مۇسۇلمان روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولامدۇ؟

قىسقىچە چۈشەنچە

مۇسۇلماننىڭ روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولىشى مۇمكىنمۇ؟، بەزى كىشىلەر مۇسۇلمان روھى كېسەل بولمايدۇ دەيدىكەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    مۇسۇلمان روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولامدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2014 - 1435

    هل يصاب المسلم بأمراض نفسية

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    مۇسۇلمان روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولامدۇ؟

    21843- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مۇسۇلماننىڭ روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولىشى مۇمكىنمۇ؟، بەزى كىشىلەر مۇسۇلمان روھى كېسەل بولمايدۇ دەيدىكەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ئىنساننىڭ كېلەچەك ئۈچۈن ئەندىشە قىلىشى، ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇشى سەۋەبلىك روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولىشى مۇھەققەقتۇر.

    روھى كېسەللىكنىڭ، ئىنسان جىسمىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئۇنىڭ پىسخۇلوگىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسانغا يەتكەن غەم-قايغۇ، دەرد-خاپىلىقلار ئومۇمى جەھەتتىن ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت، گۇناھلىرىنىڭ يەڭگىللىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئىنسان مۇپتىلا بولغان كېسەللىك ئۈچۈن ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭغا سەبرى قىلسا ئەلۋەتتە ئەجرى بولىدۇ.

    بۇ كېسەللىكنى ھېسسى دورىلار بىلەن داۋالىغاندىن، شەرئى ئۇسۇل بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇمدۇر.

    شەرئى ئۇسۇللار ئارقىلىق غەم-قايغۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇش كېرەك. سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان دۇئالاردىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭ، بەندەڭنىڭ ۋە قۇلىڭنىڭ ئوغلىمەن، مېنىڭ كوكۇلام سېنىڭ قولىڭدىدۇر، سېنىڭ ھۆكمىڭ ماڭا ئۆتكۈچىدۇر، ھەققىمدە چىقارغان ھۆكمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر، سەن كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى مەخلۇقلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىلمى غەيبىڭ قاتارىدا ساقلاشنى ئىرادە قىلغان، قىسقىسى سەن ئۆزەڭنى ئاتىغان ۋە ساڭا مەنسۇپ بولغان بارلىق ئىسىملىرىڭ بىلەن، قۇرئاننى قەلبىمنىڭ باھارى، دىلىمنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]. مانا بۇ شەرئى يول بىلەن روھى كېسەللىكنى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. شۇنىڭدەك يەنە بىر ھەدىستە سۈرە ئەنبىيادىكى بۇ ئايەتنى ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ: ﴿لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

    ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ دەم سىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن شىپالىق تىلەشمۇ شەرئى ئۇسۇل بىلەن داۋالىنىشنىڭ تۈرىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۈرە ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇيتتى ۋە ئىككى قولىغا سۈپلەپ بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارغا قەدەر سىلايتتى. ئەگەر كىمكى مەزكۇر دۇئالارنى ئۆزى ئوقۇيالمىسا، ئىشەنچىلىك تەقۋادار كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ دۇئا ئۇقۇتسىمۇ (رۇقىيە شەرئىييە)بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىبنى قەييىمنىڭ دۇئا-زىكىر توغرىسىدا يېزىلغان: "ئەلۋابىلىس سەييىب"، ئىبنى تەيمىيەنىڭ: "ئەلكەلىمۇت تەييىب"، ئىمام نەۋەۋىينىڭ: "ئەلئەزكار" شۇنىڭدەك يەنە ئىبنى قەييىمنىڭ: "زادۇل مەئاد" قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. [ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ ئىسلام پەتىۋالىرى ناملىق ئەسىرى 4-توم 465-468-بەتلەر].

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

    كاتوگۇرىيە تۈرى: