قۇربانلىق ئۇلاغنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىسا بولامدۇ؟

قىسقىچە چۈشەنچە

ئوڭ قولى بىلەن مال بوغۇزلاشقا قادىر بولالمىسا سول قولى بىلەن بوغۇزلىسىمۇ دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    قۇربانلىق ئۇلاغنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىسا بولامدۇ؟

    هل يذبح الأضحية بيده اليسرى؟

    < ئۇيغۇرچە >

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    قۇربانلىق ئۇلاغنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىسا بولامدۇ؟

    160536- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئوڭ قولى بىلەن مال بوغۇزلاشقا قادىر بولالمىسا سول قولى بىلەن بوغۇزلىسىمۇ دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە قۇربانلىق ئۇلاغنى ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلاش ياخشى دېيىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق ھايۋانغىمۇ راھەت بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك كىشىلەر قۇربانلىقتا ئوڭ قولىنى ئىستىمال قىلىدۇ.

    ئەمما سول قولى بىلەن مال بوغۇزلاش ياخشى بولمىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر سول قولى بىلەن مال بوغۇزلاش چارۋىغا نىسبەتەن راھەت بولىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئوڭ قولى بىلەن مال بوغۇزلاشتىن كۆرە سول قولى بىلەن بوغۇزلاش ياخشى بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىشتا ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلاش شەرت ئەمەس، بەلكى چارۋىنى قايسى قولىدا بوغۇزلاش قولاي بولسا، شۇ قولىدا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ، قېنى ئېقىتىلغان مالنىڭ گۆشىنى يەڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. يۇقىرىقى ھەدىستە چارۋىنى ئوڭ قولى بىلەنلا بوغۇزلاشنى قەيت قىلمىغان، شۇنداقتىمۇ ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى ئوڭ قول كۈچلۈك بولىدۇ، كۈچلۈك بولغاندىن كىيىن چارۋا بوغۇزلىنىش جەريانىدا قىينالمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بوغۇزلانغان مالنى راھەتلەندۈرۈشكە بۇيرىغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ئېھسان قىلىشنى (يەنى ياخشىلىق قىلىشنى) يازدى، ئەگەر بىر نەرسە ئۆلتۈرسەڭلا چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار، چارۋا بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار چارۋا بوغۇزلىغاندا پىچىقىنى ئىتتىك قىلسۇن ۋە بۇ ئارقىلىق بوغۇزلىنىدىغان مالنى راھەتلەندۈرسۈن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    مۇشۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن سول قولىدا ئىش قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مالنى ئوڭ قولىدا بوغۇزلىغاندىن سول قولىدا بوغۇزلاش ياخشى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بوغۇزلىنىدىغان مالنى راھەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: مالنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مال بوغۇزلاشتا ئوڭ قول بىلەن بوغۇزلاشنى شەرت قىلمىغان. "نۇرۇن ئەلەددەربى" پىروگراممىسىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. http://www.ibnothaimeen.com/all/noor/article_1871.shtml

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەتىۋا بەرگەن: http://www.binbaz.org.sa/mat/19839

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 162299- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز