كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Adhan (Call to Prayer)

بۆلۇم سانى: 4

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    مەن لوندون شەھرىدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇس شوپۇرلۇق خىزمىتىنى قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا ئازراق بوش ۋاقىت بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ چىقسام، ئاپتۇۋۇزدا يولۇچىلار ساقلاپ قالىدۇ، بېكەتتە ساقلاپ تۇرغان يولۇچىلارغا ئاپتۇۋۇزنىڭ يىتىپ كىلىدىغان ۋاقتى بىۋاستە ئۇقتۇرۇلىدۇ، نامازنى ئوقۇپ ماڭمىسام، بەلگىلەنگەن بېكەتكە كېلىپ بولغىچە ئىككىنچى بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق كېچىكتۈرۈش ئادەت بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئۆز ئىشەنچىمىز ۋە ئەمەلى دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسەن شەھرىمىزدە ناماز ۋاختىنى بىكىتىشتە چوڭ خاتالىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بامداتنىڭ ئەزىنىنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئوقۇش، (يەنى بامداتنىڭ ۋاختى كىرىشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن ئەزەن ئوقۇلىدۇ) بىز مەسچىتتە جامائەت بىلەن نەپلە نىيىتى بىلەن ناماز ئوقۇيمىز، ئاندىن ئەزاننى قايتا ئوقۇپ، بامداتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرىنى ئۆيىمىزگە قايتىپ ياكى مەسچىتنىڭ سىرتىدا قايتا ئوقۇيمىز، بىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇق بىلىشنى مەخسەت قىلىمىز: 1-بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىز توغرىمۇ؟. 2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «سىلەر بىر بۆلۈك كىشىلەرگە ئۇچرايسىلەر، ئۇلار نامازنى ئۆز ۋاختىنىڭ غەيرىدە ئادا قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارغا ئۇچراشقان ۋاقىتتا، نامازنى بىلگىنىڭلارچە بويىچە ئۆز ۋاختىدا ئوقۇڭلار، ئاندىن ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇڭلار، ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامازنى نەپلە قىلىڭلار» دىيىلگەن، بىزنىڭ پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن يەنە قايتا ئوقۇغۇنىمىز ئاشۇ ھەدىسنى توغرا چۈشەنگەنلىكىمىزمۇ؟. 3-بەزى ئۆلىمالار: "شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نامازنىڭ ۋاختى كىردى دەپ قارىغان ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، ئوقۇغان ناماز دۇرۇس بولىدۇ" دەيدۇ، ئەگەر سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى دەلىل مەسچىت ئىمامىنىڭ قارىشىغا زىت بولسىمۇ بولامدۇ؟. 4-بامداتقا ئەزان ئوقۇلىدىغان ۋاقىت توغرىسىدىكى تەپسىلى قاراش قايسى؟، قاراڭغۇلۇق ۋاقتىمۇ ياكى يورىغان ۋاقىتمۇ ياكى شەرقتىن قىزىللىق پەيدا بولغان ۋاقىتمۇ ياكى باشقا ۋاختى بارمۇ؟. 5-بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق، بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالادىن: سىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىتتا بىزگە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياردەم بەرسۇن، سىلەرنىڭ تېرىشچانلىقىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ كامىرىغا سولانغان، قول-پۇتلىرى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن مەھبۇسلار ناماز ۋاقتىنى بىلمەيدۇ ۋە رامزاننىڭ قاچان بولىدىغان ياكى بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟دىگەن سۇئالغا تەپسىلى جاۋاپ.