-
ئۇيغۇرچە
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن بىر يىل بۇرۇن تاغامنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان، لېكىن مەن بۇ توي ئىشىمنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغانلىقىدىن ھەيران، چۈنكى يولدىشىمنىڭ ھەمشىرىسى مېنىڭ ئۇكام بىلەن توي قىلغان، مەن سىلەرنىڭ تور بەتتە بۇ شەكىلدىكى شەرتلىك نىكاھ (شىغار) دېيىلىدۇ، بۇنداق شەكىلدىكى نىكاھ ئىسلامدا چەكلىنىدۇ دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىنى ئوقۇدۇم، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇنداق شەكىلدىكى نىكاھ پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، پوشتۇ تىلىدا: "ئالماشتۇرۇپ ئۆيلۈنۈش" دېيىلىدۇ، بۇنداق نىكاھ بۇ جايلاردا ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ شەكىلدىكى نىكاھ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن دىنى ئۆلىمالاردىن بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغان بىرەر كىشىنىمۇ تاپالمايمىز، مۇشۇ شەكىلدىكى نىكاھ قائىدىسىنى چەكلەيدىغان ئۆلىمالارنى تاپالمايمىز، مەن شەرتلىك نىكاھ توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم، لېكىن تا ھازىرغىچە، بىزنىڭ نىكاھىمىز مۇشۇ تۈرگە چۈشەمدۇ ياكى چۈشمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى تاپتىم، ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنى توغرا بولىدۇ، تويلۇق مېھرى ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ، باشقا مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى بۇنىڭ ئەكسىچە، شەرتلىك نىكاھ(شىغار) قانداق بولىدۇ؟، بىزنىڭ تويىمىزمۇ مۇشۇ شەرتلىك نىكاھنىڭ تۈرىگە كىرەمدۇ؟ مۇشۇ شەكىلدىكى نىكاھ بىلەن توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولۇپ بەختلىك ھايات كەچۈرىۋاتقان ئەر-ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟، مۇشۇ سەۋەپتىن ئائىلىلەر ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن ئۇلارنى تالاق قىلىۋېتىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئۇيغۇرچە
مۇپتى : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
قېرىندىشىم دىندار بولسىمۇ لېكىن ئايالى دىنى چۈشەنچىسى يوق ئايال، رامىزان ۋە روزىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىرەر تۇغقانلىرىمىزمۇ يوق، قېرىندىشىم ئايالىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتە بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىغا ھىدايەت تىلەپ، ئۆزگىرىشىنى تىلەپ، بۇ ئىشتا ئۆزىگە سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئايالى ھېچ ئۆزگىرىدىغاندەك ياكى مۇسۇلمانغا ئوخشاش ئىش قىلىدىغاندەك ئەمەس، قېرىندىشىمنىڭ ئايالىنىڭ دىندار بولىشى ۋە ئىسلامغا كۆپرەك يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەۋسىيە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
-
ئۇيغۇرچە
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
نىكاھ ئەھدىسىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى قايسى؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئۇيغۇرچە
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىسلام دىنىدا ۋاقىتلىق نىكاھ ئاتالغۇسى بارمۇ؟، مېنىڭ بىر دوستۇم فىروپىسور ئوبۇل قاسىم جورجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندا، ئۇ كىتابتىكى: "توي قىلغۇچى قىز-يىگىتلەر ۋاقىتلىق نىكاھ قىلسا بولىدۇ دېگەن قۇرلار تەسىر قىلىپتۇ (بۇنى ئىسلامدىكى ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنىڭ قانۇنلۇق ئاتالغۇسى دەپتۇ). ۋاقىتلىك نىكاھلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ، ئايال مەلۇم بىر كىشى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك نىكاھلانسا توغرا بولىدۇ، دەپتۇ. بۇ توغرىدا يەنى ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا ماڭا تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟ قايسى مەزھەب بۇ پىكىرنى كۈچلاندۇرىدۇ؟، بۇ توغرىدا قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەر بولسا بايان قىلىپ بەرسەڭلار؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەر خرىستىيان ئايالىنى دىنى بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ؟، ئۇ ئايال ئۇنىڭغا ياتلىق بولغاندا ئۆز دىنى ئېتىقادىدا قالغان ھالەتتە ئىدى. ئۇ ئايالنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىبادەت قىلىشى چەكلىنەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
كىشىلەر توي قىلغاندىن كىيىن، نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ھەج-ئۆمرە ئىبادەتلەردە ئېھرام كىيگۈچىنىڭ تىكىلگەن كىيىم كېچەكلەرنى كەيمەسلىكىدىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
قۇرئان كەرىمنى مېھرى ھەققىنىڭ مۇقەددىمىسى قىلغان ھاپىز قۇرئان ئەر بىلەن نىكاھلانغان ئايالنىڭ ئالىدىغان مەنپەئەت ۋە ساۋاپلىرى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ تائالا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
مەن تۇرمۇش قۇرغان، ئايالىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ ۋە ماڭا ھۆرمەت قىلمايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ قايتۇرىدۇ. مەن ئايالىمنى رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىغا بېرىشىم ياكى خىزمەت سەۋەبى بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگىنىمدە، ئەرزىمەس ئىشلارنى بانا قىلىپ مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى شۇنداق قېلىشقا كۇشكۇرتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى؛ مەن ئايالىمنى ھىجابلىنىشقا، سىرتلارغا چىققاندا ئەتىر ئىشلەتمەسلىك، يىرىم-يالىڭاچ كېيىنمەسلىك قاتارلىق ئىشلارغا بۇيرۇيمەن. مەن بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئايالىمغا سۆز قىلسام ياكى ئاچچىقلانسام، ئۇ دەرھال ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ئىشنى يەنىمۇ چوڭايتىشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇ ئىش كۆپ تەكرارلاندى، بەزى ۋاقىتتا مېنىڭ رۇختىمسىز مەن رەنجىپ قالدىم دەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇۋالىدۇ. مەن بۇ ئايالنى تالاق قىلىۋىتىشىم كېرەكمۇ ياكى سەۋىر قىلىپ بىللە ئۆتۈشۈم كېرەكمۇ؟، سەۋىر قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسەم بۇنىڭغا ساۋاپ بولامدۇ؟ ياكى بۇ سەۋىرچانلىق مېنى خارلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلغانلىققا ئىلىپ بارامدۇ؟، بۇنداق ھالەتتە تالاق قىلىش زۆرۈرمۇ ياكى ياخشىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئايال نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئېرى ئۇنى چاقىرسا نامازنى بۇزامدۇ، ياكى ئىشنىڭ تەقەززاسىى بويۇنچە ئۇنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ ئىش قىلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
توي قىلىشتىن ئىلگىرى خۇددى توي قىلغان ئەر-ئاياللاردەك ھايات كەچۈرگەن ئىككى ياش شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نىكاھلاندى، ئۇلارنىڭ نىكاھى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟، ئۇلار ئىلگىرىكى قىلمىشلىرى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
مەن باشقا مىللەتتىن بولغان بىر كىشى بىلەن توي قىلماقچى بولغىنىمدا، دادام دەسلەپتە بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلمىدى، كېيىن ئۇ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىپ، مېنى بەزلەپ، ئەركىلىتىپ تويغا قىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىيىن ئەھۋال ئۆزگەردى، مەن توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىم بىلەن ئاتا-ئانام بار يۇرتتىن يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسى بار دۆلەتكە كەتتىم. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ توي مۇناسىۋىتى بىلەن خۇرسەن بولۇشتى، كېيىن ئۇلار مېنىڭ بىر قىز پەرزەنتلىك بولغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا بەختكە چۆمدى. يولدىشىم بولسا، بىز توي قىلغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى ئالتە ئايدا تەسۋىرلىگۈسىز مېھرى-مۇھەببەت، سۆيگۈلىرىنى ئىزھار قىلدى، مەن ھامىلدار بولۇپ تۆتىنچى ئايغا قەدەم قويغاندا، يولدىشىم مېنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىدا قويۇپ، يەنە بىر ئايالىنىڭ يېنىغا كەتتى، ئۇنىڭ ئۇ ئايالىدىنمۇ ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنى پەقەت يوقلىمىدى لېكىن ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم قىزىنى يوقلاپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرى مېنىڭ يالغۇزلىقىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئايرىلىش يەنە بىرى ئائىلەمدىن ھەقىقەتنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئوتنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن. ئۇلار ھەر قېتىم ماڭا تىلىفۇن قىلغاندا مەن ئۇلارغا ئەھۋالىمنىڭ ناھايىتى ياخشى، ئېرىم بىلەن بەك بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئېرىمدىن ئاجرىشىپ ئائىلەمگە قايتسام، خۇددى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئائىلىدە يۈزبەرگەن جىددىيچىلىك ۋە كەيپىياتسىزلىق ئىچىدە ياشاشقا زورلىنىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىش پۈتۈن ئائىلەمنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا سەت بولىدۇ. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى ئېرىمدىن مەھرۇم بولدۇم، ئۇ بىر قېتىممۇ مەن بىلەن بىرگە بولمىدى، بۇ ماڭا ئوخشاش ياشلىق غۇنچىسى ئەمدى ئېچىلىۋاتقان قىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا ۋە قىزىمغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن مەن، مەن بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئەرنى خالايمەن، يالغۇز-بويتاقلىق ھاياتنى خالىمايمەن، يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، مەن ئېرىمدىن ئاجرىشىپ، قىزىمدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشنى مەقسەت قىلمايمەن، مەن ئىلگىرى ئاسىيلىق پاتقاقلىرىغا كۆپ كىرىپ كەتكەن، كېيىن مۇشۇ ئېرىم بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم، گەرچە ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىسىمۇ يەنىلا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالايمەن، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن، تەۋەككۈل قىلىپ ئېرىم بىلەن ئاجرىشىپ، ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزەيمۇ؟ ياكى مەن توي قىلىپ ئېرى بولمىغان ۋە تالاقمۇ قىلىنمىغان مۇشۇ ھالىمغا سەۋر قىلىپ ئۆلۈمنى كۈتەيمۇ؟ بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئىنتېرنېت ۋە تېلېفۇن ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نىكاھ قىلسا توغرا بولامدۇ؟، مەن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن قىز-ئوغۇل بىر سورۇندا بولۇشى شەرت دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
نىكاھ قىلىنغاندا، نىكاھ قىلغۇچى، نىكاھلانغۇچى ئەر-ئايال ۋە ئايالنىڭ دادىسى شۇنداقلا ئىككى گۇۋاھچى ھەممەيلەن ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىلەر. ئۇنىڭدىن سىرت نىكاھ قىلغۇچى كىشى ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە بولسىمۇ نىكاھنى توغرا شەكىلدە قىلمىغان، بۇ شەكىلدە قىلىنغان نىكاھنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ نىكاھ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان ئەر-ئاياللىق ھېسابلىنامدۇ؟، ئۇلار نامازنى تەرك قىلغانلىقىغا تەۋبە قىلىپ، قايتىدىن ناماز ئوقۇسا، يېڭىدىن نىكاھ قىلىشى لازىم بولامدۇ ياكى ئەسلىدىكى نىكاھ كۈچكە ئىگە قىلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : ئەھمەد يۇرۇڭقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئېرىنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىزچىل بويسۇنۇپ ئۇنى ھەم ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئېرىگە ئۆزىنىڭ كىچىك بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، بۇ مۇئامىلە سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن يولدىشى ئىنتايىن خۇرسەن بولىدىغان ۋە ھەرۋاقىت ئېرىنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئالىدىغان ئايالنىڭ ئەجرى قانداق بولىدۇ؟، شۇنىڭغا ئوخشاش ئايالىغا ھەم ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەجرىچۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
يولدىشى رۇخسەت قىلمىسىمۇ، ئايال كىشىنىڭ ھەج قېلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئەرنىڭ ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بوياشتىن چەكلىشى توغرىمۇ؟، ئايال شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىشلارنى ئېرى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىلسىچۇ؟ گۇناھ - مەئسىيەت بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ چەك-چىگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
مەن يېقىندا توي قىلماقچى ئىدىم، توي مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟، چۈنكى بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزنى كۆرۈشنى ئىختىيار قىلغان دوستلىرىمىز بار، مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتماستىن ۋىدىئوغا ئالساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئي چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مۇسۇلمان ئەر-خوتۇنلارنىڭ يول ماڭغاندا، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشى شەرىئەتتە دۇرۇسمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەندە بېشىمنىڭ يېرىمى ئاغرىش، نېرۋا چارچاشقا ئوخشىغان كېسەللىكلەر داۋاملىشىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن دوختۇر ئارام ئېلىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. يولدىشىم مېنىڭ قايسى شەكىلدە بولمىسۇن ئارام ئېلىشىمنى ياقتۇرمايدۇ، (بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز بار) ھەتتا ئۇ مېنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە ئارامسىزلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مەن ياش بولغاندىن كېيىن مېنىڭ سالامەتلىك تەرەپتىن راھەتسىزلىككە دۇچ كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. يولدۇشۇمنىڭ مېنىڭ مەلۇم مۇددەت ئارام ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلماسلىقىنىڭ ھۆكمى قانداق؟، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
معلومات المواد باللغة العربية
بۆلۇم سانى: 47
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە