كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Financial Transactions

بۆلۇم سانى: 4

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئامېرىكىدا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالغان بەزى كىشىلەر قەرز تۆلەش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆزى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى بەلگىلەنگەن توختام بويىچە ئۆيگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆينى سېتىش ئۈچۈن بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا كەلگۈسىدىكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ باھا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇشتەرى كېلىپ ھەر ئايدا مەلۇم مىقدارغا بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن ئۇ ئۆينى سېتىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟. تەبىئىيكى بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ بېرىپ ئۆينى ئۆزى بىۋاستە سېتىۋالىدىغان ھالەت، يەنە بىرى بولسا سېتىۋالىدىغان ئۆي ئوخشاش، قەرز ئالمايدۇ، لېكىن ئۆيگە بانكا ئىگە بولىدۇ، ئۆي باھاسىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆينىڭ پۇلىنى بىراقلا بەرمەستىن ئوتتۇز يىلىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ ئۇمۇ دەسلەپكى شەكىلگە ئوخشايدۇ يەنى بەزى قۇرۇلۇشچىلار ئۆينى سىلىپ بازارغا سالىدۇ، ئۆينىڭ باھاسى باشقا ئوخشاش ئۆيلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ بانكىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئەسلى باھاسىغا كىيىنكى ئوتتۇز يىللىق پايدىنى قېتىپ ساتىدۇ، سېتىۋالغۇچىمۇ خۇددى بانكىغا تۆلىگەندەك، ئۆينىڭ پۇلىنى ئوتتۇز يىلغا بۆلۈپ تۆلەيدۇ، بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە، ئۆينى سېتىۋالغۇچى ۋەدە ئايلىرىنىڭ بىرىدە بەلگىلەنگەن پۇلنى تۆلەشتىن قىينىلىپ قالسا يەنى ئۆز ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە، پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايلىق پۇلغا جەرىمانىنى قېتىپ تۆلەيدۇ، بۇنداق قىلىش پەقەت ئۆي پۇلى تۆلەش ئىشلىرىغا خاس بولماستىن بەلكى تۆك پۇلى تۆلەش، مەكتەپ پۇلى تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ بولىدۇ، قويۇلىدىغان جەرىمانە ۋاقتىدا پۇل تاپشۇرمىغان ئايغا خاس بولىدۇ، باشقا ئايلار بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، ئەمما ئايلىق تۆلەيدىغان پۇلنى كېچىكتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىدىكەن، تۆلەيدىغان جەرىمانىمۇ تەكرارلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئۆي سېتىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ17/4/1431-ھىجرىيە 2010-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلار پۇل-مال، ئېلىش- بېرىش مۇئامىلىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار، پۇل-مال مۇئامىلىرىدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن يوللارنى كەسىپ قىلىش ئارقىلىق ھاياتتا چىقىش يولى قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، مۇسۇلمان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئالاقىلىرىدا ئاللاھتىن قورقۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھالال كەسىپ يولىنى تاللىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئومۇملىشىۋاتقان  سۇغۇرتا تىجارىتىنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ توغرىدا تەپسىلى چۈشەنسە بېرىلسە.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    مەن ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ تۇل تاپىمەن، قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ پۇل تېپىش مېنىڭ تۇرمۇشتىكى بىردىن بىر چىقىش يولۇم، بۇ پۇل ماڭا ھالالمۇ؟ مەن بۇ پۇل بىلەن پەرز ھەج ئادا قىلسام بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.