كاتوگۇرىيە تۈرى

  • MP3

    «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان خاس مەرھىمىتىنىڭ ئوچۇق نامايەندە بولىشى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق مۆجىزاتلارنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلىشى، ھۆكۈمدە ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

  • MP3

    «مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىلمى مۇنازىرىگە چاقىرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشى، ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىلىشى، ئۆز قەۋمىگە مۆجىزە كۆرسىتىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ ئىبرەت ئېلىشى مۇھىم دەپ قارالغان مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

  • MP3

    «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى ۋە بۇتلارنى چىقىپ تاشلىشى، ئۆز قەۋمى بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى دوستلۇققا تاللىشى ۋە ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشى ۋە زېمىندا تەۋھىدنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئاساس سېلىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

  • MP3

    «ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرۈشى، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى باتىل كۆز قاراشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىك جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىدىكى زىتلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ بولماستىن بەلكى بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

  • MP3

    «ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ سەرخىل پەيغەمبەرلىرىدىن (ئۇلۇلئەزمى) ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئىخلاسى، تۇپان ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرىڭىزدا.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز