كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

بۆلۇم سانى: 5

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : دوكتۇر مانىئ ئىبنى ھەماد جۇھەنى تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى ئىسلام دۇنياسىدىكى پىكىر جەھەتتىكى قاتماللىق ۋە قالاقلىق نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ساغلام ئاساسىغا قايتىشقا چاقىرىدۇ، تەۋھىد ئوقۇمىنى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالغان تۈرلۈك شېرىكلەردىن تازىلاشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى، بەزىلەر شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن خاتا ھالدا «ۋەھھابىيلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ يېڭى بىر مەزھەپ ياكى ئىجاد قىلىنغان بىر تەرىقەمۇ ئەمەس، ئۇ سەلەپىييە دەۋىتىنىڭ داۋامى ۋە يېڭىلىنىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان پىرقە ھەققىدە توختۇلۇپ،«ئۇلار مەن ۋە ئەسھابىلىرىم تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇسۇل بويىچە ماڭغانلار» دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، سەلەپ - سالىھلارنىڭ سىزىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مېڭىشقا چاقىرىدىغان مېتود ۋە چاقىرىقتىن ئىبارەت.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «ئىمام ئەبۇ ھەنىيپىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەتلىك دەرسلەر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىمامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە سەۋرچانلىق، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سېخىلىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىككە ئوخشىغان ئالى جاناب پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شەرئىي بىلىملەرگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، پىقھى ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تارىختا ئۆچمەس قۇياشقا ئايلىنىشىدەك مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/5/1431ھـ/2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەت ۋە ياردەمگە ئېرىشىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان جانلىق تارىخى مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئىماملارنىڭ بىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت بىر سۆزى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسنى تەرك قىلىش خۇسۇسىدا جەزمەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر سەۋەبنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالارغا تىل ئۇزۇتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ.