- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتورنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتور ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتور سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ. 2002-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا دوكتورنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتور يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتورلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. دوكتورنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.
- أيغوري
پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سالىھ ئىبنى فەۋزان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلفەۋزان بولسا ئەششەماسىيە جەمەتىگە تەۋە فەۋزان ئائىلسىدە ھىجىريە 1354-يىلى (مىلادىنىڭ 1933-يىلى) تۇغۇلغان. دادىسى ئۇ كىچىك چىغدىلا ئۆلۇپ كەتكەچكە، ئائىلسىدىكىلەرنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۇپ يىتىلگەن. قۇرئان، شۇنداقلا ئوقۇش ۋە يىزىش بىلىملىرىنى مەھەللە مەسجىد ئىمامى تەلەپچان قارى شەيىخ ھەمۇد ئىبنى سۇلايمان ئەتتىلالدىن تەلىم ئالغان. شەيخ ھامۇت ئۆز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق قازى بولۇپ، قەسىم ۋىلايىتىدىكى نوپۇسلۇق مۇپتىلاردىن ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ئوقۇش ھاياتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بىرىلسە گەپ تولىمۇ ئۇزىراپ كىتىدۇ، سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن بۇ يەردە قسقىچە قىلىپ ئۇنىڭ تەلىم ئالغان ئۇستازلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا كۆپايىلىنىمىز: شەيخ فەۋزان ھاياتىدا كۆپلىگەن مەشھۇر ئۆلمالارنىڭ قولىدا تەلىم ئالغان بولۇپ، ئۇلاردىن شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز(ھىجىريە1420)، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد، شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىيتى(ھىجىريە1393)، شەيخ ئابدۇرازاق ئەفىفى، شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇراھمان ئەسسۇكەيتى، شەيخ سالىھ ئىبنى ئىبراھىم ئەل- بۇلەيھى، شەيخ مۇھەممەد ئبنى سۇبەييىل، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھ ئەلخۇلەيپى، شەيخ ئىبراھىم ئىبنى ئۇبەيد ئابدۇلمۇھسىن، شەيخ ھەمۇد ئىبنى ئەقلا ئەششۇئەيبى ۋە شەيخ سالىھ ئەلي ئەنناسىر قاتارلىقلاردۇر. ئۇندىن باشقا، ئەزھەر ئۇنىۋېرستىتېدىكى داڭلىق ھەدىسشۇناس، تەپسىرشۇناس ۋە ئەرەپ تىلى مۇتەخەسسلىرىدىن تەلىم ئالغان. شەيىخ فەۋزان(ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن) ئاللاھغا دەۋەت قىلىشتا نۇرغۇن يوللار بىلەن كۆپ ھەركەت قىلغان، جۇملىدىن دىنى لېكسىيە سۆزلەش، پەتىۋا بىرش، ئىلمى رەددىيە بىرىش ۋە شۇنداقلا ئىسلام مېدىيالىرىدا تۈرلۈك تېمىلار بويۇنچە سەرلەۋھىلىك ماقالىلارنى ئىلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا «شەرھى ئەقىدەتۇل-ۋاستىيە»، « تەھقىقەتۇل-مەردىييە فى مەباھىسىل فەردىييە»، تەنبىيھات ئەلا ئەھكام تەختەسسۇ بىلمۆمىنات»، ئەل بۇتىينىڭ «سەلەفىيە لەيسەت مەزھەبەن»، («سەلەفىلىك مەزھەب ئەمەس»)دېگەن كىتابىغا رەدىىيە، «ئەل ئىرشاد ئىلا سەھىھۇل ئىتىقاد»، «ئەلمۇلەخخەسۇلفىقھى» ۋە يۇسۈپ قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىغا ئوبزور قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق كىتاب ۋە رىسالىلەرنى يازغان بولۇب، قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب شەيخ فەۋزاننىڭ«تەۋھىد ئەقىدىسى» ناملىق كىتابى بولۇپ، ھازىرغىچە نەچچە ئونلىغان دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان، بۇ كىتاپ ئەقىدە ۋە تەۋھىد بابىدا يىزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىمى ئەڭ زۆر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. (ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇنىڭدىن پايدىلاندۇرسۇن!). شەيخ فەۋزان يەنە مەشھۇر مۇجتەھىدلەردىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، يېتۇك ئالىم دىنى ئىسلىھاتچى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب ۋە باشقىلارنىڭ نادىر كىتابلىرىغا شەرھىلەر يازغان. ئۇ يەنە يوقارقىلاردىن باشقا «نۇرۇن ئەلەددەرب»(يولنى يۇرۇتۇش)ناملىق رادىئو پىروگىراممىسىدا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تۇرلۇك سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىدۇ. ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتىنىڭ پەتىۋا، ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقاتقا ئائىت ماتىرياللارنى توپلاش، ۋە نەشىر قىلدۇرۇشقا نۇرغۇنلىغان كۈچ چىقاردى ۋە چىقىرىۋاتىدۇ. شەيخ فەۋزان ھازىر «بۈيۈك ئۆلىمالار جەمئېيىتى»نىڭ غوللۇق ئەزاسى. «سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى»نىڭ ئەزاسى، مەككە مۇكەررەمە« مۇجەممەئ فىقھى كومتىتى»نىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا ئۇ ھەج مەزگىلىدىكى دىنى تەشۋىقات گورۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىندۇر. رىياد شەھىرى مەلەز رايونىدىكى شاھزادە مۇتئىب ئىبنى ئابدۇلئەزىز مەسجىدىنىڭ ئىمام، خاتىبلىق ۋە مۇدەررىسلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت پاكۇلتىتىدا ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەكلىپ بىلەن لېكسىيە بېرىدۇ. ئاللاھ بۇكىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئىلمىدىن ئىسلام ۋە ئسلام ئۈممىتىنى مەنپەئەتلەندۈرسۇن ۋە ئۇنى ياخشى مۇكاپاتلىسۇن. بۈيۈك ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر ۋە ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري
- أيغوري