قىسقىچە چۈشەنچە

زاكاتنى، ئىلمى خىزمەت ۋە دىنى تەشۋىقات ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا، دەۋەتچى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا بەرسە، دىنى تەشۋىقات مەركىزى قۇرسا ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالسا دۇرۇس بولامدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

زاكاتنى دەۋەت يوللىرىغا سەرپ ئېتىشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا

 

121551-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

زاكاتنى، ئىلمى خىزمەت ۋە دىنى تەشۋىقات ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا، دەۋەتچى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا بەرسە، دىنى تەشۋىقات مەركىزى قۇرسا ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالسا دۇرۇس بولامدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

سىزنىڭ سوئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىشىمىز ئۈچۈن مەسىلىدە تەپسىلىراق توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان-كەرىمدە زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».[سۈرە تەۋبە 60-ئايەت]. كۆپچىلىك ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ نىڭ يولىغا» دېگەن سۆزىدىن بولغان مەقسەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشتىن ئىبارەت دېگەن كۆز قاراشتا بولغان.

بەزى ئالىملار: ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىش دېگەن سۆز توغرىسىدا توختىلىپ: "جىنى بىلەن قوراللىق كۆرەش قېلىش ۋە نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا دىنسىزلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىسلامدىكى جىھاد پرىنسىپىغا بولغان خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇش، ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ.

شەرىئەت تېكىستلىرىدىكى"جىھاد" دېگەن سۆز ئومۇمى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىلىم ئېلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش دېگەنلىكتۇر.

1-پۇرقان سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا قوراللىق جىھاد قېلىش يولغا قويۇلمىغان ئېدى. بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى ئىلمى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ: «بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن» دېگەن ئايەتنى قۇرئان ئارقىلىق جىھاد قىلغىن دېگەن دەپ چۈشەندۈرگەن. تەپسىر ئىبنى جەرىر 19-توم 280-بەت.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ «زادۇل مەئاد» ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى سۈرە ئۈستىدە توختىلىپ  مۇنداق دېگەن: "بۇ سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا كاپىرلارغا دەلىل-ئىسپات ۋە ئىلمى ھۆججەتلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق جىھاد قېلىشقا بۇيرۇلغان". تۈگىدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "جىھاد كاپىرلارغا قارشى قوراللىق كۆرەش قېلىش ۋە ئاغزاكى دەلىل-ئىسپاتنى بايان قېلىش ۋە دەۋەت قېلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن». [سۈرە پۇرقان 51-52- ئايەت]. يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى كاپىرلارغا قۇرئان ئارقىلىق پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆرەش قىلىشقا بۇيرىغان. بۇ سۈرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىش، جىھاد قىلىشقا بۇيرۇلۇش ۋە رۇخسەت قىلىنىشتىن بۇرۇن  مەككىدە نازىل بولغان ئايەت  بولۇپ، مەككە دەۋرىدىكى جىھاد قوراللىق ئۇرۇش قىلىش بىلەن ئەمەس بەلكى كىشىلەرنى ئىلىم بىلەن قەلبى بىلەن ۋە تەسىرلىك ۋەز-نەسىھەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە چاقىرىش ئارقىلىق بولغان".  مىنھاج سۈننەتۇننەبەۋىييە ناملىق ئەسەر 8- توم 86-بەتكە قارالسۇن.

2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇشرىكلارغا قارشى مېلىڭلار، جېنىڭلار ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2504- نومۇرلۇق ھەدىس]. بۇ ئەسىردىكى بەزى ئالىملار بۇ مەسىلىگە ھۆكۈم چىقىرىشتا يۇقىرىقى بايانلارغا تاياندى. ئىسلام پىقھى ئاكادىمىيسىمۇ يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە قارار چىقاردى.

مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال-شەيخ: "ئىلمى خىزمەت ۋە دىنى تەشۋىقات مۇھىم ئەمەللەردىن بولۇپ، زاكات ماللىرىنى بۇ يوللارغا ئىشلىتىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بولغان مالىيە جەھەتتىكى تەييارلىق، دىنغا بولغان شۈبھىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇش قاتارلىقلار جىھادنىڭ بىر تۈرى ۋە ئاللاھ يولىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەمەللەردۇر. دىنى رەھبەرلەر بۇنىڭغا سەپەرۋەرلىك قىلسا بۇ ھەممە كىشى ئۈچۈن پەرز  ئەيىن بولىدۇ. بۇ ئىسلامىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ. دىنى تەشۋىقات مۇسۇلمان مىللەتنىڭ روھى ئوزىقى بولۇپ، بۇ بۈيۈك خىزمەت رەھبەرلەر تەرىپىدىن سەل قارالسا، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار دىنغا دەۋەت قىلىش ۋە بۇزۇقچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاغزاكى كۆرەش قىلىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كۈچ چىقارغان بولسا ئىدى، بۇ نېمىدېگەن ياخشى نەتىجە بەرگەن بولاتتى-ھە.» دېگەن. مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال-شەيخ پەتىۋالار توپلىمى 4-توم 142-بەت.

ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى قارمۇ-قارشى ئىككى تەرەپنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، دەلىل-پاكىتلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، كىڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇنداق قارار چىقارغان:

1- ئىسلامدا يۇقىرى ئورۇن ۋە كۆپ تاللاشقا ئېرىشكەن ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىلى، ئاللاھ تائالانىڭ: «پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەيرـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېگەن ئايىتى، ھەدىسلەردىن: ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان: «بىر كىشى ئايالى ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ تۆگىسىنى ئاللاھ يولىدا ئاتىۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئايالىغا: «بۇ تۆگىگە مىنىۋېلىڭ، ھەج قىلىشمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر» دېدى.

2-قۇراللىق جىھاد قىلىشتىن بولغان مەقسەت ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشتۇر. ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش قوراللىق جىھاد قىلىش ئارقىلىق بولغانغا ئوخشاش، دەۋەت- نەسىھەتلەرنى قىلىش، دىننى تارقىتىش، دەۋەتچىلەرگە ھېسسى ۋە ماددى ياردەم بېرىش بىلەنمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى جىھاد قىلىشتۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇشرىكلارغا قارشى مېلىڭلار، جېنىڭلار ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار» دېگەن.

3- بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنى، دىنسىزلار، يەھۇدىي، ناسارالار ۋە بارلىق دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىدىلوگىيە، مەدەنىيەت، پىكىر ئىستالاسى قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى غازاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان ئىنسانلار مەۋجۇدتۇر. ئىسلام ئەھلى ساغلام ئەقىدە ۋە كۆز قارىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ يولدا خىزمەت قىلىۋاتقان دەۋەتچىلەرنى ماددى ۋە مەنىۋىي تەرەپلەردىن قوللاپ قۇۋۋەتلەش، دۈشمەنگە قارشى مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگەندەك بولىدۇ. بەلكى بۇنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.

4-ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش ئىشلىرىنى تەرتىپلەپ، ئورۇنلاشتۇرىدىغان مىنىستىرلىك ئالى ئورگانلىرى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دۆلەتنىڭ ئالدىن ھېسابلايدىغان ئىقتىسادى خام چوت بەلگىلىمىسى بار بولۇپ، بۇ دەۋەت ئارقىلىق جىھاد قىلىشنىڭ ئەكسىدۇر. كۆپچىلىك دۆلەتلەرنىڭ خام چوت ھېسابىدا دىنى تەشۋىقات ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش بەلگىلىمىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى، ئاللاھ يولىدا دەۋەت قىلىش، ئىلمى خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىش ۋە  ئايرىم كىشىلەرنى بۇ ئىشقا بەلگىلەشمۇ ئايەتتىكى«پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ دەپ قارار چىقاردى.

"يېڭى ئەسىر زاكات مەسىلىلىرى" توغرىسىدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق يىغىندا مۇنداق دەپ پەتىۋا چىقىرىلدى: «پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش» دېگەن ئايەتتىن پىقھى ئالىملار بېكىتكەن كەڭ دائىرىدىكى جىھادنىڭ مەنىسى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى؛ دىننى مۇھاپىزەت قىلىش، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى يۈكسەك قىلىش، جىھاد ئارقىلىق ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، شەرىئەت قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا تىرىشىش، بۇ توغرىدىكى سەپسەتە- دەۋالارغا رەددىيە بېرىش، بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ پەقەت جىھاد ئۈچۈن ھەربى مەشىق ئىلىپ بېرىشكىلا قارىتىلمايدۇ، شۇنىڭدەك جىھاد دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمى تۆۋەندىكى مەنالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

"ئا- ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان دۈشمەنلىكنى توسۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان جىھادى قوشۇننىڭ ھەرىكىتىنى كۇچلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىش.

ب-ھازىرقى دەۋرىگە مۇۋاپىق تۈرلۈك ساغلام يوللار بىلەن ئىسلام دىنىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدا سەمىمىيەتلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىسلام مەركىزى ۋە دەۋەتچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىش. بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدا مەسچىتتە دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ج-كافىرلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا مۇسۇلمانلارنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئايرىپ يوقۇتۇشنى پىلان قىلىۋاتقان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئىسلامىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ياردەم بېرىش". تۈگىدى.        

"يېڭى ئەسىر زاكات مەسىلىلىرى پەتىۋالىرى" 25-بەت.

دوكتۇر ئابدۇللاھ ئىبنى مەنسۇر ئەلغۇپەيلىنىڭ "(ئاللاھ يولىدا)دېگەن سۆزنىڭ ئومۇمى ئۇقۇمى" ناملىق ئىلمى ئەسىرىگە قارالسۇن.  

(دېمەك؛ دىن ۋە مۇسۇلمانلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە مەن مۇسۇلمان دېگەن ھەرقانداق ئىنسان ساغلام ئەقىدە، مىللى كىملىك، مىللى مەدەنىيەت، ۋەتەنپەرلىك مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن دىنى تەلىم-تەربىيە ۋە ئىسلامىي ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشى، دىنى مائارىپقا مەبلەغ سىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى بىز مىللەتنىڭ بۈگۈنكى قەدەر مىللەت بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنۇتمىغانلىقىمىزدۇر. -مۇھەررىر-).

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز