ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۇچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
The Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە
يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.
- 1
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
DOC 435 KB 2019-05-02
- 2
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
PDF 83 KB 2019-05-02
ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
هل أنت تشارك بعيد الحب؟
مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىين
المفتي: الشيخ محمد بن صالح العثيمين
تەرجىمە قىلغۇچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
المترجم: منورة بنت نعمة الله
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.
جاۋاب:
ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»غا ئىشتىراك قىلىش دىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەچچە تەرەپلىمىلىك دۇرۇس ئەمەس:
بىرىنچى: بۇ بايرام بىدئەت بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىدە ھېچقانداق ئاساسى يوق.
ئىككىنچى: بۇ بايرامغا قاتنىشىش دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان بىنورمال ئىشىق-مۇھەببەتكە تەرغىب قىلىدۇ.
بۇ بايرامغا قاتنىشىش ئىنسان قەلبىنى سۈننەت ۋە سەلەپ ئالىملارنىڭ ساغلام يوللىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بىمەنە ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.
مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈندە (يەنى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى) بايرامغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، يېمەك-ئىچمەك ياكى كېيىم -كېچەك، دوستلار، ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا قۇتلۇقلىشىش ۋە بۇ كۈننى پەرقلىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسى ۋە دىنى بىلەن پەخىرلىنىشى، شامال چىققان تەرەپكە كىتىۋەرمەستىن ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
جانابى ئاللاھتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئاشكارا ۋە مەخپى پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىشىنى سورايمەن.
كاتوگۇرىيە تۈرى: