يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.