قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 9/11/1429ھ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلام ئىقتىساد نىزامىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدە تەتبىقلاشنىڭ مۇھىملىقى، ئىسلام ئىقتىسادىنىڭ پەزىلىتى ۋە كېلىپ چىقىشى، جازانىخورلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا ئىقتىساد چۈشەنچىسى

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئاللاھغا ھەمدۇ-سانا،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن مەسچىتتىكى يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان يېقىنلىقى بىلەن بولىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ھەقىقەتەن ئىقتىساد ئىنسانىيەت  تارىخ سەھىپىسىدە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللاردىن بولدى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بولغان شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە قىلغان دىنى تەشۋىقاتىدا ئۇلارنى  ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قوۋمىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادى پرىنسىپىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«مەديەن ئەھلىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى:« ئى قەۋمىم! ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى  ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن،  مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قورشاپ تۇرغۇچى كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) نىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن» ھۇد سۈرىسى 84- ئايەت.

ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى توغرا بولغاچقا ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەن، ئۆزىنىڭ دىن كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلغان، ئۇلارغا ھەرتەرەپتىن رىزىق يەتكۈزۈپ بەرگەن، زېمىندىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېشىپ بىھاجەت بولغىدەك نەرسىلەرنى چىقىرىپ بەرگەن. ئۇلار ئىلىم-بېرىم ئىشلىرىدا توغرا مۇئامىلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادى كۆتۈرلۈپ، كۆزلىگەن پايدىلارغا ئېرىشكەن.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادى ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان يېقىنلىقى ۋە شەرىئەت پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشى بىلەن گۈللىنىدۇ. ئىقتىسادى يول بىلەن ئۆز- ئارا مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش ھاسىل بولىدۇ، بايلىق ئاشىدۇ، جەمئىيەتكە پايدىسى تېگىدىغان شىركەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان زاۋۇتلار قۇرۇلىدۇ، يېزا-ئىگىلىكى تەرەققى قىلىپ زېمىن گۈللىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئومۇمى مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ.

ئىسلام ئىقتىسادى پرىنسىپى ئالاھىدە بىر پرىنسىپ بولۇپ بۇنىڭغا باراۋەر كىلىدىغان ھېچ بىر پرىنسىپ يوق، چۈنكى ئىسلام ئىقتىسادى پرىنسىپىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى، قائىدە- پرىنسىپلىرى شەرئى پرىنسىپتىن ئىلىنغان، بۇ پرىنسىپنى  ھېچ نەرسىگە زۇلۇم قىلمايدىغان، مۇلايىم، كۆيۈمچان، ماھىر ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ يولغا قويغان، بۇنىڭ ئەكسىچە ھازىر دۇنيادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادى پرىنسىپلار بىر تەبىقىدىكى كىشىلەر مەنپەئەت ئالسا يەنە بىر تەبىقىدىكى كىشىلەر زىيانغا ئۇچرايدىغان جازانە پرىنسىپىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇنى كىشىلەر ئۆزىنىڭ چەكلىك ئەقلىگە تايىنىپ تۈزۈپ چىققان.

زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ئىقتىسادى تۈزۈمىگە قانائەتلىنىشى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ كاتتىلىقى نامايەن بولاۋاتىدۇ، چۈنكى ئىسلام پرىنسىپى جەمئىيەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئونىۋېرسال پرىنسىپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(دىننىڭ) بىناسىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئۇنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟! ئاللاھ زالىم قەۋىمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» تەۋبە سۈرىسى 109- ئايەت.

ئىسلام ئىقتىسادى زېمىننى گۈللەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ پاكىزە، ساپ ھاياتلىقتىكى ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپ، ھاياتلىقتىكى ئەڭ يۇقىرى غايە بولغان ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» زارىيات سۈرىسى 56- ئايەت.

ئىسلامدىكى ئىقتىسادى پرىنسىپ مۇستەھكەم ئەقىدە، ھالال پاك نەرسىلەر نى تەلەپ قىلىدىغان توغرا ئەخلاق ۋە بۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان" ئامانەت، راستچىللىق، پاكلىق، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، مېھرى- مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق"تىن ئىبارەت ئالى جانابلىق بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەن ھالال پاك نەرسىلەردىن يەڭلار».

ئىسلامدىكى ئىقتىسادى پرنسىپنىڭ  ئاخىرقى غايىسى ئاللاھنى رازى قىلىش بولۇپ بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بىلەن داۋاملىشىدۇ، بۇ جەرياندا قوللىنىدىغان ۋاستىلارمۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ سىرتىدا بولمايدۇ. مۇسۇلمان زىرائەت تېرىغان، كۆچەت تىككەن ياكى ئىشلەپ-چىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان ياكى تىجارەت قىلغان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن ئاللاھغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئىش - ئەمەلنى ئىخلاس بىلەن قىلغانسېرى ئاللاھغا بولغان تەقۋادارلىقى ئاشىدۇ.

زېمىندىكى ئىقتىسادى تۈزۈلمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئېتىبارغا ئالماستىن ئىقتىساد توپلاش ياكى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتچىلىك ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ مال-دۇنيا توپلاشتىن ئىبارەت بولماستىن بەلكى ماددى ئىسلاھات ئالاقىسىنىڭ ئايلىنىشى، ئىلىش- بېرىش ساغلام ئىنسانىي ئەخلاقنى ئاساس قىلغان ھالدا بولىدىغانلىقنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

ھەقىقەتەن جازانىخورلۇق ئۆتكەن زاماندا ۋە ھازىرقى زاماندىمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەپتىن بولۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. جازانىخورلۇق جەمئىيەتكە خەتەرلىك ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، كىشىلەر قەلبىدىكى پېقىر-مىسكىنلەرگە بولغان مېھرى- شەپقەتنى تۈگىتىدۇ، رەھىمسىزلىك ۋە مال-دۇنياغا چوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز- ئارا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەملىشىش روھىنى يوق قىلىدۇ، بۇنىڭ ئورنىنى جەمئىيەتتە  ماددى ئالاقە ئىگەللەيدۇ، قەرز ئالغۇچىلارنىڭ نامراتلىقى ئاشىدۇ، ئىقتىساد مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدا ئايلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىدە كۆيۈمچانلىق ئەكىس ئېتىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇنداق توپلىغان ئىقتىسادنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ.«ئاللاھ جازانىنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرىۋىتېدۇ»، يەنى جازانىخورلۇق بىلەن ئىقتىساد توپلىغانلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بەرىكىتى بولماستىن بەلكى ۋەيران بولۇپ، تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇلۇپ تۈگەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ۋە ئەۋلادلىرىمۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر» بەقەر سۈرىسى279- ئايەت.

پەزىلەتلىك شەيخ ئۆزىنىڭ خۇتبىسىنى: كىمكى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئويلىنىدىكەن جازانىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشتا ھەقىقەتەن چوڭ رول ئوينىغانلىقىدا قىلچە شەك قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى ھەق سۆزدۇر، ۋەدىسى راستتۇر:« ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر!( ھەقىقى) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى(يەنى ئۆسۈمنى)ئالماڭلار»، دېگەن ئايەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. بەقەر سۈرىسى278- ئايەت.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز