كاتوگۇرىيە تۈرى

  • PDF

    قۇرئان ئۈگىتىدىغان ئۇستازلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ياد قىلغان كىشىلەر كۆپ، بەزى ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن پىقھى ئۈگۈنىدىغانلارمۇ بار، لېكىن بىز ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىز؛ ناچار تەربىيە ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان، قورقۇنۇچلۇق تەربىيە ساۋاتسىزلىقىدىن ۋە جاھىللىقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا تەربىيە قىلغۇچىلار نەدە؟، بۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟، شەرئى تەلىم-تەربىيە پروگراممىسىغا تەربىيە ماددىسىنى كىرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى قانداق؟، تەربىيىسىز ئىلىمنىڭ نېمىگە پايدىسى بولىدۇ؟، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىدا تەربىيە پروگرامىسىنىڭ مەۋجۇتسىزلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز؟، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەلىم -تەربىيە يولىنى تاللىدى؟، تەلىم-تەربىيەدە ئائىلىنىڭ رولى توغرىسىدا نېمە دىسەك دېگىلى بولىدۇ. تەربىيدىكى ۋەيرانچىلىقتىنمۇ چوڭ ۋەيرانچىلىق بولامدۇ؟. ھەقىقى تەربىيىچى ئوقۇتقۇچى ۋە خانىملارنى قانداق يىتىشتۈرۈمىز؟ تەربىيە ئۆز ئالدىغا بىر ئىلىممۇ ياكى ئىلىم ئېگىلىرىدىن بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان چۈشەنچىمۇ؟، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، پادىشاھلار ۋە ھۆكۈمرانلار، ئابرۇيلۇق كىشىلەر ۋە ئومۇمى خەلق ئەۋلادلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • DOC

    ئاپتور ماقالىسىدا، ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى تۇغما خاراكتىرلاردىن بىرى ئىكەنلىكى، ئىنساندا ھەقىقى ۋەتەن سۆيگۈسى بولىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىنغا بولغان سادىق تەۋەلىك تۇيغۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولىشى، ئاندىن كىيىن بۇ تۈردىكى ساداقەت تۇيغۇسىنىڭ ۋەتەنگە بولىشى لازىملىقى، ئىسلام تەربىيىسىنىڭ ئىنساندا ۋەتەن سۆيگۈسىنى يىتىلدۇرۇشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈپ چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • DOC

    بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/6/1430ھـ 2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئالىملارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسى، مىللەتنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن دەرس لاھىيەسىنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئىلگىرى ۋە ھازىرقى ئەسىردە ياكى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

  • PDF

    ئاپتور : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى» بۇ ئەسەر ئائىلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسلامى تەربىيەنى قانداق ئىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر نەچچە مۇھىم نۈقتىلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.1-ئىمانى تەربىيەگە چاقىرىش 2- ئەخلاقى تەربىيەگە چاقىرىش 3- نەپسى تەربىيەگە چاقىرىش 4- ئىجتىمائىي تەربىيەگە چاقىرىش 5- جىسمانى تەربىيەگە چاقىرىش 6- دىندا بىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئەھكاملارنى ئۆگۇتۇشكە چاقىرىش 7- ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش ئىددىيسىگە يېتەكلەشكە چاقىرىش.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز