بر الوالدين - أيغوري عرض باللغة الأصلية

نبذة مختصرة

المقالة باللغة الأيغورية تتحدث عن بر الوالدين والإحسان إليهما، وتوضح كيفية الطاعة والإحترام لهما في كل شيء وفي كل رأي إلا في معصية الله سبحانه.

تنزيــل
أرسل ملاحظة

تفاصيل

ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش پەرزەنتلەر ئۇستىدىكى ۋاجىپتۇر


 

ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ئۇلار خۇرسەن بولىدىغان سۆز ۋە ئىشلارنى قىلىش، پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەلەپ بولۇش بىلەن بىرگە ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسى ئەخلاق-پەزىلەت.ئىنساننىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئەڭ دەسلەپ ئورناتقان كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەتتۇر.كىشىلەر ئىچىدە سىزگە ئەڭ ياخشىلىق قىلىدىغىنى، ئىشىڭىزغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، بەخت-سائادەتلىك بولىشىڭىزغا ئەڭ ھېرىس بولىدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدۇر، ئۇلار سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى، ھېچ نەرسىگە كۈچىڭىز يەتمەيدىغان ئاجىز ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئاسرىدى ۋە تەربىيلىدى.سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە راھىتىڭىزنى دەپ كۆپ مۇشەققەتلەرنى تارتتى.شۇڭا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ۋاپا يەتكۈزەلمىگەن ئادەمنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى،ئۇستازلىرى ۋە ئومۇمەن ئىلىپ ئېيتقىنىمىزدا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئيەتكە مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئاتا-ئانا دەرەخنىڭ ئۇلىغا، پەرزەنت دەرەخنىڭ شېخىغا ئوخشايدۇ. بۈيۈك ئىسلام دىنىمىز ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشنى، ئۇلارنى ھەر-ۋاقىت ھۆرمەت قىلىشنى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپە دەپ قاراپ، ئۆز ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادارلىق قىلغۇچىلارغا دۇنيادا بەختلىك،ئاخىرەتتە سائادەتمەن بولىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەردى.ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (اﷲ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر . ئەھقاف سۈرىسى15-16- ئايەتلەر.

ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىق ۋە ھېسداشلىق قىلىشىغا، كىمنىڭ ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى سوراپ كەلگىنىدە، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇبارەك ھەدىسى بىلەن جاۋاپ بەرگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا  كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ ، مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا كىم  ئەڭ ھەقلىق؟ دەپ سورىدى.رەسۇلۇللاھ ، ئاناڭ ، دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇ ئادەم ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ، ئاناڭ، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ ئادەم يەنە ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ، ئاناڭ، دەپ جاۋاپ بەردى . ئۇ ئادەم ئاندىن قالسىچۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ ، ئاندىن قالسا داداڭ، دەپ جاۋاپ بەردى. (بۇخارى رىۋايىتى).

يۇقىرقى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىغا ياخشىلىق قىلىشغا ئۈچ قېتىم، دادىغا ياخشىلىق قىلىشغا بىر قېتىم تەۋسىيە قىلدى.چۈنكى ئانا ھامىلدارلىق، تۇغۇش، ئېمىتىش، سۈتتىن ئايرىش قاتارلىق كۆپ جاپالارنى تارتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت پەرزەنتنى تەربىيلەشتە ۋە ئاسراشتا دادا بىلەن تەڭ ھەتتا دادىدىنمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق دادىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى.چۈنكى دادا بالىغا كۆڭۇل بۆلۈشتە، ئۇنى بەخت-سائادەتلىك قىلىشتا كۈچىنى ئايىمايدۇ. ئۇ بالىغا ئوزۇقلۇق راستلاش، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ.شۇڭا پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا  ۋاپادار بولۇشى، كىچىكلىكى ۋە ئاجىزلىقىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەجىر-مېھنىتىنى ئەسلەپ ئۇلارغا قارىتا مۇئامىلىسىنى ياخشى قىلىشى، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراپ، ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغان رەۋىشتە ئۇلارغا كۆيۈمچان بولۇشى، خۇسۇسەن ئۇلار ياشقا چوڭ بولۇپ، ئاجىزلىغان مەزگىلدە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى باش تارتىشقا بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر.

ھەقىقى مۆمىن كىشى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىگە، ئۇلارغا بويسۇنۇش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىنىڭ يۈزى ياكى ئۇلار بالا ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئىشلارنىڭ ياندۇرۇلىشى بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا پەرزەنتنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئۇلارغا ئېھسان قىلىش،كۆيۈنۈشنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان ئايەتتە بىرگە زىكىر قىلدى. بۇنىڭ ئۆزى، ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئىمانى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن[23]. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن. ئىسرا سۈرىسى23-24-ئايەتلەر.

مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ تەۋسىييىىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئانا-ئانىنىڭ ھەققىنى تونىسا ئەلۋەتتە ئۇ پەرزەنت   ئانا-ئانىنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ:

1- گۇناھ-مەئسىيەتلىك ئىش بولمىسىلا، ئانا-ئانىنىڭ بۇيرىغانلىرىغا بويسۇنىدۇ، توسقانلىرىدىن يانىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:  ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن . لوقمان سۈرىسى15-ئايەت .

2- ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەيدۇ، چوڭ بىلىدۇ،ئۇلارغا كەمتەر بولىدۇ.گەپ-سۆزدە ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ،ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭمايدۇ، خوتۇن ياكى بالىسىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن بىلمەيدۇ، ئۇلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرمايدۇ، بەلكى ئانا، دادا  دەپ چاقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىسىز سەپەرگە چىقمايدۇ. ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلدى: «بىر ئادەم پەيغەمبەر ئالەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ جىھادقا چىقىشقا رۇخسەت سورىغاندا، پەيغەمبەر ئالەيھىسسالام: ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟ دېگەن.ئۇ : ئۇلار ھايات دېۋىدى. پەيغەمبەر ئالەيھىسسالام :سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىن شۇنىڭ ئۆزىمۇ جىھاد دىگەن» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

3-قولىدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىدۇ، تاماق بېرىش، كىيىم كىيگۈزۈش، كىسىلىنى داۋالىتىش، زىياندىن ساقلاش، ئۆزىنى پىدا قىلىشلارغا ئوخشاش ياخشىلىق ۋە خەير-ئېھساندىن چامىسىنىڭ يېتىشىچە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:  (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ» بەقەرە سۈرىسى 215-ئايەت

4ەممىدىن بۇرۇن ئۇلارغا سىلە رەھىم قىلىدۇ.ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۈناھىنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تىلەيدۇ، ۋەدىلىرىنى ئورۇندايدۇ، دوستلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەبۇ سەيد سەئدى   رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ، ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا مەن قىلغۇدەك ياخشىلىق قالدىمۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ھەئە، ئۇلار ھەققىدە ناماز ئوقۇش، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەش، ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت تۈت ئىش بار. مانا بۇ ئۇلاردىن كېيىن ساڭا قالغان سەن قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشلار. ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەتلىرىدىن.

5- ھەممە ئىشلاردا ئۇلارغا مەسلىھەت سالىدۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇپ ئۆزرە ئېيتىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتمەيدۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتسىز بولۇشتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قوپال مۇئامىلە قىلغىنىدەك مۇئامىلە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھتىن خەۋەر بىرەيمۇ ؟ ئۇ،ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇش، ئاتا-ئانىنى قاخشىتىشتىن ئىبارەتتۇر»مۇسلىم رىۋايىتى. ئەمىر ئىبنى مۇرەتىل جۇھەنى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:« بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇسام، پەرز روزىنى تۇتسام، زاكاتنى ئادا قىلسام، ھەج قىلسام ماڭا قانداق ئەجىر بىرىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇشۇنداق قىلغان كىشى ئاتا-ئانىسىنى قاخشاتمىسىلا  قىيامەت كۆنى پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر سالىھلار بىلەن بىللە بولىدۇ»، دەپ جاۋاپ بەردى .  

6- ئۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ قېشىدا پۇتىنى سۇنمايدۇ. جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ ھەر قانچە يۇقىرى بولىشىدىن قەتئى نەزەر دادىغا مەنسۇپ بولۇشتىن نومۇس قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىسىنى تونۇماس بولىۋېلىشتىن قەتئى ساقلىنىدۇ.

7-ئاتا-ئانىسىنى ھايات ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرغىنىدەك، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە ۋە خەير ئېھسان قىلىدۇ، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: « ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىلىكىمدە تەربىيلىگەندەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا-ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن» .

خۇلاسە، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى. ئاتاقلىق ئەدىب مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ئېيتقاندەك: "ئاتا-ئانىنىڭ ئاڭ ئاددى ھەققى شۇدۇركى، ئۇلارنىڭ ۋ استىسى بىلەن سەن دۇنياغا تۆرەلدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭنى ھەمىشە ھۆرمەت قىل ۋە ئۇلۇغ بىل"

ئاپتۇرنىڭ، «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا » ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلىنىپ دارۇل ئىسلام تور بېكىتى ئۇيغۇرچە بۈلىمى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىپ نەشىرگە تەييارلاندى.