قىسقىچە چۈشەنچە

مەن ئون بەش ياشقا كىردىم، ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلدىم، مېنىڭ بىردىن-بىر دىن ئۈگىنىش مەنبىيىم سىلەرنىڭ مۇشۇ تور بېتىڭلارغا ئوخشاش ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىكى ئىسلامى تور بەتلىرىدۇر. شۇنداقلا مېنى مەسچىتكە باشلاپ بارىدىغان ئادەممۇ يوق، مەن تۇرغان جاي بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىلىقى بەش مىل كېلىدۇ، ئۇ يەرگە مېڭىپ بېرىش خەتەرلىك، ئۇنىڭدىن سىرت دادام مېنىڭ تور بەتلەرنى كۆرۈشۈمنى چەكلەيدۇ. شۇنداقلا مېنىڭ ئىسلامى تور بەتلىرى ۋە سىلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭلارنى كۆرۈشۈمنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ شىئە، ئۇنىڭ دېيىشچە: سىلەر مېنىڭ مېڭەمنى يۇيىدىكەنسىلەر، دادام مېنى شىئە مەزھىبىنى ئۈگىنىشگە زورلايدۇ، ھەتتا شىئەلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇللىرىمۇ باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىكەن، مەن ھازىر نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ماڭا توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز