قىسقىچە چۈشەنچە

نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ خاتامۇ؟، مەنمۇ باشقىلاردەك بۇ كۈندە بايرام قىلىمەن، ساۋاقداشلار ۋە كەسىپداشلار بىرگە جەم بولۇپ زىياپەت قىلىشىمىز، نورۇزنى مۇشۇنداق تەبرىكلىسەك توغرا بولامدۇ؟ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۇشكە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ مەزكۇر بايرامنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى

 

101404- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ خاتامۇ؟، مەنمۇ باشقىلاردەك بۇ كۈندە بايرام قىلىمەن، ساۋاقداشلار ۋە كەسىپداشلار بىرگە جەم بولۇپ زىياپەت قىلىشىمىز، نورۇزنى مۇشۇنداق تەبرىكلىسەك توغرا بولامدۇ؟ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۇشكە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. بىز بۇ سوئالىڭىزغا بىر نەچچە نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بىرىمىز.

بىرىنچى:   نورۇز   سۆزلۈكىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ   يىڭى كۈن  دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئەۋۋەلقى پادىشاھى " جەمشىت شاھ" تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە "باھار بايرىمى" دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىمام زەھەبىي  تۇشبىھۇل خەسىس بىئەھلىل خەمىس  ناملىق ئەسىرىنىڭ 46- بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "نورۇز كۈنى مىسىرلىق قىبتىلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ بۇلار بۇ كۈننى بەك ئالاھىدە ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاپ قالدى" .          

ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ.

ئىمام ئەبۇ داۋۇد 1134-، نەسائىي 1556- نومۇرلۇق ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىگە كەلگەندە ئۇلار يىلدا ئىككى كۈن بايرام قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتۇق دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ ئىككى كۈن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر دېگەن. بۇ ھەدىسنى  شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ2021-نومۇرلۇق ھەدىستە زىكىر قىلىدۇ.

يېڭىدىن پەيدا بولغان بايراملاردىن: يىڭى يىل بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، ئۆسمۈرلەر بايرىمى، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى، مۇستەقىللىق كۈنى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەسلى كېلىپ چىقىشى كاپىرلارنىڭ بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. نورۇز بايرىمى جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن پارسلار ۋە خرىستىئانلار  بۇ كۈندە بايرام قىلاتتى، بۇ كۈندە بايرام قىلىشنى چەكلەشتىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ( دېمەك؛ ئەسلى كېلىپ چىقىشى يەھۇدى ياكى خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرى مىللەت ئىچىدە ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەڭ تارالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى، ئەمما ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى دۆلەت بايرىمى دېگەنگە ئوخشاش بايراملار ھەرقانداق دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا شەرئى ھۆكۈممۇ دۆلەت تۇزۇمى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ تۇرۇپ، ئەقىدىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىقىدەك بايراملارغا قاتناشمىسا بولمايدىغان ئەھۋاللاردا (يەنى قاتناشمىسا خىزمىتىگە ياكى ئوقۇشىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا) قاتناشسا بولىدىغانلىقى، ئەمما كۈچەپ قاتنىشىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.-مۇھەررىر-)  

ئىمام زەھەبىي  سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ بىدئەتتىن ھەزەر قىلايلى  ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: "نورۇز بايرىمى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىش دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر. مۇسۇلمان بۇنى بىلمەسلىكتىن قىلىپ سالسا چۈشەندۈرۈپ تەربىيە قىلىپ توسۇش كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ بايرىمىدىن پەخىرلىنىپ، ياخشى كۆرۈپ ئىشتىراك قىلسا قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ، ئەمما بۇ كۈننى ئادەتتىكى ئويۇن تاماشا قىلىش كۈنى دەپ بىلىپ، ئائىلە ۋە بالىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ نىيىتىگە باغلىقتۇر. دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى بىلمەي قىلىپ سالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە چىرايلىقچە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىدۇ" . ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ژۆرنىلى 103- 104- سانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:  كىمكى يات دىنسىز مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇ مىللەتتىن ھېسابلىنىدۇ  دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىمۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسي بايراملىرىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ يىراق بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: "بىر كىشى دىنسىز يات مىللەتنىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بايراملىرىغا قاتنىشىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشى قىيامەتتە شۇلار بىلەن بىرگە تىرىلدۇرۇلىدۇ". چۈنكى بايرام دېگەن شۇ مىللەتنىڭ دىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەنئەنىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  ھەر ئۇممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ . قىبلە، ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش ئايرىم ئىبادەتلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى ياقتۇرۇش بىلەن باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىنى ياقتۇرۇشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە رازى بولۇش، كۇفرىغا تولۇق رازى بولغانلىق، بەزىسىگە رازى بولۇش كۇفىرنىڭ بەزىسىگە رازى بولغانلىقتۇر . بولۇپمۇ دىنسىزلارنىڭ ھېيت-بايراملىرى، پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان پائالىيىتى بولۇپ بۇنىڭغا رازى بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.

ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرىدىن قازىخان مۇنداق دەيدۇ : "بىر كىشى نورۇز بايرىمىدا باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار كاتتىلىغاندەك چوڭ بىلسە ئۇ كىشى كافىر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ كۈندە ئادەتتىكىدەك باشقىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلسا ياكى بۇ كۈننى كاتتىلىماستىن نورمال خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزسە كافىر بولمايدۇ. كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كېيىن قىلمايدىغان ئىشلارنى بۇ كۈندىمۇ قىلماسلىق كېرەك".

مالىكي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى قاسىم مۇنداق دەيدۇ : "مۇسۇلمان ئۈچۈن يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىش ياخشى ئەمەس، بۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بايرام كۈنىنى ئۇلۇغلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشىمۇ چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش،  ئۇلارنىڭ بايرام سىموۋۇلى بولغان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بۇ كۈندە ئۇلارغا ئوخشىۋالغان مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە ئۆز ئەقىدىسىدىن پەخىرلىنىپ بېشى ئۇستۇن ئىززەتلىك ياشىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ".

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پېشقەدەم ئالىملاردىن پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئىبنى ئىبنى جىبرىين بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " بىدئەت سانىلىدىغان ھەر تۈرلۈك نورۇز بايرىمى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مىراج-ئىسرا كۈنىنى ئۇلۇغلاش، مەۋلۇت كۈنىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئىشلارمۇ توغرا ئەمەس، يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە قىلغان زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، تاماقلىرىنى يېيىش توغرا ئەمەس. بۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈچلاندۇرغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى توغرا دەپ قارىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز كىشىلەر ئالدىنىپ ئېتىقادتا خاتالىشىپ قالىدۇ" تۈگىدى.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ھەرتۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قىلىشى ۋە قاتنىشىشى بولسا دىندا چەكلەنگەن ئىشلارغا پىسەنت قىلماسلىققا يول ئاچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە ئەسلى يوق ھېيت بايراملارغا قاتنىشىش توغرا ئەمەس.  ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى توپلىمى  ناملىق ئەسەرنىڭ 27-بېتىگە قارالسۇن.

ئاللاھ   ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز