنى قىبلىگە قارىتىپ، ئىتتىك پىچاق بىلەن «بىسمىللا، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ مالنىڭ گېلىدىن بوغۇزلاش قىينىماسلىققا ئەھمىيەت بېرىش.

(4) مالنى ئۇرۇش، سۆرەش، قاتتىق يىقىتىش ۋە گال پىچاق بىلەن بوغۇزلاشتىن ساقلىنىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «كىمكى قۇشقاچتەك كىچىك قۇشنى بوغۇزلاشتىمۇ رەھىمدىللىكىنى كۆرسەتسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

(5) قېچىپ تۇرمىغان ھايۋاننى بوغۇزلاش قىيىن بولغاندا، ئۇنىڭ بېرەر ئورگىنىنى قان ئېقىتالايدىغان نەرسە بىلەن يارىلاندۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

(6) كېسەللىكتىن ئەمەس، بەلكى ئېگىزدىن يېقىلغان ياكى بىر- بىرى بىلەن ئۈسۈشكەن ياكى ئۇرۇلغان سەۋەبلىك جان تالىشىۋاتقان ھايۋاننى تېپىچەكلىگىچىلىك كۈچى بار بولسا، ئۇنى بوغۇزلاپ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.

9. سوئال: ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشى نېمە ئۈچۈن يېيىلمەيدۇ؟

جاۋاب: گۆشى يېيىلىدىغان قوي، كالا ۋە ئۆچكىگە ئوخشاش ھايۋانلاردىن قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىنىڭ گۆشىنى يېيىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان چوقۇم بىرەر كېسەللىك ياكى جان ئالغۇچى زەربىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۆلگەن بولىدۇ. مال كېسەللىكتىن ئۆلگەن بولسا، كېسەل مىكروبلىرى ئۇنىڭ تېنىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق گۆشنى يېگەندە گۆشتىكى كېسەل مىكروبلىرى ئادەم بەدىنىگە تارقاپ كېتىدۇ، ھەتتا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ. مال كېسەللىكتىن ئەمەس، تاياق زەربىسى بىلەن ياكى ئېگىزدىن يىقىلغانلىق سەۋەبتىن ئۆلگەن بولسا، قان ئېقىتىلمىغانلىقتىن ئۇنىڭ بەدىنىگە تارقاپ كەتكەن بولىدۇ. مۇنداق گۆشىنى يېگەن ئادەم قاننى يېگەن بولىدۇ. قان پاكىز ئەمەس، قان تەركىبىدىكى ھەر خىل مىكروبلار ۋە باكتېرىيىلەر ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قاننى يېيىش ھارامدۇر.

10. سوئال: بازارلاردىن گۆش سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: بازارلاردىن گۆش سېتىۋالغاندا، ئۇ قانداق مالنىڭ گۆشى؟ بۇ مالنى قانداق قاسساپ سويغان؟ مۇسۇلمان قاسساپ بوغۇزلىغانمۇ – يوق؟ ئالدى بىلەن بۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، قوي، كالا، ئۆچكە، ئات، تۆگە، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھالال ماللاردىن مۇسۇلمان قاسساپ سويغانلىرىنىڭ گۆشىنى ئېلىش، قايسى مالنىڭ ئىكەنلىكى ياكى كىمنىڭ سويغانلىقى بىلىنمىگەن گۆشلەرنى ئالماسلىق لازىم.

11. سوئال: قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: قاچىلانغان گۆش ۋە ھەر قانداق بىر يېمەكلىكنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ «مۇسۇلمانچە» دېگەن ماركىسى بارمۇ – يوق؟ نەدە ئىشلەنگەن؟ مۇسۇلمانلار ئىشلىگەنمۇ ياكى باشقىلارمۇ؟ قوللىنىش ۋاقتى بارمۇ ياكى ئۆتۈپ كەتكەنمۇ؟ بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى پاك ۋە ھالال نەرسىلەرنى يېيىش ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرت، تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈردۇر.

12. سوئال: قايسى دىندىكىلەرنىڭ تاماقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: ئەڭ پاك يېمەكلىك مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەكلىرىدۇر. ھەمىشە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ يېيىش كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ تامىقى ياكى قاچىلانغان گۆش قاتارلىق تەييار يېمەكلىكلىرى تېپىلمىغاندا، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىدىكىلەرنىڭ پاك يېمەكلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر.» (مائىدە سۈرىسى 5 - ئايەت).

13. سوئال: قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەييار يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ئىشلەنگەن تەييار تاماقلارنى، قاچىلانغان گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك. بۇنىڭغا ھەر قانداق مۇسۇلمان ئادەم ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ناۋادا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن تەييار تاماقلار، قاچىلانغان گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەر تېپىلمىغاندا، خرىستىئانلارنىڭ ياكى يەھۇدىيلارنىڭ مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن، ئۈستىگە «مۇسۇلمانچە» ياكى «مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسى بويىچە بوغۇزلاندى» دېگەن خەت ئېنىق يېزىلغان ھەر قانداق تەييار تاماق، قاچىلانغان گۆش ۋە باشقا يېمەكلەرنى سېتىۋېلىپ يېيىشكە بولىدۇ.

ئەمما ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كوممۇنىست دۆلەتلىرىدىن، بۇددىستلارنىڭ يۇرتىدىن كەلگەن گۆش، توخۇ، تەييار تاماق، قاچىلانغان يېمەكلىك قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ يېمەكلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھالال ئەمەس، بەلكى ھارامدۇر!

14. سوئال: ئاشخانىلارغا كىرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ئۆيدە ئېتىپ يېگەن تاماق ئەڭ لەززەتلىك، ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ پايدىلىقتۇر. ئاشخانىلاردىن تاماق يېيىشكە توغرا كەلگەندە، چوقۇم مۇسۇلمان، دىندار كىشىلەر ئاچقان، پاكىز ئاشخانىلارغا كىرىش كېرەك. چۈنكى تاماق ئىنساننىڭ ساقلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى ئىلغاپ پاكىز، ھالال، شەكسىز بولغانلىرىنى يېيىش كېرەك. سەپەر ئۈستىدە بولغاندا ئاشخانىغا كىرىشكە توغرا كەلسە، چوقۇم «مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى» دەپ يېزىلغان، ئىشەنچلىك ئاشخانىلارغا كىرىش كېرەك.

15. سوئال: مۇسۇلمان ئاشخانىسى تېپىلمىغاندا نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: سەپەر ئۈستىدە يول ماڭغاندا ياكى خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەرگە بارغاندا، مۇسۇلمان ئاشخانىسى تېپىلمىسا، خرىستىئان ياكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ نانلىرىنى، قاچىلانغان تەييار تاماقلىرىنىلا يېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قازانلىرىدا پىشۇرۇلغان تاماقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ. چوشقا گۆشىنى قورۇغان قازاندا باشقا ھالال گۆشنى قورۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ. ھالال بىلەن ھارامنى ئىلغايدىغان ئادەملەرنىڭ گېلىدىن مۇنداق تاماق ئۆتمەيدۇ. مانا بۇ، مۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە ساپ تەبىئەتنىڭ ئالامىتىدۇر.


 يېمەك – ئىچمەكلەردىن يېيىش ھارام بولىدىغانلىرى

16. سوئال: يېمەك – ئىچمەكلەردىن يېيىش ھارام قىلىنىپ چەكلەنگەنلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: يېمەك – ئىچمەكلەردىن يېيىش ھارام قىلىنىپ چەكلەنگەنلىرى تۆۋەندىكىلەر:

(1) باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش ھارام. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ھەقسىز يول بىلەن يەۋالماڭلار» (نىسا سۈرىسى 29 - ئايەت).

(2) ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام. يەنى گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىز جايدىن يېقىلىپ ئۆلگەن، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر.

(3) قاننىڭ ھەر قاندىقى ھارامدۇر.

(4) چوشقا گۆشى، چوشقىنىڭ قېنى، مېيى، تېرىسى ۋە ھەر قانداق بىر ئورگىنى ھارامدۇر.

(5) ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشى ھارام.

(6) بۇددىستلارنىڭ بۇتلىرىغا، خرىستىئانلارنىڭ چېركاۋلىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا ياكى مازارلارغا ئاتاپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر.

يۇقىرىقى ئالتە ئىشنىڭ ھاراملىقىنىڭ دەلىل – پاكىتى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، يېقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالالدۇر. ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى.» (مائىدە سۈرىسى 3 - ئايەت).

17. سوئال: ئەڭ پاسكىنا ھايۋان قايسى؟

جاۋاب: چوشقا  ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ پاسكىنا ۋە ئەڭ  نىجىس مەخلۇق بولۇپ، ساغلام تەبىئەتلىك ئادەم ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە يىرگىنىدۇ. چوشقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمىكى تېزەك ۋە باشقا پاسكىنىلىقلاردۇر.  دۇنيادا چوشقىدىن باشقا ئۆزىنىڭ تەرىتىنى يەيدىغان ھايۋان بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئۆزىلا چوشقىنىڭ ھەقىقەتەن بەكمۇ پاسكىنا ھايۋان ئىكەنلىكى ۋە چوشقا گۆشىنىڭمۇ خۇددى شۇنداق پاسكىنا نەرسە ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر.

ئىلىم – پەن ئىلگىرىلەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر چوشقا گۆشىنىڭ ھەممە بەلۋاغلاردا، خۇسۇسەن ئىسسىق بەلۋاغلاردا ئىنسان سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئىلمىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق چوشقا گۆشىدە ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان قۇرۇت ۋە ئەڭ خەتەرلىك مىكروبلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. كىم بىلسۇن، بەلكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقان بۇ ئىلىم - پەن كېلەچەكتە بىزگە چوشقا گۆشى ھەققىدە بىز بىلمەيدىغان يېڭى مەلۇماتلارنى كەشىپ قىلىشى مۇمكىن.

چوشقىدىن قالسا ئەڭ پاسكىنا ھايۋان ئىت بولۇپ، ئىت ۋە چوشقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىر قېتىم تۇپراق بىلەن ئالتە قېتىم سۇ بىلەن جەمئى يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. بۇ مەسىلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئاۋۋالقى قېتىمىنى  تۇپراق بىلەن يۇيۇڭلار.» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

چۈنكى تۇپراق تەركىبىدە مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ماددا بار بولغانلىقتىن، قاچىنى تۇپراق بىلەن بىر قېتىم سۈرتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتنىڭ شالۇكىدىن يۇققان مىكروبلار ئۆلىدۇ. سۇ بىلەن يەنە ئالتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق قاچىدا مىكروبنىڭ ئەسىرى قالمىغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىكى ھېكمەت، تېخى ئەمدىلا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

18. سوئال: زىياننى توسۇش يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر قايسىلار؟

جاۋاب: زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەر:

(1) زەھەر ۋە ئادەمنى زەھەرلەيدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر. چۈنكى تەن ساقلىقنى ساقلاش زۆرۈر.

(2) كۆڭۈل كۆتۈرمەيدىغان ۋە ئادەم سەسكىنىدىغان ھاشاراتلارنى يېيىش ھارام. چۈنكى بۇنداق ھاشاراتلار كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولۇشى ئېھتىمال.

(3) توپا، لاي، تاش، كۆمۈر  قاتارلىق تەنگە زىيانلىق نەرسىلەرنى يېيىش ھارام.

19. سوئال: پاسكىنىلىقى يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر قايسىلار؟

جاۋاب: پاسكىنىلىقى يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەر:

(1) پاسكىنا نەرسە ئارىلىشىپ قالغان ھەر قانداق يېمەكلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مايغا چۈشۈپ قالغان چاشقان توغرىسىدا: «توڭلىتىلغان مايغا چاشقان چۈشسە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېلىۋېتىپ قالغىنىنى يەڭلار، چاشقان ئېرىتىلگەن مايغا چۈشكەن بولسا، ئۇنى قەتئىي يېمەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

(2) ئىنسانلارنىڭ تەرىتى ۋە ھايۋانلارنىڭ تېزىكىگە ئوخشاش پاسكىنا نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر. قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھ ئۇلارغا پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» دەپ كەلگەن. (ئەئراف سۈرىسى 157 - ئايەت).

ئەسكەرتىش:

ئاچلىقتىن ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان ئادەمنىڭ زەھەردىن باشقا  ئىستېمال قىلىش چەكلەنگەن ھارام نەرسىلەردىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغۇدەك مىقدارنى يېيىشى ياكى ئىچىشى ھالال بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى چارىسىزلىكتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلمىغان ھالدا، (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يېسە گۇناھ بولمايدۇ)» دەپ كۆرسىتىلگەن. (مائىدە سۈرىسى 3 - ئايەت).

20. سوئال: سۇيۇقلۇقلاردىن ھارام قىلىنغانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: سۇيۇقلۇقلاردىن ھارام قىلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:

(1) ھاراق ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى قەتئىي ھارامدۇر.  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.»[1] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن 10 كىشىنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھاراققا، ئۇنى ئىچكۈچىگە، ئىچكۈزگۈچىگە، كۆتۈرگۈچىگە، كۆتۈرگۈزگۈچىگە، ئۇنى ئىشلىگۈچىگە، ئىشلەتكۈچىگە، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا ۋە ھاراقنىڭ پۇلىنى يېگۈچىگە لەنەت قىلدى.» (ئەبۇداۋۇد ۋە ھاكىم رىۋايىتى).

(2) ئادەمنى مەست قىلىدىغان ۋە ئەقىلنى كەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئىچىملىكلەر ۋە سۇيۇقلۇقلار ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەمنى مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە (گەرچە باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ) ھاراقتۇر، ھاراقنىڭ ھەر قاندىقى ھارامدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.( مۇسلىم رىۋايىتى).

(3) ئىنساننىڭ، ھەرقانداق بىر ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتى، گۆشى يېيىلىدىغان ۋە يېيىلمەيدىغان جىمى قۇشلارنىڭ سۈيدۈكى ۋە  مايىقى  ھارامدۇر. چۈنكى ئۇلار پاسكىنا نەرسىلەر بولۇپ. پاسكىنا نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر.

ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكلىرىنىڭ ھەممىسى پاسكىنا بولسىمۇ، ئۇلار پاسكىنىلىق جەھەتتىن ھەممىسى بىر خىل ئەمەس. مەسىلەن: گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى بەدەننىڭ ياكى كىيىمنىڭ قايسىبىر يېرىگە بىر غېرىچقا يەتمىگەن مىقداردا  يۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما ئىنسان ياكى  گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى كىيىم ياكى بەدەننىڭ  بىر تەڭگە  مىقدارىدىن كۆپرەك يېرىگە  يۇقۇپ قالغاندا، كىيىم بىلەن بەدەننىڭ يۇقۇپ قالغان يېرىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ ناماز ئوقۇش لازىم كېلىدۇ.

شۇنىڭدەك، ئات، كالا، ئېشەك، قېچىرغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغان ۋە گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تېزىكى، جىمى قۇشلارنىڭ مايىقى ياكى سۈيدۈكى بەدەننىڭ ياكى كىيىمنىڭ بىر تەڭگە مىقدارىدىن كۆپرەك يېرىگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەرنى يۇيۇپ پاكىزلىماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. بۇ مىقدارغا يەتمىگىنى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

(4) ئىسپىرت ۋە گازغا ئوخشاش بەدەنگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر.

(5) سپېرما پاسكىنىدۇر. ئۇنى ئىچىش ھارام. سپېرما ھۆللۈك ھالىتىدە سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. قورۇق ھالىتىدە ئۇۋۇلاپ ئەسىرىنى يوقىتىش بىلەن پاكلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە يۇققان سپېرما ئەگەر قۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇنى ئۇۋۇلاپ ئەسىرىنى يوق قىلىش بىلەن، ھۆل ھالىتىدە بولسا يۇيۇش بىلەن تازىلايتتىم.» (دار قۇتنى ۋە بەززاز رىۋايىتى).

(6) تاماكا، كەندىر، ئەپيۈن، كوكائىن، مورفىنلارغا  ئوخشاش زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭ ئىس – تۈتەكلىرىنى پۇراش ياكى شوراش ياكى شپىرىس بىلەن بەدەنگە ئۇرۇش ھارامدۇر.

21. سوئال: ھاراق دورا بولالامدۇ؟

جاۋاب: ھاراقنىڭ ئىنسانىيەتنى بەختسىز قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىنچىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھاراقنى ئىچىش، ھاراق سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇش، ھاراق ياساش، ھاراق سودىسى قىلىش، ھاراق سوۋغا قىلىش، ھاراقنى ھەر قانداق بىر يېمەكلىككە ئاز بولسىمۇ ئارىلاشتۇرۇش قەتئىي ھارامدۇر. ھاراقنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىش ياكى دورىغا ئارىلاشتۇرۇش قەتئىي ھارامدۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاراق توغرۇلۇق سۆزلەپ: «مەن ئۇنى دورا ياساش ئۈچۈن تەييارلايمەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇ دورا ئەمەس، بەلكى كېسەللىكتۇر» دېگەن.[2] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «كېسەللىكنى ۋە ئۇنىڭ دورىسىنى ئاللاھ چۈشۈردى. ھەر قانداق كېسەللىككە دورا ياراتتى، داۋالىنىڭلار! لېكىن ھارام بىلەن داۋالانماڭلار» دەپ كۆرسەتكەن( ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

بۇ يەردە چەكلەنگىنى ھاراقنى دورا ئورنىدا ئىچكى قىسىمغا قوللىنىش، يەنى ئىستېمال قىلىشتۇر. ئەمما ھاراقنى بەدەننىڭ تاشقى قىسمىغا دورا ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. كېيىن بەدەننىڭ ۋە كىيىمنىڭ ھاراق تەگكەن يېرىنى پاكىز يۇيۇش لازىم كېلىدۇ.

22. سوئال: قايسى ۋاقىتتا ھاراق بىلەن داۋالىنىشقا بولىدۇ؟

جاۋاب: ھاراق بىلەن داۋالىنىشقا بولمايدۇ. ناۋادا ھاراق بىرەر خەتەرلىك كېسەلنى ساقايتىدىغان دورا ئورنىدا بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھاراققا موھتاج بولماستىن باشقا خىل دورىلار بىلەنمۇ ھاراقنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ.

ئەگەر ھاراق ياكى ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان بىر نەرسە بېرەر خەتەرلىك كېسەل ئۈچۈن دورا بولۇپ، مۇئەييەنلەشسە، ئۇنىڭغا ھاراق ياكى ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان دورىدىن باشقا ھېچقانداق دورا پايدا قىلمايدىغان بولسا — مۇنداق بولۇشىغۇ ناتايىن، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا ھاراق قوشۇلغان شۇ دورىنى ئىشلىتىشنى مۇسۇلمان، دىندار، ئىشەنچلىك ۋە ئۇستا بىر دوختۇر بۇيرۇغان تەقدىردە، ئىسلام دىنىنىڭ «ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكىنى تاللاش كېرەك» دەيدىغان ئومۇمىي پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئېھتىياجغا قاراپ ئىنتايىن تار دائىرىدە بولۇش شەرتى بىلەن ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.(دوكتور يۇسۇف ئەل قارداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسىرىدىن).


 ھايۋان ۋە قۇشلاردىن ھالال ۋە ھاراملارنىڭ بايانى

23. سوئال: ھالال ۋە ھارام پەرقى نەدىن كەلگەن؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۆزى پاك، تەن ساقلىقىغا ياكى باشقا تەرەپلەرگە زىيىنى يوق، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى بار ۋە پاكىز نەرسىلەرنى يەپ – ئىچىشنى بۇيرۇپ، ئۇلارنى ھالال دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدەك ئۆزى پاسكىنا، تەن ساقلىقىغا ياكى باشقا تەرەپلەرگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى يەپ – ئىچىشتىن توسقان ۋە مۇنداق نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئاتىغان.

24. سوئال: ھايۋانلار نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

جاۋاب: ھايۋانلار قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى ۋە سۇ ھايۋانلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىمۇ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

25. سوئال: سۇ ھايۋانلىرىدىن ھەر قاندىقىنى يېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى ھالال بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر قاندىقىنى يېيىشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېڭىز ۋە دەريا توغرۇلۇق: «ئۇنىڭ سۈيى پاك، مەھسۇلاتى ھالالدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىس بېلىق ۋە ھەر قانداق سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىدە سۇ ھايۋانلىرىدىن بېلىقتىن باشقىسى ھالال دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەممىنى ھالال دەپ قارايدۇ.

26. سوئال: ئۆي ھايۋانلىرىدىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: ئۆي ھايۋانلىرىدىن تۆگە، ئات، كالا، قوي، ئۆچكە، توخۇ، توشقان، كەپتەر، ئۆردەك، غاز ۋە باشقىلارنىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ مۈلكى بولۇش ياكى باشقىسىنىڭ بولسىمۇ يېيىشكە رۇخسەت قىلغان بولۇش ۋە مۇسۇلمانچە بوغۇزلانغان بولۇش شەرتى بىلەن يېيىش ھالالدۇر.

27. سوئال: ئۆي ھايۋانلىرىدىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟

جاۋاب: ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئېشەك، قېچىر، چوشقا، ئىت، مۈشۈك، چاشقان ۋە باشقىمۇ گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى، ھاشاراتلارنى يېيىش ھارامدۇر. شۇنداقلا، كالا ۋە قويغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىنمۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ياكى بوغۇلۇپ ئۆلگەن ياكى باشقا ھايۋانلار ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئېگىزدىن يېقىلىپ ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ يەپ قويغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر.

28. سوئال: ياۋايى ھايۋانلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: ئورمانلىقلاردا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن بۆكەن، زېبرا، تاغ تېكىسى ياۋا توشقان، كېيىك، زىراپە ۋە باشقىلار قاتارلىق يىرتقۇچ بولمىغان ھايۋانلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ ۋە قېنىنى ئېقىتىپ ئۆلتۈرۈش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.

29. سوئال: ياۋايى ھايۋانلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟

جاۋاب: ياۋايى ھايۋانلاردىن يولۋاس، شىر، ياۋا چوشقا، بۆرە، پىل، مايمۇن، ئېيىق، يىلپىز، چىلبۆرە قاتارلىق مەرگەن چىشى بار يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يېيىش ھارامدۇر.

30. سوئال: قۇشلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: قۇشلاردىن قۇشقاچ، قارا قۇشقاچ، كەكلىك، بۆدۈنە قاتارلىق يىرتىدىغان تىرناقلىرى بولمىغان قۇشلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ ۋە قېنىنى ئېقىتىپ ئۆلتۈرۈش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.

31. سوئال: قۇشلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟

جاۋاب: قۇشلاردىن بۈركۈت، قۇرغۇي، ھۇۋقۇش، لاچىن، قارچىغا قاتارلىق يىرتىدىغان تىرناقلىرى بولغان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. شۇنىڭدەك، زەھەرلىك يىلان، چايان، زەھەرلىك ئۆمۈچۈك ۋە بۇلارغا ئوخشاش ھاشاراتلارنى يېيىشمۇ ھارامدۇر.


 ئوۋ ئوۋلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە

32. سوئال: ئوۋ دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئوۋ — قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز ھايۋانلىرىنى قايسىبىر ئۇسۇل بىلەن تۇتۇۋېلىش دېگەنلىكتۇر.

33. سوئال: قانداق ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاش چەكلىنىدۇ؟

جاۋاب: ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتا ئېھرامدىن چىقىپ بولماي تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاش چەكلىنىدۇ. مۇندىن باشقا قايسىبىر ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاشقا بولىدۇ.

34. سوئال: ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر:

(1) ئوۋلىغۇچىنىڭ ئەقىل – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن، مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولۇشى.

(2) ئوق ئاتقاندا ياكى ئوۋلىغۇچى ھايۋاننى ئوۋغا قويۇۋەتكەندە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ «بىسمىللا، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش.

(3) ئوۋلايدىغان سايمان، ھايۋان بولمىسا، تېرىنى تېشىپ ئۆتىدىغان تىغلىق نەرسە بولۇشى. ئەگەر ئوۋلاشتا ئىشلەتكەن سايمان ھاسا ياكى تاشقا ئوخشاش نەرسىلەردىن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئوۋلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر. شۇنداقتىمۇ جېنى چىقىپ بولمىغان ھالدا ئۆلتۈرۈۋالغان بولسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.

(4) ئوۋ ئوۋلاشتا كۆندۈرۈلگەن ئوۋچى ئىت بىلەن باشقا ئىتلارنىڭ ھەمكارلاشماسلىقى لازىم. چۈنكى ئوۋنى قايسىسىنىڭ تۇتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئىسمى قايسىسىغا ئاتالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئەگەر ئىتىڭنىڭ يېنىدا باشقا بىر ئىتنى كۆرگىنىڭدە، ئوۋلانغان ھايۋان ئۆلگەن بولسا، ئۇنى يېمە. چۈنكى سەن قايسىسىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيسەن» دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

(5) ئوۋچى ئىت ئوۋلىغان نەرسىسىدىن يېمىگەن بولۇشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئوۋچى ئىت تۇتقان نەرسىسىدىن يېگەن بولسا، ئۇنى سەن يېمە. ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن تۇتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار» دېگەن.


 ئېتىقاد مەسىلىلىرىدە چەكلەنگەن ئىشلار

1. ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ

2. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار

3. ئىسلامنى ياكى قۇرئاننى ياكى پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش

 4. پالچىلارنىڭ ۋە رامچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشنىڭ گۇناھى

5. شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار

35. سوئال: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ قايسى؟

جاۋاب: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقىسىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ.»[3]

چۈنكى ئاللاھ تائالا يېگانە ئىلاھ، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممىنىڭ ئىگىسى، ھەممىنى باشقۇرغۇچى ۋە يالغۇز خوجايىنىدۇر. ئاللاھ ھېچكىمگە، ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ھېچكىمنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ ياراتقان بەندىلەرنى ۋە ھەر قانداق بىر مەخلۇقاتنى ئاللاھقا ئوخشىتىش ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىقتۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ ھەقسىزلىقتۇر» دەپ ئېلان قىلىنغان. مۇنداق بىر ھەقسىزلىق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەزەپلەنمەسلىكى، نەپرەتلەنمەسلىكى ۋە بۇنداق ھەقسىزلىقنى قىلغان ئادەمنى جازالىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىق شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان سۆز – چۆچەكلەرنى ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى ياقتۇرمىغان ۋە ئۇلارنى سادىر قىلغانلاردىن ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىنتىقام ئالغان يەردە، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، كاتتىلارنىڭ كاتتىسى بولغان ئاللاھ ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئۈستۈن شەنىگە، ئىلاھلىق ماقامىغا، ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە لايىق كەلمەيدىغان بۇ چوڭ گۇناھنى كەچۈرمەسلىكتە ئەلۋەتتە ھەقلىقتۇر!

36. سوئال: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن، ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلاردىن قايسىبىرىنى ئاللاھقا ياكى ئاللاھنىڭ خاس سۈپەتلىرىگە ئوخشىتىش دېگەنلىكتۇر. ئۇ ئېتىقاد، ئەمەل ـ ئىبادەتلەر ۋە دۇئالاردا ئاللاھقا باشقا بىرسىنى شېرىك قىلىپ قوشۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئاللاھنى ئەڭ قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىغان يامان ئىشتۇر.

37. سوئال: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

 (1) دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئاللاھتىن باشقىمۇ بەزى باشقۇرغۇچىلار بار، دەپ ئېتىقاد قىلىش. مەسىلەن: ئەۋلىيالار، قۇتۇپلار، پىرلار ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلار دۇنيادىكى بەزى ئىشلارنى باشقۇرالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاش. بۇ خىل شېرىك ئاللاھنىڭ تەسەررۇپاتىغا باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالغانلىقتۇر.

(2) ئۆلۈكلەرنى (مەيلى ئۇلار پەيغەمبەر بولۇپ كەتسۇن، مەيلى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسۇن) كىشىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، ھاجەتلەرنى راۋا قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش.

(3) ئاللاھقا ۋە ئاللاھقا خاس سۈپەتلەرگە باشقىلارنى ئوخشىتىش. مەسىلەن: ئەۋلىيا، قۇتۇپلار، پالچىلار ۋە رامچىلار، سېھىرگەرلەر ئاللاھتىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى (غايىبنى) بىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاش. بۇ خىل شېرىك ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان سۈپەتلىرىگە باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى غايىبلارنى بىلىش ئاللاھقا خاس سۈپەت. «غايىبنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، دەرەختىن تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر.» [ئىنئام سۈرىسى 59 ـ ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى داخان، پالچى، رامچى ۋە كاھىنلارنىڭ غەيبتىن سۆزلىگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ، ماڭا كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

(4) ئۆلۈكلەردىن، دەرەخلەردىن ۋە مازارلاردىن مەدەت تىلەش ۋە ئۇلاردىن كېسەللەرگە شىپالىق سوراش، پەرزەنت ۋە بەرىكەت تىلەش، شۇنداقلا مەيلى تىرىك بولسۇن، مەيلى ئۆلۈك بولسۇن، ئاللاھتىن باشقا بىراۋنى تەبىئىي سەۋەبلەر ۋە تەبىئىي چارىلارنىڭ سىرتىدا كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش. بۇ خىل شېرىك ئىبادەتتە ۋە ياردەم سوراشتا ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىپ قوشۇۋالغانلىقتۇر.

ئەسكەرتىش: ئاۋام خەلقنىڭ ئېغىزىدا كۆپ تارقالغان «ياپىرىم!» ياكى «مەدەت يا پىرىم!» دېگەن سۆزلەر شېرىك ۋە كۇپرى سۆزلەردۇر. كىشىلەر دەۋاتقان بۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، بىلمەي ئېغىزلىرىدىن چىقىرىدۇ. «مەدەت» سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «ياردەم سورايمەن» دېگەنلىكتۇر، «يا پىرىم» دېگەن سۆزدىكى «يا» ئەرەب تىلىدا «مەدەت ۋە ياردەم سورايمەن» دېگەن جۈملىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بىراۋدىن مەدەت سوراۋاتقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇنداق كۇپرى سۆزنى ئېيتىشتىن ساقلىنىش زۆرۈردۇر. بۇنىڭ ئورنىغا «مەدەت يا ئاللاھ» دېيىش تولىمۇ توغرا مۇناجات ۋە ئېسىل دۇئادۇر.

(5) ئاللاھتىن باشقا بىرسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش، يەنى ئەۋلىيالارنىڭ، پىرلارنىڭ ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز، دېگەن ئېتىقاد بىلەن، ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، نەزىر ـ چىراغ ئۆتكۈزۈش، ھەتتا مازارلارغا بېرىپ ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە ئاتاپ مال كېسىش قەتئىي ھارامدۇر. قۇربانلىق — ئىبادەت بولغانلىق سۈپىتى بىلەن، ئۇ پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان بىر ئىشنى باشقىسىغا ئاتاش ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ غەيرىي ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

(6) ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىش. چۈنكى قەسەم دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئۇنىڭ جازالىشىدىن قورقۇلىدىغان بىرنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق، بىرەر ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى: «ئەگەر مەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولسام، نامى ئاتالغان بۇ زات مېنى ئۇرسۇن» دېگەنلىكتۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلۇغلۇقنىڭ يېگانە ئىگىسى، قىلمىشلارغا يېتەرلىك جازا بەرگۈچى ۋە ئازابىدىن قورقۇلغۇچى زات ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ئادەم ئاللاھقىلا خاس بولغان ئۇلۇغلۇق ۋە قىلمىشلارغا جازا بېرىشتەك ئالىي سۈپەتلەرگە باشقىلارنى شېرىك قىلىپ قوشۇۋالغان بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەم ئەمەلىيەتتە قەسەم ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى قەسەم ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىدىن بىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا قىلىنىدۇ. مەسىلەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى....» دېگەنگە ياكى «ۋەللاھى، بۇ ئىش مۇنداق» دەپ قەسەم قىلغانغا ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ «مېنى نان ئۇرسۇن»، «ئانداق بولۇپ كېتەي، بۇنداق بولۇپ كېتەي» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرى قەسەمگە ياتمايدۇ.

ئەمما كىشى قەسەم قىلدىم دەپ: «مەن كاپىر بولۇپ كېتەي» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان ۋە قەسىمىدە يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىسلام مىللىتىنىڭ غەيرىي بىلەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ، ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك بولۇپ كېتىدۇ.» [ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

(7) ئۆلۈكلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە مازارلارنى تاۋاپ قىلىش. چۈنكى تاۋاپ قىلىش پەقەت بەيتۇللاھتىكى «كەبە» گىلا خاستۇر. بەيتۇللاھتىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلغان كىشى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى تاۋاپ ئىبادەتتۇر. ئىبادەتنى ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قىلىشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.

يۇقىرىقى ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان ئادەم قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ، بۇرۇن قىلغان پۈتۈن ئەمەل ـ ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

38. سوئال: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قەتئىي قول ئۈزۈپ، قايتا ئىمان ئېيتىش ۋە گۇناھلىرىغا ھەقىقىي رەۋىشتە تەۋبە قىلىشتىن باشقا يول يوق. شۇنداق قىلغانلارنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

 39. سوئال: پال سېلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: پال سېلىش — كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلار ۋە يوقاپ كەتكەن نەرسىلەر ھەققىدە يالغاندىن خەۋەر بېرىش دېگەنلىكتۇر. پال بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ غايىبنى بىلىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىدىغان كاززاپلار بولۇپ، ئالىقانغا، چىنىگە ئوقۇش، كارت ئېچىش قاتارلىق تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار پالچى، رەمچى ۋە داخان دېگەن تۈرلۈك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ.

40. سوئال: غەيب دېگەن نېمە؟

جاۋاب: غەيب — ھېسسىي ئورگانلار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان، مېتافىزىكا ئالىمىگە ئائىت ئىشلاردۇر. غايىبلارنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. «ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاسمان ۋە زېمىندىكى غايىبنى بىلمەيدۇ» (نەمل سۈرىسى 65 - ئايەت).

41. سوئال: سېھىرگەر، رەمچى ۋە پالچىلارغا ئىشىنىشنىڭ گۇناھى نېمە؟

جاۋاب: رەمچىلەرنىڭ، پالچىلارنىڭ، چىنىغا، ئالىقانغا ئوقۇيدىغانلارنىڭ، كارت ئاچىدىغانلارنىڭ ۋە بۇلارغا ئوخشاش غايىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئالدامچىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش ئەڭ چوڭ گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەيبتىن سۆزلىگەنلىرىگە ئىشەنگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى داخان، رەمچى ۋە پالچىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئىنكار قىلغان بولىدۇ» دېگەن. (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورايدىكەن ۋە پالچىنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىدىكەن، ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ.» (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

پالچىلارغا ئىشەنگەن ئادەم كاپىر بولغان يەردە، پالچىلىقنى قىلغانلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق.

42. سوئال: دىننى مەسخىرە قىلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: دىننى مەسخىرە قىلىش — ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭدىكى مۇقەددەسلەرگە تىل ئۇزىتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنىنى ھازىرقى ئەسىر بىلەن ماسلىشالمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش ياكى ئوچۇق سۆزلەش.

(2) قۇرئان كەرىمنى ئادەتتىكى كىتابلارغا ئوخشىتىش ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق.

(3) كۇففارلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەش ياكى ئۇنى ئادەتتىكى ئىنسان قاتارىدا كۆرۈش.

(4) ئىسلام جازا قانۇنىدىكى ئىبرەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بەزى جازالارنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئەيىبلەش.

43. سوئال: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: ‹بىز (راستتىن ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق› دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) ‹سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟“ دېگىن. سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايمىز» (تەۋبە سۈرىسى 65 – 66 - ئايەتلەر).

44. سوئال: تۇمار ئېسىش شېرىككە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: تۇمار ئېسىشنىڭ شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىمۇ ۋە كىرمەيدىغانلىرىمۇ بار. بۇنىڭغا بىنائەن، تۇمار ئېسىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغىنى، يەنە بىرى، كىرمەيدىغىنى بولۇپ، رۇخسەت قىلىنغىنى. ھەر ئېھتىماللىققا قارشى تۇمار ئاسماسلىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر.

45. سوئال: شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار قايسى؟

جاۋاب: پەرىشتىلەرنىڭ، ئەۋلىيالارنىڭ، پىرلارنىڭ، جىنلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ (ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ) ئىسىملىرى ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز تىلسىملار يېزىلغان تۇمارلارنى ئېسىش ۋە يېزىشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىغا ئىسلام ئالىملىرى ھەممە بىردەك ئىتتىپاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن ئۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېگەن سۆزى مۇشۇ تۈردىكى تۇمارنى كۆرسىتىدۇ. (ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس).

46. سوئال: رۇخسەت قىلىنغان تۇمار قايسى؟

جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىدىن يېزىلغان تۇمارلارنى بالاغەتكە يەتمىگەن نارەسىدە بالىلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىشقا بولىدۇ. ئەمما چوڭلارنىڭ تۇمار ئېسىشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى چوڭلار ئايەتلەرنى تۇمار قىلىپ ئاسماستىن ئۆزلىرى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان.

47. سوئال: تۇمار ئاسماستىنمۇ بالايى ـ قازالاردىن ساقلىنىش چارىلىرى بارمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. تۇمار ئېسىشقا ھاجەت بولماستىنمۇ، بالا ـ قازالاردىن ۋە يامان كۆز، يامان تىللارنىڭ، كۆرەلمەسلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ياخشى چارىلىرى بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ: ‹يارەسۇلەللاھ! مېنى كېچە يىلان چېقىۋالدى› دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئەگەر سەن ئاخشام ياتىدىغان ۋاقتىڭدا ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگەن بولسا ئىدىڭ ساڭا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتمىگەن بولاتتى› دېدى.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە، ساھابىلىرىگە تەلىم بېرىپ: «سىلەر ئاخشاملىرى يېتىشتىن بۇرۇن ‹ئاللاھقا سېغىنىپ، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئۇنىڭ جازاسىدىن ۋە مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، شەيتانلارنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىدىن ۋە ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن› دەڭلا، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، بالا ـ قازالاردىن ساقلىنىسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئاخشىمى ياتاق جايىغا بارغىنىدا، ئىككى ئالىقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاچقىنىچە، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئالىقانلىرىغا سۈفلەپ بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن ھەممىلا يېرىنى ئىككى ئالىقىنى بىلەن سىلاپ چىقاتتى، سىلاشنى ئاۋۋال بېشى بىلەن يۈزىدىن باشلايتتى ۋە ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن سىلايتتى.» [بۇخارىي رىۋايىتى].

48. سوئال: دەم سېلىش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: كېسەللەرگە، ھەتتا ساق كىشىلەرگىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن دەم سېلىشقا بولىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى مۇنۇ ئۈچ شەرت بىلەن دەم سېلىشنى جائىز(دۇرۇس) دەپ قارايدۇ:

(1) دەم سېلىشتا پەقەت قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىلا ئوقۇلۇشى،

(2) سېلىنغان دەمنىڭ ئەرەب تىلىدا بولۇپ، مەنىسى چۈشىنىشلىك بولۇشى،

(3) دەم ئۆزلۈكىدىن تەسىر قىلماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىرادىسى بىلەنلا تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت.


 ئائىلە ھاياتىدا چەكلەنگەن ئىشلار

1. قىز ـ ئوغۇللارنى ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاش

2. مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىشى

3. مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىش

4. ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

5. قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش

6. ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش

7. ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش

8. ئەر – خوتۇنلۇقنىڭ سىرلىرىنى يېيىش

9. ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى( ھەيزدار) ئايالنى تالاق قىلىش

10. بالىنىڭ ئاتىسىغا تېنىشى

11. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش

12. بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى تاشلاپ باشقىسىغا مەنسۇپ بولۇۋېلىشى

13. بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش

14. ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش

49. سوئال: قىز ـ ئوغۇللارنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى قىز - ئوغۇللارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بولمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ رايىنى ۋە ئىختىيارىنى نىكاھنىڭ ئاۋۋالقى شەرتلىرىدىن قىلىپ بېكىتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «چوكاننى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار» ساھابىلەر يا رەسۇلەللاھ! قىزلار ئۇياتچان كېلىدۇ، ئۇلار ئۆز رايىنى سۆزلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قارشىلىق بىلدۈرمەستىن سۈكۈت قىلىپ تورۇشى ئۇلارنىڭ ئىختىيار قىلىپ رازى بولغانلىقىدۇر» دەيدۇ. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

ئەمما قىز بولسۇن ياكى چوكان بولسۇن دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز بىرىگە ياتلىق بولىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، شۇنىڭدەك ئوغۇلمۇ ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز بىرىنى ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، بۇ ۋاقىتتا ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ۋە بۇ ئىشنى رەت قىلسا بولىدۇ. ئەگەر قىز كىچىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ياخشى تاللىيالمايدىغان ياشتا بولسا، ئاتا ـ ئانىسى ياكى تۇغقانلىرى ئۇنى ئۆزلىرى خالىغان يەرگە ياتلىق قىلىدۇ.

50. سوئال: مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەيدىغان كوممۇنىست ياكى بۇددىست ياكى ساماۋى (ئەسلى ئاللاھتىن كەلگەن) بىرەر دىنغا مەنسۇپ بولمىغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشى دۇرۇس ئەمەس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر، مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.» (بەقەرە سۈرىسى 221 ـ ئايەت)

ئەمما خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئىمانى بار ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ جائىزلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن (يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى) ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر.» (مائىدە سۈرىسى 5 ـ ئايەت)

خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىدىكى ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ شەرتى، ئۇلارنىڭ ئۆز دىنلىرىدا مەھكەم بولۇپ، ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولۇشىدۇر.

51. سوئال: مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى قەتئىي جائىز ئەمەس. مەيلى ئۇلارنىڭ ياتلىق بولماقچى بولغان كىشىلىرى خرىستىئان بولسۇن، مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، مەيلى ئاتېئىست بولسۇن، مەيلى بۇددىست ياكى مۇشرىك بولسۇن، بۇلارنىڭ ھېچبىرى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللار توغرۇلۇق: «ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس. كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس» دېگەن. (مۇمتەھىنە سۈرىسى 10 ـ ئايەت).

ئۆز مىللەتتىن بولسىمۇ، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىست بىرىگە مۇسۇلمان قىزىنى ياتلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مۇنداق قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتىكى ھۆكۈمىگە قارشى چىققان بولۇپ، جازاسىنى ئېغىر تارتىدۇ.

52. سوئال: ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: تۇغۇش ـ تۇغماسلىق مەسىلىسى ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ قارارىغا باغلىق ئىشتۇر. ئائىلىدىكى مەلۇم سەۋەبلەر ياكى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى ئەر – ئايال ئىككىسى كېلىشىپ تۇغۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈش نىيىتى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا، ئوكۇل ۋە باشقا ھەر قانداق بىر چارىنى قوللىنىشى دۇرۇستۇر. بۇ دېگەنلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەدىسلەر كۆپ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: « قۇرئان ئاللاھتىن نازىل بولۇۋاتقان كۈنلەردىمۇ بىز ئەزلە قىلاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىلگەن، ئەمما ئۇنىڭدىن توسمىغان.» (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

ئەزلە قىلىش — جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە سپېرمىنى ئايالنىڭ ئىچىگە تۆكمەستىن سىرتقا تۆكۈۋېتىش دېگەنلىكتۇر.

53. سوئال: قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: قورساقتىكى بالىغا زىيان يەتكۈزۈش ئەڭ ئېغىر قاتىللىق جىنايىتىدىن سانىلىدۇ. ئىسلام جازا قانۇنى بويىچە، چۈشۈرۈۋېتىلگەن بالا تىرىك چۈشكەن بولسا (يەنى تىرىك چۈشۈپ ئاندىن ئۆلگەن بولسا) ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكۈچىنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەمنىڭ دىيىتى (يەنى بىر ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىگە كېلىدىغان ماددىي تۆلەم) كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا ئۆلۈك چۈشكەن بولسا، ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكۈچى ئۇنىڭ ئانىسىغا ئالدىنقىسىدىن يېنىكرەك تۆلەم تۆلەيدۇ. بۇ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بىر جان ئىگىسىنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەنكەنلىكنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى، بەس. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ جىنايەت ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى نىيىتىگە قاراپ خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. لېكىن ئانىنىڭ قورسىقىدا بولۇپ، بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بولسىمۇ بىر بوۋاقنى قەستەن ئۆلتۈرگۈچىنىڭ جازاسى قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئېنىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ، دوزاختۇر!

54. سوئال: قانداق شارائىتتا بالىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ؟

جاۋاب: ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئېلىۋەتمىگەندە، ئانىنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغانلىقى ھەقىقىي ئىشەنچلىك دوختۇر تەرىپىدىن پەرەز قىلىنغان بولسا، بۇ ھالەتتە شەرىئەتنىڭ: «ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكىنى تارتىش كېرەك» دەيدىغان ئومۇمى پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىسىنى ئېلىۋېتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زۆرۈردۇر.

55. سوئال: ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: ئايلىق ئادىتى ۋە تۇغۇتلۇق ھالىدىكى ئاياللارنىڭ قېنى توختاپ، تولۇق پاكلانمىغۇچىلىك، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قەتئىي ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى (مۇھەممەد) ئۇلار سەندىن ئادەت كۆرگەن ئايال (بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى) توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇ (ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە) زىيانلىقتۇر، ئادەت مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار (ئادەتتىن) پاك بولغۇچە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. پاك بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنلىشىڭلار.» (بەقەرە سۈرىسى 222 - ئايەت)

بۇ ئايەت تۇغۇتلۇق ھالىدىكى ئايال كىشىنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن مەنئى قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇنىڭدىن كەلگەن قاندىن ئىبارەتتۇر.

ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ بالا ياتقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئايلىق قېنى ئېقىپ تۇرىدۇ. تېببىي تەرەپتىن مەلۇمكى، قان مىكروبلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ مۇھىتىدۇر. ئايال كىشى ساق ۋاقتىدا ئۇنىڭ جىنسىي ئورگىنىدىن مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل سۇ ماددىسى چىقىپ تۇرغانلىقتىن، ئۆزى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان كىشى مىكروبنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ھالبۇكى، ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ مىكروبلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش جاھازلىرى ئىشلىمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ياتقۇدىن كەلگەن توختاۋسىز قان مىكروبلارنىڭ تېز كۆپىيىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. قان كېلىۋاتقان ۋاقىتتا مىكروبلىنىشقا قارشى جىنسىي ئورگاندىن كېلىدىغان سۇمۇ قان دولقۇنى ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. مەلۇمكى، ئەركىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدا كۆپلىگەن مىكروبلار بولىدۇ. ئۇ ئايالى ساق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىدا، ئايالىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدىن كېلىدىغان مىكروبقا قارشى سۇيۇق ماددا ئەر تەرەپتىن كىرگەن مىكروبلارنى ھامان ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مىكروبلاردىن مۇداپىئەلىنىش جاھازلىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىغاچقا، ئەركىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنى پەقەت مىكروبلار بىلەن قاپلانغان قان دېڭىزىغا شۇڭغۇغان بولىدۇ. نەتىجىدە، مىكروبلىنىش ئەر - ئايال ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ. بۇنىڭ زىيانلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ زىيىنى ئايال كىشىنىڭ ماتكىسى بىلەن بالا ياتقۇسىدا مىكروبلارنىڭ يېتىشكەنلىكى سەۋەبتىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئورگىنىدا داۋالاش قىيىن بولغان، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغان، ئەر كىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدا مىكروبلارنىڭ ئورۇن تۇتۇشى بىلەن ئۇنىڭ سۈيدۈك يوللىرىدا ئوزونغا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

56. سوئال: ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئاياللارنىڭ مەيلى ئالدى تەرىپىدىن، مەيلى كەينى تەرىپىدىن، مەيلى قايسىبىر تەرىپىدىن بولسۇن، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگىنىغا كېلىش مۇتلەق دۇرۇستۇر. ئەمما ھارام بولغىنى ئاياللارنىڭ ئارقىسىغا كېلىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يامان قىلىقنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «ئۇ كىچىك بەچچىۋازلىقتۇر» دەپ سۆككەن. (ئىمام ئەھمەد، نەسائىي رىۋايىتى).

57. سوئال: ئەر - خوتۇنلۇقنىڭ سىرلىرىنى يېيىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: ئەر - خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى سىرتقا تارقىتىش تولىمۇ زىيانلىق ئەخلاقسىزلىق ۋە ئەدەپسىزلىك بولۇپ، ئەر - ئاياللىقنىڭ مۇقەددەس رىشتىسىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يامان كىشى ئەر - خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى يايغان كىشىدۇر» دېگەن. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)

چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئەر بىلەن ئايالنى كىيىمگە ئوخشىتىپ: «ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر» دېگەن. (بەقەرە سۈرىسى 178- ئايەت).

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، سىلەر ئەر - خوتۇن بىرگە ئارىلىشىپ ياشىغىنىڭلار ئۈچۈن بىر- بىرىڭلارنى ئىسسىق - سوغۇقتىن قوغداپ تۇرىدىغان، ئەۋرەت ئورگانلىرىڭلارنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىمگە ئوخشايسىلەر. خۇددى كىيىم بەدىنىڭلارنى ياپقاندەك، سىلەرمۇ بىر - بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى، سىرىنى ۋە باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ھەممە ئىشىنى يېپىشىڭلار لازىم دېگەنلىكتۇر.

58. سوئال: ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى (ھەيزدار) ئايالنى تالاق قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايالنى تالاق قىلىشقا بولمايدۇ. تالاق (ئەر - خوتۇننىڭ ئاجرىشىشى) ئاللاھقا ئەڭ ياقمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك زۆرۈر تېپىلغاندا تالاققا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ھەر قانداق ۋاقىتتا تالاق قىلىش چەكلەنگەن. ئاللاھقا ئىمانى بار مۇسۇلمان ئادەم ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنى ئادەت كۆرگەن مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى ئادەتنىڭ قېنىدىن پاك ۋە ساق ۋاقتىدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: «ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، سىلەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (ئۇدۇللاپ، پاك ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار.» (تالاق سۈرىسى 1 - ئايەت).

59. سوئال: بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىپ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى مېھرىنى، ياخشىلىقىنى بىرىگە ئالاھىدە قىلىش ھەقسىزلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەقسىزلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ. بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك زىيانلىرى كۆپتۇر. دۇنيادا بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ، ئارىسىدا بىر - بىرىنى كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. مۇنداق كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

60. سوئال: مىراستا بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: مىراس مەسىلىسىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى بىۋاسىتە بەلگىلەپ، كىمنىڭ قانچىلىك ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان بالىلىرىغا مىراستىن كۆپرەك بېرىشى ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بالىلىرىنى مىراستىن مەھرۇم قىلىشى ياكى شۇنداق قىلىشقا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرۇشى ئاللاھ توسقان ھارام ئىشنى قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە قارشى چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا مۇنداق ھەقسىزلىقنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا ئىسلام قانۇنىدا، ئۆلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسى ھەققىدە قالدۇرغان ۋەسىيىتى بىكاردۇر. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمايدۇ. ئەمما ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدىكى باشقا ماۋزۇدىكى ۋەسىيەتلىرى بولسا يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا مىراس قانۇنى ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» (نىسا سۈرىسى 11 - ئايەت).


 نەسەبنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى

61. سوئال: نەسەبنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ نەسەبى ئۇنىڭ كىملىكىدۇر. شۇڭا ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ نەسەبىنى قوغداشقا روز ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن باشقا بىرىنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ نەسەبىنى ئۆزگەرتىپ، نامىنى ئۆزىگە قارىتىپ بېقىۋېلىشنى مەنئى قىلغان. ئەمما بىراۋ بىر بالىنى بېقىۋالماقچى بولسا، ئۇنى ئۆز ئاتىسىنىڭ نامى ۋە نەسەبى بىلەن ئاتىشى شەرت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، يېتىم بالىلارنى ياكى يولغا تاشلىۋېتىلگەن ئىگىسى يوق بالىلارنى ياكى يېتىمخانىلاردىكى ئىگىسىز بالىلارنى ئۆز نەسەبىگە قوشۇۋالماسلىق شەرتى بىلەن بېقىۋېلىپ، تەربىيىلەپ، ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئەلۋەتتە تولۇقى بىلەن بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن يېتىمنى باققان كىشى بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئايرىپ كۆرسەتكەنلىكىمۇ ئەنە ئاشۇ مۇكاپاتنىڭ بېشارىتىدۇر. (ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

62. سوئال: ئاتىنىڭ بالىسىغا تېنىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھىدا بولغان ئايالى تۇغقان بالىنى «مېنىڭ بالام ئەمەس» دەپ تېنىشى يوللۇق ئەمەس. پاكىتسىز ھالدا، ئۆز بالىسىدىن تانغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار ئادەمدۇر. ئەگەر ئايالىنى «بۇ بالىنى باشقىسىدىن تاپقان» دەپ قارىلىماقچى بولۇپ، قارىلاشتا دەلىل - ئىسپاتى بولماستىن، پاكىتسىز ھالدا قارىلاپ يۈرگەن بولسا، مەسىلىنى سوتقا سۇنىدۇ. سوتتا ئىسلامدىكى «لەنەتلىشىش» ئۇسۇلى بويىچە ئىش كۆرۈلۈپ، ئەر - ئايال ئىككىسىنى ئايرىۋېتىدۇ ۋە بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇپ بېرىدۇ. «لەنەتلىشىش» ئۇسۇلىنى قۇرئان كەرىم مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن، بەشىنچى قېتىمدا: ‹ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن› دېسۇن، ئايالمۇ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا: ‹ئەگەر ئېرىم راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن› دېسە، جازاغا تارتىلمايدۇ.» (نۇر سۈرىسى 6 - 9 - ئايەتلەر).

ھازىرقى زاماندا، تېببىي تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، بالىنىڭ دادىسىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى. مەسىلەن: دادا - بالا ھەر ئىككىسىدىن ئانالىز (دېنكا تېست) ئېلىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئۇنىڭغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.

63. سوئال: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش — ئۆز ئېرى بولمىغان بىر ئەرنىڭ سپېرمىسىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ رەھمىگە (بالىياتقۇسىغا) يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھامىلە بولۇش دېگەنلىكتۇر.

64. سوئال: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش زىنادىن بالا تېپىشنىڭ تەرەققىي قىلغان زامانىۋى تۈرى بولۇپ، قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى مەزمۇنى، نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئېرى بولمىغان يات ئەردىن بالا تاپقانلىقتىن تاشقىرى نەسىلنى بۇزۇشتۇر. مىسىرنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ شەلتۇت ئۆز ۋاقتىدا، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ زىناغا ئوخشاشلا ھارام ئىكەنلىكىگە پەتىۋا بەرگەن. («شەيخ شەلتۇت پەتىۋالىرى» 300 - بەت).

65. سوئال: بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى تاشلاپ باشقىسىغا مەنسۇپ بولۇۋېلىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىرىگە ئۆزىنى مەنسۇپ قىلىۋېلىشى ئىسلامدا چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئاتىسىدىن تېنىشنى ئاللاھ ۋە جىمى خەلقنىڭ لەنىتىگە ھەقلىق بولغان ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن بىرى دەپ تونۇغان ۋە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز ئاتىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقىسىنى ئاتام دەۋالىدىكەن، جەننەت ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ.» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

66. سوئال: ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: پەرزەنتلەر تەرىپىدىن ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ قويىدىغان ياكى ئۇلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشى ئاتا - ئانىلارنى قاقشاتقانلىقتۇر. ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

67. سوئال: ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھەرقانداق ئىشتا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. كىشى قانچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىپ، ئاللاھقا شۇنچە سادىق بولسىمۇ، ئاتىسىنى ياكى ئانىسىنى قاقشاتقان ئىكەن، ئۇ، ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا» دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا پۈتۈن چوڭ گۇناھلارنىڭ جازاسىدىن خالىغىنىنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ، پەقەت ئاتا ـ ئانىسىنى قاقشاتقاننىڭ جازاسىنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، مۇشۇ دۇنيادىلا ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ.» (بەيھەقىي رىۋايىتى)

ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقاننىڭ گۇناھى توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئىسلام نەزىرىدە ئەڭ كەچۈرۈلمەس، ئېغىر گۇناھ شېرىك بولسا، شېرىكتىن كېيىنلا ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىشنىڭ گۇناھى كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا (يەنى شېرىك كەلتۈرمەستىن) ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى» يەنى ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان ئەڭ ئاۋۋالقى ئىش — ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن، ئۇنى بىر بىلىپ ئىبادەت قىلىش بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنلا بۇيرۇلغان تەكلىپ ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت سانالسا، ئاتا ـ ئانىنى قاقشىتىشمۇ شۇنچىلىك ئېغىر گۇناھى كەبىرىدۇر.

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ھالاك قىلغۇچى يەتتە چوڭ گۇناھتىن قېچىڭلار. ئۇلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، غازاتتىن قېچىش، ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش ۋە ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان چاپلاش» دەپ كۆرسەتكەن.

 ئومۇمىي ھاياتتا چەكلەنگەن ھارام ئىشلار

مۇلاھىزە:  ئومۇمىي ھاياتتا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ياكى گۇناھ – مەسىيەتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا، پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرنى تەرك ئېتىش ۋە ھارامنى ھالال ئورنىدا قوللىنىش كېلىدۇ. پۈتۈن گۇناھلارغا ۋە يامانلىقلارغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل مانا مۇشۇ ئىككىسىدۇر. بۇ ئىككىسىگە رىئايە قىلغان ئادەم كۆپلىگەن گۇناھلاردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

ئومۇمىي ھاياتتا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:

1. كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا چەكلەنگەن ئىشلار

2. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ گۇناھى

3. ئەر - ئايال ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار

4. ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرگە ئوخشىتىۋېلىشنىڭ گۇناھى ۋە تۈرلىرى

5. ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە چەكلەنگەن ئىشلار


 كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا چەكلەنگەن ئىشلار

68. سوئال: ئىسلام دىنى گۈزەل كىيىنىشكە قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەندەك، چىرايلىق، يارىشىملىق، ئېسىل ۋە گۈزەل كىيىنىشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىياپىتى، كىيىمى، يۈرۈش- تۇرۇشى خۇددى ئۇنىڭ قەلبىگە ئوخشاش پاكىز، ئېسىل، چىرايلىق بولۇشى لازىم. گۈزەللىك پاكىزلىقتىن كېلىدۇ. شۇڭا پاكىزلىق مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ھەددىدىن ئارتۇق بۇزۇپ چېچىپ، ئىسراپ قىلماستىن ۋە بەكمۇ ئاددىي كىيىنمەستىن نورمال دەرىجىدە كىيىنىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەكمۇ ئاددىي كىيىنگەن بىر ئادەمگە: «ئاللاھ ساڭا مال – مۈلۈك بەرگەن ئىكەن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى – كەرەمى سەندە كۆرۈنسۇن» دېگەن.( ئىمام نەسائىي رىۋايىتى).

69. سوئال: تۇرمۇشتا قوللىنىش ھارام بولغان نەرسىلەر قايسىلار؟

جاۋاب: تۇرمۇشتا قوللىنىش ھارام بولغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:

(1) ئەرلەر ئۈچۈن يىپەك بىلەن ئالتۇن ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىغا يىپەكنى، سول قولىغا ئالتۇننى ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككىسى ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى»[4] دەپ كۆرسەتكەن.

ئالتۇن بىلەن يىپەكنى ئەرلەرنىڭ قوللىنىشىنىڭ ھارام قىلىشىنى بۇ ئىككىسىنىڭ ئايال جىنسىنىڭ زىننەتلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش پرىنسىپى يۈزىسىدىن بولسا كېرەك.

(2) ئەر - ئايال پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان قاچىلارنى قوللىنىش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن - كۈمۈش قاچىلاردا يەپ- ئىچكۈچىلەر جەھەننەم ئوتىنى قورسىقىغا كىرگۈزگەن بولىدۇ» دېگەن. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

(3) مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھەيكىلى ياكى رەسىمى تاقالماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇنداق قىلىش كاپىرلارنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان پەرىشتىلەرنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە كىرىشىدىن توسۇلۇشىنى شۇ ئۆيدە رەسىم ياكى ھەيكەل بولغانلىقىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىچىدە رەسىم ياكى ھەيكەل بار ئۆيگە پەرىشتىلەر كىرمەيدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى).

70. سوئال: ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋېلىشى دېگەن قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالچە، ئايالنىڭ ئەرچە كىيىنىشى ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋالغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھكار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشتىن، يىپەك ۋە ئايالچە بويالغان كىيىملەرنى كىيىشتىن توسقان» دېگەن. (مۇسلىم رىۋايىتى).


 ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ گۇناھى

71. سوئال: ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دېگەن زىننەتلىنىشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ شەكىلنى ئۆزگەرتىۋېتىش دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداق قىلىشنى ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ئەمەلىي دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى شەيتان مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن.» (نىسا سۈرىسى 119 - ئايەت).

تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ:

(1) بەدەنگە گۈل ۋە سۈرەت چېكىش، چىشنى ئىنچىكىلىتىش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈل چەككەن ۋە چەكتۈرگەن، چىش ئىنچىكىلەتتۈرگەنلەرگە لەنەت قىلغان.» (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

(2) قاشنى ئىنچىكىلىتىش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاش تەرگۈزگەن ئاياللارغا لەنەت قىلغان.» ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

(3) چاچ ئۇلاش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بىر چاچنى ئۆزىنىڭ چېچىغا ئۇلىغان ۋە ئۇلاتقان ئايالغا لەنەت قىلغان.» (ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى).

ئەرلەرنىڭمۇ چاچ ئۇلىشى ۋە ئۇلىتىشى، شۇنداقلا شۇنداق چاچ ئۇلايدىغان ساتىراشخانىلاردا ئىشلىشى ئەلۋەتتە ھارامدۇر. چاچ ئۇلاش ياكى ئۇلىتىشتىن توسۇشنىڭ ھېكمىتى ئالدامچىلىققا ۋە ھىيلە – مىكىرگە يول قويماسلىق پرىنسىپىدىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىمال.

(4) چاچ بوياش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشانغان كىشىلەرنى چېچىنى قارا بويىۋېلىشتىن توسقان. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۆزى چېچى ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ چېچى ئاقىرىپ كەتكەن كىشىنىڭ چېچىنى قارا بويىۋېلىشىغا بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىقتىن يىراقتۇر.


 ئەر – ئايال ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار

72. سوئال: بىر - بىرىگە يات ئەر - ئايال جىنسلار ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: بىر - بىرىگە يات ئەر - ئايال جىنسلار ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:

(1) يات ئەر - ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە تىكىلىپ قارىشى. بۇ شەھۋانىي قاراش بولۇپ، زىنانىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كۆزمۇ زىنا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زىناسى شەھۋانىي قاراشتۇر» دېگەن. (ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى).

(2) ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان شەكىلدە ئوچۇق كىيىنىشى ۋە تار، نېپىز، قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن.» (نۇر سۈرىسى 31 - ئايەت).

73. سوئال: ئەۋرەت دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئەۋرەت — ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئورگانلىرى دېمەكتۇر.

74. سوئال: ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا ئورگانلىرىدۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كەڭ، ئازادە ۋە ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشى، يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا ئەزالىرىنى يېپىپ يۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ناماز ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرىدىن بىرەرسى ئېچىلىپ قالسا، نامىزى بۇزۇلىدۇ، ۋاقتىدا قايتىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ئەمما تېخى ئادەت كۆرۈش يېشىغا يەتمىگەن نارەسىدە قىزلارنىڭ نامازدا بولسۇن، ياكى ناماز سىرتىدىكى نورمال ۋاقىتلاردا بولسۇن، بەزى ئەۋرەت ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ ۋە ئوقۇغان نامازلىرىمۇ بۇزۇلمايدۇ.

75. سوئال: مەھرەم دېگەن كىملەر؟

جاۋاب: مەھرەم — مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جورىسى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقانلىرى دېمەكتۇر. نامەھرەم — بۇلارنىڭ ئەكسى، يەنى يات كىشىلەردۇر.

ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئەر تۇغقانلىرىدۇر. ئۇلار: شۇ ئايالنىڭ ئاتىسى، بوۋىلىرى، تاغىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، قېيىن ئاتىسى، ئۆگەي دادىسى، قىزلىرىنىڭ ئەرلىرى، ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئەرلىرى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلاردۇر.

ئەركىشىنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرىدۇر.

(3) نامەھرەم بىلەن يالغۇز قېلىش. ئەر ياكى ئايال ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ جورىسى ياكى نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقىنى بولمىغان يات بىرى بىلەن خالىي يەردە يالغۇز قېلىشى ئىسلامدا مەنئى قىلىنغان ھارام ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم مەھرىمى يېنىدا بولمىغان يات ئايال بىلەن خالىي بىر يەردە يالغۇز قالمىسۇن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

(4) بىراۋنىڭ ئەۋرەت جايلىرىغا قاراش. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىراۋنىڭ باشقا بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى مۇتلەق ھارامدۇر. پەقەت ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە ۋە پۈتۈن ئورگانلىرىغا قارىشى دۇرۇستۇر.

(5) ھاياسىز فىلىملەرنى كۆرۈش، ئەخلاقسىز سۈرەتلەرگە قاراش، تېلېۋىزور كونتروللۇقىنى قولدىن بېرىش. نامەھرەملەرگە قاراش ھارام بولغان يەردە، بەزى فىلىملەردىكى ئەخلاقسىز قىلىقلارغا قاراپ لەززەتلىنىش، ھاياسىز رەسىملەرگە قاراپ تاماشا قىلىش، تېلېۋىزور قاناللىرىنى كونتروللۇقىدا تۇتۇپ، نورمال فىلىملەردىن باشقىلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى چەكلەنمەستىن مۇتلەق قويۇۋېتىش ئەلۋەتتە چوڭ ھاراملاردىن بىرى ۋە ئىنساننىڭ قەلب كۆزىنى خىرەلەشتۈرىدىغان گۇناھتۇر. ئائىلە باشلىقى بولغان ئاتا بىلەن ئانا بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلىپ، گۇناھ ئىشلىشىنى توسۇشى لازىم. شۇنداق قىلمىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىنىڭمۇ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ جازاسىنى چېكىدۇ.

(6) ئاياللار كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، ئايال دوختۇرلارغا بېرىش ئىمكانىيىتى بار بولغان شارائىتتا، ئاياللارنىڭ ئەر دوختۇرغا بېرىشى. چۈنكى ئەر بىلەن ئايال ئىككى يات كىشىنىڭ يالغۇز بىر يەردە بولۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەر قانداق ئادەم ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئايال دوختۇر بولمىغاندا ياكى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئەر بولامدۇ، ئايال بولامدۇ قايسىبىر دوختۇرغا بېرىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنىدىكى «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارغا يول قويىدۇ» دەيدىغان ئومۇمىي پرىنسىپ بۇ ئىشقا يول قويىدۇ.

(7) ئاياللارنىڭ ئەر ساتىراشقا، ئەرلەرنىڭ ئايال ساتىراشقا بېرىپ چاچ كەستۈرۈشى ياكى ياسىتىشى. يات ئايالنىڭ يات ئەرگە، يات ئەرنىڭ يات ئايالغا تىكىلىپ قارىشى ھارام بولغان يەردە، ئۆزىنىڭ جورىسى بولمىغان بىرىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، چېچىنى ياسىشى ئەلۋەتتە ھارامدۇر. بۇنىڭدا زۆرۈرىيەت ياكى ئۆزۈر بولمايدۇ. چۈنكى ئاياللار ئۈچۈن ئايال ساتىراش، ئەرلەر ئۈچۈن ئەر ساتىراشلار تېپىلماي قالمايدۇ. ھەمدە چاچ ياسىتىش ياكى كەستۈرۈش جىددىي ئەھۋالمۇ ئەمەس، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا قىلغىلى بولىدۇ.

(8) ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالدا سەپەرگە چىقىشى. مۇسۇلمان ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولسا، ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى بىلەنلا چىقىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايال كىشىنىڭ بىر كېچە - كۈندۈزلۈك مۇساپىگە مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ چىقىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن. (بۇخارىي، مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

76. سوئال:  مەھرىمى يوق ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولسا قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ئېرى ياكى مەھرەم بولالايدىغان يېقىن تۇغقىنى بولمىغان ئايالنىڭ ھەج، ئۆمرە، سودا - سېتىق، ساياھەت قاتارلىق يوللۇق سەپەرلەرگە چىقىش مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. ئەڭ توغرا قاراش شۇكى، مەھرىمى بولمىغان ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا، ئىشەنچلىك ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقسا بولىدۇ.

ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك، ئىبنى سىرىن، ئەۋزائىي قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار مەھرىمى يوق ئايالنىڭ پەرز ھەج ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئەر – ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەپەرگە چىقسا بولىدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى پەرز ھەج ئۈچۈن يول قويۇلغان ئىكەن، گۇناھ ئىشلەش مەقسەت قىلىنمىغان بارلىق سەپەرلەرگە يول قويۇشقا بولىدۇ، دېگەن پەتىۋانى بەرگەن[5].

(9) زىنا قىلىش. دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ زىنانى ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى ئەسىردە تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. چۈنكى زىنا دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئەڭ زىيانلىق بىر ئاپەت بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ساقايمايدىغان نىجىس كېسەللىكلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا زىنادىن توسۇشتا: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر»دەپ كۆرسەتكەن. (ئىسرا سۈرىسى 32 - ئايەت). (زىنا توغرۇلۇق ئۆز ئورنىدا تەپسىلىي توختىلىمىز).


 ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرگە ئوخشىتىۋېلىش تۈرلىرى

77. سوئال: ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئوخشىتىۋېلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: مەيلى كىيىنىشتە بولسۇن، مەيلى ئىش – ھەرىكەتلەردە بولسۇن، مەيلى ھەر قانداق بىر ئىشتا بولسۇن مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى دوراش ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشىتىۋالغانلىقتۇر.

78. سوئال: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردىن ئۆگىنىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر. ئۇنى نەدىن تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر» دېگەن. (ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى رىۋايىتى).

ئەرەب تىلىدىكى «ھېكمەت» سۆزى «توغرا ئىش، توغرا سۆز ۋە پايدىلىق ئىلىم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىلىمنى ۋە ھۈنەر – كەسىپنى نەدە بولسا تېپىپ ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھېكمەت مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەردە، ھەتتا مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ياۋۇز كاپىرلاردا بولسىمۇ، ئۇنى ئېلىپ ئۆگىنىش پەرزدۇر. چۈنكى ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھەققىدۇر. مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ پەن – تېخنىكىسىنى، ئىلىم - ماھارىتىنى، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان روھىنى ئۆگىنىش زۆرۈردۇر.

79. سوئال: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى قايسى تەرەپتىن دوراش چەكلىنىدۇ؟

جاۋاب: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىگە، مۇسۇلمانچە ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئادەتلىرىنى دوراش چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئۆزىنى باشقا بىر قوۋمغا ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قوۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ»، «ئۆزىنى باشقىلارغا ئوخشىتىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىسلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرنى دوراشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان. (ئالدىنقى ھەدىسنى ئەبۇداۋۇد، كېيىنكىسىنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى «باشقىلار» ۋە «باشقا بىر قوۋم» سۆزلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەر مەقسەت قىلىنغان. زامانىمىزدا ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرگە ئوخشىتىۋېلىش ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) قەبىرلەرنى قاتۇرۇش، باشقا دىندىكىلەرنىڭ قەبرىلىرىگە ئوخشىتىپ قۇرۇپ چىقىش. بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا خىلاپ كېلىدىغان يامان ئىشتۇر. دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قەبرە پەقەت بىر غېرىچ (تەخمىنەن22.5 سانتىمېتىر) ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ قەبرە ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە تونۇپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى بىر غېرىچ مىقدارىدا كۆتۈرۈلگەن.» (دار قۇتنى رىۋايىتى).

(2) تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش. بۇ ئادەت كۆپىنچە خرىستىئانلاردىن بەزى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ھازىرقى ئەسىردە يۇقۇپ كىرگەن ئادەت بولۇپ، مۇسۇلمانلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ بۇنداق ئادەت قوبۇل قىلىنمىغان. گەرچە ھازىرقى زاماندىكى بەزى مۇسۇلمانلار تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئادىتىنى قىلسىمۇ، ئۇنى ئىسلام دىنى نورمال ئادەت قاتارىدا قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ئۇنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئادەت بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئادىتىمىزمۇ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىشنى قىلماسلىق لازىم. مۇسۇلمانلار باشقا دىنلارنىڭ ئادەتلىرىنى ئەمەس، مۇسۇلمانچىلىق ئادەتلىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىشكە موھتاجدۇر.

(3) سالامنى ئۆزگەرتىش. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دەپ سالاملىشىشنىڭ ئورنىغا، باشقا مىللەتلەرنى دوراپ «ياخشىمۇسىز؟» دەپ سالاملىشىش توغرا ئەمەس. ئىسلامىي سالاملىشىش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئادەتلىنىپ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي ئېسىل ئەنئەنىمىزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئىسلامىي سالاملىشىشقا بۇيرۇپ: «سىلەرگە بىراۋ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار» دەپ ئەمر قىلغان. (نىسا سۈرىسى 86 - ئايەت).

ئايەتتىكى «تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىش» «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم- سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن» دەپ سالام بەرگەن كىشىگە: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ – ئاللاھنىڭ ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن» دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، «سالامنى ئەينەن قايتۇرۇش» دېگەن «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام – سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن» دەپ جاۋاب بېرىشتۇر.

(4) نەزىر – چىراغلارنى رېستورانلاردا ئۆتكۈزۈش ئادىتى. نەزىر – چىراغ پەقەتلا كەمبەغەللەرنىڭ، يېتىملەرنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش موھتاج كىشىلەرنىڭ ھەققىدۇر. چۈنكى بايلارغا ۋە تۇرمۇشى نورمال كىشىلەرگە بېرىلىدىغان تائام زىياپەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، نەزىر – چىراغ دېگەن بۇ ئادەت بايلارغا خۇشامەت قىلىش، يۈز – ئابرۇي قوغلىشىش، باشقىلار بىلەن بەسلىشىش ۋە باشقا كۆپلىگەن پەس غەرەزلەر ۋە يامان نىيەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالماقتا. رېستورانلاردا «نەزىر» دەپ بېرىلگەنلەر ئەمەلىيەتتە نەزىر ئەمەس، بەلكى خۇشامەت ۋە ئىسراپخورلۇقنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بىر خىل بايلار زىياپىتىدۇر. كەمبەغەللەر، يېتىملەر، ئاغرىقچان كىشىلەر ۋە باشقىمۇ ئېھتىياج ئىگىلىرى شۇ ھەيۋەتلىك رېستورانلارنىڭ يېنىدىن ئەيمىنىپ ئاران ئۆتىدىغان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ ئۇنىڭغا كىرەلىسۇن؟ كىممۇ ئۇلارنى چاقىرىدۇ؟

«ئۆيىمىز تار، مېھمان قوبۇل قىلالمايدۇ» دېگۈچىلەر نەزىر – چىراغ ئۈچۈن ئاتىغانلىرىنى كەمبەغەللەرگە ۋە يېتىم – يېسىرلەرگە تاقىتىپ بەرسە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!

 (6) ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەر – ئاياللارنىڭ ھەممە بىر يەردە ئولتۇرۇشى. ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بىزنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىز بويىچە، ئەرلەر بىلەن ئاياللار ھەممە بىرلىكتە بىر سورۇندا ئولتۇرمايدۇ. بەلكى ئەرلەر ئايرىم بىر زالدا، ئاياللار ئايرىم بىر زالدا ئولتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىقىدا ئۆيلەرنىڭ ھۇجرىلىرىدا «مېھمانخانا» ۋە «مەھرەمخانا» دەيدىغان ئىككى زال بولىدۇ. مېھمانخانىغا ئەرلەرنى، مەھرەمخانىغا ئاياللارنى باشلايدۇ. مانا بۇ مىللىي ئەنئەنە، ئىسلامىي قائىدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا تەلىم بېرىشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم بولغان بىر پەرزنى ئادا قىلىشتىمۇ، ئاياللارغا ئايرىم بىر كۈن ۋە ئايرىم بىر جاينى، ئەرلەرگە ئايرىم بىر كۈن ۋە ئايرىم بىر جاينى بەلگىلەپ، شۇ بويىچە تەلىم بېرەتتى.

 ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە چەكلەنگەن ئىشلار

80. سوئال: ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە چەكلەنگەن ئىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:

(1) ھارامدىن پۇل تېپىش. ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، ئالدامچىلىق، تارازىدا كەم بېرىش ۋە ئىسلامدا ئېلىپ – سېتىش چەكلەنگەن نەرسىلەرنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىش ھارام، تاپقان پۇلمۇ شەكسىز ھارامدۇر. ھارامدىن پۇل تېپىپ، ھارامدىن ئوزۇقلانغان ئادەمنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ، ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىرى بويىچە، ئۇنىڭ ھارامدىن ئوزۇقلانغان بەدىنى دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ.

(2) جازانىخورلۇق قىلىش. ئۆسۈمگە قەرز ئېلىش ياكى قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىش ھەر ئىككىسى جازانىخورلۇق مۇئامىلىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا سودا – سېتىق قىلىشنى ھالال قىلىپ، ئۇنىڭغا يول قويغان بولسىمۇ، جازانىخورلۇقنى يەنى ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى كەسكىن چەكلىگەن «ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى.» (بەقەرە سۈرىسى 275 - ئايەت).

ھەتتا جازانىخورلۇقتىن قول ئۈزمىگەنلەرگە قارشى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار (يەنى جازانىدىن قول ئۈزمىسەڭلار) بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ.» (بەقەرە سۈرىسى 279 - ئايەت).

مەلۇمكى، ئاللاھ ئۇرۇش ئاچقان كىشىنى ھالاك قىلماي قويمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۈچىگە تەڭ كېلىدىغان كۈچ يوق! (بۇ ماۋزۇ «ئېلىم سېتىم ئىشلىرىدا چەكلەنگەن ئىشلار» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى).

(3) يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش. بۇ ھاراملارنىڭ ئەڭ قاتتىقى ۋە گۇناھ جەھەتتىن ئەڭ ئېغىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغۇچىلارنى قورقۇنچلۇق ئىبارە بىلەن تەھدىت قىلغان. «زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال - مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ.» (نىسا سۈرىسى 10 –ئايەت).

ھەر قانداق كىشىنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش ھارام بولسىمۇ، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش گۇناھ جەھەتتىن تولىمۇ ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

(4) زاكاتنى بەرمەسلىك. پۇل - مالنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئاللاھ تائالا بولۇپ، قولىمىزدىكىسى ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئىنئام ۋە سىناق تەرىقىسىدە ئاتا قىلغىنىدۇر. ئۇنىڭدا پېقىرلارنىڭ، يېتىملەرنىڭ ۋە باشقا موھتاج كىشىلەرنىڭ ئەلۋەتتە مۇئەييەن ھەققى بار. «ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمان پۇل ئىگىلىرىنىڭ) پۇل - ماللىرىدا تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) باردۇر.» (مەئارىج سۈرىسى 24 - 25- ئايەتلەر).

زاكاتنى بەرمىگەنلەرنى ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ ئېچىنىشلىق ئازاب – ئوقۇبەتلىرى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. «ئالتۇن - كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن- كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن- كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ئېھتىياجلىق بەندىلىرىگە بېرىلىشكە تېگىشلىك ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن- كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋاباسىنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ». (تەۋبە سۈرىسى 34 - ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاكات بەرمىگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل - مالنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىگە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مال - دۇنيالىرى ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدە قورقۇنچلۇق قارا مېڭى بولغان ھەيۋەتلىك بىر يىلانغا ئايلىنىپ كېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا يۆگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ‹مەن سېنىڭ دۇنيادا يىغقان مال- دۇنيايىڭ› دەيدۇ.» (ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى).

(5) ئىسراپچىلىق. بەزى مۇسۇلمانلاردىكى ئىسراپخورلۇق مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىگە يات كېلىدىغان، ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان بىر يامان ئىشتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ: «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ» دېگەن ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىقنى ئىسراپ قىلماستىن، بەكمۇ چىڭ تۇتۇۋالماستىن نورمال ھالدا ئىشلىتىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 31 - ئايەت).

(6) پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان كىشىنىڭ پەرز بولغان ئىشنى قايرىپ قويۇپ نەپلە (ئىختىيارىي) ھەج ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشى. پۇلغا زور ئېھتىياجلىق شارائىتتا قالغان تۇغقانلىرىنى، دوستلىرىنى، قوشنىلىرىنى، يېتىم – يېسىرلارنى، داۋالىنىشقا پۇل تاپالمىغان كېسەللەرنى، پۇلسىزلىقتىن ئوقۇشقا كىرەلمىگەن بالىلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى قايرىپ قويۇپ نەپلە ھەج ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەممە بىردەك سۆزلىمەكتە. چۈنكى جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنىڭ، يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش شۇ جەمئىيەتتىكى پۇلدارلارنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر. بۇ پەرزنى قايرىپ قويۇپ، نەپلە ئىبادەت ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىش توغرا ئەمەس. ساۋاب ئاللاھنىڭ قولىدا، ئاللاھ ساۋابنى كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدىكى نىيەتلىرىگە قاراپ بېرىدۇ. پۇل خەجلەشتە راستتىنلا ساۋابقا ئېرىشىشنى نىيەت قىلغان ئادەم ئەلۋەتتە ساۋابى چوڭ ۋە كۆپ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. چۈنكى پەرزنىڭ ساۋابى نەپلىنىڭكىدىن چوڭ ۋە كۆپ ئەلۋەتتە.

(7) لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىش ياكى قانداقلا بىر ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش كۈتۈلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن پۇل خەجلەش. چۈنكى مۇنداق قىلىش قىمار ئوينىغانغا ئوخشاشلا ھارامدۇر. شۇنىڭدەك، لاتارىيە ۋە قانداقلا بىر ئويۇندىن ئۇتۇۋالغان پۇل مېھنەتسىز كەلگەنلىكى ۋە ھالال كەسىپ ئارقىلىق كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھارامدۇر[6].


 كىشىلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە چەكلەنگەن ئىشلار

81. سوئال: كىشىلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە چەكلەنگەن ئىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: كىشىلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:

(1) مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىش.

مۇسۇلمانلار قايسى مىللەتتىن، قايسى دۆلەتتىن ۋە قانداق رەڭلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئۆزئارا دىنىي قېرىنداشلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى شەخسىي مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان، تەقۋالىق، ئەخلاق – پەزىلەت، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە چېكىگە يەتكەن مېھرىبانلىقنى ئاساس قىلغان ئەڭ مۇستەھكەم بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىمىرىلمەس بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇنى تەكىتلەپ: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر» دەپ ئېلان قىلغان.

بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىشى ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ئۇلار بىر گەۋدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىر - بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلماڭلار، بىر - بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار، بىر - بىرىڭلارنى يامان كۆرمەڭلار، بىر - بىرىڭلارغا دۈشمەن بولماڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار. ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خورلىمايدۇ. تەقۋالىق قەلبتە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى خور كۆرگەن ئادەمدىنمۇ يامان ئادەم يوق. بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈشى، پۇل – مېلىنى تارتىۋېلىشى ۋە نومۇسىنى تۆكۈشى قەتئىي ھارامدۇر.» (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

(2) مۇسۇلمانلارنى پىكىر ياكى مەزھەپ ئايرىمىچىلىقى سەۋەبلىك چەتكە قېقىش. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش پەرز. چۈنكى بىرلىك، ئىناقلىق كۈچ - قۇۋۋەت تېپىشنىڭ يولى. مۇسۇلمانلار ھازىرقى زاماندا كۈچ - قۇۋۋەتكە باشقا ھەممە ئەسىرلەردىكىدىن بەكرەك موھتاجدۇر. مۇسۇلمانلاردىن بەزى كىشىلەرنىڭ پىكىر ياكى مەزھەپ ئايرىمىچىلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنى چەتكە قېقىشقا، باشقىچە مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ھەتتا بىدئەت (دىندا بولمىغان ئىشلار) نى سادىر قىلىدىغان، گۇناھ – مەسىيەت ئىشلەيدىغان، ئەمما ئېتىقادى دۇرۇس بىر ئادەم نامازغا ئىمام بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق ياخشى ۋە گۇناھكار ئادەمنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇۋېرىڭلار» دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى، ئىناقلىقىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلغان. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

(3) مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرنى چەتكە قېقىش. مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگىمۇ ياخشى، ئادالەتلىك ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان. باشقا دىندىكى كىشىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كەمسىتىش، چەتكە قېقىش ۋە خور كۆرۈشكە بولمايدۇ. بارلىق مۇئامىلە تۈرلىرىدە ئۇلارغا ئايرىمىچىلىق قىلماستىن، ھەقسىزلىق قىلماستىن، توغرا ۋە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قولدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ئىنسانىي ياردەم قىلىش لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە بىزگە تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «باشقا دىندىكىلەردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ.» (مۇمتەھىنە سۈرىسى 8 - ئايەت).

82. سوئال: كاپىرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ئادەم ساۋاب تاپامدۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە ساۋاب تاپىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىرلا شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ مەزكۇر كاپىرنىڭ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىدىغان ياكى ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان كاپىرلاردىن بولماسلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «جېنى بارلىكى نەرسىگە ياخشىلىق قىلغان ئادەم ساۋاب تاپىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. (ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

بۇ ھەدىستىن ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ساۋاب ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

83. سوئال: مۇسۇلمانلار كىملەرنى يامان كۆرۈشى كېرەك؟

جاۋاب: مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى، دىنىي سەۋەبتىن ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلارنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى، قۇرئان كەرىمنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتماسلىقى، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ بىلىشى لازىم. بۇ پرىنسىپنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلغان: «ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشتا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ. كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» (مۇمتەھىنە سۈرىسى 9- ئايەت).


 ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا چەكلەنگەن ئىشلار

84. سوئال:  ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا چەكلەنگەن ئىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسسۇزلۇقتىن قاتتىق قىينىلىپ كېتىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ھۆل تۇپراقنى يېيىشكە باشلىغان بىر ئىتنى كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ ئىتقا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن، ئايىغىنى سېلىپ، ئۇنىڭغا قۇدۇقتىن سۇ تولدۇرۇپ چىقىپ بۇ ئىتنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پۈتۈن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ جەننەت ئەھلى بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى سۇ ياكى نان بەرمەستىن باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتكەنلىك قىسسىسىنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ھايۋانلارغا رەھىم – شەپقەت قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىبادەت ۋە دىنىي ھەم ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلىغان. (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:

(1) ھايۋانلارغا كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىش.

(2) ھايۋانلارنى ئاچ ياكى سۇسىز قويۇش.

(3) ھايۋانلارغا كېسەل يەتسە ياكى بىرەر ئورگىنى سۇنسا ۋاقتىدا داۋالاتماسلىق.

(4) ھايۋانلارنى ئۇرۇپ قىيناش.

(5) ھايۋانلارنى ئوت بىلەن داغلاش. 

(6) ھايۋانلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئورگانلىرىنى كېسىش.

(7) ھايۋانلارنى ئوق ئېتىش مەشىقلىرىدە قارىغا ئالماسلىق.

(8) ھايۋانلارنى بىر - بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇش. مەسىلەن: ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئويۇنلار ھارامدۇر. ئۇنى قىلغۇچىلار ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە قىينىغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.

(9) ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتا قاتتىق قوللۇق قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى پۈتۈۋەتتى. مال بوغۇزلىغاندا ياخشى بوغۇزلاڭلار، پىچاقنى ئىتتىك قىلىڭلار ۋە مالنىڭ جېنىنى قىينىماستىن چىقىرىڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

ئۇچار قۇشلارغىمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاش، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ سىلىق ۋە رەھىم – شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «كىمكى بىرەر قۇشقاچنى بوغۇزلاشتىمۇ رەھىم - شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ رەھىم – شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.


 ئېلىم – سېتىم مۇئامىلىلىرى ھەققىدە

85. سوئال: قانداق نەرسىلەرنى ئېلىش ۋە سېتىشقا بولىدۇ؟

جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقىغا ياكى ئەخلاقىغا زىيانلىق بولمىغان، ئىسلام دىنىدا چەكلەنمىگەن، گۇناھ – مەسىيەتلەرگە سەۋەب بولمايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىش ياكى سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى شەيئىلەر ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ھالال بولۇپ، ھارام قىلىنغانلىقىغا ئائىت دىنىي دەلىل بولمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھالالدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئىستېمال قىلىش، ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش مۇتلەق جائىزدۇر. پەقەت بۇلاردىن ئايەت ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلەر ئارقىلىق ھارام ئىكەنلىكى كەسكىنلەشكەنلىرىنى ئىستېمال قىلىش ۋە ئېلىپ – سېتىش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پرىنسىپنى مۇنداق ئوچۇقلىغان: «ئاللاھ قۇرئاندا ھالال قىلغىنى ھالال، ھارام قىلغىنى ھارامدۇر. ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم بېرىلمىگەن نەرسىلەر ئاللاھنىڭ كەچۈرۈمىدۇر. ئاللاھنىڭ بۇ كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلىڭلار. ئاللاھ ھېچ نەرىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» (ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

86. سوئال: قانداق نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ؟

جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان، ئىسلام دىنىدا ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغان ياكى بىرەر گۇناھ ئىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىش ياكى سېتىش، ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. بۇ شەرىئەت ئىستېمالىدا ھارام دېيىلىدۇ. مەسىلەن: چوشقا، ئۆزى ئۆلگەن مال، مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەر، ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغان يېمەك – ئىچمەكلەر، بۇت – ھەيكەل، كرېست بەلگىلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىش ياكى سېتىش ھارامدۇر. چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ - سېتىپ تىجارەت قىلىش ئاشۇ گۇناھ ئىشلارنى ۋە ھارام نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلغانلىق ياكى ئۇلارنى كىشىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىك بولۇپ، گۇناھتا شېرىك بولغانلىقتۇر. ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىش ياكى سېتىشتىن چەكلىنىش بولسا، ئۇ نەرسىلەرنىڭ نامىنى ئۆچۈرۈپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرغانلىق بولىدۇ. يۇقىرىقى نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش گۇناھ، ئۇنىڭ پۇلى ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قانداقلا بىر نەرسىنى ھارام قىلسا، ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ ھارام قىلىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

87. سوئال: ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى قانداق بېجىرىش كېرەك؟

جاۋاب: ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىنى ئىسلام پرىنسىپى بويىچە بېجىرىش كېرەك.

         ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدىكى ئىسلام پرىنسىپى

1. ھارام نەرسىلەرنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق،

2. گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق

3. راستچىل بولۇش

4. نامەلۇم نەرسىلەرنى ساتماسلىق

5. جازانە قىلماسلىق (ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلماسلىق)

6. مونوپولىيىچىلىق قىلماسلىق

7. تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرمەسلىك

8. ئوغرىلانغان ۋە بولانغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماسلىق

9. بۇزۇق كېلىشىم ۋە شەرتلەرنى قوللانماسلىق

88. سوئال: ھاراملىقى سەۋەبلىك ئېلىپ – سېتىش چەكلەنگەن نەرسىلەر قايسىلار؟

جاۋاب: ھاراملىقى سەۋەبلىك ئېلىش ياكى سېتىپ تىجارەت قىلىش چەكلەنگەن نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەر:

(1) چوشقا، ئۇنىڭ گۆشى، تېرىسى، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشى، زەھەرلەنگەن ياكى يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان مالنىڭ گۆشى.

(2) ھاراقتىن باشلاپ پىۋىغىچە مەست قىلىش خاراكتېرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى.

(3) ئاق چېكىملىك، ئەپيۇن، نەشە، تاماكا ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىك تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى.

(4) ھەيكەل، كرېست ۋە ھەر قانداق بىر باتىل دىننىڭ دىنىي بەلگىلىرىنىڭ ھەممە تۈرى.

89. سوئال: گۇناھقا سەۋەب بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئېلىپ – سېتىش مەنئى قىلىنغان نەرسىلەر قايسىلار؟

جاۋاب: ئۆزى ھالال بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھارام ياكى گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان شەيئىلەرنى ئۇنىڭدىن ھارام ياكى ئىنسانلارنى گۇناھلارغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىلەرنى ياسايدىغان ئورۇنلارغا بىلىپ تۇرۇپ سېتىش گۇناھتا ئۇلار بىلەن شېرىك بولغانلىقتۇر. مەسىلەن: ئۈزۈم ئۆزى ھالال مېۋە بولسىمۇ، ئۇنى ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا سېتىش ھارامدۇر. چۈنكى بۇ گۇناھ ئىشقا ھەمكارلاشقانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۈزۈمنى ھاراق ياسايدىغانلارغا سېتىش ئۈچۈن مول ھوسۇل ۋاقتىدا ساقلاپ ياتىدىكەن، ئۆزىنى ئاخىرەتنىڭ ئوتىغا تۇتقان بولىدۇ.»

90. سوئال: سودىدا راستچىل بولۇش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: سودىدا راستچىل بولۇش دېگەن ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدا ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقتىن يىراق بولۇپ، سەمىمىي بولۇش دېگەنلىكتۇر. سودىدا يالغان سۆزلەش قاتتىق گۇناھ ۋە ھارامنى يېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە بىزگە تەلىمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئايرىلىپ كەتمىگۈچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ھەر ئىككىيلەننىڭ يېنىۋېلىش ئىختىيارى بار، ناۋادا ئۇلار راستچىل بولۇپ مالدا ئەيىب بولسا، بۇ ئەيىبتىن خەۋەردار قىلسا، ئۇلارنىڭ سودىسىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ. ناۋادا يالغان ئېيتىپ مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرسا، سودىسىنىڭ بەرىكىتى يوق قىلىنىدۇ.» (بۇخارىي رىۋايىتى).

91. سوئال: نامەلۇم ياكى ئىلكىدە بولمىغان نەرسىلەرنى ساتماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى ۋە سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: سېتىلغان تاۋارنىڭ نامەلۇم ياكى ئىلكىدە يوق بولۇشى ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەلگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ياكى بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى ئالداپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى نامەلۇم تاۋارنى ۋە تېخى ئىلكىگە ئۆتمىگەن نەرسىنى سېتىشنى چەكلىۋەتكەن.

شۇ سەۋەبتىن، ھايۋاننىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى، ئاسماندىكى قۇشنى، سۇدىكى بېلىقنى، پىشمىغان مېۋىنى پىشقاندا تاپشۇرۇۋېلىش شەرتى بىلەن سېتىش ۋە ھەر قانداق نامەلۇم ياكى تېخى ئىلكىگە كىرمىگەن نەرسىنى سېتىش چەكلەنگەن.

92. سوئال: جازانە دېگەن نېمە؟

جاۋاب: جازانە پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىسى «رىبا» يەنى ئارتۇق، زىيادە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئىسلام ئىستېمالىدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا سودا يولى بىلەن پۇل تېپىشقا يول قويغان بولسىمۇ، كىشىلەردىن بەدەلسىز پايدا كۆرۈشنى قەتئىي ھارام قىلغان. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا – سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» (نىسا سۈرىسى 29 - ئايەت).

جازانە يەنى ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ گۇناھى شۇنچىلىك ئېغىر بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارغا لەنەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئاللاھ تائالا ئۆسۈم يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلدى.» (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد ۋە نەسائىيلار رىۋايەت قىلغان).

جازانە خۇددى ئوتقا ئوخشاش ئەتراپقا تۇتىشىدىغان شۇنداق خەتەرلىك بىر گۇناھ بولۇپ، جازانىنىڭ گۇناھى ئۆسۈم يېگۈچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۆسۈمنى بەرگۈچىمۇ ئوخشاشلا گۇناھكار بولغاننىڭ سىرتىدا، جازانە مۇئامىلىسىگە ئارىلاشقان ۋە ياردەملەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ گۇناھقا شېرىك بولىدۇ.

93. سوئال: جازانە مۇئامىلىسىنى چەكلەشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى جازانە مۇئامىلىسىنى قاتتىق چەكلەشتە پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرى جازانە مۇئامىلىسىنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

(1) جازانە باشقىلارنىڭ مېلىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

(2) جازانىغا تايىنىش كىشىلەرنى ھەرخىل ھۈنەر – كەسىپلەر بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توسۇپ، ئىشلىمەستىن ئۈندۈرۈپ يېيىشنى ياقتۇرىدىغان تەييارتاپلاردىن قىلىپ قويىدۇ.

(3) جازانە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا قەرز بېرىشىش ئارقىلىق بىر – بىرىگە ياردەم قىلىش روھىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت كۆرمىسە ياردەم قىلمايدىغان مەنپەئەتپەرەسلەردىن بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

(4) كۆپىنچە ھاللاردا قەرز بەرگۈچى باي، قەرز ئالغۇچى كەمبەغەل بولىدۇ. جازانە مۇئامىلىسىگە يول قويۇش جەمئىيەتتىكى رەھىمسىز بايلارنىڭ نامراتلارنى ئېزىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ.

94. سوئال: مونوپولىيىچىلىقنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى سودا – سېتىقتا شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، ھەر قانداق جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، تەمەخورلۇقى ۋە پۇرسەتپەرەسلىكى تۈپەيلى خەلقنىڭ ئوزۇق – تۈلۈكى ۋە كۈندىلىك زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىدە باشقىلارنىڭ ھېسابىغا ئۆزلىرىنى بېيىتىشقا ئۇرۇنۇشىنى قاتتىق چەكلىگەن ۋە مۇنداقلارنى قاتتىق تەلەپپۇزدا ئەيىبلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونوپولچىلىقنى قاتتىق چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئوزۇق – تۈلۈكنى قىرىق كۈن مونوپول قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن ئادا – جۇدا بولۇپ كېتىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونوپولىيىچىنىڭ پسىخىكىسى ۋە خۇنۈك شەخسىيەتچىلىكىنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: «مونوپولىيىچى نېمىدېگەن ئوسال ئادەم – ھە، ئۇ باھا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلىسا قايغۇرىدۇ، قىممەتچىلىك خەۋىرىنى ئاڭلىسا خوش بولىدۇ.»

95. سوئال: تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە كەم بېرىشنىڭ گۇناھى قانداق؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى ئەڭ سەسكىنىدىغان ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى تارازىدا – ئۆلچەمدە كەم بېرىشتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىدە، تارازا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرمەسلىك، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، كىشىلەرنى ئالدىماسلىق ھەققىدىكى تەۋسىيىلەر بايان قىلىنغان.

«ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار.» (ئىنئام سۈرىسى 152 - ئايەت)

«سىلەر باشقىلارغا ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار.» (ئىسرا سۈرىسى 35 - ئايەت).

ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنى تەھدىت قىلىپ قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: «ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغاندا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە كەم بېرىدۇ، ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.» (مۇتەففىفىين سۈرىسى 1 - 6 - ئايەتلەر). بۇ ئايەتلەردە، تارازا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەر ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن سانالغان.

96. سوئال: ئوغرىلانغان ۋە بولانغان نەرسىنى سېتىۋېلىش نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەن؟

جاۋاب: قانداقلا بىر نەرسىنى ئۇنىڭ ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش بۇلاڭچىلارنىڭ ياكى ئوغرىلارنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىك ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغانلىق بولىدۇ. مۇسۇلمان ئادەم جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ھەقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئوغرىلانغان ياكى بولانغان نەرسىلەرنى نەرقىنىڭ ئەرزانلىقىغا ئالدىنىپ سېتىۋالماسلىقى لازىم. چۈنكى ئىگىسى رازى بولمىغان نەرسە ئۇنى ئالغۇچىغا راۋاج قىلمايدۇ ھەمدە سېتىۋالغۇچىسىنى گۇناھقا شېرىك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئوغرىلانغان نەرسىنى، ئۇنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھىغا ۋە ئار – نومۇسىغا شېرىك بولغان بولىدۇ.» (ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى).

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى ئوغرىلانغان ياكى بولانغان نەرسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەندەك، ھارام نەرسىنى ھالاللىققا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇنداقلا كونىراش بىلەنمۇ ئەسلى ئىگىسىنىڭ ھەققىنى چۈشۈرۈۋېتەلمەيدۇ. تېپىۋېلىنغان نەرسىلەرنىمۇ سېتىۋالماستىن، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ياردەم قىلىش لازىم.

97. سوئال: بۇزۇق شەرت قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ئېلىم – سېتىمدىكى بۇزۇق شەرتلەر ھەرخىل بولۇپ، مۇنداق بۇزۇق شەرتلەر ۋە بۇزۇق كېلىشىملەر سودىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا توسقۇن بولىدۇ. بۇ شەرتلەر ساتقۇچىنىڭ ئالغۇچىغا «ساڭا بۇنى ساتسام سەن ماڭا مۇنداق نەرسىنى سېتىپ بېرىسەن ياكى قەرز بېرىپ تۇرىسەن» دېگەنگە ياكى «بۇنى پالانى رازى بولسا ساتىمەن» دېگەنگە ئوخشاش شەرت قوشقىنىغا ئوخشاش. شۇنداقلا كېلەچەكتە ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر شەرتكە باغلاشتۇر. بۇنداق سودا دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان ھەر قانداق شەرت باتىلدۇر. مەيلى يۈز شەرت بولۇپ كەتسىمۇ.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).


 پارىخورلۇق ۋە ئۇنىڭ گۇناھى ھەققىدە

98. سوئال: پارىخورلۇق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: پارىخورلۇق — بىراۋنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەتنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ياكى گۇناھسىز بىرىنى قارىلاش ياكى بىرەر جىنايەتكارنى ئاقلاش ياكى ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش ياكى قانداقلا بىر دەۋا ئىشىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قارىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل ياكى پۇلغا توختايدىغان بىر نەرسە بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، پارىنى بەرگەن ۋە ئالغان ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار، ئىنسانىيەت ئالدىدا ئەيىبكار بولىدۇ.

99. سوئال: پارا بېرىش ياكى ئېلىشنىڭ گۇناھى ۋە خەتىرى نېمە؟

جاۋاب: پارىخورلۇق ئەڭ يامان خىيانەتچىلىك بولۇپ، ھەق - ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇشىغا، ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىككە، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە نامەردلەرچە خىرىس قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىش بولغانلىقى ئۈچۈن پارا بېرىش ياكى ئېلىش ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىنلاردا ۋە پۈتۈن قانۇنلاردا قەتئىي ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ پارا بەرگۈچىگە، ئۇنى ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا ۋاسىتە بولغۇچىغا لەنەت قىلدى» دېيىش ئارقىلىق پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ جازاسىنى بايان قىلغان. ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىق ئاخىرەتلىك نېسىۋىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالغانلىقتۇر.

100. سوئال: سوۋغا- سالام بېرىشنىڭ ھەر قاندىقى پارا ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ئۆز زاتىدا ياخشى نەرسە، يامان غەرەزنىڭ ئارىلىشىشى يامان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئىنسانلار ئارىسىدا بىر – بىرىگە ھەدىيە، سوۋغا – سالام بېرىشىش ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئۆزئارا سۆيگۈ - مۇھەببەتنى، يېقىنلىقنى، دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «بىر - بىرىڭلارغا سوۋغا – سالام تەقدىم قىلىشساڭلار ئاراڭلاردىكى مۇھەببەت ئاشىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما سوۋغا – سالام باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بىرەر يامان نىيەتنى كۆزلەپ ياكى ھەققى بولمىغان بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇ ۋاقىتتا، بۇ سوۋغا – سالام ئەمەس، بەلكى پارا بەرگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلىش قەتئىي ھارام. بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى ۋە سايە قىلىپ ۋاسىتە بولغۇچى ھەممىسى گۇناھقا شېرىك بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر ساھابىنى سەلىم قەبىلىسىنىڭ زاكاتلىرىنى يىغىپ كېلىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن زاكات ماللىرىنى تاپشۇرۇش ۋاقتىدا، «ماۋۇ زاكاتقا بەرگەنلىرى، ماۋۇ سوۋغات» دەپ چۈشەندۈرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھقا: «سەن ئۆيۈڭدە جىم ئولتۇرغان بولساڭمۇ ساڭا بۇ سوۋغات كېلەمتى؟» دەپ رەت قىلغان ۋە ئۇنىمۇ زاكات ماللىرى بىلەن بىرگە بەيتۇلمال(دۆلەت خەزىنىسى) غا قوشۇۋەتكەن.

101. سوئال: ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا نېمە قىلىدۇ؟

جاۋاب: ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ياكى يوللۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، باشقىلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن پارا بېرىپ بولسىمۇ ئۆز ھەققىنى قۇتقۇزسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ مۇنداق بولىدۇ:

(1) رەھىمسىز زالىمنىڭ ياكى قاتىلنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، پارا بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمىغاندا، پارا بەرسە بولىدۇ.

(2) ئۆزىنى، مال – مۈلكىنى، ئائىلىسىنى، نومۇسىنى، دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، پارا بەرسە بولىدۇ.

(3) ئۆزى ياكى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى ياكى تۇغقانلىرىدىن بىرى دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، پارا بېرىش بىلەن قۇتۇلدۇرغىلى بولسا، پارا بېرىپ قۇتۇلدۇرۇش جائىزدۇر.

(4) ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن پارا بېرىشتىن باشقا چارە قالمىغان شارائىتتا، بىراۋنى زىيان – زەخمەتكە ئۇچراتماسلىق شەرتى بىلەن پارا بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن پارا بېرىش قەتئىي ھارام. مەسىلەن: باشقا بىرىگە تەقسىم قىلىنغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزى ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ياكى ئۆز مېھنىتى بىلەن ئالىي مەكتەپنى قازانغان بىر بالىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ بالىسىنى سەپلەش ئۈچۈن پارا بەرگەنگە ئوخشاش.


 ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە چەكلەنگەن ئىشلار ھەققىدە

ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولغانلىقتىن، ئۆزى يالغۇز ياشاپ ئۆتەلمەيدۇ. بەلكى جەمئىيەتتىكى باشقا ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە موھتاجدۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئەسلىدە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىنتىلىدۇ، ناچار ئەخلاق ۋە يامان قىلىقلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەخت - سائادەت، مېھرى – مۇھەببەت، دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە بىرلىككە توسقۇن بولىدىغان ناچار ئىللەتلەر بار. بۇ ئىللەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئادەم ئۆلتۈرۈش

2. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش

3. ئوغرىلىق قىلىش

4. قارا چاپلاش

5. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش

6. زۇلۇم قىلىش

7. يالغانچىلىق

8. سۆزىدە تۇرماسلىق

9. غەيۋەت قىلىش

10. خىيانەت

11. كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش

12. كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش

 13. كۆرەلمەسلىك

14. گەپ توشۇش

15. كىشىلەرگە لەقەم قويۇش

16. ھاياسىزلىق

17. گۇمانخورلۇق

18. ۋاپاسىزلىق

19. چېقىمچىلىق

20. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش

21. ئىسراپخورلۇق

102. سوئال: ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، يەنە بىرى، سەۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ سېلىشتۇر. ھەر ئىككىسىنىڭ جازاسى ئايرىمدۇر.

103. سوئال:  قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ دۇنيادىكى جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام جازا قانۇنى بويىچە، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر. «ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ.» (بەقەرە سۈرىسى178 ـ ئايەت).

ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تەۋەلىرى قاتىلدىن ئىنتىقام ئېلىشنى كەچۈرسە بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىختىيارىدۇر، ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ. «قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا(يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن(دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم.» (بەقەرە سۈرىسى 178 ـ ئايەت).

104. سوئال: قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى نېمە؟

جاۋاب: قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشتۇر. ئىسلام دىنىدا ئاللاھقا تېنىشنىڭ گۇناھىدىن قالسا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھى ئېغىردۇر. قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ» دەيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 32 - ئايەت).

چۈنكى پۈتۈن ئىنسانلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر جانغا ئىشلەنگەن جىنايەت ھەممىسىگە ئىشلەنگەنگە ئوخشاشتۇر.

ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇسۇلمان بولسا، جىنايەت دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى دوزاخ بولىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى» دەيدۇ. (نىسا سۈرىسى 93 - ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ يوق بولۇشى بىر مۆمىن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتىن يەڭگىلرەكتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. (مۇسلىم رىۋايىتى).

105. سوئال:  سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ سالغاننىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىنىڭ جازاسى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەشتۇر. «كىمكى بېرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ، بىر مۆمىن قۇلنى ئازات قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك.» (نىسا سۈرىسى 92 ـ ئايەت).

106. سوئال:  دىيەتنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟

جاۋاب: بىر ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ سالغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلتۈرگۈچىنىڭ تۆلەيدىغان دىيەتنىڭ مىقدارى بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن 100 تۆگە ياكى ئۇنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بۇ ئىدى.

تۆگىنىڭ ئورنىغا 200 كالا ياكى مىڭ قوي ياكى مىڭ تىللا ئالتۇن ياكى ئون مىڭ دىرھەم كۈمۈش ياكى باشتىن - ئاخىر بىر يۈرۈش كىيىمدىن 200 نى تۆلەشنىڭ جائىزلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بار.

107. سوئال: ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: جان ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ ئۆزى بەرگەن بۇ جاننى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ ئېلىشى يوللۇق ئەمەس. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىراۋ گەرچە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يولىدا دەپ ئېتىقاد قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققانلىق بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاننىڭ جازاسى دوزاختۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. كىمكى ھەددىدىن ئېشىپ ۋە ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.» (نىسا سۈرىسى 29 – 30 - ئايەتلەر).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى ۋە ئېغىر جازاسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى تىغلىق نەرسە بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شۇ تىغلىق نەرسىنى قورسىقىغا تىقىش بىلەن دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ. كىمكى زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، زەھەر ئىچىش بىلەن دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ. كىمكى ئۆزىنى ئېگىزدىن تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، دوزاختا ئۆزىنى تاشلاش بىلەن مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى).

108. سوئال: ئوغرىلىقنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ئوغرىلىق قىلغۇچىنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادا ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

(1) بىراۋ موھتاجلىقتىن ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقىسىنىڭ تامىقىنى ياكى مېۋىسىنى ئوغرىلاپ شۇ ئورۇندا قارنى تويغۇچىلىك يېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا جازا كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىنسانىي ئېھتىياج يۈزىسىدىن مەجبۇرىي ئىشلەنگەن جىنايەت.

(2) ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى 1.0625 گرام (چارەك تىللا) ساپ ئالتۇن ياكى 3 گرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىگە يەتمىسە، قولى كېسىلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسى تۆلىتىلىدۇ.

(3) ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى 1.0625 گرام (چارەك تىللا) ساپ ئالتۇن ياكى 3 گرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىدىن كۆپ بولسا ئوغرىلىغۇچىنىڭ قولى كېسىلىدۇ. «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشلىرىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار. ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. كىمكى، (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئۆزىنى) تۈزەتسە ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ھەمىشە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) بەكمۇ مېھرىباندۇر.» (مائىدە سۈرىسى 39 ـ ئايەت).

ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى مەھكىمە ئالدىدا ئوغرىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىپ جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. كۈچلۈك كۆرۈشكە كۆرە، ئوغرى ئەگەر ئۆز گۇناھىنى تونۇپ تەۋبە قىلسا، مەھكىمە ئۇنى ئەپۇ قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئەركىندۇر.

109. سوئال: ئوغرىلىقنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى نېمە؟

جاۋاب: بۇ دۇنيادا جازاسىنى ئالمىغان ئوغرى ئاخىرەتتە چوقۇم ئالىدۇ. چۈنكى ئىككى جازا بىرلەشمەيدۇ، يەنى بۇ دۇنيادا جازاسىنى چەككەن ئوغرى ئاخىرەتتە جازالانمايدۇ، بۇ دۇنيادا جازادىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئادالەتلىك مەھكىمىسىدىن ھەرگىز قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. ئوغرىنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ.

110. سوئال: بىراۋغا قارا چاپلاشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قارىلانغۇچىلارغا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز روھى ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت – نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەر - ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان تۆھمەتچى بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر ۋە چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئەر - ئايال مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (ئۆزلىرى چاپلىغان شۇ) تۆھمەتنى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.» (ئەھزاب سۈرىسى 58 - ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىمكى باشقىلارغا ئەيىب قويۇش ئۈچۈن يوق ئىشنى بار دەپ ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىغان بولسا، شۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېلىپ كەلمىگۈچە ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن چىقارمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. يالغاندىن چاپلىغان تۆھمەتنىڭ ھەقىقىتىنى قانداقمۇ ئېلىپ كەلگىلى بولسۇن!

111. سوئال: يالغان گۇۋاھلىق دېگەن نېمە؟ 

جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بىراۋغا ئاساسسىز ھالدا، يالغاندىن تۆھمەت قىلىپ، قىلمىغان ئىشنى قىلدى، دېمىگەن گەپنى دېدى، دەپ قارىلاشتۇر. يالغان گۇۋاھلىق بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشقا، ھەق – ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىگە، گۇناھسىزلارنىڭ قارىلىنىشىغا، گۇناھكارلارنىڭ جازاسىز قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان، ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغان، كەچۈرۈلگۈسىز ئەڭ يامان جىنايەتتۇر. ئاللاھ تالا مۇنداق دېگەن: «سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن قېچىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن قېچىڭلار.» (ھەج سۈرىسى 30 - ئايەت).

112. سوئال: يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى، يۈز - ئابرۇيى ۋە جېنىغا زامىن بولىدىغان، ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بىلىپ يەتكەن مۆمىن ئادەم كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشقا يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ: «ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ» دېگەن.

بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى بايان قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ، ساھابىلەردىن: «سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئەلۋەتتە ئېيتىپ بېرىڭ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بىلىڭلاركى، ئەڭ چوڭ گۇناھلار: مەخلۇقاتنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش» دەۋېتىپ، يۆلىنىپ ئولتۇرغان يېرىدىن تۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ جىددىيلىك بىلەن «دىققەت قىلىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

113. سوئال: غەيۋەت دېگەن نېمە؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ساھابىلەردىن: «غەيۋەت دېگەن نېمە بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن» دەيدۇ. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

ئاللاھ تائالا «بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار» دېگەن. (ھۇجۇرات سۈرىسى 12- ئايەت).

بىراۋنىڭ چىراي – شەكلى، قىياپىتى، نەسەبى، مىللىتى، ئەخلاقى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق نەرسە ھەققىدە ئېيتىلغان يامان سۆزلەر غەيۋەت قاتارىغا كىرىدۇ.

114. سوئال: غەيۋەتخورلۇقنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: سۆز ئېغىردىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز – چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە – پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل — مەنىۋى راكتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلغان.

بۇ ئايەتتە غەيۋەت قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەنگە ئوخشىتىلغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىنسان پايدىسىز گەپ – سۆزدىن، خۇسۇسەن غەيۋەت – شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلىشتا سەمىمىي، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزنىڭ ئەدەپلىك، ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم.»

بىر ھەدىستە: «كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئاللاھ ئەيىبىنى ئاچقان ئادەمنى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ» دەپ كەلگەن.

115. سوئال: خىيانەت دېگەن نېمە؟

جاۋاب: خىيانەت – ساداقەتسىزلىك، سېتىلىپ كېتىش ياكى سېتىۋېتىش خاراكتېرىدىكى نومۇسسىزلىقتۇر. ئاۋام خەلق خىيانەت قىلىش دېگەننى ئامانەت قويغان نەرسىنى ساقلىماسلىق دېگەن ئاددىي مەنىدىلا چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى چوڭقۇردۇر. خىيانەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ زىيىنى شەخسلەردىن ھالقىپ، پۈتۈن كوللېكتىپ ۋە دۆلەتكىچە بولىدۇ. خائىنلىق كېسىلى قايسى مىللەتتە داۋام قىلسا شۇ مىللەت، شۇ ئەل خاراب بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە خىيانەتچىلىك قىلىشتىن توسقان.

116. سوئال: خىيانەت قىلىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: خىيانەتچىلىك بىر خىل رەزىل قىلمىش. ئۇنى مەنىۋىيىتى بۇلغانغان، روھى كور، نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر سادىر قىلىدۇ. خىيانەتچىلىك يامراپ كەتكەن ئەلدە ئادەمىيلىك ۋە ئىنسانىي مېھرى - مۇھەببەت ئۆلگەن بولىدۇ. خىيانەتچىلىك ماددىي نەرسىلەرگە خىيانەت قىلىش ۋە مەنىۋى نەرسىلەرگە خىيانەت قىلىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەنىۋى نەرسىگە خىيانەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ.

خىيانەت بەكمۇ ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ساتقۇنلۇق ۋە مۇناپىقلىققا ئوخشاش رەزىللىكلەرنىڭ باش رولچىسى خىيانەتتۇر. قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلار بىر - بىرىگە خىيانەت قىلىدىكەن، بۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ يوقىلىدۇ. ئىشەنچ يوقالغان يەردە خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئادەملەر بىر - بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ، ئۇششاق – چۈشەك زىددىيەتلەر تۈگىمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار.» (ئەنفال سۈرىسى 37 - ئايەت).

بۇ ئايەت خىيانەتچىلىكنىڭ مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق مەنىسىدىن بېشارەت بەرگەن:

(1) خىيانەتنىڭ بىرىنچى قاتلامدىكى مەنىسى ئاللاھقا خىيانەت قىلىش، يەنى ئاللاھنىڭ بەندىنىڭ پۈتۈن قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىش. بۇ بارلىق خىيانەت تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. چۈنكى قەلبىدە خۇداسى بولمىغان ئادەمنىڭ پەس ۋە چاكىنا ھەۋەسلىرىگە تولغان نەپسىدىن باشقا نېمىسى بولسۇن! مۇنداق ئادەملەردىن تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز يامانلىقلارنى كۈتۈشكە بولىدۇ. جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ساتقۇنلۇق، چېرىكلىك قاتارلىق جىنايەتلەر شۇنداق ئادەملەر تەرىپىدىن سادىر بولماقتا.

(2) خىيانەتنىڭ ئىككىنچى قاتلامدىكى مەنىسى پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلىش بولۇپ، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا جىمى پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ بىلەن ئەسلىنىدىغان، ياخشى ئىشلارنىڭ باشلامچىسى بولغان، ئۈلگىلىك كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان قىلىقلارنى قىلغۇچىلار ئۇلارغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ.

(3) خىيانەتنىڭ ئۈچىنچى قاتلامدىكى مەنىسى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشىدۇر. بۇ خىل خىيانەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان رەزىل قىلمىش. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە قويغان ئامانىتى بولىدۇ. بۇ ئامانەت بىر ئېغىز سۆز بولۇشىمۇ ياكى ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماددىي نەرسە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەركىم ئۆز ئامانىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇنداق بىر ئامانەتكە خىيانەت قىلىش تولىمۇ رەزىل ئىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يالغان ئېيتىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ ئالامىتىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

زامانىمىزدا خائىن سۆزى ۋەتەن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇناپىقلارنى، چېقىمچىلارنى، ئۆز مىللىتىنىڭ زىيىنىغا چاپىدىغان غالچىلارنى، ساتقۇنلارنى ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

117. سوئال: زۇلۇم قىلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: زۇلۇم قىلىش — ھەقسىزلىق قىلىش، ناھەق ئىش قىلىش دېگەنلىكتۇر.

118. سوئال: زۇلۇم قىلىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. ھەقسىزلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا زۇلۇم قىلىشنى قاتتىق يامان كۆرىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز ئازابىمىزنى تېتىتىمىز.» (فۇرقان سۈرىسى 19 - ئايەت).

زۇلۇم يەنى ھەقسىزلىق ھەر تۈرلۈك بولۇپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش، زىيانغا ئۇچرىتىش، يامانلىق قىلىش، ھەققىنى يەۋېلىش ۋە باشقىمۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت كۈنىنىڭ زۇلمەتلىرىدىندۇر» دېگەن. (مۇسلىم رىۋايىتى).

يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى باشقىلارنىڭ يېرىدىن بىر غېرىچ يەرنى ناھەق ئېلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ بوينىغا يەتتە ھەسسىسى ئېسىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

119. سوئال: يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جازاسى نېمە؟

جاۋاب: يالغان سۆزلەش ئەڭ يامان قىلىق، ناچار ئەخلاق ۋە ئىمانغا زىت كېلىدىغان چوڭ گۇناھتۇر. ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، يالغان قەسەم قىلىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە قارا چاپلاش، چېقىمچىلىق، ساتقۇنلۇق، گۇمانخورلۇق، تارازا - ئۆلچەمدە كەم بېرىش قاتارلىق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ ۋە ئېغىر گۇناھلارنىڭ باش رولچىسى يالغانچىلىقتۇر. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانالسىمۇ، يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى بۇلاردىن چوڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ھەمىشە راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلىۋەرسە، راستچىل بولۇشنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر ھەرقانداق بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغانچىلىقنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ.» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

120. سوئال: يالغان ئېيتىشنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: يالغانچىلىق پۈتۈن رەزىللىكلەرنىڭ مەنبىئىدۇر. يالغانچىلىق تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقلىق بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر، ھادىسىلەر، زىيانلار، ئاداۋەتلەر ۋە دەپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. يالغانچى ئادەم خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم ئىشەنمەس بولىدۇ. يالغانچىلىق سەۋەبىدىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھ ئىسراپخورنى، يالغانچى ئادەمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تىلنى سۆز قىلىشقا ياراتقان، بىراق قىزىل تىلنىڭ ئۇستىخىنى يوق. نېمە دېسە سۆزلەۋېرىدۇ. ئىنسان تىلىنى كونترول قىلمىغاندا ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ.

121. سوئال: ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم يالغان سۆزلەمدۇ؟

جاۋاب: ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كۈنى «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، « ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ياق، مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن.» (ئىبنى جەرىر، ئىبنى ئەساكىرلەر رىۋايىتى).

122. سوئال: قانداق شارائىت ئاستىدا يالغان سۆزلەشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: يالغان سۆزلەش قەتئىي توغرا ئەمەس، پەقەت قىسمەن ئەھۋالدا يالغان گەپ قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل يالغان سۆزلەش پەقەت زىددىيەتنى ھەل قىلىش، ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش، ئاداۋەتلىك كىشىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن رول ئوينايدىغان يالغان سۆز بولۇشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقان ئادەم يالغانچى ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا، جەڭلەردە دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن يالغان ئېيتىشقا بولىدۇ.

123. سوئال: سۆزىدە تۇرماسلىق دېگەن قانداق ئىللەت؟

جاۋاب: سۆزىدە تۇرماسلىق ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ: «مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.

124. سوئال: سۆزىدە تۇرماسلىقنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە: «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە) ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر» دەپ كەلگەن.

125. سوئال: قانداق قىلغاندا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئادەم بولغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: ئىنساننىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى ھەرخىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇن! ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئىرادىسىگە كېلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. كىشىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يولىدا ئوخشاشمىغان تەقدىر – قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى تۆلىنىدىغان بەدەل ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىدە سەگەك مېڭە بىلەن ئۇلۇغۋار قەلبنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادەم چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ.

126. سوئال: ئۆچلۈك، ئاداۋەت ساقلاشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋىتى بار؟

جاۋاب: ئۆچلۈك ناچار ئەخلاقلاردىن بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم كۆڭلىدە بىراۋغا قارشى ئۆچ – ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. بىرەر كىشىنىڭ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سۆيۈنىدۇ. بېرەر كىشىگە زىيان يەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە قايغۇرىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ۋە بەخت تىلەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدىغان بولسا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بەخت – سائادەتتىن ئورتاق ھۇزۇر ئالغان ۋە ئۆزئارا سۆيگۈ – مۇھەببەت ئورتاقلاشقان بولار ئىدى.

دۇنيادا نۇرغۇنلىغان پەس ئەخلاقلار ۋە ناچار قىلىقلار بار بولۇپ، دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ مەنبىئىنى بىلەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ سەۋەبى پەقەتلا بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۆچلۈك ۋە ئاداۋەت ساقلاشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش قاتتىق ئۆچلۈكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر جىنايەت بولۇپ، ھەقىقەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئازار بېرىشتەك پاسسىپ تەسىرى زور بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە ئەڭ قەبىھ جىنايەت سانىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىشىپ كېتىشى توغرا ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: «مەدىنىلىكلەردىن ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئەتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: ‹پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن› دەيدۇ.» (ھەشر سۈرىسى 9 – 10 - ئايەتلەر).

127. سوئال: كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشنىڭ گۇناھى قانداق؟

جاۋاب: كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا ئەيىب قويۇش شۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىك ۋە پەسلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بىر – بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار.» (ھۇجۇرات سۈرىسى 12 - ئايەت).

ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىراۋنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىگە رۇخسەتسىز قارىسا، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتسە بولىدۇ.» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى يېپىش گۈزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى بىلىپ تۇرۇپ ياپسا، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ.» دەپ كۆرسەتكەن.

128 - سوئال: كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدىكى مەخپىيەتلىكنى قوغداشنى مۇقەددەس بىلىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ يۈرۈشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ يۈرمەڭلار، كوچىلاپ يۈرمەڭلار.» يەنە باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىگە رۇخسەتسىز قاراشنى قاتتىق سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىراۋنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىگە ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز قارىسا، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتسىمۇ جازا كەلمەيدۇ.» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

كىشىلەرنىڭ مەخپىي پاراڭلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشتىن قاتتىق توسۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنىڭ پارىڭىنى ئوغرىلىقچە تىڭشايدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن تۆكۈلىدۇ.» (بۇخارى رىۋايىتى).

129. سوئال: مەسخىرە دېگەن نېمە؟

جاۋاب: مەسخىرە — كىشىلەرنى زاڭلىق قىلىش، ئۇلارنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە كۈلكە پەيدا قىلىش تېمىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قەبىھ ئەدەپسىزلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! بىر قوۋم يەنە بىر قوۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قوۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قوۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.» (ھۇجۇرات سۈرىسى 11 - ئايەت).

130. سوئال: كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى قايسى؟

جاۋاب: كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئىمانسىزلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: «كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى، مۆمىنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى.» (مۇتەففىفىين سۈرىسى 29 - 30- ئايەتلەر).

كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئۆز ئارىدىكى دوستلۇقنى دۈشمەنلىككە، ئىناقلىقنى بۆلۈنۈشكە، بىرلىكنى پارچىلىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان رەزىل خۇلۇق بولۇپ، نىقابلانغان مەغرۇرلۇقتۇر. كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغانلار ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغانلاردۇر.

131. سوئال: كۆرەلمەسلىك قانداق خۇلۇق؟

جاۋاب: كۆرەلمەسلىك ئۆچ – ئاداۋەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان قەبىھ روھىي ھالەت بولۇپ، قەلبنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ۋە ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. كۆرەلمەسلىك ئۆزى ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مال – مۈلۈك، ھوقۇق – مەنسەپ، ئىلىم – ھېكمەت قاتارلىق دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاپ قىزىلكۆزلۈك قىلىشتۇر. جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەر بۇ دۇنيادىن ئىبارەت قىسقىغىنا ھاياتلىق سەھنىسىدە بىلىپ – بىلمەي بۇ خىل رەزىللىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. دوست بۇرادەرلىرى، قۇلۇن – قوشنىلىرى، ھەتتا قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئازغىنا مال- مۈلكىگە، كىچىككىنە ھوقۇق – مەنسىپىگە كۆرەلمەسلىك قىلىدۇ. مۇنداقلار باشقىلارنىڭ شادلىقىدىن غەمكىن بولىدۇ، ئەلەم تارتىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ راھىتىدىن زەخمەت چېكىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار! بىر – بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار! يۈز ئۆرۈشمەڭلار، سىلە – رەھىم قىلىشىشنى تەرك ئەتمەڭلار، بەلكى ئۆزئارا قېرىنداشلاردىن بولغان ھالدا ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆرەلمەسلىكتىن ساقلىنىڭلار، خۇددى ئوت ئوتۇن ياكى ئوت – چۆپنى يېگەندەك كۆرەلمەسلىك ياخشى ئەمەللەرنى يەپ كېتىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

132. سوئال: گەپ توشۇش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: گەپ توشۇش — بىراۋنىڭ باشقا بىر كىشى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان ۋە مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرىدىغان شەكىلدە شۇ كىشىگە يۆتكەش دېگەنلىكتۇر.

133. سوئال: گەپ توشۇشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: گەپ توشۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل خۇلۇق سەۋەبىدىن دوستلار بىر – بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، بىرلىك بۇزۇلىدۇ، ئىناق ئائىلىلەر پارچىلىنىدۇ، تۇغقانلار بىر- بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەتتا گەپ توشۇش سەۋەبلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىھۇدە قان تۆكۈلۈش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىدا، گەپ توشۇغۇچىلار، پىتنە- ئىغۋا تارقاتقۇچىلار قاتتىق سۆكۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئەڭ يامان بەندىلىرى گەپ توشۇغۇچىلار، دوست- بۇرادەرلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىغۇچىلار ۋە گۇناھسىز ئادەملەرنى ئەيىبلىگۈچىلەردۇر» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

گەپ توشۇشنىڭ يەنە بىر چوڭ زىيىنى شۇكى، گەپ توشۇغۇچىلار ئاخىرەتتە ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغانلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ تۇرۇپ قانچىلىك كۆپ ئىبادەت قىلسىمۇ، جەننەتكە كىرمەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گەپ توشۇغۇچىلار جەننەتكە كىرمەيدۇ» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

134. سوئال: بىراۋ گەپ توشۇپ كەلگەندە نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: گەپ توشۇپ كەلگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئېنىقلىماستىن ئىشەنمەسلىك لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ تەلىم بېرىدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قوۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.» (ھۇجۇرات سۈرىسى 6 - ئايەت).

135. سوئال: كىشىلەرگە لەقەم قويۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: كىشىلەرگە قانداقلا بىر لەقەمنى قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتىنى، يۈز – ئابرۇيىنى قوغداش دىنىي زۆرۈرىيەتتۇر.

كىشىلەرگە لەقەم قويۇش ياكى ئۇلارنى ئۇلار يامان كۆرىدىغان لەقەملەر بىلەن چاقىرىش، ئاتاش ئەڭ يامان ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، مۇنداق قىلىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە بارچە يېقىنلىقلارنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ قىلىقتىن ئالاھىدە توسۇپ مۇنداق دېگەن: «بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار.» (ھۇجۇرات سۈرىسى 11 - ئايەت).

136. سوئال: ھاياسىزلىق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ھاياسىزلىق — گۇناھ، يامان ئىشلارنى ھېچكىمدىن تەپ تارتماستىن ياكى خىجىل بولماستىن قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ھاياسىزلىق ئىمانسىزلىق بىلەن باراۋەر يامانلىقتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ھايا بىلەن ئىمان ئىككىسى بىر پۈتۈن نەرسە. ئۇلارنىڭ بىرى يوقالسا، ئىككىنچىسىمۇ يوقىلىدۇ» دېگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ھاياسىزدا ئىمان يوق» دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

137. سوئال: ھايالىق بولۇش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ھايالىق بولۇش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان توغرا مىزان. ئۇ بىزگە شۇ كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ ۋە ئەدەپ – ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. سىز بىر ئادەمنىڭ تېگىشلىك بولمىغان ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقى ياكى تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ قويغان ۋاقىتتا چىرايىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئويغاق، ئەسلىنىڭ پاك، تەبىئىتىنىڭ ساپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. شۇنداقلا بىرەرسىنىڭ پەس، گۇناھ ئىشلارنى ھايا قىلماستىن قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ئالغان – قويغىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ قولىدىن ياخشى ئىش كەلمەيدىغان كۆڭلى قارا، يۈزى قېلىن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.

138. سوئال: شەرم – ھايا ۋە نومۇسلۇق بولۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

جاۋاب: شەرم - ھايا ۋە نومۇس ئىنسان ئەقلىنىڭ ئۇل تېمى. قىسقىسى ئىماننىڭ پوستى شەرم – ھايا ۋە نومۇستۇر. پوستى سويۇۋېتىلگەن دەرەخ قۇرۇپ كەتكەندەك شەرم – ھايا ۋە نومۇستىن ئايرىلغان ئىنسانمۇ ئىمانىي خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ۋىجدان بولسا ئىچكى نومۇستۇر. بىر ھەدىستە: «ئادەم بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا تۆت جەۋھەر بار. ئۇلار: ئەقىل، دىن، ھايا ۋە ياخشى ئەمەل. بۇ تۆت جەۋھەرنى يوقىتىدىغان تۆت نەرسە بار: ئەقىلنى غەزەپ يوقىتىدۇ. دىننى كۆرەلمەسلىك يوقىتىدۇ. ھايانى تەمەخورلۇق يوق قىلىدۇ. ياخشى ئەمەلنى غەيۋەت بىكار قىلىۋېتىدۇ» دەپ كەلگەن. شەرم – ھايا بىلەن نومۇسچانلىق ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى بېيىتىپ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن گۈزەللىكتۇر.

139. سوئال: ھاياسىزلىقنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

جاۋاب: ئىمان بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك ئالاقە بولۇپ، قەلبنى پاكلاش، ئەخلاقنى توغرىلاش، ھەرىكەتنى دۇرۇسلاش قاتارلىقلار بۇ بۈيۈك ئالاقىنىڭ تەلىپى، بەلكى ئۇنىڭ تۇنجى ئىزناسىدۇر. قەلبنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، خاتالىقلار ۋە پەس ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغۇچە بۇ تەلەينى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىشتىن تەپتارتماسلىق تەدرىجىي ھالدا گۇناھلارنى قىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىماننىمۇ يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىنى ئەڭ پەس ۋە تۆۋەن ئورۇندا كۆرىدۇ. مانا بۇ، ھاياسىزلىقنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىدۇر.

140. سوئال: گۇمانخورلۇق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: گۇمانخورلۇق — كىشىلەردىن شەكلىنىش، ئۇلار ھەققىدە يامان خىياللارنى ئويلاش دېگەنلىك بولۇپ، باشقىلاردىن سەۋەبسىز ئاغرىنىپ، كېيىن بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە «مۇنداق بولارمىكىن، ئۇنداق قىلارمىكىن، ئېتەرمىكىن» دېگەندەك قوشۇمچىلار بىلەن گەپ قىلىشمۇ گۇمانخورلۇقتۇر. بۇ سۆزنى ئىككىنچى بىر كىشى راست قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان يالغانچىلىقمۇ گۇمانخورلۇقنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى گۇمان بىلەن قىلىنغان سۆز سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر! كوپ گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر.» (ھۇجۇرات سۈرىسى 12 - ئايەت).

141. سوئال: ۋاپاسىزلىق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ۋاپاسىزلىق — ئىشەنچنى يەردە قويۇش، كۈتكەن يەردىن چىقماسلىق ۋە تۇز كورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت نامەردلىك بولۇپ، ۋىجدانسىز، ئىمانسىز ۋە ئەدەپ- ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغان ئادەملەر قىلىدىغان رەزىل قىلىقتۇر.

142. سوئال: ۋاپاسىزلىقنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ۋاپاسىزلىقنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ۋە ئىنئاملىرىغا تۇزكورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئادا قىلىشتىن باش تارتىش، بۇيرۇغانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن باشلاپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېمەسلىك، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش، ئاتا - ئانىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرماسلىق، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىش، مۇندىن باشقا قانداقلا بىر ياخشىلىقىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ شۇ ياخشىلىقىنى قايتۇرماسلىق قاتارلىقلارغىچە بېرىپ يېتىدۇ.

شۇنداقلا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمۇ ۋاپاسىزلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن: ئىلگىرى نامرات بولۇپ ھازىر ئاللاھ بايلىق بەرگەن بولسا، ئىلگىرى كېسەلچان بولۇپ، ھازىر ساقلىققا ئېرىشكەن بولسا، خۇددى ھېچقاچان نامرات بولمىغاندەك، ئاغرىپ يېتىپ باقمىغاندەك مەغرۇرلىنىشى، نامراتلارنىڭ ۋە كېسەلچانلارنىڭ ھالىغا يەتمەستىن ئۆزىنىلا ئويلاپ ياشىشى تولىمۇ يامان ۋاپاسىزلىقتۇر.

143. سوئال: ۋاپادارلىق قىلىشتا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋاپادارلىق ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ دىنى، ئىرقى ۋە رەڭگىدىن قەتئىينەزەر ئومۇم بولۇشى لازىم. چۈنكى پەزىلەت دېگەن پارچىلانمايدىغان بىر پۈتۈن نەرسە، ئادەمنىڭ بەزى كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇپ، يەنە بەزى كىشىلەرگە رەزىل ۋە سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇشى توغرا ئەمەس. قىلىنغان ۋەدە، تۈزۈلگەن كېلىشىم قانداقلا كىشى بىلەن بولسۇن، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش شەرتتۇر. ھەقىقىي دىيانەتلىك توغرا ئادەم ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى سەۋەبلىك ئايرىم مۇئامىلىدە بولمايدۇ. بەلكى ھەممىگە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ياخشىلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان ياخشىلىقتۇر. شۇنداقلا يامانلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان يامانلىقتۇر.

144. سوئال: چېقىمچىلىق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: چېقىمچىلىق — بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان بىر - ئىككى ئېغىز گەپنى، يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ قارشى تەرەپكە ئاڭلىتىش يالغانچىلىقى بولۇپ، ئادەتتىكى گەپ توشۇشتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر. چۈنكى گەپ توشۇش مەقسەتسىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق رەزىل مەقسەتلەر ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق چېقىمچىلىق شۇ ئىنساننىڭ نىيىتى بۇزۇق، روھى كېسەل، بىپەرۋا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

145. سوئال: چېقىمچىلىقنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: بىر قېتىملىق چېقىمچىلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلار ۋە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى — چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئىشەنمەسلىكتۇر. چېقىمچىنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى ئاڭلىتىپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

146. سوئال: كىشىلەرگە لەقەم قويۇشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: كىشىلەرگە لەقەم قويۇش ياكى ئۇلارنى ئۇلار يامان كۆرىدىغان لەقەملەر بىلەن چاقىرىش، ئاتاش ئەڭ يامان ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، مۇنداق قىلىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە بارچە يېقىنلىقلارنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ قىلىقتىن ئالاھىدە توسۇپ مۇنداق دېگەن: «بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار.» (ھۇجۇرات سۈرىسى 11 - ئايەت).

147. سوئال: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش — ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلىغانلىقتىن، ئۆزىدە ئاز – تولا بار بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى تولىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە غادىيىش دېگەنلىكتۇر.

148. سوئال: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ زىيانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: چوڭلۇق ئاللاھقىلا خاس بىر سۈپەت. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ئىنسانلارغا ياراشمايدىغان بىر قىلىقتۇر. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش روھىي ھالىتىگە ئىگە كىشىلەر ساغلام، نورمال روھىي ھالەتتىن تولىمۇ چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، بىر خىل روھىي كېسەللىككە، پسىخىكا ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەردۇر. بۇ خىل روھىي ھالەت ھامان ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، شۇنداقلا روھىي پسىخىكا ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇلاردا جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق ياكى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراش، كۆپلىگەن كىشىلەر ئېرىشكەن خۇشاللىق، روھىي ئازادىلىككە ئېرىشەلمەسلىك، سىقىلىش ئىچىدە ياشاش، جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

بىراۋدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش روھىي ھالىتىنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ ساغلام ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم بۇ خىل ناچار ئىللەتتىن مەنئى قىلىپ، لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان مۇنۇ ۋەسىيىتىنى بايان قىلغان: «كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ».

ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىپلاس روھىي ھالەت ئىنسانىيەتكە روھىي — پسىخىكا، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن كۆپ تەرەپلىمىلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلەرگە تەلىم بېرىپ: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر (ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش روھىيىتى) بولغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېگەندە، ساھابىلەردىن بىرى قورقۇپ كېتىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئادەم كىيىمىنىڭ چىرايلىق، ئايىغىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياقتۇرىدۇ، بۇمۇ كىبىردىن سانىلامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جاۋاب بېرىپ: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ. كىبىر دېگەن كۆرەڭلەش ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دېگەن.[7] بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، چىرايلىق كىيىنىش، ئېسىل، گۈزەل يۈرۈش ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقتىن سانالمايدۇ. بەلكى تەلەپ قىلىنغان ئىشلاردۇر.

149. سوئال: ئىسراپ دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئىسراپ — بىر نەرسىنى ھەددىدىن ئارتۇق بۇزۇپ چېچىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىقنى ۋە ئىسراپخورلارنى دۇنيادا ھېچقانداق دىن ياكى قانۇن قوللىمايدۇ. چۈنكى ئىسراپ قىلىپ بۇزۇپ – چاچقان نەرسىلەردىن ھېچكىم پايدىلىنالمايدۇ.

150. سوئال: ئىسراپ قىلىشنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

جاۋاب: ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئىسراپ قىلىش ھارامدۇر. ئەكسىچە، ھەر نەرسىنى نورمال ھالدا قائىدە - يوسۇن بويىچە ئىشلىتىش پۈتۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغان، ئاللاھ تائالانى مەمنۇن قىلىدىغان ياخشى ئۇسۇلدۇر. قۇرئان كەرىمدە: «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ مۇشۇ ئايەت ئارقىلىق بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نازۇ نېمەتلەرنى كەڭتاشا يېيىشكە، ئىچىشكە تەرغىب قىلىدۇ، لېكىن ئىسراپخورلۇق قىلىشىمىزنى قاتتىق چەكلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇزۇپ چاچمىغىن، بۇزۇپ چاچقۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر.» (ئىسرا سۈرىسى 26 – 27 - ئايەتلەر).

ئىقتىسادچىللىق كەمبەغەل بولۇپ قالماسلىقنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇزۇپ - چېچىش ۋە ئىسراپ قىلىش بولسا، كەمبەغەللىكنىڭ باشلانغۇچىدۇر. ئىسراپخورلار چوقۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ دەردىنى تارتماي قالمايدۇ. تارىخ ۋە تەجرىبىلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلىماقتا. شۇڭا بىر ھەدىستە: «ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ» دەپ كەلگەن.


 زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغان ھالاكەتلىك گۇناھلار

1. تاماكا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

2. ھاراق ۋە زىيىنى

3. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ زىيىنى

4. قىمار ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

5. زىنا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

6. زىنادىن چوڭ ئىككى زىنا – لەۋات ۋە سىھاق

7. ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ خەتىرى

8. سېھىر قىلىش ۋە قىلدۇرۇشنىڭ گۇناھى

9. سېھىردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۇسۇلى

10. كۆزدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۇسۇلى

 تاماكا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە

151. سوئال: تاماكا دېگەن نېمە؟

جاۋاب: تاماكا — چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان، ياپراقلىرى ئاق كېلىدىغان، ھىدى سېسىق بىرى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ نىكوتىن، پۇتاس، نېكوتيانې، كوللىدىي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تەركىبلىنىپ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن قوشۇلۇپ ياسىلىدىغان چېكىملىكتۇر.

152. سوئال: تاماكا چېكىش ئادىتى قاچان ۋە نەدىن پەيدا بولغان؟

جاۋاب: «تاماكا» سۆزىنىڭ ئەسلىسى ھىندى تىلىدىكى «tobaco» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان قاراش بار. يەنە بەزىلەر «tobaco» سۆزى مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر ئارالنىڭ نامى بولۇپ، تاماكىنىڭ شۇ جايدا تېپىلىپ كېيىنچە ئىسپانىيىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان، دەپ قارايدۇ. تاماكىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىقتۇر. كولومبو ئۆزىنىڭ ئىسپانىيىلىك ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن 1492 ـ يىلى تۇنجى قېتىم بارغىنىدا، ئۇلار تاماكا ماددىسى بىلەن تونۇشقان ۋە شۇندىن بېرى تاماكا ماددىسى بارچە ياۋروپا قىتئەسىگە تارقالغان ئىكەن.

153. سوئال: تاماكا تەركىبىدىكى ئەڭ زەھەرلىك ماددىلار قايسىلار؟

جاۋاب: تاماكا كۆپلىگەن زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بىلەن ياسىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەھەرلىك ماددا ئىككى بولۇپ، بىرى نىكوتىن، يەنە بىرى قەتىراندۇر.

154. سوئال: نىكوتىن دېگەن قانداق ماددا؟

جاۋاب: نىكوتىن — زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددا بولۇپ، زەھەرلەش كۈچى شۇنچىلىك يۇقىرىكى، تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر تال تاماكىدا بولغان نىكوتىننى شپىرىس بىلەن تېنى ساق، ئۆزى قاۋۇل بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە سالغان ھامان ئۇ ئادەم ئۆلىدىكەن.

155. سوئال: قەتىران دېگەن نېمە؟

جاۋاب: قەتىران — تاماكا چەككەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسىدىن فىلتىردا پەيدا بولىدىغان، خۇددى يوللارغا بېسىلىدىغان قارا مايغا ئوخشايدىغان ئاققۇچى خاراكتېرلىك ماددا بولۇپ، ھۆل ئوتۇنلارنى كۆيدۈرگەندە ئۇنىڭ كۆيگەن يېرىنىڭ ئاستىدىن ئاقىدىغان قارا سۇغا ئوخشايدىغان ئىسلىق ماددىدۇر.

156. سوئال: تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار؟ 

جاۋاب: تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) بالىلارنىڭ بەڭگى ئاتا ـ ئانىلىرىنى دورىشى ۋە ئاتىلارنىڭمۇ ئۇلارنى توسماسلىقى.

(2) بەڭگى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش، خۇسۇسەن بالىلار يىگىتلىك ياشلىرىدا بەڭگىلەر بىلەن دوست بولۇشى.

(3) بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى كۆرسىتىش دەيدىغان سەپسەتىگە ئىشىنىپ زورىغا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىۋېلىشى.

(4) بەزىلەرنىڭ غەم ـ قايغۇ، ئەندىشىلەردىن قايسىبىر يول بىلەن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش مەقسىتى بىلەن تاماكىغا يۈزلىنىشى.

(5) تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنىڭ خەتىرىنى ئاددىي ساناش.

(6) ئىرادىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەۋر ـ تاقەتنىڭ كەملىكى.

157. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكا يامان يولغا مېڭىشنىڭ مۇقەددىمىسى دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: تاماكا چېكىش ھاراق ۋە ئاق چېكىملىككە يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. چۈنكى ھەر قانداق بەڭگى ئاق چەكمەيدۇ، ئەمما ھەر قانداق ئاق چەككۈچى بەڭگىدۇر! بىر تال تاماكىنى چېكىشنىڭ ئۆزىمۇ ھارام. بۇ ھارامغا داۋام قىلىش ھارام ئۈستىگە – ھارامنى سادىر قىلغانلىق بولۇپ، گۇناھ كۆلىمى ئاشقانسېرى، ئۇنىڭ ئازدۇرۇش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ئۇنى چەككۈچىنىڭ ئۆپكىسىنى سېسىق تۈتۈنى بىلەن قارايتقاندەك، ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ شۇنداق قارايتىدۇ. ئادەمنى گۇناھ ئىشلەشتىن قورقمايدىغان، ھارامدىن ھەزەر قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

158. سوئال: تاماكىنىڭ كىچىك بالىلارغا قانداق يامان تەسىرى بار؟

جاۋاب: تاماكىنىڭ بالىلارغا بولغان يامان تەسىرى كۆپ، ئۇلاردىن:

(1) ئاتا ـ ئانىسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلار تاماكا ئارقىلىق گۇناھ ـ مەسىيەت ئىشلارنى ئىشلەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ.

(2) تاماكا چېكىدىغانلارغا ئارىلاشقان بالىلار تەدرىجىي تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.

(3) ئاتا ـ ئانىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرمىغان بالىلار تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ يامان ئادەتلەرگە تېزلا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

159. سوئال: تاماكىنىڭ نارەسىدە بالىلارغا تەن ساقلىقى جەھەتتىن قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: تاماكىنىڭ نارەسىدە بالىلارغا تەن ساقلىقى جەھەتتىن بېرىدىغان يامان تەسىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئاتا ـ ئانىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك.

(2) بالىلاردىكى پاڭلىق ھالىتىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاتا – ئانىسىدىن بىرەرسىنىڭ تاماكا چېكىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەڭگى ئانا ھەر قېتىم تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىن، قاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ پەسلىشى بالىنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

(3) ئاتا ـ ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلاردا نەپەس سىقىلىش، بۇرۇن ۋە كاناي ئېلىرگىيىسى، ئانگىنا قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

(4) ئاتا ـ ئانىسى ياكى بۇلاردىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش نىسبىتى ئاز بولىدۇ. ئاتا ـ ئانىسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلار بىلەن ئاتا ـ ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بۇنى ئىسپاتلىغان.

160. سوئال:  تاماكا چېكىشىنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: مەلۇمكى، تەن ساقلىقى ئەڭ چوڭ نېمەت بولۇپ، دۇنيانىڭ لەززىتى ۋە سائادىتى، تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى شۇ تەن ساقلىقىغا باغلىقتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق نېمەت تەن ساقلىقىغا يەتمەيدۇ. تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكىنىڭ يۈرەك ئېغىشى، ئۆپكە كېسىلى، قىزىل تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى، بوغما ئۈچەي ياللۇغى، ئانگىنا، ئاشقازان كېسىلى، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە باشقىمۇ كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

تاماكىنىڭ نەپەسلىنىش تۇرۇبىلىرىغا بولغان زىيىنى

تاماكىنى شوراش ئارقىلىق نەپەسلىنىش تۇرۇبىلىرىدا قېپقالغان تۈتۈننىڭ قالدۇقلىرى بەلغەم ۋە قاتتىق ھۆتەل پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا، تەدرىجىي ھالدا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

تاماكىنىڭ ئۆپكىگە بولغان زىيىنى

ئىنساندىكى ئۆپكە تەنگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ زىيانلىق بولغانلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ناھايىتى مۇھىم ئورگان. ئۆپكە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ئوكسىگېننى قوبۇل قىلىپ، زىيانلىق بولغان كاربون ئوكسىدىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۆپكىگە تاماكىنىڭ تۈتۈنى كىرگەندە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىننىڭ زەھىرى ئۆپكىدە سەلبىي ئەھۋاللارنى تۇغدۇرىدۇ. نەپەسنىڭ سىقىلىشى، ئۆپكىنى تۈتۈننىڭ قالدۇقى بولغان قارا لەشنىڭ قاپلاپ كېتىشى ۋە ئاخىرىدا تەدرىجىي ھالدا راك ئاغرىقنى پەيدا قىلىشى قاتارلىق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

تاماكىنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيىنى

تاماكىدىكى نىكوتىن دېگەن زەھەر ئېغىزغا يىغىلغان سۇغا ئارىلىشىپ ئاشقازانغا كېتىدۇ، ئاشقازاندا سەلبىي تەسىرلەرنى قوزغاپ ئىشتىھانىڭ ئازىيىشى، ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ.

161. سوئال: تاماكا چېكىشنىڭ دىنىي جەھەتتىكى زىيىنى قايسىلار؟

جاۋاب: بارلىق ئىسلام قانۇنشۇناس ئالىملىرى ۋە باشقا ھەر ساھە ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن تاماكا چېكىش، تاماكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئىي ھارامدۇر. تاماكا سودىسى بىلەن تاپقان پۇلمۇ ھارامدۇر.

تاماكا ئۆزى ھارام نەرسە، ئۇ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىنمۇ زىيانلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»، «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئىتتەرمەڭلار» بۇ ماۋزۇدا كەلگەن مۇندىن باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر.

162. سوئال: تاماكىنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: تاماكىنىڭ تەن ساقلىقى، دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن كەلتۈرىدىغان ھېسابسىز زىيانلىرىدىن باشقا، ئادەمنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشتەك ئەھۋاللارغا ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن: بەڭگىنىڭ خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، كىشىلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىسىمۇ ياخشى بولالمايدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇ تاماكا چېكىپ خۇمارىدىن چىقمىغۇچە قولى ئىشقا بارمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇنلۇق دېگەنلىك.

163. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكىغا ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش شۇنچە زۆرۈر؟ 

جاۋاب: تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش دېگەنلىك قۇتۇلۇش ئەڭ قىيىن بولغان خەتەرلىك بىر يولنى تاللىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ماددىسىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەر بەدىنىدە قوزغاش كۈچىنىڭ زورلۇقى ۋە بەدەننىڭ تەلەپلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۇنى تاشلاش يولىدا كۆپ ئازابلانماقتا. زىيانلىق ماددىلار ئىچىدە تاماكا ئىنسان ساقلىقىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. شۇڭا خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۈستى يېپىق جايلاردا، خۇسۇسەن، ئىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى قەتئىي تۈردە مەنئى قىلىپ كەلمەكتە.

تاماكىنىڭ زىيانلىرى ۋە ئاۋارىچىلىكلىرى شۇنداق كۆپ بولغان ئىكەن، ئۇنى چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش ئەڭ ياخشىدۇر. «ساقلىنىش داۋالىنىشتىن ئەۋزەل» دەيدىغان ھېكمەت ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.

164. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ. چۈنكى تاماكا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى باشقا ھەر قانداق بىر تەبىئىي ئاپەت ياكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «دۇنيادا يىلىغا تاماكا سەۋەبلىك ئىككى يېرىم مىليون ئادەم ئۆلىدۇ. بۇ سان 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيىنىڭ ھىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندا ئۆلگەن ئادەم سانىدىن تەخمىنەن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئاتوم زەربىسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 250 مىڭ ئادەم ئىدى. دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى تارقالغاندىن كېيىن 1981 - يىلىدىن 1992 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچىلىك بولغان 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 250 مىڭدىن ئازراق ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن بىر يىل ئىچىدە ئۆلىدىغان ئادەم سانى ياپونىيىگە تاشلانغان ئاتومدا ئۆلگەن، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك 12 يىل ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولماقتا.»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2002 - يىلى 31 - ماي كۈنىدىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا: «ھازىر ھەر يىلى دۇنيادا تاماكا سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ۋابا، ئىچ سۈرۈلۈش، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، كولىرا، تىفوس ۋە باشقا ھەر قانداق كېسەل سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتمەكتە. تاماكا چېكىدىغانلاردىن ھەر ئون كىشىدىن 3 ى تاماكىدىن تەدرىجىي زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلىدۇ. قالغانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن قىينىلىدۇ. تاماكا چېكىدىغانلاردىن %90 كىشىنىڭ  ئۆپكىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىزىل قان تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى ئايرىم بىر مۇشكىلە.» دەپ قەيت قىلىنغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ستاتىستىكىدا يەنە مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «تاماكا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالدىنقىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا بىر مىليارد بىر يېرىم مىليوندىن ئادەم تاماكا چېكىدۇ، ئۇلاردىن 800 مىليونى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەھۋال مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى 2020 – يىلىغا يەتكەندە ھەر يىلىغا 4 مىليونغا يېتىدىغانلىقى،  2030 - يىلىغا بارغاندا دۇنيادا يىلىغا تاماكا سەۋەبى بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 10 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.»

165. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ھازىرقى ئەسىرنىڭ ئەڭ پالاكەتلىك ئاپىتى دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تاماكىنىڭ ئىنسان ساقلىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كەسكىن ئىسپاتلانغان. بىر يىل ئىچىدە تېنى ساق كىشىلەردىن  ئىككى يېرىم مىليون كىشىنىڭ پەقەت تاماكا سەۋەبىدىنلا دۇنيادىن ئايرىلىشى ھەقىقەتەن چوڭ پاجىئە بولۇپ، ھازىرقى ئەسىرنىڭ ئەڭ زور پالاكەتلىك ئاپىتى بولۇپ سانىلىدۇ.

166. سوئال: قانداق قىلغاندا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەتتە تاماكىغا خۇمار بولۇپ قېلىش ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن تىز ۋە ئاسان بولىدۇ. 100 ئادەم ھاراق ئىچسە، ئۇلارنىڭ %10 ياكى %15 ى ھاراققا خۇمار بولسا، 100 ئادەم تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ %85 ى تاماكىغا خۇمار بەڭگى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى چارە – تەدبىرلەر تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن:

(1) تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن ئىمكان قەدەر ئارىلاشماسلىق. ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن چارىسىز ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان تەقدىردىمۇ، تاماكىغا سەلبىي نەزەر بىلەن قاراش، ئۇنى بىر خەتەرلىك ئاپەت دەپ تونۇش ۋە شۇنداق مۇئامىلە قىلىش.

(2) ئۆگىنىپ قالمايمەن دېگەن ئىشەنچ بىلەن بىر قېتىم، ئىككى  قېتىم چېكىپ بېقىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش.

(3) تاماكىغا زورلىغۇچىلارغا قەتئىي بوي ئەگمەسلىك ۋە شۇنداق ئەھۋالغا مۇپتىلا بولۇپ قالماسلىقنىڭ چارىسىنى قىلىش.

(4) تاماكا چېكىدىغانلار بار سورۇنلاردىن مۇمكىن قەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئامالسىز قاتنىشىپ قالغاندىمۇ، بەڭگىلەردىن يىراقراق ئولتۇرۇش.

(5) سىزگە تاماكا سۇنغان كىشى ھەر قانچە يېقىن كىشىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى قىلماستىن قەتئىي رەت قىلىش.

167. سوئال: قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: بالىلارنىڭ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. ئۇلار بالىلىرى توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەردىن مەسئۇل ۋە جاۋابكاردۇر:

(1) ئائىلىدە دىنىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى، ھالال ـ ھارام، ياخشى ـ يامان ۋە توغرا ـ خاتالارنىڭ ھەممىنى بالىلارغا توغرا يوسۇندا بىلدۈرۈشى ۋە قانائەتلىنەرلىك ھالدا چۈشەندۈرۈشى.

(2) تەقۋادارلىق، نەپسىنى يىغىش ۋە ئېسىل ئەخلاقلاردا بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى.

(3) بالىلىرىنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشى. ئۇلارنىڭ يانچۇقلىرىنى ۋە سومكىلىرىنى پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشى.

(4) بالىلىرىنىڭ ئارىلىشىدىغان دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى ۋە قوشنىلىرىنى ئېنىق بىلىشى ۋە بالىلىرىنى ئەخلاقسىز، يامان، بەڭگى بالىلارغا قەتئىي ئارىلاشتۇرماسلىقى.

(5) بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى مۇئەللىملىرىدىن ۋە ياخشى ساۋاقداشلىرىدىن ھەمىشە ئىگىلەپ تۇرۇشى.

(6) تاماكا چېكىدىغانلار بار سورۇنلارغا بالىلىرىنى ئېلىپ بارماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يالغۇز بېرىشىنىمۇ توسۇشى (يەنى مەنئى قىلىشى).

(7) ئاتا ـ ئانىلار ئۆزلىرى بالىلىرىنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمەسلىكى، ئۆيدە تاماكا ساقلىماسلىقى.

(8) بالىلىرىنىڭ بېرەر قېتىم تاماكا چەككەنلىكىنى ياكى بەڭگى بالىلارغا ئارىلاشقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان بالىلىرىنى قانائەتلىنەرلىك ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە قايتا قىلماسلىققا ۋەدە ئېلىشى.

(9) بالىلىرىنىڭ يامان ئادەتلەرگە كۆنۈپ قالماسلىقى، گۈزەل ئەخلاقلىق پەرزەنت بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنىپ ھەر دائىم دۇئا قىلىشى.

(10) تاماكا، ھاراق، ئاق چېكىملىك ۋە باشقىمۇ زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ خەتىرىدىن بالىلىرىنى  ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى.

168. سوئال: قانداق قىلغاندا تاماكىنى تاشلىغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۈشكۈلىنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ. تاماكىنى تاشلاش ئىشى شۇنچىلىك قىيىن كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى تاشلاش مۇمكىندۇر. تۆۋەندىكىلەر تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن ياردەمچى بولالايدۇ:

(1) ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ نىجىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئېسىلىش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دەپ ئوچۇق جاكارلىدى. يۈرەكتىن قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا شەك يوق. ئەمما دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەرمۇ بار. مەسىلەن: يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ ھالالدىن بولۇشى، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىلەن قىلىش، دۇئادا راستچىل، سەمىمىي بولۇش، ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش، ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ، دەپ دۇئادىن زېرىكمەسلىك ۋە باشقىلار.

(2) ئاللاھ تائالا غا تەقۋالىق قىلىش، يەنى ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن قېچىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇش. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە ئالغان كىشىنى ھېچ ۋاقىت زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىدۇ» ۋە «كىمكى ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ»،  دەپ كۆرسەتكەن.

(3) تاماكىنى دەر ھال تاشلاش. ئۇنى دەرھال تاشلاش چىن ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىش. لېكىن ئۇ بەزىلەر ئويلىغاندەك قىيىن ئىشمۇ ئەمەس. ئۇنى قىيىن كۆرگەن كىشى رامىزان كۈنلىرىدىكى ھالىنى ئەسكە ئالسا بولىدۇ. رامىزان كۈنلىرىدىمۇ يېمەك ـ ئىچمەك، تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردىن مەجبۇرى ئۆزىنى توسىدۇ. بۈگۈن تاشلايمەن، ئەتە تاشلايمەن دەپ كەينىگە سوزۇش شەيتاننىڭ قارمىقىغا ئېسىلغانلىق بولۇپ، شەيتانىي نەپس ئۇنى تاشلاشقا پۇرسەت بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، تاماكىنى تاشلاش قارارىغا كەلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزۈشتۇر.

169. سوئال: تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن قايتا چەكمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: تاماكىغا قايتا ئۆگىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن مۇنۇلارنى قىلىش كېرەك:

(1) تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنى قەتئىي ئېسىگە كەلتۈرمەسلىك، كۆرۈپ قالغان ياكى ئېسىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللار ئاستىدا خىيالىنى باشقا ياققا بۇراش كېرەك.

(2) تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ۋە ئارىلاشماسلىق.

(3) تاماكا چېكىش ئەسناسىدا ئىستېمال قىلىپ كەلگەن شەيئىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى تەرك ئېتىش.

(4) گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىش.

(5) مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.

(6) تاماكا خۇمارى تۇتقان بىر قانچە مىنۇتلۇق قىيىنچىلىققا سەۋر بىلەن تاقابىل تۇرۇش. خۇمار تۇتقان شۇ بىر قانچە مىنۇتقا چىدىغان ئادەم ئۇنى چوقۇم تاشلاپ كېتەلەيدۇ.

(7) تاماكا خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، خىيالىنى باشقا ياققا بۇراش، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.

170. سوئال: تاماكىنى تاشلاشنىڭ باشقا چارىلىرىمۇ بارمۇ؟

جاۋاب: تەلىم ـ تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

(1) تاماكا ئورنىغا نىكوتىن ماددىسىدىن ياسالغان مەخسۇس رىۋاشكىلارنى چايناش تاماكىغا بولغان ئىشتىھانى پەسەيتىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنى تاماكا چېكىشكە ئادەتلەندۈرۈپ قويغان نەرسە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىن ماددىسىدۇر. مىسۋاك قوللىنىشمۇ تاماكىنى تاشلاشقا ياردەمچى بولىدۇ. خۇمار قاتتىق تۇتقان لەھزىلەردە مىسۋاكنى ئېغىزىدىن چىقارماي تۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر.

(2) تاماكىنى تەدرىجىي تاشلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ كۈندىلىك چېكىدىغان تاماكا نىسبىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنىگە بىر پاچكا چېكىدىغان كىشى ئۇنى بىر ياكى ئىككى تالغا چۈشۈرۈشى، ئىمكان قەدەر ئاز چېكىشكە تىرىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك چارە — يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك — دەرھال تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر.

(3) تاماكا چەكمەيدىغان ھەمراھلار بىلەن بىرگە كۆپرەك سەيلىگە ۋە سەپەرلەرگە چىقىش. شۇ ئارقىلىق تاماكا چەكمەسلىككە ئۆزىنى كۆندۈرۈش مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەسنادا ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ھەتتا ئۆزىگە تاماكا ھەققىدە خىيال سۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

(4) تاماكىغا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس تېببىي مەركەزلىرى بولىدۇ. ئۇلار خىتاي يىڭنىلىرى ۋە بەزى دورىلار ئارقىلىق تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلارنى داۋالايدۇ. بۇ ئورۇنلارغا مۇراجىئەت قىلىشمۇ ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.

(5) تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىنى تەرك ئېتىپ، تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش.

(6) بېرەر ياكى ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك. ئادەتتە تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلاردىن 60% كىشى ئىرادىسىدىن يېڭىلىپ يەنە تاماكا چېكىش ئادىتىگە قايتىدۇ. لېكىن تاماكىنى تاشلىماقچى بولغان ئادەم بىر ياكى ئىككى قېتىم يېڭىلغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى بىلىۋېلىپ، بارچە ھىممىتى ۋە كۈچىنى شۇ ئاجىزلىق تەرىپىنى يېڭىش يولىغا سەرپ قىلىدىكەن، ئۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ. ئىرادىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ۋە ئاجىزلىق نۇقتىسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. مەلۇمكى، ھارماي كۈرەش قىلغانلار ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

(7) ئۆز ـ ئۆزىگە سۆز بېرىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. تاماكىنى قەتئىي تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىن ۋەدە بەرگەن ئادەم ھەر ۋاقىت خۇمارى تۇتۇپ ۋەدىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇر ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىدا ئۆز - ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەكلىكنى ئويلاپمۇ ۋەدىسىنى بۇزۇشتىن يانىدۇ.

(8) يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلالمىغانلار ئۈچۈن، يەنە بىر چارىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ، تاماكا چەكمەسلىككە قەسەم قىلىش. ئەگەر قەسىمىدە تۇرالماي گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قورقسا، ۋاقىتلىق قەسەم قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر يىللىق، ئۈچ ئايلىق، بىر ئايلىق. بۇ ئۇسۇل بىلەن تاماكا چېكىشنى تاشلىغانلارمۇ كۆپ.


 ھاراق ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە

171. سوئال: مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ھاراق ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ئىسلام دىنىدا، ئادەمنى مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەر قاندىقى ھاراقنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئاق ھاراق، قىزىل ھاراق، پىۋا، شامپانىيە ۋە ئادەمنى مەست قىلىدىغان ھەر قانداق ئىچىملىك ھاراق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەست قىلغۇچى نەرسىنىڭ ھەر قاندىقى ھاراقتۇر، مەست قىلغۇچى نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.»

172. سوئال:  ھاراقتىن مەست قىلمىغۇچىلىك مىقداردا ئىچىشمۇ ھاراممۇ؟

جاۋاب: ھاراق ياكى ھاراق نامى بىلەن ئاتالمىغان بولسىمۇ تەركىبىدە ئادەمنى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى بولغان ھەر قانداق بىر ئىچىملىكتىن بىر يۇتۇم ئىچىشمۇ قەتئىي ھارامدۇر. بۇ مەسىلىدە پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئالدىنقى ھەدىسمۇ بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆپ ئىستېمال قىلسا مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ، كۆپىمۇ ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى مەزكۇر نەرسىلەر ئاز ئىستېمال قىلىش بىلەن مەست قىلمىغان بىلەن ئىچكى ئەزاغا زىيان يەتكۈزۈپ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشتا ئېزى بىلەن كۆپىنىڭ پەرقى يوقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز ئىچىش كۆپ ئىچىشكە ئېلىپ بارىدۇ. 

173. سوئال:  نېمە ئۈچۈن ھاراق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ باشلامچىسى دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنى سۆكۈپ: «ھاراق – پۈتۈن پاسكىنىلىقلارنىڭ ئانىسىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى قاتىللىق، ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، ئالدامچىلىق، ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىش، بالىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش، نومۇسىنى قوغدىيالماسلىق، پەسكەشلىك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر جىنايەت ياكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ھاراق بولىدۇ. ھاراق ئىچكەن ئادەم ھەر قانداق بىر گۇناھنى ياكى جىنايەتنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ھاراقكەشتە شەرم – ھايا، ۋىجدان، ئار – نومۇس دەيدىغان نەرسە ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بولىدۇ. شۇڭا ھاراق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ باشلامچىسى دېيىلىدۇ. بۇ پىكىردە ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق پەلسەپە ۋە ھەر قانداق قانۇن بىردەكتۇر.

174. سوئال: ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئارتۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلغان. ئەقىل ئىنساننى بارلىق مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر. ئۇنىڭسىز ئىنساننىڭ ھېچقانداق قەدىر ـ قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىدا ئەقىلنى قوغداش بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى. بىرەر ئىنساننىڭ ئەقلىنى كەتكۈزگەنلىك ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر. مەست بولۇش ئەقىلنى يوقاتقانلىقتۇر. ئەقلىنى يوقاتقان ئادەم ئىسلام ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلاشقا سالاھىيەتلىك بولالمايدۇ. مۇندىن باشقا، ئەقلى جايىدا بولمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئەدەپ - ئەخلاققا زىت كېلىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى ۋە تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىش، ھەتتا ھاياتىغا خەتەرلىك ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ئۆكۈنمەيدۇ. قاتىللىق جىنايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھاراقنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھاراق ئىنساننى ياخشى ئىشلاردىن ۋە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ھاراقنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى ۋە پۈتۈن ئاتالغۇلىرى بىلەن بىرگە ھارام قىلغان. ئاللاھ تائالا ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟» (مائىدە سۈرىسى 90 - 91 - ئايەت).

175. سوئال: ھاراقنىڭ ئاساسلىق زىيانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ھاراقنىڭ زىيانلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مۇنداق 14 تۈرلۈك زىيىنىنى ئېلان قىلغان:

(1) ھاراق ئىنساننىڭ يۇقىرى نېرۋا سىستېمىسىنى زەھەرلەپ، ھاراق ئىچكۈچىنى ۋاقىتلىق ساراڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالايمىقان سۆزلەپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدۇ.

(2) يۈرەكنى قاتتىق قوزغىتىپ، ئارقىدىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

(3) ئىنساننىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىنساندىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان ئاق قان ئايلىنىشىنى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

(4) ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ئادەم سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى بولۇپ قالسا، قۇتۇلۇش ئىمكانى بولمايدۇ.

(5) ھاراققا ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ئوپېراتسىيىدە قۇتۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. شۇڭلاشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرى ھاراقكەشلەرنىڭ ھاياتىنى سۇغۇرتىغا ئالمايدۇ.

(6) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرگەن كېسەللەرنىڭ % 50 دىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

(7) ھاراق يۈرەك بىلەن جىگەرنى كاردىن چىقىرىدۇ.

(8) قان بېسىمى، شېكەر سىيىش ۋە يۈرەك كېسىلى بار ئادەم ھاراق ئىچىدىغان بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

(9) ھاراق بەزىلەرنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك تاماق سىڭدۈرۈشكە ياردەم قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ تاماق سىڭدۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولىدۇ ۋە ئاجىزلىتىدۇ.

(10) ھاراقنىڭ ھېچقانداق غىزا قىممىتى يوق. شۇنى بىلىش كۇپايە قىلىدۇكى، بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ بىر قوشۇق گۈرۈچچىلىكمۇ غىزا كۈچى يوقتۇر.

(11) ھاراقكەش نامراتلىققا گىرىپتار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بارلىق پۇلىنى ھاراققا خەجلەيدۇ. ئۇ ھاراق ئۈچۈن ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى ئاچ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ياخشى غىزالانمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچ كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ.

(12) تېببىي ستاتىستىكىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي كېسەللىككە دۇچار بولغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان.

(13) ھاراقكەشلەردىن كۈچلۈك ئەۋلاد چىقارغان ئادەم يوق، چۈنكى ھاراق قورساقتىكى بالىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ زەئىپ ۋە ئەيىبلىك ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

(14) قاتناش ۋەقەسىنىڭ % 40 ى دىن كۆپرەكى ھاراق سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. چۈنكى ھاراق خەتەرنى ھېس قىلىش ئورگانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىر سېكۇنت ئىچىدە ماشىنىنى توختىتىش كېرەك بولغان بىر ۋەقەدە ھاراق ئىچكەن ئادەم ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن توختىتالايدۇ. بۇ چاغدا بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان بولىدۇ.

176. سوئال: ھاراق ئىچىشنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى 80 قامچا ئۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ ئىسلام قانۇنى يولغا قويۇلۇۋاتقان مەملىكەتلەردە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما ھاراقكەشنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى جەننەتتىن مەھرۇم قېلىش ۋە دوزاخقا كىرىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ. ئۇلار: ھاراقكەش، ئاتا ـ ئانىسىنى قاقشاتقۇچى ۋە ئائىلىسىنى كۈنلىمەيدىغان دەييۇس.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھاراق ئىچمىسۇن، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان داستىخاندا ئولتۇرمىسۇن.»


 زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ زىيىنى ھەققىدە

177. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىك دېگەن نېمە؟

جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىك — ئادەمنى مەست قىلىدىغان، خۇمار تۇتقۇزىدىغان ئەپيۇن، خېروئىن، مورفىن، نەشە، كوكائىن قاتارلىق زەھەرلىك نەرسىلەر بولۇپ، بۇلاردا كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلار بار. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كۆپىنچە يوشۇرۇن ھالدا، قارا نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ.

178. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ خەتەرلىك زىيىنى قايسى؟

جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىپ، ئۆلۈم بىلەن تۈگەشتۈرگەننىڭ سىرتىدا، ئىنسانىيەتكە زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان، خۇسۇسەن مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارنى زەھەرلەپ نابۇت قىلىدىغان رەھىمسىز ئالۋاستىدۇر. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر بولۇپ، تەن ساقلىقى، ئىقتىساد، ئائىلە، پسىخىكا تەرەپلىرىدىن كۆپ زىيىنى بار. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشىمۇ بۇ زەھەرنىڭ بالايىئاپىتىنىڭ چوڭلۇقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىكتۇر.

179. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىنسان پسىخىكىسىغا قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىككە كۆنۈپ قالغان ئادەم ئۆز نەپسىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ ئەرزىمەس خۇمارىنى قاندۇرۇش يولىدا نەپسى خاھىشى ئۇنى نېمىگە بۇيرۇسا، شۇنى قىلىدۇ، ئەگەر نەپسى شەيتان ئۇنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتسە كىرپىكىنى قاقماستىن ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. ئەقلىنى قوللىنىشقا كۈچى يەتمەي قالىدۇ. ئۇ تەڭپۇڭلۇقى يوقالغان، ئىرادىسى ئاجىز، قورقۇنچاق، ئىش بېجىرەلمەيدىغان، ھۇرۇن، غەيرەتسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

180. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيىنى قايسى؟

جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ تەن ساقلىققا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەقىقەتەن چوڭ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلاردا تاماققا بولغان ئىشتىھانىڭ يوقىلىشى بىلەن كېسەللىك باشلىنىپ، تەننىڭ ئاجىزلىشىشى، چىراينىڭ سارغىيىشى، كېسەللىككە قارشى كۈچنىڭ زەئىپلىشىشى، مىجەزىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، جىنسىي كۈچنىڭ ئۆلۈشى، جىگەرنىڭ، ئاشقازاننىڭ كاردىن چىقىشى، يۈرەكنىڭ ئېغىشى، قان بېسىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئاخىرىدا قىزىل قان تومۇرىنىڭ پارتلىشى ئارقىلىق تۇيۇقسىز ئۆلۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

181. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىقتىسادقا بولغان زىيىنى قايسى؟

جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىقتىسادقا بولغان سەلبىي تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئائىلىدىن دۆلەت ئىقتىسادىغا قەدەر بىر تۇتاش ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان ئادەم بۇ خۇمارىنى قاندۇرۇپ ئارام تېپىش يولىدا نېمىسى بولسا ساتىدۇ. قولىدىكىسى تۈگىسە، ئوغرىلىق بولامدۇ، بۇلاڭچىلىق بولامدۇ ياكى نومۇسىنى سېتىش بولامدۇ، قايسى يولدىن بولمىسۇن پۇل تېپىپ خۇمارىنى قاندۇرىدىغان شۇ زەھەرنى سېتىۋالىدۇ. بۇ يولدا ئەڭ ۋىجدانسىز ئىشلارنى، پەسكەش قىلىقلارنى قىلىشقا، ئاتا – ئانىسىنى قاقشىتىش، بالىلىرىنى ۋەيران قىلىش، پۇلغا يارايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى نەدە بولمىسۇن ئوغرىلاشقا رازى بولىدۇ. ئاخىرى ئائىلىسىدىن، تۇغقانلىرىدىن ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ئۆلۈمىنى كۈتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىككە كۆنۈپ قالغان ئادەم ئاخىرى پۇلدىن، ئۆيدىن ۋە ئائىلىدىن، شۇنداقلا ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ قانچىلىك چوڭ باي بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ خۇمارىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە يەتمەيدۇ-دە.

182. سوئال:  كىشىلەر نېمە ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە كۆنۈپ قالىدۇ؟

جاۋاب: ئىنسانلار تەرىپىدىن «ئاق ئالۋاستى» دەپ ئاتالغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىپ يەتمەكتە، ھەركىم ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ. ئومۇمەن كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىستېمال قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ. پەقەت بەزى كىشىلەر ئادەمىي شەيتانلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس شەخسىي مەنپەئەتى ۋە ۋاقىتلىق كىرىمى بەدىلىگە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى زەھەرلەشنى كۆز ئالدىغا قويغان رەزىل ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ قالغانلىق سەۋەبلىك بۇ زەھەرلەرگە خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، بىلىپ تۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا ئۆتىدۇ. بۇ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ كەملىكى، زەھەرنىڭ خەتىرىنى ئاددىي چاغلاش، يامان، بۇزۇق دوستلارغا ئەگىشىش، مۇھىتنىڭ ناچارلىقى، ئەخلاق تەربىيىسىدىن نېسىۋە ئالماسلىق قاتارلىق بىر قانچە سەۋەبلەرگە باغلىنىدۇ.

183. سوئال: قانداق قىلغاندا زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ساقلىنىشنىڭ بەزى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىلەر:

(1) ئىمان، ئېتىقادنى ساغلام تۇتۇپ، گۇناھ – مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ھەر ئىشتا تەقۋالىقنى ئۆلچەم قىلىش.

(2) تاماكا، ھاراق، پىۋا، شامپانىيە ۋە باشقا ھەر قانداق خۇمار تۇتقۇزىدىغان، كەيىپ بېرىدىغان نەرسىلەرنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىستېمال قىلىشتىن قەتئىي يىراق تۇرۇش.

(3) زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئەڭ شەپقەتسىز ئالۋاستى ياكى يىرتقۇچ ھايۋان دەپ تونۇپ، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىش ۋە ئۇ نەرسىلەرگە نەپرەت كۆزى بىلەن بېقىش.

(4) دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن دوست بولماسلىق ۋە ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.

(5) زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى «بىر قېتىملا قىلىپ باقاي»، «بىر سىناپ باقاي» دېگەنگە ئوخشاش شەيتانىي نەيرەڭلەرگە قەتئىي ئالدانماسلىق.


 قىمار ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە

184. سوئال:  قىمار دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش بىلەن ئوينىلىدىغان ھەر قانداق ئويۇن تۈرى قىمار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش بىلەن ئوينىلىدىغان كارتا ئويۇنى، ئوشۇق ئويۇنى، ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش ئويۇنلىرى ۋە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىمار ھېسابلىنىدۇ.

185. سوئال: قىمار ئويناشنىڭ ھۆكۈمى نېمە ۋە قىماردىن تاپقان پۇل ھالالمۇ؟

جاۋاب: قىمار ئويناش خۇددى ھاراق ئىچكەنگە ئوخشاش ھارامدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى قىمارنىڭ ھاراملىقىنى ھاراق ئىچىشنىڭ، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ ۋە پال سېلىشنىڭ ھاراملىقى بىلەن بىرگە بايان قىلغان. «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.» (مائىدە سۈرىسى 89 - ئايەت).

قىمار ئارقىلىق تاپقان پۇل قەتئىي ھارامدۇر. ئۇنى خەجلەش خۇددى جازانە قىلىپ تاپقان پۇلنى خەجلىگەنگە ئوخشاش ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ بەدەلسىز كەلگەن پۇلدۇر.

186. سوئال:  قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جاۋاب: قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ بەزى ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىشلەش ئارقىلىق يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈشكە ۋە ئۆزىنىڭ رىزقىنى ھالال ئەمگەك بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق تېپىشقا بۇيرۇغان. ھالبۇكى، قىمار ئاللاھ بۇيرۇغان قانۇنىيەت بىلەن زىتلىشىدىغان، قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىشنىڭ سىرتىدا، جاپا تارتماستىن، ئىشلىمەستىن پۇل تېپىشنى چىقىش يولى قىلغان بىر تەييار تاپلىقتۇر.

(2) قىمار تۈرىگە كىرىدىغان پۈتۈن ئويۇنلار ئىنسانلارنى ئىشلەشكە، ھالال رىزىق ئۈچۈن تەر تۆكۈشكە ئەمەس، تەلەي سىناشقا، تاسادىپىيلىق ۋە قۇرۇق ئارزۇلارغا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

(3) قىمار ئويناپ بىراۋنىڭ پۇلىنى ئۇتۇۋېلىش ئۇنىڭ پۇلىنى ھەقسىز ئېلىۋالغانغا ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى ئىسلام قانۇنى بويىچە، بىراۋنىڭ پۇل – مېلى يەنە بىرسىگە پەقەت سودا – سېتىق يولى بىلەن ياكى ئۆز كۆڭلىدىن سوۋغا قىلىشى بىلەن ياكى سەدىقە قىلىش بىلەنلا ھالال بولىدۇ.

(4) قىمار ئوينىغۇچىلار ئۇتتۇرۇۋەتكەندە، ئاغزى بىلەن رازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بىلەن چىن كۆڭلىدە ئۇتۇۋالغان كىشىگە ئۆچمەنلىك بىلەن ئاداۋەت تۇغۇلىدۇ. زىيان ئاچچىق بولغانلىقتىن زىيان تارتقان ئادەم قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، ئۇتۇۋالغان ئادەمگە يامانلىق قىلىش كويىدا بولىدۇ ۋە ئارىدىكى دوستلۇق بۇزۇلىدۇ.

(5) ئۇتتۇرغۇچى زىياننى قايتۇرۇۋېلىش، ئۇتقۇچى يەنە كۆپرەك ئۇتۇش تىلىكى بىلەن ھەر ئىككىسى قىماردىن باش ئالالمايدۇ. قىمارۋازلار ئاخىرىدا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ موھتاجلىقتا قالىدۇ.

مۇندىن باشقا قىمار ۋاقىتنى ۋە كۈچنى ئىسراپ قىلىدىغان ئويۇن بولغانلىقتىن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپ باي بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قىمارغا باغلىنىپ قالغان ئادەمنىڭ دىنىنى، نومۇسىنى، ۋىجدانىنى، مىللىتىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى سېتىۋېتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. شۇڭا قىمار پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن ھارام قىلىنغان. قىمار ئوينىغان كىشى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.

187. سوئال: لاتارىيە ئويۇنلىرىمۇ قىمار ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ھەر خىل تۈردىكى لاتارىيە ئويۇنلىرى قىمارنىڭ تۈرلىرىدىن بولۇپ، قانداقلا بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇتۇش ۋە ئۇتتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھەر قانداق ئويۇن قىماردۇر. چۈنكى لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغان ئادەم ئۇتۇۋالغان تەقدىردە، ئۇ ئۆزى بېلەتكە تۆلىگىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇلنى ھېچبىر مېھنەتسىز قولغا چۈشۈرگەن بولىدۇ. بۇ بىر ھارام. لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىپ ئۇتالمىغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ھەققىنى بەدەلسىز ئالغانلىقى يەنە بىر ھارام.

 زىنا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەم يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە

188. سوئال: زىنا دېگەن نېمە؟

جاۋاب: زىنا — ئۆزىنىڭ جورىسى بولمىغان بىرسى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى زىنادىن قەتئىيلىك بىلەن توسۇپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار. چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.» (ئىسرا سۈرىسى 32 ـ ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ. ئوغرىلىق قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ. ھاراق ئىچكۈچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ.» (بۇخارىي رىۋايىتى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «كىشى زىنا قىلغان چېغىدا، ئۇنىڭدىن ئىمان چېقىپ كېتىپ ئۇنىڭ بېشىدا كۈنلۈككە ئوخشاش تۇرىدۇ. ئۇ كىشى گۇناھىغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئىمانى ئۇنىڭغا قايتىدۇ.» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

189. سوئال: زىنانىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟

جاۋاب: زىنا ـ ئىناق ئائىلىلەرنى پارچىلايدىغان، ئابرۇيلۇق كىشىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، گۇناھسىز نارەسىدە بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان، ئوت يۈرەك ئەرلەرنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدىغان بىر خىل رەزىل قىلمىشتۇر.

زىنا شۇنچىلىك قەبىھ ۋە رەزىل ئىش بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ جازاسىنى تۆۋەندىكىچە بېكىتكەن:

زىنا قىلغۇچى ئۆيلەنگەن ياكى تۇرمۇشقا چىققان بىرسى بولسا، ئۇنى تاش كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش. ئەگەر ئۆيلەنمىگەن ياكى ياتلىق بولمىغانلاردىن بولسا، ئۇنى خەلقى ئالەم ئالدىدا، يۈز قامچا ئۇرۇش. ئەر ـ ئايال، باي ـ گاداي، قېرى ـ ياش بۇ ھۆكۈمدە ئوخشاشتۇر. بۇلار زىنانىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان، ئەقىلنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر قېتىملىق زىنا ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ 60 يىللىق ئىبادىتىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى ياد ئېتىش يېتەرلىكتۇر.

60 يىل ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ ئۆتكەن ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ بىر قېتىملىق زىنا بىلەن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىشى تۇرغان يەردە، ئىبادەتلەرنىمۇ جايىدا، كامىل ئورۇنلىيالمايدىغان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ، ئەڭ ئېچىنارلىقى ئۆز بەدەنلىرىنى سېتىش بىلەن كۈن كەچۈرىدىغان، نومۇسسىز ئاياللارنىڭ ۋە زىنادىن باش ئالالمايدىغان ئەرلەرنىڭ ھالى نېمە بولاركىن؟! ئاللاھ ئۇنىڭدىن پاناھ بەرسۇن.

190. سوئال: زىنانىڭ دەرىجىلىرى بىر خىل بولامدۇ؟

جاۋاب: زىنانىڭ دەرىجىلىرى ئېغىرلىق جەھەتتىن ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆزىگە دۈشمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان باشقا دىندىكى ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن، مۇسۇلمان ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. ناتونۇش مۇسۇلماننىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن، قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. يىراق قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن، يېقىن قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. يېقىن قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن مۇجاھىد (ئاللاھ يولىدا جەڭگە چىقىپ كەتكەن كىشى) نىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر، ئەلۋەتتە. ئېرى يوق ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن، ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋنىڭ قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغىنىنىڭ گۇناھى باشقا يات ئاياللاردىن 10 ئايال بىلەن زىنا قىلغىنىدىن ئېغىردۇر.» (ئەھمەد رىۋايىتى).

بۇنىڭدىن، باشقا دىندىكى ياكى يات ئاياللار بىلەن زىنا قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى يېنىكرەك بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىپ قېلىش ئىنتايىن خاتادۇر. چۈنكى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغانلار مۇتلەق زىنانىڭ جازاسى بولۇپ، بۇ مۇتلەقلىك ئادەتتە زىنا دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يېنىك بولغىنىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

 «مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ باشقىلارغا ھاراملىقى، خۇددى بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز ئاتىلىرىغا ھارام بولغىنىغا ئوخشاشتۇر. قانداقلا بىر كىشى مۇجاھىدلاردىن ئايرىلىپ قېلىپ، بىرەر مۇجاھىدنىڭ ئايالىغا كېلىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە، بۇ مۇجاھىد ئۈچۈن ئۇنىڭ خىيانەت قىلغۇچىسىدىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ساۋابلىرى بولسا، مەزكۇر مۇجاھىد ئۇنىڭ ساۋابلىرىدىن خالىغانچە ئالىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى).

يۇقىرىقى، زىنانىڭ ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان گۇناھىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرۇن زىنا ئىشلارنى قىلىپ قويغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئادەتتىكى كىچىك گۇناھلارنى ئەمەل - ئىبادەتلەرنىڭ يۈزىسىدىن تەۋبىسىزمۇ كەچۈرىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارنى ھەقىقىي تەۋبە ئارقىلىق كەچۈرىدۇ.

زىنانىڭ ئىناق ئائىلىلەرنى قانداق پارچىلىغانلىقى، ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنى نەپرەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، قانچىلىغان گۇناھسىز بالىلارنى يېتىم قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان، تەجرىبىلەرمۇ ئۇنى يەكۈنلىگەن بىر بالايىئاپەت ئىكەنلىكى ئوچۇق بىر رېئاللىقتۇر. شۇڭا زىنا ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلى دېيىلىدۇ.

مۇندىن باشقا، زىنا مىللەتنىڭ چۆكۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. بىر ھەدىستە: «قانداقلا بىر مىللەتتە زىنا ياكى جازانىخورلۇق ئورتاقلىشىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا تۇتقان بولىدۇ.» (ھاكىم رىۋايىتى).

ئاللاھ تائالا شۇڭا زىنانى «يامان يول» دەپ تەرىپلىگەن.


 زىنادىن چوڭ ئىككى زىنا ۋە ئۇنىڭ جازاسى

191. سوئال: زىنادىن چوڭ زىنا قايسى؟

جاۋاب: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان، زىنادىنمۇ چوڭ ئىككى زىنا بولۇپ، بىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئادىتى بولغان «ئەر بىلەن ئەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى»، يەنە بىرى، «ئايالنىڭ ئايال بىلەن جىنسىي لەززەت ئېلىشى»دۇر. ئالدىنقىسى «لەۋات ياكى بەچچىۋازلىق» دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىنكىسى «سىھاق – Lesbianism» دەپ ئاتىلىدۇ.

192. سوئال:  لەۋاتنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: لەۋات ياكى بەچچىۋازلىق قىلىش ئىنسان تەبىئىتىنى يىرگەندۈرىدىغان، ئەڭ پاسكىنا، ئەڭ يامان قىلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ قىلىق ھەر قانداق بىر مىللەتنى، ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنى نابۇت قىلىپ يوق قىلىۋېتىشقا يېتەرلىكتۇر. ئۆز ۋاقتىدا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى مۇشۇ قىلىقنى قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى يەرنى ئۈستىگە دۈم كۆمتۈرۈش بىلەن جازالىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «لەۋات قىلغانلارنى تۇتۇۋالساڭلار، قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنى جازالىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتنىڭ روھىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىگە ئاساسەن، لەۋات قىلغان ئادەم ئىنسانلىقنى، جەمئىيەتنى كىرلەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشقان بولسىمۇ، ئۇنى تاش – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش ياكى ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈش ياكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈش توغرۇلۇق ئىختىلاپلاشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دوزاختۇر!

193. سوئال: سىھاقنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب:  سىھاق ياكى Lesbianism ئىنسانلىق شەنىگە ياراشمايدىغان، پاسكىنا قىلىقتۇر. ئۇ زىنانىڭ يەنە بىر تۈرى بولۇپ، گۇناھى زىنانىڭ گۇناھىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئايالنىڭ ئايالغا جىنسىي تەرەپتىن كېلىشى زىنادۇر» دېگەن. (تەبەرانىي رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىلىقتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئايالمۇ ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئايال بىر يوتقاندا ياتمىسۇن» دەپ كۆرسەتكەن.( مۇسلىم رىۋايىتى).

پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ قىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ۋە زىنانىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان.

سىھاقنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى زىنانىڭ جازاسىدىن ئېغىرراق بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەمما ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى توغرۇلۇق قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىستە بىر نەرسە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ شارائىتقا قاراپ قامچا ئۇرۇشقا ئوخشاش جازالارنى قوللىنىشى كېرەك، دەيدىغان كۆز قاراشلار بار.


 ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

194. سوئال: ئالدامچىلىق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئالدامچىلىق — ھىيلە- مىكىرلەر بىلەن كىشىلەرنى قاندۇرۇش، قايىل قىلىش، ئىشەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ئالدامچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يات ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان بىر ناچار خۇلقتۇر. ئالدامچىلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلمەكتە. ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بۇيان كەلگەن پۈتۈن دىن، پەلسەپە ۋە يەرلىك قانۇنلارمۇ ئالدامچىلىقنى مەنئى قىلىدۇ ۋە ئالدامچىلارنى سۆكىدۇ.

ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدامچىلىقنى سۆكۈپ: «كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

بۇ ھەدىس ئالدامچىلارنىڭ گەرچە ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ، زاكات بېرىپ ۋە ھاجى بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئۆزلىرىنى مۆمىن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى «دىن – مۇئامىلە»دۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنسانلارنى دەخلى – تەئەررۇزسىز، بەختلىك ياشىتىشتۇر. ئالدامچىلىق بولسا ئىنسانلارنى زىيان – زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدىغان ئېغىر جىنايەت.


 سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى

195. سوئال: سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ھازىرقى زاماندا ئالدامچىلىق تۈرلىرى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان جاي بازارلار بولۇپ، سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئۇلاردىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) ساتماقچى بولغان مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىش. مەسىلەن: مېۋە – چېۋە ياكى ئوتياش ۋە ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ياخشىلىرىنى ئۈستىگە، ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداپ ساتقانغا ئوخشاش.

(2) ساتماقچى بولغان ماللىرىغا باشقىلارنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداش. مەسىلەن: سۈپەتسىز ماللارغا داڭلىق ماركىلارنى ياكى يەرلىك ماللارغا چەت ئەلنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ ساتقانغا ئوخشاش. بۇنداق قىلىش ئىنسانلارنى ئىككى تەرەپتىن زىيانغا ئۇچراتقانلىق بولۇپ، خېرىدارلارنى ئالداپ ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا، يالغاندىن چاپلىۋالغان ماركىنىڭ ئىگىسى بولغان شىركەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئارقىلىق قاتمۇقات ھارامنى يېگەن بولىدۇ.

(3) تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم بېرىش. بۇ سودىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتتىكى ھېساب بېرىشكە ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن (يەنى كاپىرلارنىڭ قاتارىدىن) سانىغان. (بۇ ماۋزۇ «سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئىسلام پرىنسىپى» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى).

(4) خېرىدار ئەمەس بىرىنى خېرىدار ئورنىدا كۆرسىتىپ ئۇنى يۇقىرى باھادا تەلەپ قىلدۇرۇش ئارقىلىق راستتىنلا ئالىدىغان خېرىدارلارنى ئالداپ سېتىۋېلىش. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «غىرار» دەپ ئاتىغان ۋە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن مەنئى قىلغان.

(5) چارۋا ماللارنى ساتىدىغانلارنىڭ بۇ ماللارنى سېتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەخسۇس دورىلار بىلەن يالغاندىن سەمرىتىپ، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بويىشى. مۇنداق ئالدامچىلىق بىلەن تاپقان پۇل ھارام بولىدۇ.

 ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى

196. سوئال: ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز – يىگىتنىڭ ئۆزىدە بولمىغان ئارتۇقچىلىقلار بىلەن ياكى كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش بىلەن قارشى تەرەپنى ئالدىشى بولۇپ، بۇ خىل ئالدامچىلىق بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان يامان ئىشتۇر.

(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشى. بۇ مۇئەللىمنى ئالداشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ئالدىغانلىق ۋە ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتۇر. ئىمتىھاننى كۆچۈرۈپ ياكى قايسىبىر ھىيلە بىلەن تاپشۇرۇش ئارقىلىق دىپلوم ئالغانلارنىڭ، دىپلومنى ئوقۇپ، ئىمتىھان بېرىپ ئالماستىن سېتىۋالغانلارنىڭ بۇ دىپلومنى ئىشلىتىپ تاپقان پۇلى شەكسىز ھارامدۇر. چۈنكى مۇنداق كىشى ئۇ دىپلومغا ۋە دىپلومدىكى كەسىپنى قىلىشقا لاياقەتلىك ئەمەس. بىرەر كەسىپكە لاياقەتسىز كىشىلەر ئۇنىڭغا لاياقەت بولغانلارنىڭ ئورنىدا ئىش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكى سەۋەبلىك ئىنسانلارنى تۈرلۈك زىيان – زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدۇ.

(3) دوستلارنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ، تۇغقانلارنىڭ، ئەر – ئاياللارنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ بىر – بىرىدە كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى، خاتالىقلارنى ياكى ئەيىبلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يوشۇرۇش ياكى كۆرمەسلىككە سېلىش، ھەتتا ماختاشمۇ بىر خىل ئالدامچىلىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىنى ۋاقىتلىق ئالداپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەز – نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دىن – نەسىھەتتۇر» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى» بولۇشى لازىملىقىنى جېكىلىگەن.

197. سوئال: ئالدامچىلىقنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

جاۋاب: ئالدامچىلىقنىڭ زىيانلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك زىيىنى چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولالماسلىقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن مەشھۇر ھەدىسى ئالدامچىنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەدىستىكى «بىز» دېگەن سۆز ئىسلام ئۈممىتىگە مەنسۇپ بولغان جىمى مۇسۇلمانلارنى، «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئالدامچىلارنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدامچىلىقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا زىيانلىرىدىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئالدامچىلىق دوزاخقا كىرىشنىڭ يولىدۇر.

(2) ئالدامچىلىق ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ پەسلىكىگە، ئەخلاقىنىڭ رەزىللىكىگە، ئىمانىنىڭ يوقلۇقىغا دەلىلدۇر.

(3) ئالدامچىلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن، بەرىكىتىدىن ۋە مەغپىرىتىدىن ھەمىشە مەھرۇم قالغۇچىلاردۇر.

(4) ئالدامچىلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا شەك بار. چۈنكى ئالدامچىلىقتىن تاپقان پۇل ھارام، ھارام يېگەن ئادەمنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولمايدىغانلىقىدا شەك يوق.

 (5) ئۆلىمالار زالىملارنىڭ ۋە كۇففارلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت بولۇۋېلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ئالدامچىلىقتىن بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى ئالدامچىلىق بار يەردە، ئىشەنچ بولمايدۇ، ئىشەنچ بولمىغان يەردە، بىرلىك، ئىناقلىق بولمايدۇ، بىرلىك ۋە ئىناقلىق بولمىغان يەردە كۈچ – قۇۋۋەت بولمايدۇ، كۈچ – قۇۋۋەت بولمىغان يەردە ئېزىلىش، بوزەك قىلىنىش، مۇستەملىكە قىلىنىش بولىدۇ.


 سېھىر قىلىش ۋە قىلدۇرۇشنىڭ گۇناھى ھەققىدە

198. سوئال: سېھىر دېگەن نېمە؟

جاۋاب: سېھىر — ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تەسىر قىلىدىغان، جىنلارنى ئىشقا سېلىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان يوشۇرۇن ئىش دېگەنلىكتۇر. سېھىر ئەر – ئاياللارنى بىر - بىرىگە ئۆچ ياكى ئامراق قىلىش، كىشىلەرگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە قەستلەش رولىنى ئوينايدۇ.

199. سوئال: سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى راستمۇ؟

جاۋاب: سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى تۈرلۈك دەرد ـ ئەلەملەرگە ۋە كېسەللىكلەرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈمىگىمۇ سەۋەب بولالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.

200. سوئال: سېھىرگەرلىك قىلىشنىڭ گۇناھى قانداق؟

جاۋاب: سېھىرگەرلەر ۋە كىشىلەرگە سېھىر ئۆگەتكۈچىلەر شەكسىز كاپىرلاردۇر. پۈتۈن تەپسىرشۇناس ئالىملار قۇرئان كەرىمدىكى «سۇلايمان (سېھىرگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى»[8] دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە، سېھىر قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ چوقۇم كاپىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېھىرگەرلىكنى ھالاك قىلغۇچى يەتتە چوڭ گۇناھ قاتارىدىن سانىغان.


 سېھىردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۇسۇلى

201. سوئال: سېھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: سېھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:

(1) ھەر خىل ئاپەتلەر، ئاغرىق ـ سىلاق ۋە خېيىمخەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى، خۇسۇسەن، فاتىھە سۈرىسىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر، ھاللار ۋە جايلاردا ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان دۇئالارنى، كۆزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى كۆپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىش. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇلۇغ ئالىم ئىبنى قەييۇم جەۋزى« زادۇلمەئاد» ناملىق ئەسىرىنىڭ4 ـ جىلد 126 ـ بېتىدە بايان قىلغان).

(2) ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئەمەل - ئىبادەتلەرنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش ۋە گۇناھ، ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇش.

(3) قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش.

202. سوئال: سېھىرگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شىپا تېپىشنىڭ چارىلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: سېھىرگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شىپا تېپىشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) سېھىر قىلىنغان ئورۇن بىلىنسە، ئۇنى شەرىئەتكە خىلاپ كەلمەيدىغان يوللار ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاش. بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدۇر. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان).

(2) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى («ئامەنەررەسۇلۇ» دىن«كافىرىين»غىچە) نى ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ بىمارغا سۈفلەپ يۈرۈش. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان).

(3) بىمارنىڭ ئاغرىغان يېرىگە قولنى قويۇپ تۇرۇپ، مۇنۇ دۇئالارنى ئوقۇش:

ـ «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! دەردكە داۋا، رەنجىمىزگە شىپالىق بەرگىن، ھەقىقەتەن سەن ھەرقانداق ئاغرىقلارغا شىپالىق بەرگۈچىسەن. سېنىڭدىن بۆلەك شىپالىق بەرگۈچى يوق، سېنىڭ شىپايىڭ بىلەن كېسەللىك قالمايدۇ.» (بۇخارىي رىۋايىتى).

ـ «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ ھەرقانداق شەيتاندىن، خەتەرلىك مەخلۇقلاردىن ۋە ھەرقانداق يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن.» (بۇخارىي رىۋايىتى).

«ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ، مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن.» (مۇسلىم رىۋايىتى).


 كۆزدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۇسۇلى

203. سوئال: قۇرئان ئايەتلىرى ھەر قانداق دەردكە داۋا بولامدۇ؟

جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق دەردىگە داۋا ۋە كېسەللىرىگە شىپا ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى.»[9]

«بىز مۆمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز.»[10]

204. سوئال: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە دۇئا بىلەن شىپا تېپىشنىڭ شەرتى نېمە؟

جاۋاب: كۆز، سېھىر، ئاغرىق ـ سىلاق ۋە باشقىمۇ بالايىئاپەتلەردىن ساقلىنىش ھەمدە ئۇلارغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن شىپا تېپىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھقا قىلىنغان سەمىمىي دۇئالار ئەڭ ياخشى قالقان ۋە ئۈنۈملۈك شىپادۇر. لېكىن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ شىپاسىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتى شۇكى، قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن داۋا قىلغۇچى ۋە داۋالانغۇچى ھەر ئىككىسىنىڭ چىن مۇسۇلمان بولۇشى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ سۆزى ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مۆمىنلەر ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرەپتىن چوقۇم شىپالىق ئىكەنلىكىگە خۇددى ئاسپىرىننىڭ باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك چىن ئىشىنىپ يۈرىكى بىلەن تەستىق قىلىدىغان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. مەلۇمكى، دوختۇرنىڭ دورىسى مۇسۇلمان ـ كۇففار ھەر قانداق ئادەمگە ئوخشاشلا شىپالىق بولىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ شىپاسى مۆمىنلەرگىلا خاستۇر.

205. سوئال: قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئىسلامىي دۇئالار بىلەن شىپالىق ئىزدەش سەۋەب قىلىشقا زىت كېلەمدۇ؟

جاۋاب: قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئىسلامىي دۇئالار بىلەن شىپالىق ئىزدەش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئاللاھقا ئېسىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە ماددىي سەۋەبلەرنى ئورۇنلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ قانداقلا بىر ئاغرىقنى ياراتقان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقان. ئاللاھ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەۋەبلەرگە باغلىغان. شۇڭا مۇسۇلمانلار ھەر ئىشتا سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھقا يۆلىنىشتىن ئىبارەت  ئىككى ئىشنى قولدىن بەرمەسلىككە بۇيرۇلغان. ئاللاھقا يۆلىنىش بىلەن سەۋەب ئىككىسى بىر ـ بىرىدىن قەتئىي ئايرىلماسلىقى لازىم.

206. سوئال: كۆز تېگىش دېگەن راستمۇ؟

جاۋاب: كۆز تېگىشنىڭ راستلىقى ۋە يامان كۆزلەرنىڭ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىدا ئىسپاتلىنىپ كەلگەن بىر ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر، ئەگەر قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان بىر نەرسە بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم كۆز بولاتتى» دەپ كۆرسەتكەن. (ئەھمەد رىۋايىتى).

207. سوئال: كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنلاش، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش ۋە چوڭ ـ كىچىك بارلىق گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش.

(2) قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش.

(3) شەرىئەتتە كۈندىلىك ئوقۇشقا بۇيرۇلغان دۇئالارنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش.

(4) ئۆزىدىن ياكى پۇل ـ مېلىدىن ياكى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ بىرەرسىدىن خۇشلانغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالادىن بەرىكەت تىلەپ «ماشائاللاھ» ياكى«مۇبارەك بولسۇن»دېيىش.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدە ياكى مال ـ دۇنياسىدا ياكى دىنىي بۇرادەرلىرىنىڭ بىرەرسىدە خۇشاللىنارلىق بىر نەرسىنى كۆرسە، «ماشائاللاھ» دەپ ئۇنى مۇبارەكلىسۇن. چۈنكى كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر.»[11]

(5) كۆز تېگىشتىن قورقىلىدىغانلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىش.

208. سوئال: كۆز تەگكەندىن كېيىن ئۇنى قانداق قايتۇرۇش كېرەك؟

جاۋاب: كۆز تەگكەندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇش چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى («ئامەنەررەسۇلۇ»دىن («كافىرىين»غىچە) نى، كۆز ۋە تىلدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ كۆز تەككەن كىشىگە، خۇسۇسەن ئۇنىڭ ئاغرىغان يېرىگە سۈفلەپ ئوڭ قول بىلەن سىپاش[12].

كۆز تەككەن كىشى ئەگەر قۇرئان ساۋاتى بار كىشى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆزى ئوقۇغىنى ياخشى.

(2) يۇقىرىقى ئايەت ۋە دۇئالارنى سۇغا ئوقۇپ كۆز تەككۈچىگە ئىچكۈزۈش ۋە ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا چېچىش[13].

 تەۋبە – ئىستىغفار ھەققىدە

209. سوئال: ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغان ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئاللاھقا سېغىنىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى ۋە چىن يۈرىكىدىن تەۋبە قىلىشى لازىم.

210. سوئال: تەۋبە دېگەن نېمە؟

جاۋاب: تەۋبە — سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.

211. سوئال: ئىستىغفار دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئىستىغفار — ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراش دېگەنلىك.

212. سوئال: گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئۈمىدسىزلىك كۇپرىنىڭ جورىسىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ»[14] دېگەن.

ھەر قانداق گۇناھ ئۈچۈن تەۋبە قىلىش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان ئىش بەندىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»[15]

213. سوئال: گۇناھ - مەسىيەت ۋە جىنايەتلەر قارىتىلغان تەرەپ ئېتىبارى بىلەن نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟

جاۋاب: گۇناھ – مەسىيەتلەر ۋە جىنايەتلەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ ـ مەسىيەتلەر ۋە مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

214. سوئال: ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ – مەسىيەتلەر قايسىلار؟

جاۋاب: ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ – مەسىيەتلەر ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىم ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر ـ پەرمانلىرىغا خىلاپ كېلىدىغان ھەر قانداق گۇناھ – مەسىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى شۇنچە گۈزەل شەكىلدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا يەر يۈزىنىڭ خوجايىنلىقىنى بەرگەننىڭ سىرتىدا، ئۇنى ھۆرمەتلەپ مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى قىلدى، ئۇنى تۈرلۈك ئېسىل نېمەتلەر بىلەن رىزىقلاندۇردى. بۇ سەۋەبتىنمۇ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى ئەلۋەتتە چوڭدۇر. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا قارشى ھەر قانداق بىر ئىتائەتسىزلىك ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى گۇناھ – مەسىيەت ئىشلىگەنلىكتۇر.

215. سوئال: مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار دېگىنىمىز: ئىنسانلارنى زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىتىش، زۇلۇم قىلىش، ھەقلىرىنى يەۋېلىش، ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش، ئابرۇيلىرىنى تۆكۈش، ھايۋانلارنى ئازابلاش، قىيناش قاتارلىق يامانلىقلارنى ۋە جىنايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىتىلماستىن ھۇزۇر ئىچىدە ياشاشتىن ئىبارەت تەبىئىي ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا، ھايۋانلارنى ئازابلاش، قىيناش ۋە ئۇلارغا قارشى ئىشلەنگەن قانداقلا بىر يولسىزلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىق ۋە ھايۋانلاردىن يوللۇق پايدىلىنىش، ئۇلارغا شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلام پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

216. سوئال: ئاللاھقا قانداق قىلىنغان تەۋبە قوبۇل بولىدۇ؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ ـ مەسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسى تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار:

(1) بۇرۇن قىلغان گۇناھ، يامان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش،

(2) گۇناھ، يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش،

(3) بۇرۇن قىلغان گۇناھ، يامان ئىشلارنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.

217. سوئال: ئىنسانلارغا قارشى ئىشلەنگەن يامانلىق ۋە جىنايەتلەرنىڭ تەۋبىسى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى ئۆزلىرى كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.

218. سوئال: تەۋبە – ئىستىغفارنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

جاۋاب: تەۋبە – ئىستىغفارنىڭ پايدىسى گۇناھلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىدىن باشقا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش، جەننەتكە كىرىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مول رىزىققا ئىگە بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىرى بار.

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ.»[16]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىستىغفار ئېيتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى ۋە ھەرقانداق غەم- قايغۇدىن خۇشاللىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن يەردىن رىزىق بېرىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار، مەن ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغا 70 قېتىمدىن كۆپرەك ئىستىغفار ئېيتىمەن ۋە كەمچىلىكلىرىمگە تەۋبە قىلىمەن.» (بۇخارى رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كېچىدە كۈندۈزلىرى گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ تۇرىدۇ، كۈندۈزدە كېچىلىرى گۇناھ ئىشلىگەنلەرنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا تا قىيامەتكىچە شۇنداق قىلىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى)

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئېلخەت ئادرىسى: [email protected]


[1] مائىدە سۈرىسى 90- ئايەت.

[2] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[3] نىسا سۈرىسى 116 ـ ئايەت.

[4] ئىبنى ھىببان، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[5] islamonline.net

[6] يۇسۇف ئەل قارداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسەرىدىن.

[7] مۇسلىم رىۋايىتى.

[8] بەقەرە سۈرىسى 102 ـ ئايەت.

[9] يۇنۇس سۈرىسى 57 ـ ئايەت.

[10] ئىسرا سۈرىسى 82 ـ ئايەت.

[11] ئەھمەد رىۋايىتى.

[12] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.

[13] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سابىت ئىبنى قەيس ئىسىملىك بىر ساھابىنى شۇنداق داۋالىغانلىقىنى ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان.

[14] يۈسۈف سۈرىسى 87 - ئايەت.

[15] زۇمەر سۈرىسى 53. ئايەت.

[16] تەھرىم سۈرىسى 8 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

كاتوگۇرىيە تۈرى:

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز