قىسقىچە چۈشەنچە

جانابى ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىنىڭ مەۋجۇد بولىشىنى ئىرادە قىلسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بارلىققا كېلىدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشقا ئالتە كۈن كەتكەن؟.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يارىتىشقا قادىر تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئالتە كۈندە ياراتتى؟

 

20613-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

جانابى ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىنىڭ مەۋجۇد بولىشىنى ئىرادە قىلسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بارلىققا كېلىدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشقا ئالتە كۈن كەتكەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ- سانا ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تولۇق ئىشەنگۈچى ئىمان ئىگىلىرى، جانابى ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قادىر، چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە، خالىغان زامان ۋە ماكاندا ئۆزى خالىغان شەكىلدە بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىدە جانابى ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەستىق قىلغان كەسكىن دەلىل - ئىسپاتلار، روشەن بايانلار  بار. بۇ توغرىدا جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا "ۋۇجۇتقا كەل" دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ». [بەقەرە سۈرىسى 117- ئايەت]. ھاپىز ئىبنى كەسىر يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "جانابى ئاللاھ بۇ ئايەتتە زىكىر قىلغىنىدەك ئۆزىنىڭ تولۇق كامالەتكە يەتكەن كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە  ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئەگەر ئۆزى بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا شۇ ۋاقىتنىڭ  ئۆزىدىلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ۋە مەزكۇر نەرسىنى ئۆزى ئىرادە قىلغان شەكىلدە بارلىققا كەلتۈرۈشكە قادىردۇر".

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ». [ياسىن سۈرىسى 82- ئايەت].  

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، "ۋۇجۇدقا كەل" دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ». [سۈرە ئەئراف 47- ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ». [سۈرە غاپىر 68- ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «(ئاللاھ بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولسا) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۈزدۈر، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا ئورۇنلىنىدۇ». [سۈرە قەمەر 50-ئايەت]. ھاپىز ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك كاتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. «بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سوزدۇر» دېگەن بۇ سۆزىگە قارايدىغان بولساق جانابى ئاللاھ ھەرقانداق بىر شەيئىنىىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىرادە قىلسا ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بارلىققا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان بۇيرۇقنىڭ بىرقانچە قېتىم تەكرارلىنىشى ھاجەتسىز ئىكەنلىكى، بىرلا قېتىم بۇيرۇق بېرىلىدىغانلىقى، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا بارلىققا كېلىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ كېچىكىپ قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان".

يۇقىرىقى ئايەتلەر ۋە باشقا ئايەتلەردىمۇ جانابى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىقرار قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىكى ھەقىقەتنى روشەن  بايان قىلىدۇ.

ئۇنداقتا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان تۇرۇپ ئاسمانلار ۋە زېمىننى نېمە ئۈچۈن ئالتە كۈندە ياراتتى؟ دېگەن سوئالغا تۆۋەندىكى جاۋاب بىلەن كۇپايىلىنىمىز.    

بىرىنچى: جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئاسمانلار ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئايەتلەرنى زىكىر قىلغان.

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ  ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى». [سۈرە ئەئراف 54- ئايەت].

ئىككىنچى: جانابى ئاللاھ ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلشتا ھىكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر. بۇنىڭدىن چوڭ بىر ھېكمەتنىڭ بارلىقى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بولسا جانابى ئاللاھنىڭ "ھېكمەتلىك زات" دېگەن ئىسمىنىڭ مەنىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھېكمەتنى جانابى ئاللاھ بىزگە بىلدۈرۈشى ياكى بىلدۇرمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بۇ ھېكمەتنىڭ تېگى-تەكتىگە ئىلىم - مەرىپەت ساھىبلىرىلا يېتەلەيدۇ.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلىشى بىلەن چەكلەنگەن ھېكمەت توغرىسىدا قىينىلىپ يۇرۇپ ئىزدىنىشىمىز، بۇ ھەقتىكى ھېكمەتنى بىلمىگەنلىكىمىز ياكى بىلدۇرۇلمىگەنلىكىمىز، ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىغا ئىنكار قىلىش ياكى قارشى تۇرۇشقا ئىلىپ بارماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال- سوراق قىلىنمايدۇ، ئەمما مەخلۇقلاردىن سوئال- سوراق قىلىنىدۇ». [سۈرە ئەنبىيا 23 - ئايەت].  

بەزى ئالىملار جانابى ئاللاھنىڭ ئاسمانلار ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە يارىتىشتىكى ھېكمەتنى قۇرئان ۋە سۈننەت ئەھكاملىرىغا تايىنىپ تېپىپ چىقىشقا تىرىشتى.

1- ئىمام قۇرتۇبى (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم قىلغاي) "قۇرئان كەرىم ئەھكاملار توپلانمىسى" ناملىق تەپسىر كىتابىنىڭ 4 ۋە 7- تومىنىڭ 140- بىتىدە ئەئراف سۈرىسىنىڭ 54- ئايىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

"بۇ ئالتە كۈننى زىكىر قىلشتىن مەقسەت - جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە بىر- بىرسىگە كۆيۈنۈش، بىر نەرسىدە مۇستەھكەم مەيداندا تۇرۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. ھەمدە پەرىشتىلەرگە ئۆزىنىڭ قانچىلىك كاتتا قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

يەنە باشقا ھىكمەت: "ئالتە كۈندە يارىتىشتىكى مەقسەت: جانابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەرقانداق بىرنەرسە ئۈچۈن بېكىتىلگەن مۇئەييەن ۋاقىت بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق گۇناھكارلارنى ئاللاھ تائالا ۋاقتىدا جازالىماستىن ۋاقتىنچە تاشلاپ قويىدۇ، چۈنكى جانابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەر قانداق نەرسىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى-سائىتى، يەنى ئەجىلى باردۇر".

2- ئىبنى جەۋزى " زادۇل مەسىر" ناملىق تەپسىرىنىڭ 3- توم 162- بىتىدە ئەئراف سۈرىسىنىڭ 54- ئايىتى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر بولغان ئىكەن ئاسمان ۋە زېمىننى ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ياراتقان بولسا دېيىشىدۇ، بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك جاۋاپ بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

بىرىنچى: جانابى ئاللاھ ھەر كۈنى پەرىشتىلەر ئۇلۇغلايدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ. ئىبنى ئەنبارى رىۋايىتى.

ئىككىنچى: جانابى ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى يارىتىشتىن ئىلگىرى قىسقىچە مۇقەددىمە بايان قىلىپ ئۇندىن كېيىن پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلۇغلىشىغا بۇيرىغان.

ئۈچىنچى: بىر شەيئىنى دەرھال بارلىققا كەلتۈرۈش قۇدرەتنىڭ كامالىتى بولغاندەك، بىر ئىشتا داۋاملىق پۇتتىرەپ تۇرۇش ھېكمەتنىڭ كامالىتىدۇر. ئاللاھ تائالا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، بۇنىڭدا كامالى قۇدرەت نامايەن قىلىنغان بولسا، بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ئۇنىڭ ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلدى".

تۆتىنچى: جانابى ئاللاھ بەندىسىگە مۇستەھكەملىكىنى ئۆگەتكەن، ھەر قانداق بىر كىشى مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرسا، ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ تۆۋەن ھالغا چوشۇپ قالمايدۇ. مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى تۆۋەن ھالەتكە چوشۇپ قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

بەشىنچى:جانابى ئاللاھ بىر شەيئى بىلەن يەنە بىر شەيئىنى يارىتىش ئارىسىدا مۆھلەت تۇرغۇزۇشنى ئىرادە قىلغانلىقىدۇر.

ٍٍٍٍٍٍٍ 3- قازى ئەبۇ سەئۇد (3/232) ئەئراف سۈرىسىنىڭ 54- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ  مۇنداق دەيدۇ: "جانابى ئاللاھ مەخلۇقاتلارنى بىرلا ۋاقىتتا ياراتماستىن تەدرىجى ھالەتتە ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ياراتقانلىقى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقلارنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ تاللاش، ئالدىرىماي نەرسىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر". يەنە ئۇ (6/226) فۇرقان سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە  توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "جانابى ئاللاھنىڭ ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ئوتتۇرىدىكى ھەرتۈرلۈك ئىلمىتلارنى بىرلا ۋاقىتتا يارىتىشقا قادىر تۇرۇپ مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى ئىنچىكە بىر- بىرىگە ماس كىلىدىغان، خاتاسىز قىلىپ يارىتىشىدىكى ھەقىقەتكە ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغانلىقىنىڭ ئۆزى، بۇنىڭدا بۈيۈك بىر ھېكمەت بارلىقىنىڭ دەلىلىدۇر".

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز