• PDF

    بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 22/12/1432ھـ 2011-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىسلام دىنىنىڭ تەۋرەنمەس پرىنسىپ ۋە ئىلاھى ھىمايىگە ئىگە دىن ئىكەنلىكى، ئىسلامىي پرىنسىپنى تۇتمىغانلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئىچىدىنمۇ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن يىراقلاشقان كىشىلەر ئۆز قىلمىش ۋە ئېتىقادلىرى ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ تەككۇزىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

  • DOC

    يازغۇچى : ئۇستاز ئەبۇ ئەكرەم كۈسەنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئاپتور ماقالىسىدا ئىسلام ئاتالغۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مايىللىقى، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغا بىردەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • PDF

    يازغۇچى : دوكتۇر جەئپەر شەيخ ئىدرىس تەرجىمە قىلغۇچى : ئەنۋەر بارات ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئاپتور ماقالىسىدا ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت، گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى، ھەقىقەت، ئەخلاق-پەزىلەت، گۈزەللىكنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزلەشتۇرىشىمىز كېرەكلىكى، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتتە باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولىشىمىز لازىملىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • DOC

    يازغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دىن دېگەن نېمە؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، دىننىڭ ماھىيىتى ۋە بەندىلەر ئۈستىدىكى ئاللاھ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، ئىسلام ۋە كۇفىر، شېرىك ۋە بىدئەت قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • DOC

    بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 15/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسانىيەتكە بەخت-سائادەت بولىشىنى ئىرادە قىلغانلىقى، ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە پرىنسىپلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، گاھىدا ئۆز ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن ئوبرازى خۇنۇكلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى، ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىلىشى، دىننى قوغداش ۋە ئۇنى تارقىتىشتىن قول ئۈزگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئىسلام ئەھلى ۋە ئەھلى كىتابلار ئوتتۇرىسىدىكى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى دېئالوگ، ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • DOC

    يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدۇ، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ئۆبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان يالغان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ فىلىمگە رەددىيە قايتۇرۇشنى دىنىمنى، پەيغەمبىرىمنى قوغداش يولىدىكى ئىمانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىمۇ يورۇتۇپ بىرىشنى توغرا تىپىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز