يۇرتىمىزدا، ئۆلىمالاردىن بىرى ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش سۈننەت ئەمەس. بۇ كۈندە روزا تۇتۇش دۇرۇس ئەمەس دەيدۇ. بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. چۈنكى مەزكۇر ئالىم كىشىلەرگە ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەشنى تەۋسىيە قىلىدىغان ۋاراقچىلارنى تارقىتىۋاتىدۇ، سىلەردىن بۇنىڭغا قارىتا جاۋاپ بېرىشىلارنى سورايمەن.