قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان كەرىم شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئۈچۈن تولۇق يېتەرلىك بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەتكە نېمە ھاجىتى بولىدۇ؟.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

قۇرئان تۇرغان يەردە ھەدىسكە نېمە ئېھتىياج دېگۈچىلەر سەمىگە

 

93111-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

قۇرئان كەرىم شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئۈچۈن تولۇق يېتەرلىك بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەتكە نېمە ھاجىتى بولىدۇ؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئاللاھنىڭ دىنىنى ھەرخىل يوللار بىلەن ۋە ئوخشىمايدىغان ۋاستىلار بىلەن بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئازغۇنلۇق ۋە شەك شۈبھىلەرنى تارقىتىدۇ، مۇسۇلمانلاردىن بىرقىسىم بىلىمسىز، ئىمانى ئاجىز كىشىلەر ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى ئويغۇنۇپ بۇ ھەقتە ئازراق پىكىر يۈرگۈزسە ئېدى، ئۇلارنىڭ قۇرۇق شۈبھە ۋە كېرەكسىز دەلىل ھۆججەتلىرىنى سىزىۋالالىغان بولاتتى. ئاددىي بىر كىشىمۇ بۇ ئېتىبارسىز شۈبھىگە ئەڭ ئاسان جاۋاب بېرەلىگەن بولاتتى . سۈننەتكە ئېھتىياجىم يوق دېگەن كىشى ئۆزىدىن، پېشىن نامىزىنى قانچە رەكئەت ئوقۇيمەن؟ پەرز قىلىنغان زاكاتنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟ دەپ سورىسا، بۇ ھەممە مۇسۇلمان كىشى بىلىدىغان ناھايىتى ئاسان ئىككى سوئال بولۇپ بۇنىڭ جاۋابىنى قۇرئاندىن تاپالمايدۇ، بەلكى قۇرئاندىن، ئاللاھ تائالانىڭ ناماز ئوقۇڭلار ۋە زاكات بىرىڭلار دېگەن  بۇيرۇقىنى تاپىدۇ . ئۇنداقتا ئۇلار سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلمىسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى قانداق ئىجرا قىلىدۇ؟ سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ قۇرئاننىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن  سۈننەتنىڭ قۇرئانغا بولغان ھاجىتىدىن قۇرئاننىڭ سۈننەتكە بولغان ھاجىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئىمام ئەۋزائىي( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: سۈننەتنىڭ قۇرئانغا بولغان ئېھتىياجىدىن قۇرئاننىڭ سۈننەتكە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك . شۇنداقلا بۇ سۆزنى زەركىشىنىڭ "بەھرىل مۇھىت" دېگەن كىتابىنىڭ 6- توم 11- بەتتە، ئىبنى مۇپلىھ ئەل ھەنبەلىي "ئاداب شەرىيئە" دېگەن كىتابىنىڭ 2 - توم 307- بەتتە تابىئىنلاردىن بولغان مەكھۇلدىن نەقىل قىلغان. بىز سوئال سورۇغۇچى قېرىندىشىمىزدىن ياخشى گۇمان قىلىمىز، قېرىندىشىمىز قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلاپ، مۇشۇنداق سۆزلەرگە قانداق رەددىيە قايتۇرۇشنى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن بۇ سوئالنى سورىدى دەپ ئويلايمىز.

ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىل سۈننەت ئۈچۈن ئېھتىياجى يوق، قۇرئان ئۇلارغا كۇپايە قىلىدۇ دەپ قارىغان كىشىلەرگە مۇنداق رەددىيە بېرىمىز: قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىمز، سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دېگۈچىلەرگە، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم رەددىيە بېرىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى چىڭ تۇتۇش، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يېنىش، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، ھۆكمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر » ھەشىر سۈرىسى 7- ئايەت .

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئېيتقىنكى : «ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار ئاللاھغا  ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە)ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار» نۇر سۈرىسى54- ئايەت . يەنە بىر ئايەتتە : « بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھغا  ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)» سۈرە نىسا 64-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. « (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا  تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»  نىسا سۈرىسى 65- ئايەت.

ئۆز گۇمانىدا بىزگە قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دەپ دەۋا قىلغۇچى ئىنسان، ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتلىرىگە قانداق قارايدىكىن!؟ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇقلىرىغا قانداق جاۋاپ بېرىدۇ؟.

بۇنى بىز ئەۋۋەلدە ئىخچاملاشتۇرۇپ ئېيتقان سۆزىمىزگە ئۇلاپ ئېيتساق: ئۇ ئادەم ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇيرىغان نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟ نامازنىڭ رەكئەت سانىنى، ۋاقىتلىرىنى، شەرتلىرىنى ۋە نامازنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلارنى قانداق بىلىدۇ؟، زاكاتتا، روزىدا، ھەجدە ۋە باشقا دىنى پائالىيەت ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى قانداق قىلىدۇ؟.

ئاللاھ تائالانىڭ : «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر،ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»  بۇ ئايەتنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟ ! ئوغرىلىقتا قول كېسىلىدىغان مالنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟ قولنى قەيەردىن كېسىدۇ؟ ئوڭ قولنىمۇ ياكى سول قولنىمۇ؟ ئوغۇرلانغان نەرسىلەردىكى شەرتلەر قايسى؟ بىز بۇ سۆزنى زىنا قىلغۇچىلارنى جازالاش، باشقىلارغا بوھتان قىلغۇچىلارنى جازالاش، لەنەت ئېيتىشىش ۋە باشقا جازا قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشتىمۇ تەكرارلايمىز. بەدرىددىن زەركىشى (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شاپىئي " ئەررىسالە " ناملىق ئەسىرىنىڭ "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى" دېگەن بۆلۈمىدە ئاللاھ تائالانىڭ: « كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ھەقىقەتتە ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان بولدى» دېگەن ئايەتنى كەلتۈرۈپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا بېكىتكەن ھەج، ناماز ۋە زاكاتقا ئوخشاش پەرزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجرا قىلىنىش ماھىيىتىنى بايان قىلىپ بەرمىگەن بولسا بىز ئۇ ئىبادەتلەرنى قانداق ئادا قىلىشنى بىلمەيتتۇق . شەرىئەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنى يۇقىرى بولغانىكەن، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھغا ئىتائەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بەھرۇل مۇھىت 6- توم 7-8-بەت.

ھەر قانداق مۇسۇلمان، بىز قۇرئان كەرىمغىلا بويسۇنىمىز، دېگۈچىلەرنى ئۇچراتقىنىدا، ئۇلارنى قۇرئاننى بەك ئۇلۇغلايدىكەن دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار قۇرئانغا ئەڭ بەك خىلاپلىق قىلغۇچى ۋە دىندىن ئەڭ يىراق بولغۇچىدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئۇ زۆرۈر بولغان دىنى ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىشتا قۇرئان كەرىم بىزگە كۇپايە قىلىدۇ دەپ قاراپ سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئەھكاملارغا ئەمەل قىلماسلىق بىلەن كافىر بولىدۇ ياكى سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئەھكاملارنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى بۇزىدۇ .

ئۈچىنچى:  ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتتى، بۇ بۈيۈك نېمەت يالغۇز قۇرئان كەرىملا بولماستىن، بەلكى ئۇ قۇرئان بىلەن سۈننەتتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە دىننى تاماملاپ، نېمەتنى تولۇقلاپ بەرگەندە بۇنىڭدىن پەقەت قۇرئاننى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلمىدى، بەلكى قۇرئان ھەدىستىكى ئەھكاملارنى تاماملىغانلىقىنى مەقسەت قىلدى . ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە دىننى تاماملاپ، نېمەتنى تولۇقلاپ بەرگەنلىكتىن خەۋەر بەرگەندىن كېيىنمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى نازىل قىلغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم » سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بەدرىددىن زەركىشى (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ: "بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم" دېگەن سۆزى: يالغۇز قۇرئاننى ئەمەس بەلكى سىلەرگە ئەھكاملارنى پۈتۈن قىلدىم دېگەنلىكتىن ئىبارەت، چۈنكى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەھكاملارغا ئالاقىدار بولمىغان نۇرغۇن ئايەتلەر نازىل بولغان. ( ئەلمەنسۇر پىل قەۋائىد 1-توم 142- بەت ).

ئىبنۇل قەييۇم  (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆزىنى بايان قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئارقىلىق  ئۆزى بۇيرىغان، چەكلىگەن، ھالال قىلغان، ھارام قىلغان ۋە ئۆزى ئەپۇ قىلغان بارلىق ئىشلارنى بايان قىلدى. ئاللاھنىڭ «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم » دېگىنىدەك ئاللاھنىڭ دىنى پۈتۈن بولدى. (ئىئلامۇل مۇۋەققىئېين1-توم 250- بەت).

تۆتىنچى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن ۋەھىي قىلىنىشتا، ھۆججەت بولىشىدا ۋە ئىبادەتنى ۋاجىپ قىلىشتا قۇرئانغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. يالغۇز قۇرئانلا كۇپايە قىلىدۇ دەپ پەقەت قۇرئان بۇيرىغاننى قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىش دەپ، سۈننەتتىن يىراقلىشىشتىن ئاگاھلاندۇردى.  سۈننەتتە ھاراملىقى ئىسپاتلانغان، قۇرئاندا سۆزلەنمىگەن، قۇرئاندا ئۇنىڭ ھالاللىقىغا ئىشارەت قىلىنغان بىر مىسالنى بايان قىلىپ، بۇنى تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىستە سۆزلىدى. مىقداد ئىبنى مەئدىي كەرىبە (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشى بېرىلدى، دىققەت قىلىڭلار! يېقىندا بىر كىشى قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ: قۇرئاننىلا لازىم تۇتۇڭلار. قۇرئاندا نېمىنى ھالال دەپ تاپساڭلار ھالال دەڭلار، نېمىنى ھارام دەپ تاپساڭلار ھارام دەڭلار دەيدۇ، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە ئۆي ئېشىكىنىڭ گۆشى ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال بولمايدۇ» . ئەبۇ داۋۇت 4604- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان . ئەلبانىي سەھىھ دەپ قارىغان.

ساھابىلەرنىڭ(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) دىنى چۈشەنچىسى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: مەڭ چەككۈچى، مەڭ چەكتۈرگۈچى، قاش تەردۈرگۈچى، چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چىشلىرىنى ياسىتىپ ئاللاھنىڭ تەبىئىي يارىتىشىنى ئۆزگەرتكۈچى ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن! دېۋىدى، بۇ سۆزنى بەنى ئەسەد قەبىلىسىدىكى ئۇممۇ يەئقۇب ئىسىملىك بىر ئايال ئاڭلاپ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن ئاياللارغا لەنەت ئېيتىپسەنغۇ دەپ ئېتىراز بىلدۈردى، ئىبنى مەسئۇد: پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام لەنەت ئېيتقان كىشىگە مەن نېمىشقا لەنەت ئېيتماي، ۋەھالەنكى ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدا تۇرسا دېدى، ئۇ ئايال: مەن قۇرئاننى باشتىن ئاياققىچە ئوقۇدۇم لېكىن سەن دېگەن سۆزنى تاپالمىدىمغۇ؟ دېدى، ئىبنى مەسئۇد: ئەگەر سەن تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇغان بولساڭ تاپاتتىڭ، سەن ئاللاھ تائالانىڭ: « پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار، سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟دېدى، ئۇ ئايال: ئوقۇدۇم دېدى، ئىبنى مەسئۇد: ئاللاھ ئۇ ئايەتتە بۇ ئىشتىن چەكلىگەن دېدى، ئۇ ئايال: مېنىڭچە سىنىڭ ئائىلەڭدىكىلەر شۇنداق قىلامدىكىن دەيمەن دېدى، ئىبنى مەسئۇد : ئۇنداقتا سەن بېرىپ قاراپ باققىن دېدى، ئۇ ئايال ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاياللارغا قاراپ ھېچ باھانە تاپالمىدى، ئىبنى مەسئۇد: ئەگەر بىزنىڭ ئائىلىدە ئاياللار ئۇنداق ئىشنى قىلىدىغان بولسا بىز ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىمايمىز دېدى.( بۇخارىي رىۋايەت قىلغان 4604-نومۇرلۇق ھەدىس . مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 2125- نومۇرلۇق ھەدىس).

تابىئىنلارمۇ(ساھابىلاردىن كىيىنكى كىشىلەر) ئىسلام دىنىنى، يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغىنىدەك چۈشەنگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا دىننى بىلمەيتتى. يەنى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئەمەل قىلىش ۋە دەلىل كەلتۈرۈشتە قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ئىككىلىسى ئوخشاش، سۈننەت بولسا قۇرئاندا ئومۇمىي بايان قىلىنغان ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ دەپ قارايتتى.

ئىمام ئەۋزائېي ھەسسان ئىبنى ئەتىييەدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "جىبرىئىيل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي ئېلىپ چۈشەتتى، سۈننەت بولسا قۇرئاننىڭ مۇرادىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى".

ئەييۇب ئەسسىختىيانى مۇنداق دەيدۇ : "بىر ئادەمگە ھەدىس سۆزلەپ بەرسەڭ، ئۇ ئادەم: ھەدىسنى قوي! بىزگە قۇرئاندىن سۆزلىگىن دېسە. بىلگىنكى ئۇ ئادەم ئازغۇن ۋە گۇمراھ ئادەمدۇر ".

ئەۋزائىي مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا: « كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن ئاللاھ غا ئىتائەت قىلغان بولدى» ۋە « پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى ئېلىپ كەلسە ئۇنى تۇتۇڭلار......» دېدى. بۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىكتۇر.

ئەۋزائىي، قاسىم ئىبنى مۇخەيمەرە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ھارام قىلىنغان نەرسە تا قىيامەتكىچە ھارام بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ھالال قىلىنغان نەرسە تا قىيامەتكىچە ھالال بولىدۇ. (ئاداب شەرىيئە 2-توم 307- بەت).

بەدرىددىن زەركىشى (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ھاپىز ئەددارىمىي مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشى بېرىلدى» دېگەن سۆزى، سۈننەتتە قۇرئان كەرىم بايان قىلمىغان ھۆكۈملەر بار بولۇپ، بۇ ھەدىسلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قۇرئان كەرىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مىسالغا ئالساق: ئۆي ئېشىكى ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال بولمايدۇ دېگەندەك ھۆكۈملەرنىڭ تېكىستى قۇرئان كەرىمدە سۆزلەنمىگەن، بەلكى سۈننەتتە بايان قىلىنغان.

سە ۋ باننىڭ تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان، " ھەرقانداق ھەدىسنى قۇرئانغا توغرىلاپ ئەمەل قىلىش كېرەك" دەپ رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە قارىتا، ئىمام شاپىئي "ئەررىسالە" ناملىق ئەسىرىدە: ھېچقانداق بىر كىشىدىن چوڭ ئىش بولسۇن ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، ئۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى قۇرئانغا توغرىلاش ھەققىدە سەھىھلىكى بېكىتىلگەن ساغلام ھەدىس يوق. ھەدىسشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى يەھيا ئىبنى مۇئىين بۇ ھەدىسنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكى، بۇنى دىنسىز دەھرىيلەرنىڭ توقۇغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ .                

ئىبنى ئابدۇلبەر "جامىئ بايانۇل ئىلمى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرەھمان ئىبنى مەھدىي مۇنداق دېدى: دىنسىز دەھرىيلەر بىلەن خاۋارىجلار گۇرۇھى ئۇلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا « مەندىن رىۋايەت قىلىنغان ھەرقانداق ھەدىسنى ئاللاھ نىڭ كىتابىغا توغرىلاڭلار، ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇۋاپىق كەلسە بۇ مىنىڭ دېگەن سۆزۈم، ئەگەر مۇۋاپىق كەلمىسە مىنىڭ دېگەن سۆزۈم ئەمەس» دېگەن سۆزنى ھەدىس دەپ يالغاندىن توقۇغان.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ سۆز توغرا ئەمەس، ھەقىقەتەن بەزى بىر كىشىلەر: بىز ھەدىسلەرنى قۇرئانغا توغرىلىدۇق، لېكىن بۇ ھەدىسلەر قۇرئانغا مۇخالىپ كەلدى دەيدۇ، لېكىن بىز سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدىن قۇرئانغا مۇۋاپىق كەلگەن ھەدىسلەر قوبۇل قىلىنىدۇ دېگەن ئەسەرنى تاپالمىدۇق. بەلكى بىز ھەدىسلەر توپلىمىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش، ھەرقانداق ھالەتتە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان ئىشلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى ئۇچراتتۇق .

ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار» دېگەن ھەدىسى سۈننەتنىڭمۇ ئايەت دەپ ئاتىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ دېگەن. (بەھرۇل مۇھىيت 6- توم 7-8- بەت)

بەشىنچى: ئالىملار سۈننەتنىڭ قۇرئاننى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىرقانچە يوللىرىنى سۆزلىدى، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: سۈننەتنىڭ ھۆكمى قۇرئاندا سۆزلەنگەن ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. قۇرئاندا مۇتلەق سۆزلەنگەن ھۆكۈمنى قەيىد قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ . قۇرئاندا ئومۇم مەنىدە سۆزلەنگەن ھۆكۈمنى مەلۇم نەرسىلەرگە خاسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىدۇ . قۇرئاندا ئىجمالى سۆزلەنگەن ھۆكۈملەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن كېلىدۇ . قۇرئاندا سۆزلەنگەن بەزەن ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كېلىدۇ . بەزەن يىڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن كېلىدۇ . بەزى ئالىملار يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن.

ئىبنۇل قەييۇم  (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ سۈننەتكە قارىتا ئېتىقاد قىلىشى زۆرۈر بولغان مەسىلە؛ سۈننەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىن ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇخالىپ كېلىدىغان بىرمۇ ھەدىس يوق، بەلكى ھەدىسلەر ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئۈچ مەرتىبىدە بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

بىرىنچى: ئاللاھنىڭ كىتابى گۇۋاھ بولغان نەرسىنىڭ ئۆزىگە سۈننەتنىڭ گۇۋاھلىقى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئىككىنچى: سۈننەت ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتتىن بولغان مۇرادىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئايەتتە مۇتلەق سۆزلەنگەن ھۆكۈملەرنى قەيت قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ.

ئۈچىنچى: سۈننەت قۇرئان كەرىم سۈكۈت قىلغان سۆزلىمىگەن ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇ ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىدۇ . يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۈچ تۈرلۈك مەرتىۋىنىڭ ھېچ بىرىنى رەت قىلىش توغرا ئەمەس بۇ ئۈچ مەرتىۋىدىن باشقا، سۈننەت ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى ئورتاقلىشىدىغان تۆتىنچى نۇقتىمۇ يوق.

ئىمام ئەھمەد: "سۈننەت قۇرئانغا ھۆكۈم قىلىدۇ" دېگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېدى: بەلكى سۈننەت قۇرئاننى تەپسىر قىلىپ ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن: ھەقىقەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىن بىرىمۇ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ كىتابىغا زىت ۋە مۇخالىپ كەلمەيدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى بايان قىلىپ بەرگۈچى، قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن، ئاللاھ تائالا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان بىلەن ھىدايەت قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئانغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ۋە مۇرادىنى ھەممە كىشىدىن بەك بىلگۈچى تۇرسا، قانداقمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى قۇرئانغا زىت مۇخالىپ كەلسۇن؟ ! بىر ئادەمنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى چۈشىنىپلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى رەت قىلىشى مۇمكىن بولسا بۇنىڭ بىلەن سۈننەتنىڭ كۆپ قىسمى رەت قىلىناتتى ۋە ئومۇميسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلاتتى. ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى ياكى ئەگەشكەن گۇرۇھىنىڭ قارشىسىدا سەھىھ ھەدىس بىلەن دەلىل بايان قىلىنسا، ئۇ كىشى ئايەتنىڭ ئومۇمىي ياكى مۇتلەق بايان قىلىنغان تەرىپىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ بۇ ھەدىس مۇشۇ ئومۇمىي ياكى مۇتلەق بايان قىلىنغان ئايەتكە زىت كېلىدۇ بۇ ھەدىس قوبۇل قىلىنمايدۇ دېيىشى مۇمكىن. ھەتتا راپىزىلار( ئاللاھ ئۇلارنى تېخىمۇ كۆرۈمسىز قىلىۋەتسۇن) مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىدىكى ھەدىسلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزى بىلەن رەت قىلدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « بىز پەيغەمبەرلەر مىراس قالدۇرمايمىز، بىزنىڭ قويۇپ كەتكەن نەرسىلىرىمىز سەدىقەدىن ئىبارەت» دېگەن ھەدىسىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە : « ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس)ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ » دېگەن تۇرسا، بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ كىتابىغا زىت كېلىدۇ .

جەھمىيە گۇرۇھى ئاللاھ تائالانىڭ : «ھىچ نەرسە ئاللاھ غا ئوخشىمايدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۆزلەنگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى خالىغانچە رەت قىلدى.

خاۋارىجلار گۇرۇھى بولسا قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ قىيامەتتە شاپائەتكە ئالاقىدار بولغان ۋە تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن دۇنيادىن كەتكەن گۇناھكارلارنىڭ دوزاختىن چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى رەت قىلدى. جەھمىيە گۇرۇھى ئاللاھ تائالانىڭ : «كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلەيدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ ئاللاھنى قىيامەتتە مۆمىنلەرنىڭ كۆز بىلەن ئېنىق كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەنگەن نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلدى. قەدىرىيە گۇرۇھى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ تەقدىر توغرىسىدا سۆزلەنگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلدى.

ھەر بىر گۇرۇھ قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ ئۆز چۈشەنچىسى بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلدى. سۈننەتنى تولۇق رەت قىلىش كېرەك ياكى تولۇق قوبۇل قىلىش كېرەك، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن سۈننەتنىڭ بىرىمۇ رەت قىلىنمايدۇ، ئۇلار ياكى سۈننەتنىڭ بەزىسىنى قوبۇل قىلىپ بەزىسىنى رەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ قوبۇل قىلغىنى يەنە شۇ ئېتىبار بىلەن رەت قىلغىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئېلىش قائىدىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتقى مەنىسىنى چۈشىنىش ئېتىبارى بىلەن ھېچ كىشى سۈننەتنى رەت قىلالمايدۇ ئەگەر رەت قىلىپ قالسا يەنە شۇ ئېتىبار بىلەن بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىمام شاپىئي ۋە ئىمام ئەھمەد، ئاللاھ تائالانىڭ : «ئېيتقىن ئى مۇھەممەد! ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەردىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى تاپالمايمەن» دېگەن ئايەتنىڭ سىرتقى مەنىسىگە ئاساسەن «يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھاراملىقى» توغرىسىدىكى ھەدىسنى رەت قىلغان كىشىلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇلارغا رەددىيە بەردى.

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ قۇرئاندا سۆزلەنمىگەن ھۆكۈمنى بايان قىلغان ھەدىسلىرىنى رەت قىلغان كىشىلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆزىمۇ قۇرئانغا زىت كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلمىغان. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى قۇرئانغا زىت كېلىدۇ دەپ داۋا قىلغان كىشىگە نىسبەتەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنكاسى قانداق بولار؟! (تۇرۇقۇل ھىكمىيە 65-67 -بەتلەرگە قارالسۇن ).

شەيخ ئەلبانىي (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ئۆزىنىڭ « سۈننەتنىڭ ئىسلام دىندىكى ئورنى ۋە قۇرئان بىلەن سۈننەتتىن بىھاجەت بولمايدىغانلىقنىڭ بايانى » دېگەن رىسالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان : ھەممىڭلار بىلىسىلەر ئاللاھ تابارەك ۋەتەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە تاللىدى، ئەلچىلىككە خاس قىلدى، قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كىتابىنى چۈشۈردى، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: « بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق »، مىنىڭ قارىشىمچە بۇ ئايەت « بايان » دىن ئىككى تۈرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ:    

بىرىنچى: لەۋزى ۋە تۈزۈلۈشىنى بايان قىلىش بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە چۈشۈرگەندەك قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش، يوشۇرماستىن  ئۇممەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئى پەيغەمبەر ! پەرۋەردىگارىڭ ساڭا چۈشۈرگەن  قۇرئاننى يەتكۈزگىن» دېگەن ئايەتتىن بولغان مۇرادىدۇر.

ئائىشە (ئاللاھ ئۇ ئانىمىزدىن رازى بولسۇن) دىن بۇخارىي بىلەن مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: « كىمكى ساڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان ئىشتىن بىرنى يوشۇردى دېسە، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ئاللاھغا چوڭ بوھتاندىن بىرنى توقۇدى دەپ، يۇقىرىقى ئايەتنى ئوقۇدى . مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان ئىشتىن بىرنى يوشۇرار بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇ: ئاللاھنىڭ « ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: « خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھ دىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھدىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى » دېگەن ئايىتىنى يوشۇراتتى دەيدۇ .

ئىككىنچىسى: لەۋزىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىش ياكى ئومۇمىي مەنىنى بايان قىلىش ياكى ئۈممەت ئېھتىياجلىق بولغان ئايەتنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت، بۇنداق بايانلار كۆپىنچە ئىجمالى ياكى ئومۇمىي ياكى مۇتلەق سۆزلەنگەن ئايەتلەردە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەدىس ئىجمالى سۆزلەنگەن ئايەتنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ئومۇمىي سۆزلەنگەن ئايەتنى خاسلاشتۇرىدۇ، مۇتلەق سۆزلەنگەن ئايەتنى شەرتلەر بىلەن قەيت قىلىدۇ، مۇشۇ ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ۋە قارار قىلىپ بېكىتىشى بىلەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ : « ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئاياللارنىڭ قولىنى كېسىڭلار» دېگەن ئايىتى بۇنىڭ مىسالى، ھەقىقەتەن ئايەتتە ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىڭلار دېدى، بۇ ئايەتتە«ئوغرى ۋە قول» دېگەن سۆز مۇتلەق سۆزلەندى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاغزاكى ھەدىسى بىلەن بۇ ئىككىسىنى بايان قىلىپ بەردى، ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ بىر دىنارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدىغان نەرسىنى ئوغرىلىغان بولىشىنى شەرت قىلىپ مۇنداق دېدى : «ئوغرىنىڭ قولى بىر دىينارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق نەرسىنى ئوغىرىلىغاندا كېسىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

شۇنىڭدەك يەنە بىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ياكى ساھابىلەرنىڭ قىلغانلىقىنى بېكىتىش بىلەن بايان قىلىپ بەردى. بۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈملەر ھەدىس كىتابلىرىدا مەلۇملۇق ئىشلاردىندۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاغزاكى ھەدىسى بىلەن تەيەممۇم ئايىتىدە مۇتلەق سۆزلەنگەن«قول» دېگەن سۆزنى «پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا سۈركەپ تەيەممۇم قىلىڭلار» دېگەن ئايەتتىكى سۆزنى، بۇخارىي، مۇسلىم ۋە ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار ئەممار ئىبنى ياسىردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قول دېگەن سۆزدىن ئالقان مەقسەت قىلىنىدۇ دەپ :«تەيەممۇم دېگەن يۈز بىلەن ئىككى ئالقاننى سىلاش ئۈچۈن بىرقېتىم تۇپراققا ئۇرۇشتىن ئىبارەت» دېگەن.

 

ئەسەرنىڭ داۋامىنى word ياكى pdf نۇسخىسىدىن كۆرىۋىلىڭ...

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز