- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
دىنى قېرىنداشلار!، مەن تور بەتلىرىدىن مەن بىدئەت دەپ ئويلايدىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۆردۈم، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىڭلار. مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم. بۇ ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن 5409-نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاتگەردىسى ئابدۇللاھدىن بايان قىلىنغان ئۇ كىشى ئەتا ئىبنى رەباھنىڭ ئوغلىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مېنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى: سەن ئۈچ تۈرلۈك نەرسىلەرنى چەكلەپسەن، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنى كىيمەسلىك، ئۈستىگە قىزىل يىپەكتە تىكىلگەن ئىگەر قىپى قاپلانغان ئېگەردە ئولتۇرماسلىق ۋە رەجەپ ئېيىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتماسلىقتىن ئىبارەت. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ئەمما رەجەپ ئېيىدا تولۇق روزا تۇتماسلىق مەسىلىسىدە، بىر كىشى دائىم روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىم مەسىلىسىدە، مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يىپەكنى ئاخىرەتتە نېسىۋىسى يوق كىشىلەر كىيىدۇ» دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنىڭمۇ مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان يىپەك كىيىمنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم، ئەمما يىپەكتىن تىكىلگەن ئىگەر قىپى مەسىلىسى بولسا، مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىگەر قىپى دەپ قىزىل ئىگەر قىپىنى كۆرسەتتى، مەن ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا قايتىپ بېرىپ، ئابدۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى يەتكۈزدۈم، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تون چاپىنى دەپ ئېتەك، پەشلىرىگە تەبىئىي يىپەكتىن كەشتىلەنگەن بىر توننى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ چاپان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندا بۇ توننى مەن ياندۇرۇپ كەلدىم، بۇ توننى بۇرۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيگەن، بىز كېسەللىرىمىز ئۈچۈن بۇ چاپاننى يۇيۇپ سۇيى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىمىز». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن قەبرىدىن ياكى مېيىتتىن يېقىنلىق تىلەپ ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن بىرەرسى ماڭا بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان سالىھ-ياخشى كىشىلەردىن دۇئا تەلەپ قىلىمىز، شۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭدىن دۇئا تەلەپ قىلساق نېمە ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ؟ دىسە، ئۇ كىشىگە قانداق رەددىيە بېرىمەن؟. توغرا بولغان ۋەسىلە قايسى؟، يوللۇق بولمىغان ۋەسىلە قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
نېمە ئۈچۈن سەلەپ ئالىملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقامىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشتىن توسىدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلسە؟