- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ دوكتۇر ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلجېبرىن تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
جازانە دېگەن نېمە؟ دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مەنبىيى جازانە قەرزى بىلەن بولىدۇ، قىلغان خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھەق ئالساق شۇ دۆلەتنىڭ جازانە تۈزۈمىگە ياردەم بەرگەنلىك بولامدۇ؟ (يەنى ئاساسلىق ئىقتىسادى جازانە بىلەن بولىدىغان دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىش شۇ دۆلەتنىڭ جازانە ئىقتىسادىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟)، جازانە بانكىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار جازانە مۇئامىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بانكىغا قوغدىغۇچى بولغانلارمۇ شۇنداق، ئۇلار باشقا خىزمەت تېپىپ ئىشلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئامېرىكىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالغان بەزى كىشىلەر قەرز تۆلەش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆزى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بەلگىلەنگەن توختام بويىچە ئۆيگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆينى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا كەلگۈسىدىكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇشتەرى كېلىپ ھەر ئايدا مەلۇم مىقدارغا بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن ئۇ ئۆينى سېتىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟. تەبىئىيكى بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ بېرىپ ئۆينى ئۆزى بىۋاستە سېتىۋالىدىغان ھالەت، يەنە بىرى بولسا سېتىۋالىدىغان ئۆي ئوخشاش، قەرز ئالمايدۇ، لېكىن ئۆيگە بانكا ئىگە بولىدۇ، ئۆي باھاسىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆينىڭ پۇلىنى بىراقلا بەرمەستىن ئوتتۇز يىلىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ ئۇمۇ دەسلەپكى شەكىلگە ئوخشايدۇ يەنى بەزى قۇرۇلۇشچىلار ئۆينى سىلىپ بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ باھاسى باشقا ئوخشاش ئۆيلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ بانكىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئەسلى باھاسىغا كىيىنكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ ساتىدۇ، سېتىۋالغۇچىمۇ خۇددى بانكىغا تۆلىگەندەك، ئۆينىڭ پۇلىنى ئوتتۇز يىلغا بۆلۈپ تۆلەيدۇ، بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە، ئۆينى سېتىۋالغۇچى ۋەدە ئايلىرىنىڭ بىرىدە بەلگىلەنگەن پۇلنى تۆلەشتىن قىينىلىپ قالسا يەنى ئۆز ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە، پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايلىق پۇلغا جەرىمانىنى قېتىپ تۆلەيدۇ، بۇنداق قىلىش پەقەت ئۆي پۇلى تۆلەش ئىشلىرىغا خاس بولماستىن بەلكى تۆك پۇلى تۆلەش، مەكتەپ پۇلى تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ بولىدۇ، قويۇلىدىغان جەرىمانە ۋاقتىدا پۇل تاپشۇرمىغان ئايغا خاس بولىدۇ، باشقا ئايلار بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، ئەمما ئايلىق تۆلەيدىغان پۇلنى كېچىكتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىدىكەن، تۆلەيدىغان جەرىمانىمۇ تەكرارلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئۆي سېتىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىسلام بانكىسى جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلمىسا، قانداق پايدا ئالىدۇ؟ بانكىنىڭ نېمە مەنپەئەتى بولىدۇ؟، قىلغان خىزمەتنىڭ بەدىلىگە ئالغان پۇل جازانە قاتارىغا كىرەمدۇ؟، ئىسلام جازانە مۇئامىلىسى دەپ قارايدىغان مۇئامىلە نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بانكا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سىياسەتتە، بانكا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ كىپىللىكى ياكى خىزمەت ئورنىنىڭ كىپىللىكى بىلەن قەرز بېرىدۇ، 60% نەخ پۇل، 40% سېتىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، پايدا نەخ پۇلنى بانكىدىن ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، سېتىلىدىغان نەرسىلەرگە بولسا تاپشۇرۇپ ئىلىپ 45كۈن بولغاندىن كېيىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىش جازانە بولامدۇ؟ ئەگەر جازانە بولسا، بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلە تاماملانغان بولسا بۇنىڭ كاپارىتى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەزى دۆلەتلەر شېركەتلەرنى ئىشچىلارغا سۇغۇرتا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، شېركەت ھەر بىر ئىشچى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا پۇل تولەيدۇ. بۇ پۇللارغا ئىجتىمائى كاپالەت ساندۇقى دەپ ئاتىلىدىغان ئورگان ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. بۇ ساندۇق دۆلەتكە تەۋە بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ ساغلىق سۇغۇرتىسىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىدىن مەلۇم مىقداردا تۇتۇپ قىلىپ مەزكۇر ساندۇققا قويىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شېركەتتە 25 يىل ياكى 30 يىل ئىشلىگەنلەرگە دەم ئىلىشقا چىققاندا پىنسىيە پۇلى بېرىلىدۇ، سۇغۇرتىنىڭ بۇ تۈرلىرى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟، ئەگەر سۇغۇرتا قىلىش ياكى قىلماسلىق مېنىڭ ئىختىيارلىقىمدا بولسا، سۇغۇرتا قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئايلىق مۇئاشىمنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟، بۇ مەسىلە توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب ياكى تەتقىقاتلار بارمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
جازانىنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى ناملىق بۇ ئەسەردە، جازانىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت، جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغان دۇچار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئاياللار سىرتقا چىققاندا باشقا يات ئادەملەرنىڭ كۆرۈشى ۋە پۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەتىر، زىبۇ-زىننەت، گۈزەللەشتۇرۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مېنىڭ خوشنام ئامېرىكىلىق خرىستىيان، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يىڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ رەنجىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ سوۋغىلىرىنى رەت قىلالمايمەن(يەنى قوبۇل قىلىمەن). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاپىرلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغاندەك مەنمۇ ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلسام توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بىر قانچە يىل ئىلگىرى ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن جازانە شەكىلدە قەرز ئالدىم. ھازىر ئىلگىرى قىلغان شۇ ئىشىمغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم. ئاللاھ تائالادىن تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولىشىنى سورايمەن. جازانە قەرزگە ئالغان ماشىنىنى ساتتىم، بۇ يىل ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن، ماشىنىنى ساتقان پۇلدىن باشقا ئىقتىسادىم يوق. مۇشۇ ئىقتىساد بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟. مەن ھازىرغىچە ئايلىق مائاشىمدىن بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەۋاتىمەن، ھەجگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئايلىق پۇلۇم بىلەن بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەپ بولىمەن، مەندە ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسات يوق، توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ17/4/1431-ھىجرىيە 2010-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلار پۇل-مال، ئېلىش- بېرىش مۇئامىلىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار، پۇل-مال مۇئامىلىرىدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن يوللارنى كەسىپ قىلىش ئارقىلىق ھاياتتا چىقىش يولى قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، مۇسۇلمان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئالاقىلىرىدا ئاللاھتىن قورقۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھالال كەسىپ يولىنى تاللىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن ياشاۋاتقان رايوندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا جازانە ئىشلىرى كەڭ تارىلىپ كەتتى، ئۇلار بۇ ئىشقا مەلۇم بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ رەسمى پەتىۋا كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان "ئۇرۇش قىلىۋاتقان رايونلاردىكى كاپىرلار بىلەن جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ" دەپ ئەسلى مەنبىيى ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنگە نىسبەت بىرىلگەن پەتىۋاغا تايىنىدۇ، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بايان قىلغان ئاساستا بۇ پەتىۋانىڭ توغرا-خاتالىقىغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ بۇ سوئالنى سىلەرگە يوللىدىم، جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئومۇملىشىۋاتقان سۇغۇرتا تىجارىتىنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ توغرىدا تەپسىلى چۈشەنسە بېرىلسە.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
شەرىئەتتە قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 14/4/1430 ھـ / 2009-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا تىجارەت ۋە ئىلىم-سېتىمگە ئائىت ئەھكاملار، باھار پەسلىدە باغ ۋە ئىكىنزارلىقلارنى ئىجارىگە ئىلىش ياكى پىشمىغان مېۋىلىرىنى سېتىۋىلىش، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش ۋە شېرىكلەرنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 9/11/1429ھ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلام ئىقتىساد نىزامىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدە تەتبىقلاشنىڭ مۇھىملىقى، ئىسلام ئىقتىسادىنىڭ پەزىلىتى ۋە كېلىپ چىقىشى، جازانىخورلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەلپەۋزان تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن بىر كىشىدىن 5000 يۇئەن قەرز ئېلىپ ئىشلەتتىم، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ كىشى ماڭا: پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، مەن ئۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى بەرمەكچى دېدى، لېكىن مەن بۇ ۋاقىتتا پۇلنى قايتۇرالمىدىم، ئۇ كىشى ماڭا: قەرز بەرگەن پۇلنىڭ زاكىتىنى مىنىڭ بېرىشىم توغرا ئەمەس، سەن بېرىشىڭ كېرەك دېدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى مەن ئادا قىلىشقا قىستالدىم، مۇشۇنداق ھالەتتە بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى مەن ئادا قىلىشىم كېرەكمۇ؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ تۇل تاپىمەن، قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ پۇل تېپىش مېنىڭ تۇرمۇشتىكى بىردىن بىر چىقىش يولۇم، بۇ پۇل ماڭا ھالالمۇ؟ مەن بۇ پۇل بىلەن پەرز ھەج ئادا قىلسام بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
جازانە قىلىش ئومۇملاشقان غەيرىي ئىسلامىي مەملىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولامدۇ؟ دىگەن سۇئالغا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا دائىمىي كومىتېتى جاۋاپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : دوكتۇر مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئەمىن تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە ئىسلام قانۇنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناشلىققىمۇ ئىسلام قانۇنىدا ئالاھىدە يەر بىرىلگەنلىكى... قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىلمى ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
معلومات المواد باللغة العربية
بۆلۇم سانى: 20
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە