ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۆتكەن يىلى مەن ئۈچۈن ھەج قىلىش پۇرسىتى بولدى، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە: «ساغلام ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ» دېگەن، مۇسۇلمان پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ھەجدىن ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىكىدەك گۇناھسىز قايتىدۇ. مېنىڭ سوئالىم: مەن ئۆتكەن ئىككى يىلدا رامزاندا تۇتالمىغان روزام بار ئىدى، مەن بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىپ تۇتالمىغان روزىنى تولۇقلايمەنمۇ ياكى ھەج قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالا مېنى ئەپۇ قىلىپ، تۇتالمىغان روزام مەندىن ساقىت بولامدۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ كۆپ ئەجرى بەرسۇن.