پەتىۋالار
بۆلۇم سانى: 693
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىئاللاھ تائالا كىتابىدا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى دېدى، لېكىن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە بىزنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان دىگەن ئىبارىنىمۇ ئۇچرىتىمىز، بۇ ئىككى سۆز قارمۇ-قارشى ھېسابلانمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىروزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا ئىجابەت بولىدىغان دۇئانىڭ ۋاقتى ئىپتاردىن ئىلگىرىمۇ ياكى ئىپتار قىلىۋېتىپ قىلامدۇ ياكى ئىپتاردىن كېيىن قىلامدۇ؟ مۇشۇ ۋاقىتتا قىلىدىغان دۇئا بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىمۇسۇلمان كىشى رامزاندا روزىنى باشلاشتا ئۆز يۇرتى بىلەن پەرقلىق بولغان يۇرتقا سەپەر قىلسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىروزىنىڭ سۈننەتلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىئىنسان ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىبادەتتە ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغانمۇ؟ قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇ بولسىمۇ سوغۇق سۇدا تەرەت ئېلىش ياكى ئۆينىڭ يېنىدا مەسچىت بولسىمۇ يىراقتىكى مەسچىتكە بېرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىمۇ؟. مەن ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇۋاپىقات" دېگەن كىتابىدا ئىبادەتتە قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەن ئىبارىنى ئۇقۇدۇم بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىكىكىردەكتە قاننىڭ تەمىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، رامىزاندا ئۇنىڭدىن ئازراقنى تۈكۈرۈۋەتسەك، بىزگە شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىمەن قەن كېسىلى بولغاچقا ھەر كۈندە ئىككى قېتىم پېنسىلىن ئوكۇلى ئۇدۇرۇشقا مەجبۇرمەن، شۇ سەۋەپتىن مەن رامزاندا روزا تۇتالمايمەن، روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنى ھېسابلاپ شۇ بويىچە پىدىيە بېرىمەن، مەن توي قىلمىغان بولغاچقا تاماقنى تاماقخانىدىن يەيمەن، روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىمنى ھېسابلاپ پىديىگە نەخ پۇل بەرسەم بولامدۇ؟يېمەككە ئېھتىياجى بار كىشىنى تاپالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پىديەنى ئۈچ-تۆت كىشىگە تەقسىم قىلىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ؟.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىتۈگمەنچى ئۇن تارتىۋاتقاندا ئۇن-كېپەك دېگەندەك نەرسىلەر شامالدا ئۇچۇپ تۈگمەنچىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىمۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
DOCX
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىسەپەر قىلغان كىشىنىڭ قايسى ۋاقىتتا روزا تۇتماسلىقى چەكلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىيۇرتۇمدىن خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن سەپەرگە چىققان ئىدىم، مەن شۇ كۈنى قايتىپ كېلىشىم كېرەك ئىدى، بامدات نامىزىدىن كېيىن كۆزلىگەن جايغا يىتىپ كەلدىم، مېنى كۈتىۋالغانلارغا: مەن بۈگۈن قايتىمەن دەپ پېشىن ۋاقتىدا ئويغىتىپ قويۇشنى، ھاۋالە قىلدىم، پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ماڭا چۈشلۈك تاماق ئىلىپ كەلدى، مەن يېمەك يەپ بولۇپ يولغا چىقتىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىقازا ۋە قەدەر بابىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن ئالىملار: ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئوخشىماسلىق بار دەيدۇ، بەزى ئالىملار قازانى تەقدىر دەپ چۈشەندۈرگەن بولسا، يەنە بەزى ئالىملار قازا تەقدىر ئەمەس دەيدۇ، مېنىڭ سوئالىم: ئىككىسىدىن بىرى يەنە بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان قاراش بارمۇ؟، ئەگەر كۇچلاندۇرىدىغان قاراش بولسا بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟، قازا ئىلگىرىمۇ ياكى تەقدىرىمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىمەن بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بارلىق سەۋەپلەرنى تولۇق قوللانغانلىقىمنى قانداق جەزىملەشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشىم مۇمكىن بولىدۇ، مېنىڭ كۆڭلۈم خاتىرجەم، ياكى بۇنى باشقىچە ئىپادىلىگەندە: سەۋەبنى چىقىرىشنىڭ قائىدىلىرى قايسى؟ بەزى كىشىلەر: تۆگەڭنى باغلا، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىل دەيدۇ، ئۇلاغنى تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇشمۇ سەۋەبنىڭ جۈملىسىدىنمۇ ياكى بۇ سەۋەب قىلىشتىكى ئاشۇرۋىتىشمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىقۇرئان ئۈگىتىدىغان ئۇستازلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ياد قىلغان كىشىلەر كۆپ، بەزى ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن پىقھى ئۈگۈنىدىغانلارمۇ بار، لېكىن بىز ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىز؛ ناچار تەربىيە ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان، قورقۇنۇچلۇق تەربىيە ساۋاتسىزلىقىدىن ۋە جاھىللىقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا تەربىيە قىلغۇچىلار نەدە؟، بۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولى قانداق بولىدۇ؟، شەرئى تەلىم-تەربىيە پروگراممىسىغا تەربىيە ماددىسىنى كىرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى قانداق؟، تەربىيىسىز ئىلىمنىڭ نېمىگە پايدىسى بولىدۇ؟، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىدا تەربىيە پروگرامىسىنىڭ مەۋجۇتسىزلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز؟، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەلىم -تەربىيە يولىنى تاللىدى؟، تەلىم-تەربىيەدە ئائىلىنىڭ رولى توغرىسىدا نېمە دىسەك دېگىلى بولىدۇ. تەربىيدىكى ۋەيرانچىلىقتىنمۇ چوڭ ۋەيرانچىلىق بولامدۇ؟. ھەقىقى تەربىيىچى ئوقۇتقۇچى ۋە خانىملارنى قانداق يىتىشتۈرۈمىز؟ تەربىيە ئۆز ئالدىغا بىر ئىلىممۇ ياكى ئىلىم ئېگىلىرىدىن بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان چۈشەنچىمۇ؟، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، پادىشاھلار ۋە ھۆكۈمرانلار، ئابرۇيلۇق كىشىلەر ۋە ئومۇمى خەلق ئەۋلادلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئەللامە شەيخ دوكتۇر ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلجېبرىن تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىبىز مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى دىنسىزلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇتۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، مەن ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان كۇپۇر دىيارى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇ دۆلەتلەردە ئىسلامى مەكتەپلەرمۇ تېپىلىدۇ، لېكىن ئىسلامى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي مەكتەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئوقۇش ھەققى بەك يۇقىرى، بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى نورمال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەرزەنتلىرىنى بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟، چۈنكى بۇ مەسىلە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىدىنى قېرىنداشلار!، مەن تور بەتلىرىدىن مەن بىدئەت دەپ ئويلايدىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۆردۈم، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىڭلار. مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم. بۇ ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن 5409-نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاتگەردىسى ئابدۇللاھدىن بايان قىلىنغان ئۇ كىشى ئەتا ئىبنى رەباھنىڭ ئوغلىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مېنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى: سەن ئۈچ تۈرلۈك نەرسىلەرنى چەكلەپسەن، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنى كىيمەسلىك، ئۈستىگە قىزىل يىپەكتە تىكىلگەن ئىگەر قىپى قاپلانغان ئېگەردە ئولتۇرماسلىق ۋە رەجەپ ئېيىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتماسلىقتىن ئىبارەت. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ئەمما رەجەپ ئېيىدا تولۇق روزا تۇتماسلىق مەسىلىسىدە، بىر كىشى دائىم روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىم مەسىلىسىدە، مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يىپەكنى ئاخىرەتتە نېسىۋىسى يوق كىشىلەر كىيىدۇ» دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنىڭمۇ مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان يىپەك كىيىمنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم، ئەمما يىپەكتىن تىكىلگەن ئىگەر قىپى مەسىلىسى بولسا، مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىگەر قىپى دەپ قىزىل ئىگەر قىپىنى كۆرسەتتى، مەن ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا قايتىپ بېرىپ، ئابدۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى يەتكۈزدۈم، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تون چاپىنى دەپ ئېتەك، پەشلىرىگە تەبىئىي يىپەكتىن كەشتىلەنگەن بىر توننى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ چاپان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندا بۇ توننى مەن ياندۇرۇپ كەلدىم، بۇ توننى بۇرۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيگەن، بىز كېسەللىرىمىز ئۈچۈن بۇ چاپاننى يۇيۇپ سۇيى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىمىز». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىئىسرا ۋە مىراج كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ كېچە رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسىمۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىبۈگۈنكى كۈندە قىز-خانىملار ئاياللارغا خاس بولغان سورۇنلاردا بەك قىسقا كىيىملەرنى كىيىشىدۇ، بەزى كىيىملەردىن ئايالنىڭ دۈمبىسى، قورسىقى ۋە كۆكرەكلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ئائىلىدە ئەۋلادلىرى ئالدىدا قىسقا ئۇخلاش كىيىملىرىنى كىيىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
- ئۇيغۇرچە
PDF
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنىئايال كىشى ھەيز ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامازنى قاچان باشلايدىغانلىقىنى قانداق بېكىتىدۇ؟ ئەگەر ئايال ھەيز ۋاقتىم ئاخىرلاشتى دەپ قاراپ، نامازنى باشلىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە قان كەلگەنلىكىنى چىققانلىقىنى ياكى بېغىررەڭ سۇيۇقلۇق كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسا قانداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
Follow us: