كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Signs of the Hereafter

بۆلۇم سانى: 2

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : ئۇستاز ئەبۇ ئەكرەم كۈسەنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، قىيامەتنىڭ چۆڭ-كىچىك ئالامەتلىرى، ئۆلۈم، قەبرە ۋە ئۇنىڭدا بولىدىغان نېئمەت ۋە ئازابلار، بەرزەخ ھاياتى، سۇرنىڭ چېلىنىشى، مەخلۇقاتلارنىڭ قايتىدىن تىرىلدۇرۇلىشى ۋە ھەشرى مەيدانىغا توپلىنىشى، ھېساب، ئەمەل دەپتىرى، تارازا، پىلسىرات، كەۋسەر كۆلى، شاپائەت، كۆۋرۈك، جەننەت- دوزاخ ۋە ئۇنىڭدىكى مۇكاپات ۋە جازالار قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئەبەدى سەئادەتكە ئالاقىدارلىق بولغان بارلىق مەزمۇنلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ. (ھۆججەتنى يوتكىسىڭىز، مەنبەنى ئەسكەرتىڭ).

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    ئاپتور ماقالىسىدا دەججالنىڭ چىقىشى ۋە پىتنىلىرى توغرىسىدا ئانالىز ئىلىپ بېرىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىمانسىزلىق، پىتنە-پاسات ۋە ئەخلاقسىزلىققا ئوخشىغان ئىشلارنى دەججالنىڭ چىقىشى بىلەن باغلاپ چۈشەنچە بېرىدۇ. دەججالنىڭ زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ پىتنە ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ھەرۋاقىت ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ساغلام ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشى دەججالغا ئوخشاش مەلئۇنلارنىڭ پىتنىلىرىدىن ساقلاپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىنىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.