كاتوگۇرىيە تۈرى

  • DOC

    يازغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «چوڭ بولغاندا كىمگە ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، ياش ئۆسمۈر پەرزەنتلەرنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى توغرا ئىلىشنىڭ مۇھىملىقى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈش، پەرزەنتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى بالىلىق ھاياتىدىن تارتىپ ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا ئەكىس ئەتتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بالىلارغا ھېس قىلدۇرىدۇ.

  • DOC

    يازغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم دەپ قارالغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان، نەدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، قاچان، نەدە ۋاپات بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ دىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان ئەزىيەتلەرگە ئوخشىغان بەزى مۇھىم تارىخى مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.

  • DOC

    يازغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئاللاھ شەيتاننى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، ئاللاھ تائالا ئىبلىسنى نېمە ئۈچۈن پەيدا قىلغانلىقى، ئىبلىسنىڭ ماھىيىتى ۋە پائالىيەتلىرى، شەيتاننىڭ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارغا دۇشمەن بولغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • PDF

    ئاپتور : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • PDF

    ئاپتور : ھەسسان ئىبنى سابىت تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە يوليورۇق بىرىدۇ.

  • PDF

    ئاپتور : دوكتۇر ئىبراھىم سارىچام ئاپتور : سەۋگى قارا بۇلۇت ئاپتور : سۇئاۋى كامال يازگىچ تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز