- قۇرئان ۋە ئۇنىڭغا دائىر بىلىملەر
- سۈننەت بىلىملىرى
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/6/1430ھـ 2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئالىملارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسى، مىللەتنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن دەرس لاھىيەسىنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئىلگىرى ۋە ھازىرقى ئەسىردە ياكى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ دوكتۇر ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلجېبرىن تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بىز مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى دىنسىزلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇتۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، مەن ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان كۇپۇر دىيارى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇ دۆلەتلەردە ئىسلامى مەكتەپلەرمۇ تېپىلىدۇ، لېكىن ئىسلامى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي مەكتەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئوقۇش ھەققى بەك يۇقىرى، بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى نورمال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەرزەنتلىرىنى بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟، چۈنكى بۇ مەسىلە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئاللاھ تائالا خالىسا كىلەر يىلى قۇرئان كەرىم ياد قىلدۇرۇش مەكتىۋى سالىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇقلاشتۇرۇشنى خالايمەن: 1- مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئىسلام بانكىلىرىنىڭ بىرىدىن زاكات ماللىرىنى توپلاش ئۈچۈن ھېساب ئاچساق توغرا بولامدۇ؟. 2-مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ زاكات توپلىسام بولامدۇ؟. 3-زاكات ماللىرى توپلانسا بىز ئۇ ئىقتىسادنى مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى تولۇق بىر يىل ياكى مەلۇم ۋاقىت كىچىكتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ھېچقانداق بىر ئىشقا ئىشلىتەلمەيمىز، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىقتىساد قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا زاكات بېرىش كېرەك بولامدۇ؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بەزى مەكتەپلەردە سكولارىزم قانۇنى ئىجرا قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەۋاتىدۇ، بىزمۇ جۈمە-پېشىن نامىزى ئوقۇشتىن چەكلەندۇق، مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قورققىنىدىن ناماز ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ھەتتا مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. مەن ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئىلىپ ئۇلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن مۇدىرنىڭ يېنىغا باردىم، مۇدىر ئەدەپ بىلەن ئۈزرە ئېيتىپ، ئىشنىڭ بۇ قەدەر ئاددى ئەمەسلىكى بەلكى سىلەر ئويلىغاندىنمۇ چوڭ، بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى كىم بۇ قانۇننى بۇزسا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازالىنىدۇ، دېدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ يىللىق ئىمتىھانىنى مۇشۇ مەكتەپتە بەردۇق، يىل توشۇشتىن بۇرۇن مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ ياكى باشقا ئىسلامى مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، يىللىق ئىمتىھانغا ئۈچ ئاي قالدى، بىزگە يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تىببى پاكۇلتىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى ھىجابلىنىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۇ ھىجابى سەۋەبلىك ئىمتىھاندىن قالدۇرۇپ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۇگۇتۇپ بولغۇچە ھىجابلانمىسىمۇ بولامدۇ؟، قانداق قىلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
خانىم قىزلارنىڭ قايسى تۈرلەردە بىلىم ئېلىشى توغرا بولىدۇ؟ ئادۋۇكاتلىققا ئوخشاش كەسىپلەرنى قىلسا ۋە ئۆزى قادىر بولالايدىغان ئىشلاردا باشقىلارغا ۋەكىل بولسا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئوغۇللار قىز ساۋاقدىشى كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى تەڭلىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، يەنى كۆرۈشەمدۇ ياكى كۆرۈشمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 10/7/1430ھـ/ 2009-يىلى07-ئاينىڭ03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا قىز-يىگىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەتىلنى مەنىلىك ۋە مەنپەئەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ تەتىل جەريانىدا پۇرسەتنى غەنىمەت بېلىپ پەرزەنتلەرنىڭ روھىيىتىنى گۇللەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشى ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە مىللى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ.
Follow us: