ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە
ھەج ئىبادىتى ھىجرىيىنىڭ قايسى يىلى پەرز قىلىنغان؟.
ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە
ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟
32662 -نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
ھەج ئىبادىتى ھىجرىيىنىڭ قايسى يىلى پەرز قىلىنغان؟
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ھەج ئىبادىتىنىڭ قايسى يىلى پەرز قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر ھىجرىيىنىڭ 5- يىلىدا، بەزىلەر 6- يىلىدا،بەزىلەر 9- يىلىدا يەنە بەزىلەر 10- يىلىدا پەرز قىلىنغان دەيدۇ. كېيىنكى ئىككى قاراش توغرا قاراشتۇر، ئۇ بولسىمۇ ھەجنىڭ ھىجرىيىنىڭ 9-يىلى ياكى 10- يىلدا پەرز قىلىنغانلىقىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى» دېگەن ئايىتى بولۇپ، بۇ ئايەت ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ ئايەت ھىجرىيىنىڭ 9-يىلىنىڭ ئاخىردا ئەلچىلەر يىلىدا (عام الوفود) چۈشكەن، شۇنىڭدىن ھەج ئىبادىتى ھىجرىيىنىڭ 9-يىلىنىڭ ئاخىردا پەرز بولغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. (زادۇل مەئاد 3- توم 595-بەتكە قارالسۇن)
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 10-بەتكە قارالسۇن.
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ
- 1
DOC 971.5 KB 2019-05-02
- 2
PDF 108.7 KB 2019-05-02
Follow us: