كاتوگۇرىيە تۈرى

  • PDF

    ئاپتور : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • ZIP

    ئاپتۇر بۇ يازمىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان بەزى دىنى ئەھكاملارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى ۋە ئورنىغا يېڭى ھۆكۇمنىڭ تۇرغۇزىلىشىدىكى ھېكمەتتىن خەۋەرسىز دىن دۇشمەنلىرى چۈشەنمەستىن بىلجىرلاشلىرى توغرىسىدا پىقھى بولۇمگە ئايرىپ رەتلەپ چېقتى.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز