قىسقىچە چۈشەنچە

مىنىڭ بىر سوئالىم بولۇپ سوراشتىن خىجىل بولۇۋاتىمەن، لېكىن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىر دوستۇم مەندىن بۇ سوئالغا جاۋاپ تەلەپ قىلدى، مەندە قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەپ ئۇ دوستۇمنى قانائەتلەندۇرەلىگۇدەك ئاساس يوق، ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن. ئەگەر سوئالىم مۇناسىپ بولماي قالسا ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. لېكىن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېلىم تەلەپ قىلىشتىن خىجىل بولماسلىقىمىز لازىم. ئۇ دوستۇمنىڭ سوئالى: ئانانىزم قىلىش(قولى بىلەن لەززەتلىنىش)قا ئىسلام دىنىدا قانداق قارايدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى قانداق؟.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئانانىزم قىلىش(قولى بىلەن لەززەتلىنىش)نىڭ ھۆكمى

 

329- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مىنىڭ بىر سوئالىم بولۇپ سوراشتىن خىجىل بولۇۋاتىمەن، لېكىن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىر دوستۇم مەندىن بۇ سوئالغا جاۋاپ تەلەپ قىلدى، مەندە قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەپ ئۇ دوستۇمنى قانائەتلەندۇرەلىگۇدەك ئاساس يوق، ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن. ئەگەر سوئالىم مۇناسىپ بولماي قالسا ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. لېكىن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېلىم تەلەپ قىلىشتىن خىجىل بولماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ دوستۇمنىڭ سوئالى: ئانانىزم قىلىش(قولى بىلەن لەززەتلىنىش)قا ئىسلام دىنىدا قانداق قارايدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى قانداق؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئانانىزم قىلىش(قول بىلەن لەززەتلىنىش) قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىرى بىلەن ھارامدۇر.

بىرىنچى قۇرئاننىڭ دەلىلى: ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئانانىزم قىلىش(قۇلى بىلەن لەززەتلىنىش) نىڭ ھاراملىقىغا بىرلىككە كەلگەن ئىمام شافىئىي قاتارلىق بىر بۆلەك ئالىملار بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلىدۇ: «مۆمىنلەر ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر، يەنى ئەۋرەتلىرىنى پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر، بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىن جىنسى تەلەپنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر». ئىمام شافىئىي "ئەلئۇم" ناملىق ئەسىرىنىڭ «نىكاھ بۆلۈمى»دە ئەۋرەتلىرىنى ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلاش ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئۇلارنىڭ غەيرىگە ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ دەپ «بۇنىڭ سىرتىدا جىنسى تەلەپنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر» دېگەن ئايەتنى تەكىتلەپ ئەۋرەتلىرىنى خوتۇنلىرىغا، چۆرىلىرىگە يېقىنچىلىق قىلىشقا ئىشلىتىش بۇنىڭ سىرتىدىكى ئانانىزم قىلىش (قۇلى بىلەن لەززەتلىنىش)نىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بەزى ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن» دېگەن ئايىتىنى دەلىل قىلىپ بۇ ئايەتتىكى ئىپپەتلىك بولۇش دېگەنلىكتىن توي قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا باشقا ئىشلارغا سەۋر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچى ھەدىستىن بولغان دەلىل: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشىغان دەۋرىدە ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: «توي قىلىشقا قادىر بولالىغانلىرىڭلار توي قىلىڭلار، چۈنكى  توي قىلىش بىلەن ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەۋرىتى ھارامدىن ساقلىنىدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتۇڭلار، چۈنكى روزا ئىنساننى ھارام ئىشلارغا دۇچار بولۇشتىن ساقلايدۇ » دېدى.

شەرىئەت ئىنسانلارنى توي قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندە مۇشەققەت بولسىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى، ئىنساننىڭ تەبىئى قۇۋۋىتى ئانانىزم قىلىش(قولى بىلەن لەززەتلىنىش)كە ئېتتىرسىمۇ لېكىن بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىدى. بۇ ھەقتە باشقا نۇرغۇن دەلىللەر بولسىمۇ يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىزنى بۇ ھەقتىكى سوئالغا يېتەرلىك دەپ قارايمىز.

تۆۋەندە بۇ ئىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى ۋە بۇ ئىشقا گىرىپتار بولغۇچىغا بەزى نەسىھەتلەرنى بايان قىلىمىز:

1-بۇ ئىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاپ چەكلىمىسىدىن يېنىش كېرەك.

2-بۇنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ياشلارغا قىلغان تەۋسىيەسىگە ئەمەل قىلىپ توي قىلىش كېرەك.

3-كۆڭۈلنىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوقۇتۇپ دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى پىكىر قىلىش كېرەك. ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قىلىش ئىنساننى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويىدۇ.

4- ئىنسان ئۆزىنى يالىڭاچ سۈرەتلەرگە قاراشتىن، ئاتالمىش "تۇرمۇش پىلىملىرى"نى كۆرۈشتىن ساقلىنىش لازىم. چەكلەنگەن ناشايان ئىشلاردىن كۆزنى قاچۇرماسلىق، ئىنساننى ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئارقا-ئارقىدىن قارىمىغىن». ئەمما ئۇشتۇمتۇتلۇق تاسادىپىيلىق قاراش بولسا گۇناھ بولمايدۇ. ئىككىنچى قېتىم قايتا قاراش ھارام بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، شەھۋىتىنى قوزغايدىغان سورۇنلارغا بېرىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

5- تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ گۇناھ-مەسىيەت ئۈچۈن بوش ۋاقىت چىقارماسلىق كېرەك.

6- ئانانىزم قىلىش(قولى بىلەن لەززەتلىنىش) سەۋەبىدىن سالامەتلىك زىيانغا ئۇچراپ كۆز، نېرۋا ئاجىزلىقى، جىنسى ئاجىزلىق، بەدىنى تىلىپ ئاغرىش، ھارغىنلىق، رەڭگى نۇرسىزلىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك كېسەللەرگە دۇچار بولىدۇ. بۇ ھەقتە تىببى كىتابلاردا تەپسىلى سۆزلەيدۇ.  شۇنىڭدەك پىسخىلوگىيەگە ئائىت كېسەللىكلەر، ئىچى تىتىلداش، سىقىلىش، ئۇستىخانلىرى بوشىشىپ كېتىش، روزىسىنى بۇزۇۋېتىش، سوغۇق ۋاقىتلاردا كۆپ يۇيۇنۇش ئارقىلىق نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ.

7- خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىش، چۈنكى بەزى ياشلار نەپسىنى زىنا ۋە ھارام ئىشلاردىن ساقلاش ئۈچۈن ئانانىزم قىلىش(قولى بىلەن لەززەتلىنىش) نى دۇرۇس دەپ قارايدۇ، بۇنداق قىلىش ئىنساننى پاھىشە ئىشلاردىن دائىم توسۇپ قالالمايدۇ.

8-مۇستەھكەم كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ نەپسى شەيتانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، يالغۇزلۇق ۋە ئايرىم ئۆيدە يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە بىر كىشىنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئۇخلىشىنى چەكلىگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

9- پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت بولغان كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، چۈنكى روزا شەھۋەتنى پەسەيتىپ ئىنتىلىشنى ئازايتىدۇ. شەھۋەتنى پەسەيتىدىغان دورىلارغا ئادەتلەنمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ ساقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ. ھەدىستىمۇ بۇ ھەقتە: «ھارام ئىشقا ئادەتلەنگەندە ئىشلەتكەن داۋا شەھۋەتنى تەل-تۆكۈس يوق قىلىۋەتمەيدۇ دېيىلگەن».

10-  ئۇخلاشتىن بۇرۇن  بەلگىلەنگەن دۇئا زىكىرلەرنى ئېيتىش، ئۇخلىغاندا ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ئۇخلاش قاتارلىق شەرئى ئەدەپلەرگە رىئايە قىلىش، دۈم يىتىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.

11-سەۋر ۋە ئىپپەت بىلەن زىننەتلىنىش كېرەك، گەرچە نەپسىمىز ھارام ئىشلارنى خالىسىمۇ بۇنىڭغا سەۋر قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، نەپسىنى ئىپپەتلىك بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، نەتىجىدە ئىپپەت گۈزەل ئەخلاققا ئىگە قىلىدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن بىھاجەتلىكنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى باشقىلاردىن بىھاجەت قىلىدۇ. كىمكى سەۋرچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى سەۋىرچان قىلىدۇ، ئاللاھ ئىنسانغا سەۋىردىنمۇ ياخشىراق بىر نەرسە بەرمىدى». بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

12- ئىنساندىن بۇنداق ئىش سادىر بولۇپ قالسا دەرھال تەۋبە قىلسۇن، بۇ چوڭ گۇناھلاردىن بولسىمۇ ئۈمىتسىزلەنمەي ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلسۇن. بۇ ئىشتىن قول ئۇزۇشكە بەل باغلىسۇن.

13- دائىم ئاللاھغا يېلىنىپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىپ، مۇشۇ يامان ئادەتتىن قول ئۈزۈشنى تەلەپ قىلسۇن، چۈنكى ئاللاھ تائالا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز