قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
مۇپتى : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە
مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
- 1
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
DOC 526 KB 2019-05-02
- 2
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
PDF 114.3 KB 2019-05-02
ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە
قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
﴿وقعت على ثيابها نجاسة وهي بالمدرسة فكيف تصلي؟﴾
المفتي: الشيخ عبد العزيز بن عبد الله بن باز
سوئال:
مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكىنى كەسكىن بىلسە، سۇ بولغان شارائىتتا قادىر بولالىسا نىجاسەت ئورنىنى يۇيۇپ تازىلىۋىتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەمما نىجاسەت ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمايدىكەن، بۇنداق شارائىتتا كىيىمنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ يۇماستىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.
قىز-خانىملارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە مەكتەپ ۋەياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھۆل نەرسە يۇقۇپ قالسا ياكى تۆكۈلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ نىجىسلىقى تەكىتلەنمىگىچە كېيىم ئەسلىدىكى پاكلىقى بىلەن بولىدۇ(يەنى كېيىم پاك دەپ قارىلىدۇ). ئۇ نەرسىنىڭ نىجاسەتلىكى ئوچۇق بىلىنسە يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر نىجاسەتنى تازىلاشقا سۇ تاپالمىسا ياكى بۇ ئورۇندىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولمىسا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، بۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كېيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولاۋېرىدۇ. (ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇشبۇ نامازنى قايتا ئادا قىلمايدۇ). ئاللاھ خالىسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.